elan ornielan orni
كۆرۈش: 2328|ئىنكاس: 53

ئۇزغۇنلۇقتىكى20 چولپان

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بوۋاي تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-16 12:41  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھەممىڭلارنىڭ ھازىرقى ۋاقتى خەيرلىك بولسۇن .

مۇنبەردىكى تاۋكا تېمىسى ۋە ئۈندىداردىكى مۇسابىقگە ئائىت پاراڭلارنى كۆرۈپ بۈگۈن ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسى باركەن دەپ پالاقشىپ 2 قۇتا قەھۋە ئىچىۋاپتىكەن . كومپىيوتىرنى ئاچسام مۇسابىقە ئەتىكەن ئەمەسمۇ ...ئامالسىز ئۇيقۇ قېچىپ خەنچە تور بەتكە قارىسام بۇ تېما تۇرۇپتۇ شۇڭا سىلەرنىمۇ كۆرۈپ باقسۇن دەپ ئېلىپ كەلدىم .


ئۇزغۇنلۇق ئىسلاھاتىدىن كېيىنكى 20 داڭلىق چولپان



ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقسى باشلىنىش ئالدىدا تۇرۇپتۇ ، ھەممىز زارقىپ كۈتكەن مېنۇتلار كېلەي دەپ قالدى ، ھەر قايسى بىرلەشمىلەر داۋاملىق ئوينىلىۋاتقان بولسىمۇ خۇمارىمىزنى باسالماي كەلدى . شۇنىڭدەك ھەر قايسى چولپانلارمۇ ئۆز كوماندىسغا ھەقىقى تۈردە كۈچ بېرىدىغان ۋاقىت كېلىپ قالدى .
بۈگۈن توپ كىرگۈزۈش تورى 1992- يىلى ئۇزغۇنلىق مۇسابىقىسىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزگەندىن كېيىنكى 20 داڭلىق چولپاننى تىزىپ چىققان . بۇ تىزىملىكتە بارسىلونانىڭ داڭلىق ھوجۇمچىسى مىسسى 1- ئورۇنغا تىزىلغان ، قاتىل ھوجۇمچى كىرىستىيا 8-ئورۇنغا تىزىلغان .ئۇنىڭدىن باشقا ھازىر توپ ئويناۋاتقان چولپانلاردىن داڭلىق ۋارتار كاشلىياس ، بايرىن كاپىتانى لام قاتارلىقلارمۇ كىرگۈزۈلگەن . قېنى ئەمسە بۇ 20 چولپاننى ھەممىز بىللە كۆرۈپ باقايلى .



1- لىئونىل مىسسى . (بارسىلونا)


20150326041758739.jpg

مەيلى ياش جەھەتتىن بولسۇن ياكى ئۇزغۇنلۇق جەڭ مەيداندىكى تەڭداشسىز ئىپادىسى بولسۇن ، مىسسى ھەر قاچان 1- ئورۇنغا تىزىلىشقا ھەقلىق . ھەل قلىغۇچ مۇسابىقىلەردىكى قىلىچتەك پاسلىرى ، بوغۇشلاش تىپىدىكى توپ ئۇرۇشلىرى ، ئۇنى 4 قېتىم يوغان قۇلاقنى كۆتۈرۈشكە مۇيەسسەر قىلغان . گەرچە بىز پىلىنىڭ 1200 توپىنى ، مارادونانىڭ ئوتتۇرا مەيداندىن بۆسۈپ ئەكىرىپ توپ ئۇرۇشلىرىنى كۆرەلمىگەن بولساقمۇ ، مىسسى بىزگە پىشقەدەم ئىككى ئەۋلات پۇتبول شاھىنىڭ بېرىكمىسىنى كۆرسىتىپ قويدى .

2-پاۋلو مالدىنى . (ئاس مىلان)

15535429_416679.jpg

ھەر قېتىم ئۇزغۇنلىق ئەڭ ياخىشى سەپ شەكلىنى كۆرگىنىمىزدە سول مۇداپىيە ئورنىدا يەلپۈنىپ تۇرغان ئۇزۇن چاچلىرى ، تىپىك ئىتالىيان مىللىتىگە خاس كۆپكۆك كۆزلىرى بىلەن مۆتىۋەرلەرچە سالاپىتىنى ساقلاپ  تۇرغان بىر كىشىنى كۆرىمىز . 22 ياشقا كىرمەي تۇرۇپلا 2 قېتىم ئۇزۇن قۇلاقنى كۆتۈرۈش ، ئۇزغۇنلۇق جەڭ مەيدانىدا ئىزچىل تۇراقلىق ئىپادىسىنى ساقلاش . 2007- يىلى 39- ياش ۋاقتىدا ،  يەنى  يېشىل چىملىقتىكى ئەڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە قىزىل - قارا قوشۇننى باشلاپ ،  قىزىل ئارمىيە لېۋىرپولدىن قان قىساسنى ئېلىش . . . بۇ كىم دەمسىز ؟ بۇ دەل ئۇزغۇنلۇق ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن تۇنجى بولۇپ 5 قېتىم يوغان قۇلاقنى كۆتۈرگەن كىشى ، قىزىل - قارا قوشۇن ۋە يېشىل چىملىقتىكى تىرىك رىۋايەت ‹‹ پاۋلو مالدىنى›› . . . بىز ئۇنى تەرىپلەش توغرا كەلسە پەقەت ‹‹ رىۋايەت ›› دىگەن ناملا ئۇنىڭغا ھەقىقى ماس كىلىدۇ .

3-راھۇل . ( رىيال مادىرت ، شارىك04)

xin_3205073122045151497017.jpg

داڭلىق چولپان ھېنىرى ھەر قېتىم باشقىلارنىڭ ‹‹ سىزنىڭ ئالتۇن توپ ئالالمىغانلىقىڭزدىن بەكلا ئېچىنىمىز ›› دىگەندە ھېنىرى ‹‹ راھۇلنى ئىپادىسى 10 يىل بىر خىل تۇراقلىق ھالەتتە تۇردى . راھۇل ئالتۇن توپ ئالالمىغان يەردە مېنىڭ بۇ مۇكاپاتنى ئېلىشقا كۈزۈم يەرمەيدۇ . راھۇل ئالتۇن توپنىڭ ھەقىقى مىراسخورى ، ئۇ ھەقىقى قەھرىمان ›› دەيدۇ .
داڭلىق مەشقاۋۇل گوردىيالا خاۋى توغرۇلۇق توختالغاندا ‹‹ خاۋى راھۇلغا ئوخشاشلا كاتتا توپچى دەيدۇ . بۇنىڭدىن بىز راھۇلنىڭ مەيلى نەتىجە ، مەيلى سادىقلىق جەھەتتە ھەرقانداق چولپاننى بېسىپ چۈشۈدىغانلىقىنى كۆرىۋالالايمىز . . .
ھەقىقەت شۇنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتىكى يۇقارقى سۈپەتلەشلەردىن بىز راھۇلنىڭ كىشىلەر نەزىرىدە نەقەدەر ھۆرمەتكە سازارەر نەقەدەر ياخشى توپچى ئىكەنلىكىنى كۆرۋالالايمىز .
ئۇزغۇنلۇق جەڭ مەيدانىدا 71 توپ ئۇرۇپ رىكورىت يارتىش ، 3 قېتىم ئۇزغۇنلۇقنىڭ يوغان قۇلاق لوڭقىسىنى كۆتۈرۈش ، مادىرىتتىن ئايرىلىپ ئوتتۇرا دەرجىدىكى شارىك 04 كۇلۇبىنى 8 كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا باشلاپ كىرىش قاتارلىق نەتىجىلەر ئۇنىڭ 3-ئورۇنغا تىزىلىشىغا تامامەن يېتىپ ئاشىدۇ .


4-سىدروف . ( ئاجاگاس ، رىيال مادىرىت ، ئاس مىلان )

Img315641120.jpg

بۇ كىشىنى بىز ھەقىقى ئۇزغۇنلۇق رىۋايىتى دېسەك ، بۇ نام تامامەن ئۆز ئىگىسىنى تاپقان بولىدۇ . ئوخشان بولمىغان 3 كۇلۇپتا 4 قېتىم ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى كۆتۈرۈش ، ھازىرغا كەلگۈچە بۇنىڭ نەتىجىللىرى پەقەتلا تارىخ بولۇپ كەلمەكتە . ھازىرغىچە سىدروفنىڭ ئوخشىمىغان 3 كۇلۇپتا 4 قېتىم ئۇزغۇنلىق لوڭقىسنى كۆتۈرۈشىدەك تارىخى نەتىجىنى بىرە داڭلىق چولپان بۇزۇش ئەمەس يېقىنمۇ كىلەلىگەن ئەمەس .

5- ئېيتو . (بارسىلونا ، ئېنتىر مىلان )

16727369_970539.jpg

بۇ قارا قاپلاننىڭ خان مادىرىتتىن ئايرىلىشىنى ھېچكىم چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدۇ . بەلكىم ئېيتونىڭ كوماندىدنى ئايرىلىشىنى مادرىد رەئىسى فىلورىنتىنو ئۆزىمۇ چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەسلىكى مۇمكىن . ئېيتو ئوخشىمىغا ئىككى كۇلۇپتا جەمئى 3 قېتىم ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىنى كۆتۈرۈپ باققان .2006-2009- يىللىرى ئېيتو بارسىلونانى باشلاپ ئارسىنال ۋە مانچىستىر بىرلەشمىسىگە ئەجەللىك توپ ئۇرۇپ ئىككى قېتىم ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىنى كۆتۈرگەن . 2010-يىلى تەلۋە مەشقاۋۇل مورىنھونىڭ يېتەكچىلىكىدە ھاياتىدىكى 3- قېتىملىق ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىنى كۆتۈرۈپ ، رىيال مادىرىتقا ئۆزىنى سېتۋېتىلىشىنىڭ ئەجەللىق خاتالىق بولغانلىقىنى ئىسپاتلىغان .

6- خاۋى . (بارسىلونا)

20120209081643_90148.jpg

بۇ تىزىملىككە كىرشىگە ھەر قانداق كۇلۇپ مەستاننىلرىنىڭ نارازلىقى يوققۇ دەيمەن . تىكى - تاكا دەۋرىنىڭ غوللۇق يىتەكچىسى ، ئۆز دەۋرىدىكى ئەڭ تالانتلىق ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى ، ئوتتۇرا مەيدان مېڭىسى بولۇپ ئاتىلىش ، ئۇزغۇنلۇق مەيدانىدىكى ئەڭ كۆپ مەيدانغا چىقىش رېكورتى ، 4 قېتىم ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى كۆتۈرۈش خاۋېنىڭ بۇ تىزىملىككە كىرشىگە تامامەن يېتىپ ئاشىدۇ . موشۇ تاپتا پۈتكۈل بارسىلونا مەستانىسى خاۋىنىڭ نوۋكەمپدىن ئايرىلغاندىكى ھەسرەتلىك كۆز يېشىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۋاتىدىغۇ دەيمەن .

7-دىل پېرو .( يۇۋېنتىس)

20131221141218-199813325.jpg

ئۇزغۇنلۇق مەيداندا كىرگۈزگەن توپى (21 توپ) بەكلا كۆپ بولىسىمۇ ئەمما ئۇ ئۈچ قېتىم يۇۋېنتىسنى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە باشلاپ ئەكىرگەن . ئەپسۇس مىڭ ئەپسۇس 3 قېتىمدا ئۇ ئاران 1 قېتىم چىمپىيون بولالىغان . مەستانىلەرنىڭ نەزىرىدە ئۇ پەقەت بىر تاللا كاپىتان ، مەستانىلەر قەلبىدىكى مەڭگۈ ئۆچمەس ۋولقان كەبى جۇش ئۇرۇپ تۇرىدىغان كاپىتان .

8- كىرىستىيانو رونالدو . ( مانچىستىر بىرلەشمىسى ، رىيال مادىرىد)

20141208130228_8k3ZW.thumb.700_0.jpeg

‹‹ مەن رونالدو بېرنابوغا كېلىپ قاتناشقان تۇنجى مەيدان مۇسابىقىنى كۆرگەندىن كېين دوستۇم دېستىفانو بىلەن رونالدو توغرۇلۇق پاراڭلىشىپ قالدىم . بىزنىڭ رونالدوغا بەرگەن باھايىمىز شۇ بولدىكى : ئۇ پۇتبول دۇنياسىغا نىسبەتەن بۇ دۇنياغا تەۋە بولمىغان بىر شەخىس ، پۇتبول دۇنياسىدا بۇنداق تىرىشچان ، ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرلەيدىغان ئادەمنى ئۇچۇرتىش ئاسان ئەمەس ، كېسىپ ئېيتالايمىزكى رونالدو باشقا بىر دۇنيادىن كەلگەن ئادەم . . .›› مانا بۇ پورتىگالىيە پۇتبول تارىخدىكى مەشھۇر شەخىس يوسىبونىڭ رونالدو توغرۇلۇق ئېيىتقان سۆزى .
ئۇ مەيلى مانچىستىر مەيلى رىيال مادىرىتقا يۆتكەلگەندىن كېيىن بولسۇن ئۈزلۈكسىز تىرىشتى ،  قەدىمكى ئەقلىلىق  - بوۋىللىرىمىز بىزگە شۇنداق بىر تەمسىلنى  قالدۇرۇپ كەتكەن ‹‹ ئەركەك يىقىلغان ئورنىدىن بىر سىقىم توپىنى ئېلىپ ئورنىدىن دەس تۇرۇپ كېتش كېرەك ›› ... دەرھەقىقەت رونالدو ،  يىقىلدى ،  ئورنىدىن تۇردى ، يەنە يىقىلدى يەنە ئورنىدىن تۇردى . . . مانا بۇ ھەقىقى يىگىتلىك روھى ، ھەقىقى ئەركەكلىك روھى ، مەستانىلەرنىڭ ئىسقىرتىشىدىن تارتىپ  ، ئاخباراتچىلارنىڭ توختىماستىن ھوجۇم قىلىشى يارلىنىش ، سەتەڭلەر ھېلىسى ..قاتارلىقلار رونالدونىڭ رىۋايەتلىك قەدىمىنى ئازراقمۇ توسۇپ قالالمىدى . ئەكسىچە رونالدونى تېخىمۇ قەيسەر تېخىمۇ جەسۇر قىلىپ تاۋلاپ چىقتى . ئۇنىڭغا ھوجۇم قىلىش مەيدان سىرتىدا ئىسقىرتىش ، ئاخباراتچىلارنىڭ بېسىم قىلىشى ھازىرغىچە توختاپ قالغىنى يوق .
ئۇ بىرلەشمىدىلا ئەمەس ئۇزغۇنلۇق مەيدانلىرىدىمۇ ئوخشاشلا توسۋالىش مۇمكىن بولمايدىغان توپ ئۇرغۇچى مەخلۇق . ئۇ ئۇزغۇنلۇق مەيدانلىرىدىكى نومۇر ئېلىش ئىقدارى ئەڭ يۇقىرى ھوجۇمچى . ئۇ ئىككى كۇلۇپتا جەمئى 122 مەيدان مۇسابىقە ئويناپ 88 توپ كىرگۈزۈپ ، ئۇزغۇنلۇق تارىخدىكى مەرگەنلەر رەت - تەرتىۋېدە 1-لىك ئورنىدا ئولتۇرماقتا . يېشى پۇتبولچىلارغا نىسبەتەن ئىپادىسى چېكىنىش باسقۇچىدا بولسىمۇ لىكىن ئۇ ھەر ۋاقىت رەقىبلىرى ئۈچۈن قورقۇنىچلىق رەقىپ ھېساپلىنىدۇ . رونالدونىڭ نېمىشقا 8- ئورۇنغا تىزىلغىنى ماڭا ھەم سىلەرگە نامەلۇم ، بەلكىم ئۇنىڭ ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىنىڭ ئاز بولۇپ قېلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىشى مۇمكىن .



9-زىدانى . ( يۇۋېنتىس ، رىيال مادىرىد)


e7983bc7f27f3ff0d10060a2.jpg

ئۇ ھەقىقى مىللى قەھرىمان ، فىرانسىيە خەلىقىنىڭ قەلبىدىكى ئۆچمەس  روھ . . . ئىككى قېتىم يۇۋېنتىسنى ھەل قىلغۇچقا ئەكىرىپ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن ئۇ رىيال مادىرىتقا يۆتكىلىدۇ . 2002-يىلى ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچتا لىۋېركىسونغا ئۇرغان ئەجەللىك توپى ھازىرمۇ ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىدىكى ئەڭ چىرايلىق كىرگەن توپلارنىڭ 1- بولۇپ كەلمەكتە . شۇ توپى بىلەن زىدانى لىۋېركىسوننى بوغۇزلاپ ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىنى كۆتۈرىدۇ .


10-ئىكىر كاشلىياس .( رىيال مادىرىت)

20121106233404166374.jpg

ئۇ خان  مادرىد كوماندىسىغا ۋاكالىتەن ئۇزغۇنلۇق مەيدانلىرىدا  ئاساسلىق ئەزا بولۇپ  15يىل جان جەھلى بىلەن كوماندا دەۋرازىسىنى قوغدى  . بۇ 15 يىل جەريانىدا ئۇ قايغۇ ئەلەم ، خۇشاللىق ، ھەسرەتلىك كۆز يېشى ھەممىنى قوبۇل قىلدى . 15 يىلدا جەمئى 156 قېتىم مەيدانغا چىقىپ باشقىلار بۇزۇش تەس بولغان بىر تۈرلۈك رىكورتىنى قالدۇرۇپ قويدى .

11-ئىنستا .( بارسىلونا )

20110914162241_54689.jpg

بىر ئوتتۇرا مەيدان توپچسىغا نىسبەتەن ئىنىستا بىر ئۈلگە ، ئۇ ئىنتايىن كاللىسىن ئىشلىتىپ توپ ئوينايدىغان ماھىر ، توپ ئۇنىڭ پۇتىغا چۈشسە ، كىشىگە خۇددى توپنى چاپلاپ قويغاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ . 2006- يىلى ئۇ تۇنجى قېتىم ئۆزىگە مەنسۇپ بولغان ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى كۆتۈرگەندىن كېيىن ، 2009-2011- يىللىرى يەنە بىر قېتىم ئۇزۇن قۇلاققا نايىل بولىدۇ . 2014- يىلىغا كەلگەندە ئېنىستا دەرىجدىن تاشقىرى ئىپادىسى بىلەن يۇۋېنتىسنى شاللاپ يەنە بىر قېتىم ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىنى كۆتۈرىدۇ . بۇ ئاق سېرىق يىگىت يەنە بىر قېتىم ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى كۆتۈرۋەتسە مالدىنىنىڭ 5 قېتىملىق ئۇزغۇنلۇق رىكورتى بىلەن تەڭلىشىدۇ .

12- سىكولىس .( مانچىستىر بىرلەشمىسى )


141437s04y1lzn6ty4t000.jpg

20 يىل بىرلا كۇلۇپ ئۈچۈن كۈچ چىقىرىش ، 20 يىل ئىزچىل تۇراقلىق ئىپادىسىنى ساقلاش ئۇ پەقەت سىكولىسقىلا مەنسۇپ بولسا كېرەك . خاۋى سىكولىسقا باھا بېرىپ ئۇ 20 يىلدىن بۇيانقى ئىپادىسى ئەڭ تۇراقىلىق بولۇپ كەلگەن ئەڭ ياخشى ئوتتۇرا مەيدان ماھىرى ، ئۇ مېنىڭ ئۈگۈنىش ئۈلگەم دەيدۇ . زىدانى سىكولىس توغرىلۇق توختۇلۇپ ئۇ بىر ياخشى ( مەنبەدە ئۇلۇغ دەپ ئېلىنغان ) دەيدۇ . دېمەك سىكولىسنى بىز ئالۋاستى رىۋايىتى دەپ ئاتىساق خاتالاشمىغان بولىمىز . سىكولىس 2  قېتىم ئۇزغۇنلۇق لوڭقۇسىغا ئېرىشكەن .

13-فىلىپ ئىنزاجى ( ئاس مىلان )

556ba99e0a1261034520.jpg

مانچىستىر بىرلەشمىسىنىڭ داڭلىق مەشقاۋۇلى فۇرگىسن ئېيىتقاندەك ، ‹‹ ئۇ ئوفسايىت ئۈستىگە تۇغۇلغان بولىشى ›› مۇمكىن . مۇنداقچە ئېيىتقاندا ئۇنىڭ پاس بېرىشى ، يىراقتىن توپ ئۇرىشى ، سەبداشلىرى بىلەن ماسلىشش ئىقدارى ناھايىتى تۆۋەن ، ئەمما ئۇنىڭ چەكلەنگەن رايون ئىچىدە تۇيۇقسىز پەيدا بولىشى ، تۇيۇقسىز زەربە بېرىپ نومۇر ئېلىش ئىقتىدارى دۇنيا بويىنچە پەقەتلا بىر ۋە بىرىنچى ...يۇۋېنتىستىن ئا س مىلانغا قوشۇلغاندىن كېيىن ئۇ داۋاملىق يوشرۇن نومۇر ئىقتىدارىنى نامايەن قىلىپ كەلدى ، 2007- يىلى ئۇ مالدىنى قاتارلىق چولپانلار بىلەن بىللە لىۋېرپولدىن قان - قىساس ئېلىشقا ئاتلىنىدۇ . مۇسابىقىدە ئىنزاجى ئەجەللىك توپتىن بىرنى ئۇرۇپ لېۋرىپولنى بوغۇزلاپ ، ئىسسىق تەرى بىلەن قان - قىساسنى يۇيۇپ تاشلايدۇ .

14-ئاندىرى پېرلو .( ئاس مىلان ، يۇۋېنتىس )

13S61164263M0-1aZ3.jpg

ئۇنىڭدا گاتۇسۇدەك تەلۋىلىك يوق ، ئىنىستادەك ئالاھىدە پۇت ماھارىتىمۇ يوق ، ئەمما ئۇنىڭدا بار بولغىنى پۇتبولغا بولغان مۇھاببەت ، ئىشىق ئوتى ... مەن پېرلونى كۆرگەندىن بۇيان ئۇنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى ئىپادىسىنى كۆرۈپ باقمىدىم ، دەرىجىدىن تاشقىرى ناچار ئىپادىسنىمۇ كۆرۈپ باقمىدىم . كۆرگۈنىم شۇ بولدىكى ئۇنى تونىغان كۈندىن باشلاپ ئۇنىڭ ئىپادىسى تاكى ئۇنى كۆرەلمەيدىغان بولغانغا قەدەر شۇ قەدەر تۇراقلىق . ئۇزۇن پاسلىرى يەنىلا شۇ پېتى ، ئالاھىدە يۇقىرى بولغان ئىختىيارى توپ تېپىپش ماھارىتى تاكى ھازىرغىچە تۆۋەنلەپ كەتكىنى يوق . ئەمما ھېس قىلغىنىم نەچچە يىللىق بوران - چاپقۇن ئۇنى تېخىمۇ جىمغۇر تېخىمۇ سالماق قىلىۋەتكەن ئېدى .ئۇ ھازىرقى زامان پۇتبولچىلىقىدىكى بىردىن - بىر ئەنئەنىۋى ئۇسۇلدا توپ تېپىدىغان پۇتبولچى . پېرلو ئاس مىلاندىكى ۋاقتىدا 2 قېتىم ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىغا ئېرىشكەن . ئەمما ئۇنىڭ ياۋروپادىكى ئەڭ ئاخىرقى ئارزۇسى يۇۋېنتىستا بىر قېتىم ئۇزغۇنلۇققا ئېرىشىش ئىدى . ئەمما ئۇنىڭ بۇ شېرىن ئارزۇسى ئالدىنقى يىلى كاتالونلار تەرپىدىن بەرپات قىلىندى . شۇ ۋاقىتتا يۇۋېنتىس مەستانىلرى ئەمەس بارسىلونا مەستانىللىرىمۇ پېرلو ئۈچۈن ئېچىنىپ ئازاپلانغىنى ھېلىھەم كۆز ئالدىمىزدا تۇرۇپتۇ .

15- پۇيۇل ( بارسىلونا)


79595005.jpg

بارسىلونانىڭ شانلىق دەۋىرىنى ئويلغىنىمزدا بىز شىر يۈرەك كاپىتان پۇيۇلنى ئويلىماي تۇرالمايمىز ، مەيلى كۇلۇپ مەيلى دۆلەت كوماندىسىدا بولسۇن ، ئۇنىڭغا ئوخشاش مەردانە كاپىتاننى ئۇچراتماق ناھايىتىمۇ تەس ، ئەسلى ئورندىن ئوتتۇرا بىك ئورنىغا يۆتكۈلۈپ يەنە ئوخشاشلا ئۆزىنىڭ ئارتۇقىچىلىقى بىلەن بۇ ئورۇندىن گۈل كەلتۈرۋەتكەن پۇيۇلنىمۇ ۋاقىت بىزدىن ئېلىپ كەتتى . ئۇنىڭ مەيداندىكى ئىپادىسىنى كۆرگەن ھەر قانداق كىشى ، ئۆز ئەركىنلىكى ئۈچۈن ، كۈرەش قىلىۋاتقان تىز - پۈكمەس جەڭچىلەرنى خېيال قىلماي تۇرالمايدۇ .  ئۇ : «ماڭا نىسپەتەن پۇلدىنمۇ مۇھىم بىر نەرسە بار ، ئۇ بولسىمۇ دەل بارسىلونا دەيدۇ . . . » كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى پۇيۇل ئۆزىنى بارسىلوناغا ئاتىۋەتكەن ، ئۇنىڭ يۈرىكى كۆك قىزىل ئەركىنلىك جەڭچىللىرى بىلەن بىر گەۋدە بولۇپ كەتكەن . . . ئۇ كەتتى ۋاقىت يارلىنىش ئۇنى نوۋكەمپۇدىن ئايرىدى ، ئەمما شۇنى ئۇنۇتماسلىقىمىز كېرەككى ، ئۇ بارسلوناغا مەڭگۈ تىز پۈكمەس روھ يەنى ، ئەركىنلىك جەڭچىللىرىنىڭ كۈرەش قىلىش روھىنى قالدۇرۇپ كەتتى . . .
2014-يىلى شىر يۈرەك كاپىتان يىشىل چىملىقتىن رەسمى چېكىندى ، ئۇنىڭ ئۇزغۇنلۇق جەڭ مەيدانلىرىدىكى سىمالىرىغا نەزەر سالدىغان بولساق ، بارسىلونانىڭ 2006-2009-2011-يىللىق ئۇزغۇنلۇق لوڭقىلىرىدا ئۇنىڭ پولاتتەك مۇداپىيەسى ، مەردانە تەشكىللەش ئىقتدارىنىڭ ئىزنالىرى بار .



16-نىستا .( ئاس مىلان )


6204033b5bb5c9eab3776162d039b60038f3b3ce.jpg

ئا س مىلاننىڭ ئارقا سېپىدە نىستانىڭ بولىشى مىلان ھوجۇمچىللىرىنىڭ تەلىيى ، جۈملىدىن نىستانىڭ مىلاندا بولىشى مىلاننىڭ ئەڭ زور تەلىيى ، نىستانىڭ مىلاندا بولىشى مىلان مەستانىللرى ئۈچۈن زور بەخىت ۋە خۇشاللق ھېساپلىنىدۇ . ئۇنىڭ سالماقلىق بىلەن توپ تارتىۋېلىشى ، سەبداشلىرى بەرگەن پاسلارنى ئەپچىللىك بىلەن ئىككى تەرەپكە چېپىپ ، ئوتتۇرا مەيدانغا يەتكۈزۈپ بېرىشى مىلانلىقلارنىڭ ھېلىھەم ئېسىدە تۇرۇپتۇ . ئۇ مىلانغا كېلىپ 2 قېتىم ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىنى كۆتۈرگەن .

17-فىلىپ لام .  ( بايرىن مىيونخىن )

e4dde71190ef76c63f823c419c16fdfaaf51670c.jpg


كۇلۇپتا ياكى دۆلەت كوماندىسىدا بولسۇن لام ھەر ۋاقىت يول باشچى ، ھەر ۋاقىت ئەزالارنى يىتەكلەپ ئالدىنقى سەپتە جەڭ قىلغۇچى . ئۇ كۇلۇپ ۋە دۆلەت كوماندىسىنىڭ جۈملىدىن نېمىس خەلىقىنىڭ پەخىرى ھېساپلىنىدۇ . ھاينىكىستىن گوردىيالاغىچە ئۇ ھەر ۋاقىت كاپىتانلىق يەڭ بەلگىسىنى تاقاپ ئەزالارنى ھەركەتلەندۈرۈپ جەڭ قىلىپ كەلمەكتە ، مەيداندىكى ئورنى ئۆزگەرگەندىن كېيىنمۇ ئۇ ئوخشاشلا بۇرنقىدەك ئەسلى ئىپادىسى بويىچە توپ تەپمەكتە . گەرچە ئاران بىر تال ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى ئالغان بولسىمۇ ئۇنىڭ ئۇزغۇنلۇق جەڭ مەيدانلىرىدىكى ئىزلىرىنى ھەر قانداق پۇتبول مەستانىسى ئېسىدىن چىقارغىنى يوق .


18- گېگىس .( مانچىستىر بىرلەشمىسى )

BbsImg13863921343320_600-379.jpg

1992- يىلى مانچىستىر ياشلار بازىسىدىن بىر تۈركۈم تالانتلىق ياشلار بىرلا ۋاقىتتا 1- سەپ كوماندىسىغا چاقىرتىلدى . بۇلارنىڭ ئىچىدە ئېگىز بويلۇق ئاق پىشماق كەلگەن بىر ياشمۇ بار بولۇپ ، ھەركەتلىرى چاققان ، توپ پۇتىدا شۇندا ئەركىن ھەركەت قىلاتتى . ئەمما ھېچكىممۇ بۇ ياشنىڭ كېيىنكى كۈنلەردە ئالۋاستى قوشۇننىڭ مەنىۋې داھيسى بولۇپ قالدىغانلىقى ، شۇ ۋاقىتتا بۇلارنى 1- سەپ كوماندىغا ئېلىپ چىقىقان مەشقاۋۇل فۇرگېسىننىڭ 20 نەچچە يىللىق مانچىستىر بىرلەشمىسى ھاياتىقا شاھىد بولۇپ قېلىشىنى ، سىكولىس بىلەن قول - تۇتۇشۇپ بىرلىكتە 20 يىل ئالدىنقى سەپتە مۈرىنى - مۈرىگە تىرەپ جەڭ قىلىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى . ھېچكىممۇ ئۇنىڭ كېيىنكى كۈنلەردە مانچىستىر ئۈچۈن 963 قېتىم مەيدانغا چىقىشنى ، مانچىستىر ئۈچۈن 2 قېتىم ئۇزغۇنلۇق چېمپىيونلۇق لوڭقىسىنى كۆتۈرشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى .
ئۇزغۇنلۇق مۇسابىسىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزلگەن يىلى سىكولىس ، جىگىس قاتارلىقلارنىڭ دەل 1- سەپ كوماندىسىغا تاللانغان ۋاقتى بولۇپ ، دېمەك بۇلار يېڭى لاھيەنىڭ 20 يىللىق شاھىدى بولۇپ قالغان . شۇڭا بۇ تىزىملىككە كىرىشى نورمال ئەھۋال .


19-روبىرتو كارلوس . ( رىيال مادىرىد)

201506150204197865.jpg

كارلوسنى ئويلىغىنىزدا بېسىملىق ئۇرۇلغان ئىختىيارى توپلىرى ، ئۆز دەۋرىدىكى ھوجۇمچىلارنىڭ قارا چۈشى بولۇپ كەلگەن ، ئۆزى بىر مۇداپىيەچى تۇرۇپ پەقەت ئۇزغۇنلۇق جەڭ مەيدانىدىلا 17 توپ ئۇرۇپ كىرگۈزگەن ، بۇنداق نەتىجىنى بەزى ھوجۇمچىلارنىڭ يارتىشىمۇ ناھايىتى قېيىن ئەلۋەتتە . ئۇ رىيال مادىرىتقا ۋاكالىتەن 3 قېتىم ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىغا ئېرىشكەن . تاكى ھازىرغىچە كارلوستەك تۆمۈر بىك چىققىنى يوق .

20-پاترىك ئېۋرا .( مانىچسىتىر ، يۇۋېنتىس ، مۇناكو)

err.jpg

ئۇزۇن مۇددەتلىك تۇراقلىق ئىپادىسىنى ساقلاپ كەلگەن چولپانلارنىڭ بىرسى ، 2004- يىلى موناكونى باشلاپ ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچقا بۆسۈپ كىرگەن ، ئۇنىڭدىن باشقا 3 قېتىم مانچىستىر بىرلەشمىسىنىڭ ھەل قىلغۇچقا كىرىشىگە زور كۈچ چىقارغان . پەقەت 2008- يىللا غەلبە قىلىپ ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى كۆتۈرگەن . 2014- يىلى ئۇ مانچىستىردىن ئايرىلغان ۋاقىتتا ھەممە كىشى ئۇنىڭ دەۋرى ئۆتتى دېيىشكەن ئېدى . ئەمما بۇلتۇر ئۇ تاغىل ئات قوشۇننى يىتەكلەپ يەنە بىر قېتىم ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچقا بۆسۈپ كىرگەن . ئۇنى بىز ئۇزغۇنلۇق مەيدانلىرىدىكى كۈمۈش شاھ دېسەك تامامەن بولىدۇ .


مانا موشۇنىڭغا ئوخشاش چولپانلار ئۆزىنىڭ شانلىق ئىزلىرىنى ئۇزغۇنلۇق جەڭ مەيدانلىرىدا قالدۇئۇپ كەتكەن . ھازىر قارايدىغان بولساق موراتا ، نېيمار ، سۇيارىز ، بېل .. قاتارلىق بىر تۈركۈم قابىل جەڭچىلەر ئۇزغۇنلۇق جەڭ مەيدانلىرىغا بۆسۈپ كىرىپ ئۆزىنىڭ ئىزلىرىنى قالدۇرۇشقا باشلىدى . پۇتبوللا بولىدىكەن يېشىل چىملىقلا بولىدىكەن يۇقارقىلارغا ئوخشاش تۆھپىكار چولپانلار داۋاملىق يېتىشپ چىقىپ بىزگە نادىر مۇسابىقىلەرنى بەخش ئەتكۈسى ....


تېمىنى تەھرىرلىمىدىم ، ئىملا خاتالىقى بولىشى مۇمكىن ....

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 6مۇنبەر پۇلى +300 يىغىش سەۋەبى
nayil + 50 پەيزىڭلا بار !
باياۋان + 50 قوللاش!
قەشقەرئوغلانى + 50 قالتىس!
ئۇچتىكىن + 50 نادىرلانمىسۇن ھې ھې
ئېسىل + 50 نادىرلانسۇن
باتىستۇتا11 + 50 ئەجىرلىك تىما!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-16 04:33:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادەمنى ئۇيقۇسىز قويماي ، مۇنازىرە ۋە تاۋكا تېمىللىرىنى مۇسابىقە باشلىندىغان كۈنى يېزىڭلا ....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-16 04:39:01 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   پۇتبول تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-16 04:51  

بىرازىليە توپچىللىرىغا ئۇۋۋال بولۇپ كېتىپتىغۇ ماۋۇ تىزىملىكتە

ئوزغۇنلۇقتا ئىپادىسى قاۋاندەكتىن بىرسى ئىمىنھاجىنى يەنە بىرسىگە زىداننى يەنە بىرسىگە ھازىرقى ئوزغۇنلۇق مەرگىنىنى بىلىدىكەنمەن ..
سىدىروفنىڭ ئوزغۇنلۇقتىكى ئىپادىسىنىڭ يېرىمىنىمۇ بىرلەشمىدە كۆرگىلى بولمايدۇ ، ئوزغۇنلۇق ئۈچۈنلا توپ ئوينىغان نېمە بۇمۇ

بوۋاققا كەمپۈت بېرىپ مۇشۇندا ئالدايمىز
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-16 06:48:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىسسىنىڭ مالدىنىڭ رىكورتىنى بۇزىۋىتىشىنى بەك ئۈمۈد قىلىمەن بۇيىل      ئىسىل تېمىكەن رەھمەت بوۋايچاق
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-16 06:50:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دېل پېرلو يۇۋىنتىستا ئۇزغۇنلۇقنى ئالغان يىلى، بۇففۇن يۇۋىنتىستا ئەمەسمىتى؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-16 07:54:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېتىملىق تېما بوپتۇ بۇ.........
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-16 07:56:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قالتىس تىما بوپتۇ ،بوففۇن نىمىشقا كىرمىگەندۇ دىسەم ئ‍ەسلى يۇۋىنتۇسنىڭ ئۇزغۇنلۇق مۇساپىسى تازا ئوڭۇشلۇق ئ‍ەمەسكەن ، بولمىسا ئ‍ىزچىل ياخشى ئىپادىسى بىلەن دەرۋازا بىقىپ كەلگەن بۇ تاغىلمۇ
ئاندرويىدتا يېزىلغانئاندرويىدتا يېزىلغان
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-16 09:09:48 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممىدىن   مالدېنى   كارلوس    پۇيۇل    نېستا   لام     ئاجائۇئىپ   مۇداپىئە       سېپى   
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-16 09:38:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئا س مىلاندا روي كوستا دەپ بىر توپچى دەپ بىر توپچى باتىكە، كۆرىنىشلىرىنى كۆرگەنتىم بۇ تىزىملىكتە كىرەلمەپتۇ ئۇ ئانچە داڭلىق ئەمەسما؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-16 09:41:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بوۋاي دېگەندەك رونالدونىڭ 8-ئورۇنغا تىزىلىپ قالغانلىقىنىڭ سۋەبى ماڭىمۇ نامەلۇملا تۇرىدۇغۇ ،بوپتۇلا بەرىبىر مەن كۆڭلۈمدە ئۇنى 0-قىلىپ تىزىۋېرمەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-16 09:54:18 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پىرلو دىن ئىككىسى بارمىكە؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-16 09:56:45 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي بوۋاي مۇشۇ تېمىدىمۇ رونالدو غا مەستانىلىقلىرىنى يوشۇرالماپلىدە، ھەممە توپچىلارنىڭ ماختىلىشى چۈشەندۈرلىشى كىچىككىنە، رونالدو غا كەلگەندە بىرمۇنچە ماختاپ  چۈشەندۈرۈپ سەككىزىنجى بوپ تىزىلىپ قالغىنىغا نارازىمۇ بولۇپ ئۈلگۈرۈپلا……ڭھ ڭھ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|دوختۇرخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2016-5-10 01:06

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش