elan ornielan orni
كۆرۈش: 4845|ئىنكاس: 156

ياۋرۇپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقە خەۋىرى ( 2016.2.18)

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئۇچتىكىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-18 07:44  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

ھەممىڭلارنىڭ مۇشۇ ۋاقتى خەيىرلىك بولسۇن

رىم 0 - 2 مادرىد

330-16021P24151R5.png
2016 - يىلى 2- ئاينىڭ 18 - كۈنى  دىيارىمىز ۋاقتى سەھەر سائەت 1:45 دە ياۋرۇپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقسنىڭ 16- كۈچلۈكلەر مۇسابىقسى داۋاملىق ئۆتكۈزۈلدى .
ئەنئەنۋىي كۈچلۈك كوماندا رىم   ئۆز مەيدانىدا چولپانلار توپلاشقان كۈچلۈك  مادرىد كوماندىسنى  كۈتۋالدى .

ئالدىنقى يېرىم مەيدان

ھەر ئىككلا تەرەپ ناھايتى ئېھتىياتچانلىق ۋە پۇرسەت بولسا قايتۇرما ھۇجۇم قىلىپ مۇسابىقنى داۋاملاشتۇردى . رىمنىڭ مۇداپىئەسى چىڭ بولغانلىقتىن مادرىد توپچلىرغا نىسبەتەن بۆسۈپ كىرگۈدەك يوچۇق چىقمىدى ، ھە ئىككلا تەرەپ كۈچىگەن بولسىمۇ توپ كىرمەي ئالدىنقى يېرىم مەيدان  ئاق قەغەز تاپشۇرۇپ  0-0 بىلەن ئاخىرلاشتى .


كېيىنكى يېرىم مەيدان

كېيىنكى يېرىم مەيداندا   ھەر ئىككلا تەرەپ بىر نەچچە قېتىملىق پۇرسەتلەرنى تۇتالمىدى .  مۇسابىقە داۋاملىشىپ 55 - مىنۇتتا مارسېلو يەر بويلىتىپ ئۇزۇن يوللۇق  پاس تاشلىدى ، رونالدو رىم مۇداپىئەچىسنى ئالداپ يۇقىرى سەۋىيەدە بىر توپ ئۇرۇپ نەتىجنى 1-0 قىلىپ  ئۆزگەرتىتى  ، مادرىد بىر توپ ئالدىغا ئۆتتى.
599-16021P522244E.gif
  رونالدونىڭ ئۇزغۇنلىقتا ئۇرغان توپى 12 گە يېتىپ  رەقىبلرنى تېخىمۇ كەينىگە تاشلىۋەتتى  .  مۇسابىقە داۋاملىشپ     جامىسنىڭ ئورنىغا ئالمىشپ چىققان خېس  84- مىنۇتتا  ئۆزى چىرايلىق بىر توپ ئۇرۇپ نۇمۇر ئاشۇرۇپ   نەتىجىنى 2-0 قىلىپ ئۆزگەرتتى .
كېيىن نەتىجە ئۆزگەرمەي  مادرىد 2-0 نەتجە بىلەن رىمنىڭ مەيدانىدا غەلبە قىلىپ ئۇزغۇنلۇق 8 كۈچلۈككە   يەنە بىر قەدەم يېقىنلاشتى  .
   

مۇسابىقە فىلىمى  



گېنىت 2  - 3 ۋۆلىسبورگ

30adcbef76094b36449fa7cfa7cc7cd98d109d87.jpg 2013041107352819.jpg
2016 - يىلى 2- ئاينىڭ 18 - كۈنى دىيارىمىز ۋاقتى  سەھەر سائەت 1:45 دە ياۋرۇپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقسنىڭ 16- كۈچلۈكلەر مۇسابىقسى داۋاملىق ئۆتكۈزۈلدى .
گېنىت ئۆز مەيدانىدا بۆرە قەلئەسى  ۋۆلىسبورگنى كۈتۋالدى

مۇسابىقە رىتىمى تىز بولدى ،  ھەر ئىككلا تەرەپ بىر نەچچە قېتىملىق پۇرسەتلەرنى قولدىن بېرىپ قويدى ، ئالدىنقى يېرىم مەيدان ئاياغلىششقا ئاز قالغاندا  شۈرلې ئالمىشىپ مەيدانغا چىقتى ،      44- مىنۇتتا ۋۆلىسبورگ بىر توپ ئۇرۇپ   ئالدىنقى مەيدان  1-0 بىلەن ئاخىرلاشتى . كېيىنكى يېرىم مەيدان 54- مىنۇتتا ۋۆلىسبورگ بىر توپ ئۇرۇپ نەتجىنى 2-0 قىلىپ ئاشۇردى ،      60 - مىنۇتتا ۋۆلىسبورگ يەنە بىر توپ ئۇرۇپ 3-0 نەتىجە بىلەن  ئاكتىپ ھالەتكە ئۆتتى  ،  80- مىنۇتتا گېنىت بىر توپ ئۇرۇپ  3-1 بىلەن نۇمۇر پەرقىنى كىچىكلەتتى  ،    ، 89 - مىنۇتتا گېنىت يەنە بىر توپ 3-2  نۇمۇر بىلەن  نۇمۇر پەرقىنى تېخىمۇ كىچىكلەتتى .
كېيىن نەتىجە ئۆزگەرمەي ۋۆلىسبوگ 3 - 2  نەتىجە بىلەن گېنتىنىڭ مەيدانىدا غەلبە قىلدى .

مۇسابىقە فىلىمى  



باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +50 يىغىش سەۋەبى
turgunjan + 50 قالتىس!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2016-2-18 05:41:31 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇندا قىلىپ يىڭىپ كەتتۇق
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-18 05:41:51 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   پۇتبول تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-18 05:58  

مادىرىد گەرچە ئۆزىنىڭ دومىلە كۈلرەڭ كىيمىنى كىيىپ مۇسابىقە ئوينىغان بولسىمۇ بەدىنى كىچىكىپرەك قىززىدى . رونالدونىڭ ئۇرغان توپى پۈتۈن مۇسابىقىنىڭ قاتماللىقىنى بۇزۇپ تاشلىدى . شۇنىڭ بىلەن رىممۇ پاسسىپ مۇداپىيەدىن بىراقلا قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈپ كەتتى . ئەمما سالاخ قايتۇرما ھۇجۇمغا ماس كەلگەن بىلەن ئۇنىڭغا يانداشقان پىچىقى ئىتتىك بىر قاسساپ يوقكەن . بولمىسا رىممۇ خېلىلا پۇرسەت ياراتقان .
دىزىكو يەنە كۇلۇب ئالمىشىپ باقسا بولغۇدەك . مادىرىد تەرەپتىن بولسا مارسېلو سالاخنى ئۆتكۈزۋىتىۋەردى ، راموس مۇشۇ ئورۇننى تولۇقلايمەن دەپ ئاخىرى كارتىمۇ يىدى . بىراق مارسېلو ئالدىنقى ئۈچ مەيدانغا قارىغاندا ياخشى ئوينىدى بۇ مەيدان . بېنزىما بىلەن خامىسنى يوقاپ كەتتىمىكىن دىسەك رونالدو پاس بىلەن بۇلارنى تېپىپ كۆرسىتىپ قويدى بىزگە ، خېسىيمۇ ئاۋۇ توپنى خامىسنىڭ يۈرىكىگە ئۇرغاندەكلا ئۇردى .

بۇ مەيدان مۇسابىقىدە رىمدىن سالاخ ، مادىرىدتىن رونالدو قالغان 10 توپچىغا ئوخشىمايدىغانلا ئويناپ قويدى.


بۆرە قەلئەسى بىر ئوبدان 3:0 نەتىجىنى ئېلىپ قويۇپ مۇسابىقىنىڭ ئاخىرىدا 2 توپ ئىستىمال قىلىپ تەشەببۇسكارلىقنى قىسمەن تاتتۇرۇپ قويغىنىنى كۆرۈڭ . غەيرەت قىلىش ، گېرمان بىرلەشمىسى ئۈچۈن نۇمۇر ئېلىشىپ بېرىشىڭ كېرەك.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-18 05:42:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بارچۇق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-18 05:45  

يامان ئەمەس نەتىجە   
ئىككى ئوتتۇر بىكنىڭ كارتا يىۋالغىننى ھىساپقا ئالمىغاندا ئەزالار ياخشى ئوينىغان بىنزىمانى قاتتىق مۇداپىيە قىلىۋەتتىمۇ تۈزۈككىنە كۈرۈنمىدى
رىممۇ ياخشى ئوينىدى مادرىدنى ئوتتۇردىن توپ ئەكىرگىلى قويمىدى دىسە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-18 05:42:13 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زىدانىمۇ ئۇزغۇنلۇقنىڭ سەپىرىنى  ياخشى باشلىۋالدى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-18 05:42:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   يۇرتۇم7 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-18 05:48  

تۇنجى قىتىمىق ئۇزغۇنلۇق كۆرشىڭ ئۇتۇقلۇق بولدى زىدانى .
ئ‍الدىنقى مەيداندا مادرىدتىن رىمنىڭ ئ‍ىپادىسى ياخشى بولدى ، لىكىن رونالدو چىرايلىق ھەركەت ئ‍ىشلەپ بىرنى ئ‍ۇرۋەتتى ،شۇنىڭ بىلەن بىللە رىمدىن يۇچۇق كۆرلىشكە باشلىدى، ئ‍ەمدى گەپ ئاساسەن رىمنى شاللىدۇق ،
رونالدو , ناۋاس ، ۋارانى قاتارلىقلار نىڭ ئ‍ىپادىسى ئ‍الامەت ياخشى بولدى ، راموس ، مودرىچ ، كىروس خىسەيلەرنىڭ ئ‍ىپادىسىمۇ ياخشى بولدى ،  بىنزىما بىلەن جامىس سەل ئۆزىگە ئ‍وخشىماي قالدى ،
يارايسەن رونالدو دائىملا مۇشۇنداق مادرىدنىڭ يول باشچىسى بولغىن
ئاندرويىدتا يېزىلغانئاندرويىدتا يېزىلغان
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-18 05:43:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   YARQIN تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-18 05:54  

رونالدو مۇشۇنداقلا ئۇرىدىغان بولىۋالدىيا   بۈگۈن ھەر تەرەپتىن خۇش خەۋەر كېلىپ ئۇيقۇنى يوق قىلدى .
ئالغا خانلىق مادرىد
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-18 05:43:57 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئۇستا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-18 06:18  

ئاۋال  زىداننىڭ  تۇنجى  ئۇزغۇنلىق ۋە مېھمان مەيدان غەلبىسنى تەبرىكلەيمەن،   مادرىد  باشتىن ئاخىر  ئاساسەن  مەيداننى كونتىرول  قىلدى، رونالدو  قاتماللىقنى بۇزۇپ تاشلاپ، باشقىچە كەيپىيات ئاتا قىلغان بولسىمۇ، ماڭا بەكرەك تەسىر قىلغىنى ئۇنىڭ  تەبرىكلىشى بولدى،  زىدانى راسلا  مادرىدنى باشقىچە قىلۋېتىپتۇ،  رونالدونىڭ بۈگۈنكى مۇداپىيەگە بولغان ئىپادىسمۇ باشقىچلا،  رونالدوغا  تولۇق نۇمۇر  قويۇلسا  كىروسقا 9.5 نۇمۇر قويۇش كىرەك  ، باشقا ئەزالار ھەقىقەتەن  نۇرمال ئوينىيالمىدى،

سالاھتا  ھەقىقەتەن  سۈرەت باركەن، لىكىن  ئۇنىڭدا  سۈرەتلا باركەن، باشقىچە ئالاھىدلىكى بولغان بولسا  بۈگۈن ئۆزى يالغۇزلا مادرىدنى بوغۇزلاپ قويىشى بارتى،  لىكىن مىسىرلىقلار  بېشىدا كۆتۈردۇدە ئۇنى، بۇرۇن چېلسىدا زاپاس بولۇپ يۈرگەن كۈنلىردە،  مىسىردىكى  باسا ۋە مادرىدچى مىسىرلىقلار   باسا مادرىدنىڭ مۇسابىقسىنى تاشلاپ  چېلسىنىڭكىنى كۈرەتتى......... توتتىغا ھۆرمەت  بىلدۈرمەي  ئامال  يوق.............



قېرغانچە ياشرىپ كىتىپ بارغان  رونالدو  تېخىمۇ غەيرەت قىل.......
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-18 05:44:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رونالىدو بەكلا چىرايلىق ۇرۇپ قويدى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-18 05:45:03 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   SayFu11a تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-18 15:38  

ئالدى بىلەن زىدانى نىڭ تۇنجى ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىنىڭ غەلبىلىك بولغانلىقىنى تەبرىكلەيمەن!

بۇ مۇسابىقىدە مەن باشقىچە بىر رونالدو نى كۆردۈم. مېنىڭچە بۇ پەسىل باشلىنىپ بۇ مەيدان مۇسابىقە رونالدو نىڭ ئەڭ قالتىس ئوينىغان مۇسابىقىسى بولدى. باشتىن ئاخىرى ھۇجۇمنىڭ يۆلىنىشى دېگۈدەك سول تەرەپ، رونالدو بىلەن مارسىلو نىڭ ھەمكارلىقىدىن بولدى.

رىم پۇتۇن كىشلىك مۇداپىئەدە تۇرۇپ پۇرسەت كەلسە خەتەرلىك ھۇجۇمدىن بىرنەچچىنى قىپ قويدى، بوپمۇ سالاخ دېگەن ئاتتەك چاپىدىغان بالاڭزىكە ئۇ توپ ئېلىپ بۆسۈپ كىرسىلا يۈرەك سۇ ئولتۇرۇپ كۆردۈم. رىم نىڭ مۇداپىئەسى ھەقىقەتەن ياخشى بولدى.

ئەگەر رونالدو، مارسىلو غا پاس تاشلاپ مارسىلو تەپكەن توپى كىرگەن بولسا ئالامەت پەيزى كىرەتتىدە، تەلىيى كەلمەي قالدى،كاساپەت نىڭ.  رونالدو مۇ توپىنى بەك پەيزى ئۇرىۋالدى، ناۋاسمۇ قاپقىنى قالتىس قوغداپ قويدى، ئىنكاس دېگەن شەمەر كە لىكىن.  بىراق بېنزىما دىن قەتئىي رازى بول مۇدۇم. نېمە دىگەن تولا كالامپايلىق ئۇ پۇرسەتنى ياخشى تۇتالىغان بولسا ئاز دېگەن دە ئىككى توپ ئۇرالايتى، بۇنىمۇ ئاستا بىرنەچچە مەيدان زاپاس قىلىپ سە گىتىپ قويمىسا بولماپتۇ. بېنزىما نىڭ زاپىسىغا ياخشىراق ھۇجۇمچىدىن بىرنى ئەكەۋالمىسە بوممىغۇدەك. خامىس قا كەلسەك بۇ بالا يەنىلا ئوتتۇر مەيداننى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئويناپ بەرسە بولغۇدەك. ياكى يارلىنىش سەۋەپلىك ئىپادىسى ياخشى بولمىدىمۇ. مەيدان دىمۇ رىمنىڭ بېكى يېقىتىۋەتكەن دە مۆرىسىنى تۇتۇپ دوختۇرلارنى چاقىردى قارىغاندا مەشىق تە مۆرىسى يارلانغىنى راس ئوخشايدۇ. كوماندا ئۈچۈن مۇسابىقىنى چىداپ مۇشۇنچىلىك ئوينىغېنىنىڭ ئۆزى يىتەرلىك، ئىشقىلىپ مەن خامىس دىن رازى بولدۇم.

ئەمدى 8 كۈچلۈككە كىرىشىمىز باشقا ئالاھىدە ئەھۋال يۈز بەرمىسىلا ۋاقىت مەسىلىسى بوپ قالدى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-18 05:45:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جىددى تەھرىرلىنۋاتىدۇ...........
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-18 05:45:59 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زىدانىمۇ ئۇزغۇنلۇقنىڭ سەپىرىنى باشلىۋالدى مانا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|دوختۇرخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2016-4-29 13:43

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش