ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 150 |
جۇغلانمىسى: 7867 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا تەنھا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-2-14 11:32
شۇنداق قىلىپ ئىككىنچى قېتىملىق fifa3 مۇسابىقىسى تولۇق ئاياقلاشتى. دەسلەپتە مۇسابىقىگە 40 ئادەم تىزىملاتقان بولۇپ ئۇلاردىن ئۆتكەن قېتىم نەتىجىگە ئېرىشكەن بەش ئادەم بىۋاستە قاتنىشىش سالاھىيتىگە ئېرىشتى،قالغان 35 ئادەمنى گۇرۇپقا ئايرىش ئارقىلىق 15 ئادەم تاللاپ چىقىلدى، كېيىن 5 گۇرۇپقا ئايرىش ئارقىلىق 10 نى تاللاپ چىقىپ 12 ئادەم ئۆز ئارا بىرلەشمە مۇسابىقىسى ئويناپ بۇنىڭ نەتىجىسى ئاخشام چىقىپ بولدى. بەزى تورداشلار ئوبدان قوللاپ مۇسابىقىنى تولۇق پاكىزە ئويناپ تۈگەتتى، يەنە بەزى تورداشلار بەك ئەھمىيەت بەرمەي سەل قارىدى. بۇنىڭدىن كىينمۇ يىلدا ئىككى قېتىم( يازلىق تەتىل ۋە قىشلىق تەتىل مەزگىلىدە) ئۆتكۈزۈپ تۇرىمىز، مۇسابىقىگە سەل قارىغان تورداشلار بۇندىن كېيىنكى مۇسابىقىلەرگە قاتناشتۇرۇلمايدۇ، قاتناشقۇسى بار تورداشلارنىڭ داۋاملىق مۇنبىرىمىزگە دىققەت قىلىپ تۇرۇشىىنى سورايمىز.
تۆۋەندە 10 تورداشنىڭ بىرلەشمە مۇسابىقىسىدىكى نەتىجىسى، قانچىنچى بولغانلىقى ۋە مۇكاپاتلىنىش ئەھۋالى ئىلان قىلىنىدۇ.
نەتىجىگە قارايدىغان بولساق، CR7، ئۇچتىكىن ( ئوينىيالمايدىغانلىقىنى ئېيتقان) ، قاتارلىق ئىككى تورداش مۇسابىقە ئوينىمىغانلىقى ياكى كەم ئوينىغانلىقى ئۈچۈن ھەممە نەتىجىسى بىردەك 0 قىلىۋېتىلدى. نەتىجە نەتىجە يوللاش تېمىسىغا يوللانغان نەتىجىلەر بويىچە ھېساب قىلىندى.
1- دەرىجە تەنھا غا بىرىنچىلىك مېدالى ، 40 تىللا ۋە 40 مىڭ ياۋرو مۇكاپات.
2-دەرىجە پانتىگىن غا ئىككىنچىلىك مېدالى، 30 تىللا ۋە 30 مىڭ ياۋرو مۇكاپات.
3-دەرىجە soccer غا ئۈچۈنچىلىك مېدالى، 20 تىللا ۋە 20 مىڭ ياۋرو مۇكاپات.
4-دەرىجە يورۇق غا تۆتىنچىلىك مىدالى، 10 تىللا ۋە 10 مىڭ ياۋرو مۇكاپات.
مېداللارنى مۇنبەرنىڭ يىگىت بېشى مەھمۇدىيە ئەپەندىم تارقىتىدۇ.
تېللالارنى تەنھا تارقىتىدۇ.
ياۋرونى بوۋاي تارقىتىدۇ.
CR7، ئۇچتىكىن بىلەن ئۈچتىكىندىن باشقا مۇسابىقە ئوينىغان تۆت تورداشقا ھەر بىرىگە 5000 ياۋرودىن مۇكاپات تارقىتىلىدۇ،
مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەر مۇشۇ تېمىغا قايسى مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىنى ۋە بانكا نامىڭلارنى قالدۇرۇپ قويۇڭلار.
ئاخرىدا باشتىن ئاخىرى مۇسابىقە ئورۇنلاشتۇرۇشقا كۈچ چىقارغان تەنھا ، سەنسىز ، بوۋاي، ئۇچتىكىن قاتارلىقلارغا رەھىمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز. |
|