ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 457 |
تۆھپىسى: سەر |
|
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم بارلىق مۇنبەرداشلىرىم! ھەممىڭلارنىڭ چۈشلۈكى خەيرىلىك بولسۇن!
سىنادىكى بىر تورداشنىڭ دىيىشىچە بۈگۈن يەنى 2016-يىللىق گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك خېسۈي لوڭقىسى پۇتبول تەكلىپ مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىدىكەن. مۇسابىقە گۇاڭدۇڭ ئولىمپىك تەنتەربىيە مەيدانىدا ئېلىپ بېرىلىدىكەن. بۇقېتىمقى مۇسابىقىگە گۇاڭجۇ خىڭدا تاۋباۋ پۇتبول كوماندىسى بېيجىڭ رىنخى كوماندىسى شىنجىن يۈخىڭ كوماندىسى شىنجاڭ تەڭىرتاغ يىلپىزى پۇتبول كوماندىسى قاتارلىق تۆت كوماندا قاتنىشىدۇ.
بىرىنچى ئايلانما: بېيجىڭ ۋاقتى 2-ئاينىڭ16-كۈنى چۈشتىن كىيىن سائەت 15:30دا شىنجىن يۈخىڭ بىلەن شىنجاڭ تەڭىرتاغ يىلپىزى كوماندىسى
گۇاڭجۇ خىڭدا تاۋباۋ بىلەن بېيجىڭ رىنخى
ئىككىنچى ئايلانما:بېيجىڭ ۋاقتى چۈشتىن كىيىن سائەت 13:30دا گۇاڭجۇ خىڭدا بىلەن شىنجاڭ تەڭىرتاغ يىلپىزى كوماندىسى
شىنجىن يۈخىڭ بىلەن بېيجىڭ رىنخى مۇسابىقىلىشىدۇ.
ئۈچىنچى ئايلانما:بېيجىڭ ۋاقتى 2-ئاينىڭ 22-كۈنى چۈشتىن كىيىن سائەت 13:30دا شىنجىن يۈخىڭ بىلەن گۇاڭجۇ خىڭدا
شىنجاڭ تەڭىرتاغ يىلپىزى بىلەن بېيجىڭ رىنخى كوماندىسى مۇسابىقىلىشىدۇ.
مۇسابىقە 2016-يىلى 2-ئاينىڭ16-كۈنى باشلىنىپ 22-كۈنى ئاخىرلىشىدۇ. 2-ئاينىڭ 18،20،21-كۈنلىرى كوماندىلار پۈتۈنلەي دەم ئالىدۇ. يۇقارقى كوماندىلارنىڭ مۇسابىقىسىگە بىردەك بېلەت سرتىلمايدۇ، ھەقسىز.
ئەمدى بۇ تېمىنى يېزىشىمدىكى مەقسەت بۇ مۇسابىقىلەرنىڭ ئۇلاپ تارقىتىدىغان قاناللارنى تاپالمىدىم، بىلىدىغان تورداشلارنىڭ ئەۋەتىپ قويسا بىللە كۆرسەك دىگەن ئۈمىدتە يەنە نەق مەيداندا مۇسابىقە كۆرۈۋاتقان قېرىنداشلىرىمىز بولسا بىزگە نەتىجىنى خەۋەردار قىپ تۇرسا بىزمۇ بەھرىلەنسەك دىگەن ئۈمىدتە يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن.
مۇنبەرداشلارنىڭ قوللاپ قۇۋەتلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. |
|