elan ornielan orni
كۆرۈش: 1361|ئىنكاس: 79

بارسىلۇنا تارىخىدىكى 20 داڭلىق چۇلپان

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئويچان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-12 20:38  

يېقىندا ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بارسېلونا تارىخىدىكى توپ ئۇرۇش، پىسخىك ساپاسى ۋە كۇلۇبتىكى تەسىر كۈچى ئالاھىدە چوڭ بولغان 20 نەپەر چولپاننى باھالاپ چىققان بولۇپ، بۇنىڭدا لىئونىل مېسسنى بىرىنچى ئورۇنغا، رونالدىنھۇ 10 -ئورۇنغا تىزىلغان. تۆۋەندە مەن بۇ 20 چولپاننى تونۇشتۇرۇپ ئۆتشىمگە رۇخسەت قىلغايسىلەر...



20. ۋېكتور ۋالدىس 2002-2014
20.jpg
ۋالدىس بارسېلونادىكى كەسپىي ھاياتىدا 602 مەيدان مۇسابىقە ئوينىغان بولۇپ، ئانتۇنى رامىلىس بىر قوللۇق تەربىيەلەپ چىققان بارسىلونا تارىختىكى ئەڭ قالتىس ۋارتارلارنىڭ بىرى، ۋالدىس 2014-يىلدىن باشلاپ يېڭى رىقابەتنى كۈتۋىلىش ئۈچۈن كۇلۇبتىن ئايرىلغان، شۇندىن باشلاپ ئۇنىڭ كەسپىي ھاياتىدا زور دەرىجىدە چىكنىش كۆرۈلگەن.

19. رېۋالدۇ 1997-يىلدىن 2002-يىلغىچە
19.jpg
رېۋالدۇنىڭ بارسىلونا كوماندىسىغا كېلىشى مەستانىلەرگە رونالدونى ئۇنتۇلدۇرغان، ئۇنىڭ توپ مەيداندىكى تىز پۈكمەس جاسارىتى، مەيداندىكى تېزلىكى، ۋاراتارغا توپ ئۇرۇش ھەرىكەتلىرى مەستانىلەرنىڭ قەلبىدە ئۆچمەس ئىز قالدۇرغان، 99-يىللىق ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

18. پاۋلۇ ئالكانتىرا 1912-يىلدىن 1916-يىلغىچە
سۈرەت يۇق
357 مەيدان مۇسابىقىدە 369 توپ ئۇرغان، ئالكانتىرا بارسىلونا تارىختىكى ئىككىنچى مەرگەن. ئۇ توپ ئۇينىغان چاغدا مۇسابىقە كىيمىنىڭ ئۈستىگە بىر تال قولياغلىق تىكىۋىلىشنى ئادەت قىلغان. ئۇنىڭ بۇ ئادىتى تاراتقۇلار ئىز قوغلاپ بېرىدىغان خەۋەر بۇپ قالغان. دۆلەت كوماندىسدىكى چاغدا فىرانسىيە كوماندىسى بىلەن بۇلغان مۇسابىقىدە ئۇرغان توپى ۋاراتار تورىنى تېشىپ ئۆتۈپ كەتكەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭغا ‹‹خەتەرلىك رەقىب›› دەپ لەقەم قويۇلغان.

17. ئانتۇنى رامىلىس 1947-يىلدىن 1962-يىلغىچە
سۈرەت يۇق
شۇ دەۋرلەردە راملىس پۈتۈن ئىسپانىيە بۇيىچە ئەڭ قالتىس ۋارتار ئىدى. ئۇ ناھايىتى ئەقىللىك بولۇپ قارشى تەرەپ ھۇجۇمچىسىغا روھىي بېسىم ئىلىپ كېلەلەيتتى. 1950-يىلى راملىس بىرازىلىيەدە قالتىس ئىپادىسى بىلەن ‹‹ مالاكانا مۈشۈكى ›› دەپ نام ئالغان .

16. لۇئىس سۇئارىز 1954-يىلدىن 1961-يىلغىچە
16.jpg
دىستىفانۇ ئۇنى ‹‹ ئېنژنىر›› دەپ ئاتايتتى. چۈنكى ئۇ ئۇينىغان مۇسابىقە ناھايىتى نەپىس بۇلاتتى، ۋە شۇنداقلا 1960-يىلدىن بۇيان ئالتۇن تۇپ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بىردىنبىر ئىسپانيىلىك توپچى.
   
15. مىخايىل لاۋدۇرۇپ 1989-يىلدىن 1994-يىلغىچە
15.jpg
بىرگە بىر تاقابىل تۇرۇش ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ قۇرالى، ئەينى چاغدىكى ئەڭ قالتىس پاس تاشلىغۇچى، كەمىپنۇ مەيداندىمۇ ئەينى چاغدا ‹‹ لاۋدرۇپنىڭ تالانتىدىن ھۇزۇرلىنىڭ ›› دەپ پىلاكاتلار ئېسىلغان. ئاخىردا باس تىرېنېر بىلەن سۇقۇشۇپ قالغاندىن كېيىن ئەششەدىي رەقىبى خان مادىرىتنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئاتقان .

14. سەيسار رۇدرىگۇز 1942-يىلدىن 1955-يىلغىچە
14.jpg
دۇنيادىكى ئەڭ يۇقىرى ھوسۇللۇق ھۇجۇمچىلارنىڭ بىرى، ئۇ بىر تۇغما مەرگەن. مېسسىدىن بۇرۇنقى ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنى مەرگىنى، ئۇ توپ ئوينىغان 50-يىللاردا كۇبالا، مۇلىنۇ، بۇسۇلا قاتارلىقلار كوماندىنىڭ ئاساسىيى تايانچى كۈچلىرى ئىدى .

13. سېتۇيكۇۋېچ 1990-يىلدىن 1998-يىلغىچە
13.jpg
سېتۇيكۇۋېچ سۇفىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيە كوماندىسدىن بارسىلونا كوماندىسىغا يۆتكىلىپ كەلگەن. كۆك قىزىل قوشۇن ئۈچۈن سەككىز پەسىل كۈچ چىقارغان، ‹‹ بىرىنچى چۈش ›› كوماندىسىنىڭ ئاساسلىق يولباشچىلىرىنىڭ بىرى. بارسىلونا مەستانلىرى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان توپچىلارنىڭ بىرى .

12. مىگۇيىل 1973-يىلدىن 1989-يىلغىچە  
12.jpg
لەقىمى ‹‹تارزان›› بارسىلونا كوماندىسى ئۈچۈن 664 قېتىم مەيدانغا چىققان، پۇيۇل بىلەن بىرقاتاردا تۇردىغان ئەڭ قالتىس ئوتتۇرا بىك، ئۇنىڭ ئالاھىدە بولغان كىشىنى توسۇش ۋە مۇداپىئە قىلىش ئىقتىدارى بار، كەسپىي ھاياتىدا كۆپ قېتىم ھالقىلىق توپلارنى ئۇرغان.

11. سىرگىيۇ بۇسىكىس 2008-يىلدىن ھازىرغىچە
11.png
بارسىلۇنا تارىختىكى ئەك كىلاسسىك ئوتتۇرا مەيدان، بارسىلونادا ۋە ئىسپانىيە دۆلەت كوماندىسدا كەم بولسا بولمايدىغان ئاساسلىق ئەزا.

10. رونالدىنھو 2003-يىلدىن 2008-يىلغىچە
10.jpg
تۆت يىللىق مەغلۇبىيەتتىن كېيىن بارسىلونا كوماندىسى ئۇنىڭ بىلەن توختام تۈزدى. ئۇمۇ كوماندىنىڭ ئىشەنچىسىنى يەردە قويماي ئىككى قېتىملىق ئىسپانىيە بىرلەشمە چېمپىيونى ۋە بىر قېتىم ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى ئېلىشىغا تۆھپە قوشتى، ئۆزىمۇ 2005-يىللىق ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، ئۇ ئەشەددىي رەقبى بۇلغان خان مادىرىنىتڭ مەستانلىرى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىپ ئالقىشلانغان ناھايىتى ئاز ساندىكى توپچىلارنىڭ بىرى .

9. خىسەي سامىتىل 1918-يىلدىن 1933-يىلغىچە
سۈرەت يۇق
بارسىلونا كوماندىسىنىڭ ۋەكىللىك توپچلىرىنىڭ بىرى ئوڭ-سول پۇتىدا ۋە كاللا توپ ئۇرۇشتا ئالاھىدە ئىقتىدارلىق، شۇنداقلا ‹‹ بىرىنچى چۈش ›› كوماندىسىنىڭ باشلامچلىرىنىڭ بىرى

8. رونالد كومان 1989-يىلدىن 1995-يىلغىچە
8.jpg
كوماندىغا ياردەملىشىپ كوماندا تارىخدىكى تۇنجى ئۇزغۇنلۇق لۇڭقىسنى ئالغان. چۈش كوماندىسىنىڭ ئاساسىي تۈۋرۈكى، باسىىلونا كوماندىسى ئۈچۈن 102 توپ ئۇرغان، ئاساسلىقى ئىختىيارى توپتا كۆپرىك نومۇر ئالغان ئۇندىن باشقا نۇقتا توپتىمۇ نومۇر ئالغان. مەيدان سىرتىدا بولسا كەمتەر، كىچىك پىئىل بولۇپ مەستانىلەرنىڭ قەلبىدىكى مەبۇدىسىغا ئايلانغان .

7. جۇن كىرۇيىف 1973-يىلدىن 1978-يىلغىچە
7.jpg
تارىختىكى ئەڭ قالتىس توپچىلارنڭ بىرى، ئۆز دەۋردىكى توپچىلارنىڭ ئۈلگىسى، جۇن بارسىلونانىڭ توپچىسى ۋە تىرېنېرى بۇلۇش سالاھىيىتى بىلەن بارسىلونانىڭ تارىخىنى ۋە پۇتبول تارىخىنى ئۆزگەرتكەن ئادەم. ئەينى چاغدىكى مادرىد رىقابەت بىلەن بولغان مۇسابىقىدە ئۇرغان توپى دۇنيا تارىخىدىكى ئەك قالتىس كىرگەن توپلارنىڭ بىرى دەپ قارالماقتا. ئۇنىڭدىن باشقا ئۆزىمۇ ئۈچ قېتىم ياۋروپا ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن .
6. پۇيۇل 1999-يىلدىن 2014-يىلغىچە
puyul.jpg
بارسىلوناا كوماندىسىنىڭ ئوت يۈرەك كاپىتانى، كىشىلەر ئۇنۇتۇش ئەڭ تەس بولغان توپچىنىڭ بىرى، چېملىقتكى پۇيۇل ھەر قانداق بىر توپچىنىڭ مەڭگۈ ئۆگىنىش  ئۈلگىسى، كوماندىنىڭ ئارقا سەپنىڭ ئەڭ ھالقىلىق ئەزاسى، بارلىق كەسپىي ھاياتىنى كوماندا ئۈچۈن بېغىشلىغان مۇنەۋۋەر پۇتبولچى .

5. پىپ گۇئاردىئۇلا 1990-يىلدىن 2001-يىلغىچە
5.jpg
لامايسىيە تەربىيەلەش مەركىزنىڭ ئەلاچى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بىرى، كىرۇيىف يىتەكچىلىكىدىكى چۈش كوماندىسىنىڭ تايانچلىردىن بىرى، تىرېنېرلىق دەۋردىمۇ بارسىلونا كوماندىسنى ئەڭ ئېگىز چوققىغا ئىلىپ چىققان، كاتۇلۇنىيەنىڭ پەخىرلىك ئوغلى .

4. ئاندىرىس ئېنىستا 2003-يىلدىن ھازىرغىچە
yinsta.jpg
ئىسپانىيەلىك سىھرىگەر، ئېنىستا، خاۋىي، بۇسىكىس دۇنياسىكى ئەڭ قالتىس ئوتتۇرا مەيداننى تەشكىللىگەن. ئۇ مەيدانغا چىقسا ھاياجانلانمايدىغان بىرمۇ مەستانە يوق، ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى چۈش كوماندىسنڭ ئاساسلىق باشلامچىسى .

3. كۇبالا 1950-يىلدىن 1962-يىلغىچە
3.jpg
ئۇ 20-ئەسىردىكى بارسىلونا كوماندىسىنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك ئادەملىرنىڭ بىرى، 50-يىللاردىكى بەش چېمپىيونلۇق لوڭقىسىنى ئېلىشتا ئاساسلىق شەخس، تېرنىرلىق ھاياتىدا ئۇتۇق قازىنالمىغان بولسىمۇ توپچىلىق ھاياتىدىكى شەرەپلەر ئۇ ئەيىبىنى يېپىۋەتكەن .

2. خاۋىي ئىرنەندىس 1998-يىلدىن 2015-يىلغىچە
2.jpg
بارسىلونا كوماندىسىنىڭ چوڭ مېڭىسى، ئىسپانىيە تارىختىكى ئەڭ قالتىس چولپان، لامايسىيانىڭ ئۈنۈنلۈك مەھسۇلاتى، دۇنيادىكى ئەڭ ئادىل ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى، ئۇ پۇتبول بىلەن بىر گەۋدە بىر تەن بولۇپ كەتكەن، ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى چۈش كوماندىسىنىڭ يادرولۇق ئەزاسى، بارسىلونا ۋە ئىسپانىيە كوماندىسدا كەم بولسا بولمايدىغان ئەزا،

1. لىئۇنىل ئاندىرىس مېسسى 2004-يىلدىن ھازىرغىچە
7979793462672604267.jpg
پۇتبول تارىختىكى ئەڭ قالتىس توپچى كىمۇ؟ بۇنىڭ جاۋابى دەل مېسسى، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر مېسسىنى پۇتبول تارىختىكى ئەڭ قالتىس توپچى دەپ قارايدۇ، ھېچ بولمىغاندىمۇ مۇشۇ زاماندىكى ئەڭ قالتىس توپچى دەپ ئېتىراپ قىلىدۇ. ئۇنىڭ ھەربىر مەيدان مۇسابىقىدە بۇزىۋاتقان رېكورتلىرى، ھازىرغىچە ئالغان بەش دانە ئالتۇن توپ مۇكاپاتى، ۋە كوماندىغا ھەمدەم بولۇپ ئالغان 26 دانە چېمپىيونلۇق لوڭقىسى بۇنىڭ تىپىك مىسالى.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 10مۇنبەر پۇلى +500 تىللا +2 يىغىش سەۋەبى
nayil + 50 قالتىس!
باتىستۇتا11 + 50 + 2
ساداقەت + 50 ئەمدى يوقاپكەتمەس
LM10 + 50 قالتىس!
Erwah + 50 قالتىس!
ئاتلان7 + 50 قالتىس!
دولانى + 50 قالتىس،،
ئارچىن + 50 قالتىس!
ئامەت + 50 تىمىنىڭ نوچىسى
ئېلىخو + 50 ئىسىل تېما !

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2016-2-12 18:48:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىتويىكوۋىچنىڭ يۆتكەلگىنى روسىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيە كوماندىسىمىكى سوفىيە ئ‍ەمەستۇ
ئاندرويىدتا يېزىلغانئاندرويىدتا يېزىلغان
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-12 18:50:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىمىنى كۆرۈپلا ۋالدېس چۈشۈپ قالمىغاندۇ دەپ كىرسەم تاس قاپتۇ چۈشۈپ قالغىلى ، بىركۈنلەردە خاۋېنىڭ گۇدىئولادەك تىرنىر سۈپىتىدە بارسىلونادە كۆرۈش ئارزۇيۇم بار . نېيمار ماڭقا توختام ئۇزارتىپ يەنە 5 يىل كۈچ قوشسا مۇشۇلار قاتارىدىن بىر كىشلىك ئورۇن تېگىشى مومكىنتى .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-12 18:51:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇرتۇم7 يوللىغان ۋاقتى  2016-2-12 18:48
سىتويىكوۋىچنىڭ يۆتكەلگىنى روسىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيە كو ...

ياق ، بۇلغارىيەدىكى سۇفىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى كوماندىسى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-12 18:52:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەتتە بۆرە بىلەن ئۆزى بىر يالغۇز ئېلىشقان رونالدىنخو ئونىنجى

مەن قارىسامغۇ پاكاردىن ئىگىزگە قاراپ تىزغاندەك قىلىدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-12 18:52:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئويچان يوللىغان ۋاقتى  2016-2-12 18:51
ياق ، بۇلغارىيەدىكى سۇفىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى كوماند ...

ھە ، مەن روسىيە كوماندىسى دەپ ئويلاپ قاپتىمەن
ئاندرويىدتا يېزىلغانئاندرويىدتا يېزىلغان
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-12 18:53:05 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نادىر تىما بوپتۇ داۋاملىق تىرىشىڭ ،،،،،،،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-12 18:56:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
friend يوللىغان ۋاقتى  2016-2-12 18:52
يەتتە بۆرە بىلەن ئۆزى بىر يالغۇز ئېلىشقان رونالدىنخو ئ ...

يەتتە بۆرە بىلەن رونالدىنخو يالغۇز  مۇسابىقە ئوينىغانمۇ ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-12 18:58:00 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېسسى ،  شاۋى ، ئىنىستا    …   ئەڭ ئېسىل توپچىلاردە  .  پۇتبول شاھى لىئونېل رىكورت مېسسى   غەيرەت قىل
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-12 19:20:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نادىر تىما بوپتۇ.
ۋالدىس بارسلونادا قىلىپ زاپاس قاپقىچى بولغان بولسىمۇ ،ھازىرقى كۈنىدىن مىڭ ياخشى ئۆتەر ئىدى ھە ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-12 19:22:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھاياجانلىق تىما بوپتۇ، تىما ئىگىسىگە تەشەككۈر.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-12 19:28:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خانزاد1 يوللىغان ۋاقتى  2016-2-12 19:20
نادىر تىما بوپتۇ.
ۋالدىس بارسلونادا قىلىپ زاپاس قاپقىچ ...

شۇنى دەڭلا ھېچ بولمىسا ئۇرۇش جېدەلدە ئالدىدا ماڭىدىغان قان ماھېرتى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|دوختۇرخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2016-6-1 07:21

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش