elan ornielan orni
كۆرۈش: 1046|ئىنكاس: 19

شىنجاڭدا 900 پۇتبول مەكتىپى قۇرماقچى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   زەربىدار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-19 10:32  

        ياش-ئۆسمۈرلەرگە پۇتبولنى تېخىمۇ ئۇمۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن، كىيىنكى 5 يىلدا ئاپتونوم رايۇنىمىزدا  900 پۇتبول مەكتىپى قۇرۇپ،  تېخىمۇ كۆپ ئۆسمۈرلەرنىڭ پۇتبول ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرماقچى بولىۋاتىدۇ.
       
        438-16021Z92KR93.jpg


         شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ تەنتەربىيە،سەھىيە، سەنئەت بۆلىمىنىڭ باشلىقى ئەركىن مەمەتنىڭ تۇنۇشتۇرىشىچە، پۇتبولچە ئالاھىدىلىككە ئىگە مەكتەپلەر 1:3:6 نىسبەت بويىچە تۇلۇق، تۇلۇقسىز ۋە باشلانغۇچ مەكتەپلەردىن تاللىنىدىكەن. 2020- يىلىغىچە شىنجاڭ 900 مەكتەپ قۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ياردەم مەبلىغىنى قولغا كەلتۈرىدىكەن، شۇنداقلا نۇقتىلىق 200 مەكتەپتە ئۆلچەملىك پۇتبول مەيدانى بۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇرىدىكەن.
        شىنجاڭ ياش-ئۆسمۈرلەر پۇتبولىنى ئۇمۇملاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى 2010- يىلىدىن باشلاپ يولغا قۇيۇلغان بولۇپ، ھازىرغىچە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپتىن بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىۋاتقان ئادەم سانى ئەسلىدىكى 10 مىڭدىن 300 مىڭغا كۆپەيگەن، پۇتبول كۇلۇبى بار ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ بۇرۇنقى 200 دىن ھازىرقى 1000 غا يەتكەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2016-2-19 10:08:26 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاڭلىماققىغۇ ياخشى خەۋەركەن.  لېكىن مۇشۇ رەھبەرلەر ئۆلۈك قائىدە-پىرىنسىپلاردىن قوتۇلمىغىچە بۇ ئىشلار ئۇنچە بەك تەرەققى قىلالمايدۇ.  سىرتتىن مەكتەپكە ئادەم كىرسە بولمايدۇ دەپ ئاشۇ مەكتەپنى ئوقۇپ پۈتتۈرۈپ جەمىيەتكە چىقىپ كەتكەن ياشلارنى مەكتەپكە كىرىپ مۇسابىقىلەشكىلى قويمىسا، قانداقمۇ پۇتبول قىزغىنلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولسۇن. پۇتبولنىڭ قىزغىنلىقى مەيدان-ساراي، مەشىق بىلەن ئەمەس مۇسابىقە بىلەن يۇقىرى كۆتۈرىلىدىغان تۇرسا.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-19 10:15:04 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماكانىم يوللىغان ۋاقتى  2016-2-19 10:08
ئاڭلىماققىغۇ ياخشى خەۋەركەن.  لېكىن مۇشۇ رەھبەرلەر ئۆل ...

ئەمىلىي بولغان تەكلىپ بىشىمدىنمۇ ئۆتكەن ،،قوللايمە ،،،دەرت خىلى باكەن  ھەئەئە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-19 10:15:34 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمىلا دىمىگەن بىلەن قۇلاققا خۇش ياقىدىغان خەۋەركەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-19 10:52:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى خەۋەركەن ، ئ‍ىغىزدىلا ، قەغەزدىلا تۇرۇپ قالماي ئ‍ەمەلىلەشسە بولاتتى
ئاندرويىدتا يېزىلغانئاندرويىدتا يېزىلغان
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-19 11:12:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئىشلار ھازىر بىر تال بىر تالدىن ئەمەللىشىۋاتىدۇ ، كەلگۈسىدىكى پۇتبولچىلىق تەرەقىياتىمىز چوقۇم بەك ياخى بولىدۇ ، ئولىمپىكتا دۇنيا بويىچە ئالتۇن مىدالنى ئەڭ كۆپ ئالالايدىغان دۆلەتنىڭ پۇتبول تەرەقىياتىمۇ دۇنيا بويىنچە ئەڭ ئالدىدا بولالايدۇ ، شۇ ڭا پۇتبولنىڭ ئاممىۋى ئاساسىنى ياخشىلاش بۇ ناھايتى ياخشى ئىش، تەربىيلەشنى ئۆسمۈر لەردىن باشلاش كېرەك .. ھازىر دۆلىتىمىز ھەرقايسى بىرلەشمىلىرى چەتئەللىك چلپان دەرىجىلىك توپچىلارنى كۆپلەپ كىرگۈزىۋاتىدۇ ، بۇ مۇ ناھايتى ياخشى ئىش. مۇشۇنداق كۈچلۈك رىقابەت ، كۈچلۈك بىسىم ئاستىدا توپچىلىرىمىز بۇرۇنقىدىنمۇ كۆپ مەشىق قىلىشى ھەم ياخشى بولغان تەنھەركەت ساپاسى يارىتىپ ئۆزىنى تەرەقى قىلدۇرۇشى كېرەك .. بۇ ناھايتى ياخشى پۇرسەت..
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-19 11:19:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم:
   900پۇتبول مەكتىپى ؟ ! ؟ !    تاينى يوق گەپ !!!    ھېلىمۇ 300مىڭغا يېتىپتۇ ئوقۇغۇچى سانى .....
  پارتىيە - ھۆكۈمەت بىر ئىشنى قىل دېسە ، تەخىت بېشىدا ئولتۇرىۋالغان (شۇ كەسىپتىن ھېچنىمىنى بىلمەيدىغان) پوق قوساقلار ئىشلارنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىپ قاراپ ئولتۇرغان.  ئەمەلىيەتتە بىزگە كېرىكى سان ئەمەس ،بەلكى ساپا !     
   ھەبوپتۇ، ھېلىمۇ 200ى قۇرۇلۇپ بوپتۇ . لايىقىدا مۇسابىقىلەر ئۆتكۈزىلىۋاتامدۇ ؟!
   ئەمەلىيەتتە، نۇرغۇن يەرلەردە شەكىل ئۈچۈنلا مۇسابىقىلەرنى ئۆتكۈزىشىدۇ( م: تەكشۈرۈش ئۆمىكى كەلسە)

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +10 يىغىش سەۋەبى
zzz + 10 بىر تەرەپلىمە

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-19 11:29:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەسىپلەشكەن پۇتبول مەكتىپى ئەمەسكەن، پۇتبولچە ئالاھىدىلىككە ئىگە مەكتەپ دىمەكچى، خەنچە مۇنبەرلەردە بەزىلەر قوللاپتۇ، بەزىلەر ئۈمىد بىلەن قاراپتۇ، بەزىلەر بۇ بىر رەسمىيەت يۈزىسىدىن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان خەۋەر دەپتۇ، بەزىلەر ئاساسلىق مەخسەت دۆلەتنىڭ ياردەم پۇلىنى قولغا كەلتۈرۈش، ئەمىلى ئىش قىلالىشى بەك تەس دەپتۇ. قانداقلا بولمىسۇن بۇرۇن يوقتى، ھازىر ئاز بولسىمۇ، مەيلى نىمە ئۈچۈن بولسىمۇ پەيدا بولۇپتۇ. كۆپ پايدىسى بولمىسىمۇ ئاز تولا پايدىسى بولار، ئۈمىدۋار بولايلى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-19 12:37:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-19 12:41:21 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇمۇ  بوپتۇ    ،   ياخشى  باشلىنىش  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-19 13:22:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شەپقەت ئىنكاسىدا دېگەندەك كەسپىلەشكەن مەكتەپ ئەمەس، ھازىرقى بار بولغان مەكتەپلەرگە قارتا پۇتبولغا بولغان قوللاشنىلا كۈچەيتىدۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-19 13:37:28 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|دوختۇرخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2016-6-1 04:13

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش