ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 427 |
تۆھپىسى: سەر |
|
1-2 نەتىجە بىلەن رېسقا ئۇتتۇرغاندىن كېيىن ئېنژىنىرنىڭ مانچىستىردىكى تېرىنىرلىق ئورنى بارغانسىرى تەۋرەشكە باشلىدى. ئېنژىنىر بۇ پەسىل بىرلەشمە لوڭقىسى قاتارلىق بىر نەچچە لوڭقىنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن ئورۇن بىكارلىماقچى بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئارمانغا چۇشلۇق دەرمان يوق دىگەندەك كۇلۇبنىڭ نەتىجىسى بارغانسىرى ناچارلىشىشقا قاراپ مېڭىۋاتىدۇ. توغرا كەپ قالغىنى بولسا بايرىن يۇقىرى قاتلىمىنىڭ پېپقا بولغان نارازىلىق كەيپىياتى ئىسسىق ھاۋاغا ئەگىشىپ ئۆرلەشكە باشلىغان.
" كۈندىلىك گېزىت " " مانچىستىر كەچلىك گېزىتى " قاتارلىق تاراتقۇلارنىڭ ئىز قوغلاپ خەۋەر قىلىشىچە، بايرىندىن رومىنگ، خېنىس ۋە سامۇر قاتارلىقلار پېپنىڭ مانچىستىرغا بارىدىغانلىقىنى بالدۇر ئاشكارىلىغانلىقىدىن قاتتىق نارازى بولغان، بايرىن تەرەپ پەسىل ئاخىرلىشىشتىن بۇرۇن ئۇنى ئىشتىن بوشىتىپ، پېپنىڭ كەسىپكە يات قىلمىشىغا بەدەل تۆلەتكۈزمەكچى بولغان.
گېرمانىيە شۇنداقلا پۈتۈن دۇنيادىكى ساناقلىق زەردار كوماندىنىڭ بىرى بۇلۇش سۈپىتى بىلەن، بايرىن كۇلۇبى كۇلۇبنىڭ ئېناۋىتى ئىغۋاگەرچىلىككە ۋە ئاسىيلىققا ئۇچرىدى دەپ قارىغان، بۇ قىلمىشنى سادىر قىلغۇچى دەل پېپ. بايرىن تەرەپ پېپنىڭ ئىشتىن چۈشمەي تۇرۇپ ئۆزىنىڭ كېيىنكى بېكىتىنى ئاشكارىلىشى ئاسىيلىق ۋە ئىغۋاگەرچىلىك دەپ قارىغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە پەسىل تېخى ئەمدى يېرىم بولدى، پېپنىڭ بۇنداق بۇرۇنلا كېيىنكى ئائىلىسىنى ئاشكارىلىشى كوماندىنىڭ شاشلىقىغا ۋە ئىرادىسىگە زور تەسىر بولىدۇ دەپ قاراپ ئۇنى مۇددەتتىن بۇرۇن يولغا سېلىپ قويماقچى بولغان.
خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە پېپ بايرىننىڭ كۇزۇرى بولغان قاپقارا مەرۋايىت ئالابانى مانچىستىرغا بىللە ئېلىپ كىتىپ مانچىستىرنىڭ بوشاپ كېتىۋاتقان مۇداپىئەسىنى كۈچلەندۈرمەكچى بولغان، ئەمدىلا 23 ياشقا كىرىپ دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى ئوڭ مۇداپىئەچى بولۇپ يىتىشىپ چىققان ئالابا ئۈچۈن مانچىستىر 40 مىليون فونستىرلىڭ چىقارماقچى بولغان.
|
|