ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 1595 |
تۆھپىسى: سەر |
|
ئەلگىركى ئايلانمىنىڭ ئازراق تەپسىلاتى
بۈگۈن(2/16) مۇشۇ يەر ۋاقتى سائەت 8:دە
3- نۆۋەتلىك ئەزھەرىيلەر پۇتبول لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ ھەلقىلغۇچ جېڭى
ئەلخان بىلەن ئۇزغۇن a
يانغىن بىلەن خانساراي
ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلدى
ئاخىرى كەسكىن تىركىشىىشلەر ئارقىلىق
ئۇزغۇن بىلەن يانغىن ھەلقىلغۇچقا كىرىپ كەتتى
نەتىجە
ئەلخان3--6 ئۇزغۇنa
برىنچى مەيدان مۇسابىقە ئەلخان بىلەن ئۇزغۇنa ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلدى
كەسكىن ئېلىشىلار ئارقىلىق ئالدىنقى مەيداندىكى نەتىجە 2-2 بولغان بولسىمۇ كىيىنكى مەيداندا ئۇزغۇن كوماندىسى 3توپ ئۇرۋالدى گەرچە ئەلخان كوماندىسى بىر توپ قايتۇرۋالغان بولسىمۇ،كىيىن نەتىجە ئۆزگەرمەي ئۇزغۇن كوماندىسى ھەلقىلغۇچقا ئۈزۈپ كىردى ،
يانغىن2--2 خانساراي
نۇقتا توپ جېڭى(يانغىن 5--4 خانساراي)
ئىككىنچى مەيدان مۇسابىقە يانغىن كوماندىسى بىلەن خانساراي كوماندىسى ئوتتۇرىدا ئېلىپ بېرىلدى،
مۇسابىقە باشلىنىپلام كەسكىن ئېلىشىشلار باشلىنىپ كەتتى، ھەر ئىككى كوماندىسىنىڭ كۈچ سېلىشتۇرمىسى ئوخشاش بولغانلىقتنمۇ
بۇ ئىككى كوماندىنىڭ مۇسابىقىسى ئىنتايىن كەسكىن داۋاملاشتى،مۇسابىقىنىڭ تەخمىنەن ئونىنىچى مىنۇتلىرىغا كەلگەندە يانغىن كوماندىسىنىڭ ھۇجۇمچىسى bkhwars تەپكەن توپنى خانساراينىڭ قاپقىچىسى ئۇرۇل ياندۇرۋەتكەن بولسىمۇ لېكىن بۇ توپ ئۆز ئادەمگە تىگىپ ۋارتاغا يېنىپ كىرىپ كەتتى
ئۇزاق ئۆتمەيلا يانغىن كوماندىسىنىڭ ۋارتارىدىن باشلىغان توپ ئوتتۇرا مەيداننىڭمۇ سىرتىدىراق بولغان خانساراي كوماندىسىنىڭ ئەزاسىنىڭ پۇتىغا چۈشتى ئۇ توپنى ياندۇرمايلام يىراقتىن ۋارتانىڭ ئۈستى بۇلىڭىغا ئۇرۇپ كىرگۈزۈپ،بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى ئەڭ چىرايلىق توپنى بارلىققا كەلتۈردى
كىيىن ئۇزاق ئۆتمەيلا يانغىن كوماندىسىنىڭ ھۇجۇمچىسى چىرايلىق بىر توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى 2.1 گە ئۆز گەرتتى ئالدىنقى مەيدان مۇسابىقە ئاياقلىشىش پۇشتىكى چېلىنىشنىڭ ئالدىدىلا خانساراي كوماندىسىغا بىر نۇقتا توپ كەپ قالدى، خانساراي كوماندىسى بۇ نۇقتا توپنى ئۇرۇپ كىرگۈزۈپ،نەتىجىنى تەڭلەشتۇرۋالدى
كىيىنكى يېرىم مەيدان باشلىنىپ مۇسابىقى تېخىمۇ كەسكىنلىشىپ كەتتى بولۇپمۇ قاپقىچىلارنىڭ قەبىھلىكى ھەر ئىككى كوماندىنىڭ ھۇجۇمچىللىرىنى تىترىتىپ قويدى
گەرچە ھۇجۇم چىلار شۇنداق تىرىشقان بولسىمۇ
قاپقىغا توپ كىرگۈزەلمەي مۇسابىقە ئاياقلىشىش پۇشتىكى چېلىندى،ھىمدە بىۋاستە نۇقتا توپ جېڭىگە قەدەم قويدى
پۇتبولنى ھەقىقى چۈشەنگەن كشى نۇقتا توپنىڭ قانچىلىك قىيىنلىقىنى ئەلۋەتتە ھېس قىلالايدۇ،
رەھىمسىز نۇقتا توپ باشلىنىپ كەتتى،
قاپقىچىلارنىڭ قەبىھلىكى نۇقتا توپقا كەلگەندە تازا ئاقمايۋاتاتتى! ئەمما خانساراينىڭ 4- توپى تېپىلگەندە يانغىننىڭ تېپىلماس گۆھىرى،رىۋايەتلىك قاپقىچى كاھىننىڭ يۈرىكىنى يەۋالغان قاپقىچىسىى ج.......ي بۇ توپنى پەشۋاسى بىلەن توسۇپ چىقىرۋەتتى ھەمدە كوماندىنى ھەلقىلغۇچ جەڭگە ئېلىپ كىردى !
ھەلقىلغۇچ جەڭ (2/18) كۈنى ئۇزغۇن بىلەن يانغىن ئوتۇرىسىدا
ئۈچىنچىلىكنى تالىشىش بولسا ئەلخان بىلەن خانساراي ئوتتۇرسىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ
بۈگۈنكى بۇ مۇسابىقىمىزگە بولۇپمۇ نۇقتا توپ جېڭىگە شاھىت بولغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ
ھاياجانلىق مىنۇتلىرىنى تەسۋىرلەش ناھايىتى قىيىن ئەلۋەتتە!
|
|