ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 5746 |
تۆھپىسى: سەر |
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! مۇنبەرداشلار مۇشۇ ۋاقتىڭلار خەيېرلىك بولسۇن !
خۇپۇ تەنتەربىيەسى خەۋىرى ، پۇتبۇل مۇنبىرى تەرجىمىسى :
ئىسپانىيە بىرلەشمىسى ئورگان تورىدا بارسېلونا ھۇجۇمچىسى مىسسىنىڭ 1-ئايلىق مۇنەۋۋەر ماھىر بولۇپ باھالانغانلىقىنى ئىلان قىلغان . بۇ ھەم مىسسىنىڭ تۇنجى قىتىم ئىسپانىيە بىرلەشمىسى ئايلىق مۇنەۋۋەر ماھىر بولۇپ باھالىنىشى ھىساپلىنىدۇ .
بارسېلونا بىرىنجى ئايدا 5 مەيدان مۇسابىقە ئوينىغان بولۇپ ، 4 مەيدان غەلبە قىلىپ ، بىر مەيدان تەڭلىشىپ قالغان . ھازىر ئىسپانىيە بىرلەشمىسى ئاللىقاچان 23 ئايلانما ئوينىلىپ بولغان بولۇپ ، بارسېلونا بىر مەيدان مۇسابىقە كەم ئەھۋال ئاستىدا ئىككىنجى ئورۇندىكى ئاتلىتكا مادىرىدتتىن 3 نۇمۇر ئىشىپ بىرلەشمە چوققىسىدا مەزمۇت تۇرغان .
مىسسى بىرىنجى ئايدا جەمىئىي 6 توپ ئۇرغان بولۇپ ، گىرانادا بىلەن بولغان مۇسابىقىدە تىخى قالپاق ئويۇنى ئوينىغان .بىلباۋ رىقابەت ، مادىرىد رىقابەت ۋە مالاگالارغا بىردىن توپ ئۇرغان .ئۇ ھازىر بىرلەشمە مەرگەنلەر قاتارىدا 12 توپ بىلەن بىرىنجى ئورۇندىكى سۇئارىزدىن 8 توپ پەرىق بىلەن 11-ئورۇندا تۇرماقتا . مىسسىنىڭ ئىپادىسى مۇشۇنداقلا ياخشى ماڭسا 8 توپ ھىچ گەپ ئەمەس .
(ھەمراھ ) |
|