ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 2340 |
تۆھپىسى: سەر |
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەردىكى بارلىق ئۇششاق چوڭ، پىششىق توڭ قېرىنداشلار، ھەممىڭلارنىڭ باھار بايرىمىغا موبارەك بولسۇن. ئۇزۇن بوپتۇ مۇنبەرنى سىرتتىن زىيارەت قىلىپلا تۈزۈك بىر نىمە يوللىمىغىلى، بۈگۈن ھەرقايسىڭلار بىلەن دىدارلىشش مەقسىتىدە ئاز بولسىمۇ ئۇشبۇ تىمىنى ئىلىپ كەلدىم.
كوماندا گېزىتىنىڭ جوڭگۇ دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر چەتئەللىك توپچىلاردىن تۈزگەن سەپ شەكلى
بۇيىل قىشلىق بازاردا دۆلىتىمىز دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى كوماندىلار ناھايىتى زور كۆلەمدە مەبلەغ سالدى. فىرانسىيە «كوماندا گېزىتى» جوڭگۇ دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر چەتئەللىك توپچىلاردىن تۈزگەن سەپ شەكلى تاللاپ چىققان.
بۇيىللىق قىشلىق بازاردا دۆلىتىمىز دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى كوماندىلار جىددى تۈردە بەس-بەس بىلەن يىڭى پەسىللىك ئۇرۇش تەييارلىقلىرىنى باشلىۋەتتى. جىياڭسۇ سۇنىڭ كۇلۇبى چىلسى كوماندىسىنىڭ تۆھپىكار ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى، بىرازىلىيە كوماندىسىنىڭ ئەزاسى رامىلىس ۋە ئۇكرائىنا كان ئىشچىلىرى كۇلۇبىدىن بىرازىيىلىك ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى تېشرانى قوشۇۋالدى. خېبى خۇاشىيا بەخىت كۇلۇبى رىم كۇلۇبىنىڭ يان ھۇجۇمچىسى رىۋىنىيۇ، سېۋىللا ئوتتۇر مەيدان توپچىسى كاكۇتانى قوشۇۋالدى. ئۇنىڭدىن باشقا، خېڭدا كۇلۇبى كىرلىكلەر قوشۇنىدىن جېكسۇن مارتىنىزنى قوشۇۋالدى، شاڭخەي شىنخۇا كۇلۇبى ئىنتىردىن گۇئارىننى سېتىۋالدى.
دىمەك دۆلىتىمىز بىرلەشمىسى بۇيىل قىشلىق بازاردا پۈتكۈل دۇنيا پۇتبول بازىرىنى مونوپول قىلدى دىسەك ھەرگىز ئارتۇق كەتمەيدۇ.
«كوماندا گېزىتى» تىزغان ئەڭ مۇنەۋۋەر سەپ شەكلى:
مۇداپىئە: گۈلۈم(خېبى خۇاشىيا بەخىت)؛ گىل(شەندۇڭ لۇنىڭ)؛ مۇبىيا(خېبى خۇاشىيا بەخىت)؛
ئوتتۇرا مەيدان: رامىلىس(جىياڭسۇ سۇنىڭ)؛ ئاۋگۇستۇ(بېيجىڭ ئامانلىق)؛ كاكۇتا(خېبى خۇاشىيا بەخىت)؛ گۇئارىن(شاڭخەي شىنخۇا)؛
ھۇجۇمچىلار: تېشرا(جىياڭسۇ سۇنىڭ)؛ مارتىنىس(گۇاڭجۇ خېڭدا)؛ رىۋىنىيۇ(خېبى خۇاشىيا بەخىت)؛
|
|