جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى FIFA17 ئويۇنىغا كىرگۈزۈلۈشى مۇمكىن
بىرازىلىيە تاراتقۇسى «يەرشارى تەنتەربىيسى» نىڭ ئەڭ يېڭى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا EA شىركىتى قارمىقىدىكى ئويۇنى مۇسابىقە كۆلىمىنى زورايتىش ئۈچۈن، جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى ئويۇنغا كىرگۈزۈشى مۇمكىن ئىكەن، ئۇ چاغدا مەستانىلەر ئويۇندا رامىلىس، مارتىنىس قاتارلىق چولپانلارنى جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى مۇسابىقە مەيدانىدا كونتىرول قىلىپ ئوينىيالايدۇ.
گەرچە EA ئاللىقاچان گۇاڭجۇ خېڭدا، بېيجىڭ ئامانلىق، شەندۇڭ لۇنىڭ ۋە بېيجىڭ رېنخې قاتارلىق تۆت چوڭ كۇلۇبنى ئويۇنغا قوشۇش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، لېكىن ئويۇنخۇمارلار ھازىر بۇلارنى پەقەت FIFA Online 3 ئويۇنىدىلا ئوينىيالايدۇ.
كېيىنكى يېرىم يىلدا تارقىتىلىدىغان FIFA17 ئويۇنى بەلكىم جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنى رەسمى قوشۇشى مۇمكىن، بىراق KONAMI (科乐美) شىركىتىنىڭ 实况足球 ئويۇنى ئاللىقاچان ئاسىيا ئۇزغۇنلۇقىنى قوشۇش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن، شۇنىڭ ئۈچۈن FIFA17 ئويۇنىدا جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى كوماندىلىرىنىڭ ئاسىيا ئۇزغۇنلۇقىنى تالىشىشى تەسكە چۈشۈشى مۇمكىن.
مەنبە: http://news.zhibo8.cc/zuqiu/2016-02-17/56c4348c13750.htm |