رۇنىنىڭ چوڭ ئوغلى ئاستۇن ۋىللا مەستانىسىكەن
ئاستۇن ۋىللا توپچىلار سېپىگە يېڭى رۇنىدىن بىرسى قېتىلارمۇ ؟
مانچېستىر توپ چولپىنى ئۆزىنىڭ ئىنىستاگرامسىدا باللىرى كاي ۋە كىلاينىڭ رەسىمىنى يوللىغان بولۇپ، باللىرى كارتون چۈشۈرۈلگەن گاڭسەر ۋە ئاشپەزلەرنىڭ دوپپىسىنى كېيىۋالغان بولۇپ، كۆزى ئۆتكۈر تورداشلارنىڭ بايقىشىچە كاينىڭ كېيىۋالغىنى ئاستون ۋىللانىڭ كېيىمى ئىكەن.
پەرەزلەرگە ئاساسەن رۇنىنىڭ ۋىللا مەستانىسى بولۇشى ئىنكار قىلىنغان بولۇپ، 6 ياشلىق كاي گۇمانلىق نامزات بولغان. كېين ۋىللانىڭ ئورگان نۇمۇرىمۇ بۇ رەسىمىنى قايتا تارقاتقان بولۇپ، كېيىمىنىڭنى ياخشى كۆرىمىز دەپ قېتىپ قويغان.
شاۋى نۇقتا توپنى ئۇچۇرۋېتىپ، كوماندىسى ئاسىيا چىمپىيونلۇق ئويناشتىن مەھرۇم قالدى
2016-يىللىق ئاسىيا چىمپىيونلۇق بىرلەشمىسى سالاھىيەت مۇسابىقىسىدە قاتارنىڭ ئەل ساد كۇلۇبى بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ئەل جەزىرە كوماندىسى مۇسابىقىلەشتى. مۇسابىقىدە ئىلگىركى بارسا توپچىسى شاۋى نۇقتا توپنى ئۇچۇرۋېتىپ، نەتىجە ئەلساد كۇلۇبى 4-5 نەتىجە بىلەن ئەل جەزىرە كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويۇپ، ئاسىيا ئۇزغۇنلۇق ئويناشتىن مەھرۇم قالدى.
مۇسابىقىدە ئىككى كوماندا 2-2 تەڭلەشكەن بولۇپ، مۇسابىقىنى تولۇق ئوينىغان شاۋى نۇقتا توپنى ئۇچۇرۋېتىپ قالغان، مۇسابىقىنىڭ 93- مىنۇتىدا ئەل ساد كۇلۇبىغا بىر نۇقتا توپ كەلگەن بولۇپ، بۇ نۇقتا توپنى ئەل ساد توپچىسى كىرگۈزەلمەي، كوماندا نۇقتا توپ تېپىشىشكە قېلىپ، ئاخىرى شاللىنىپ كەتكەن.
زىدانى : رونالدو ئەڭ قالتىس
رىئال مادرىد تېرىنىر زىدانى outlet Record نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، رونالدو توغرىسىدا توختالغان.
زىدانى :« رونالدو قالتىس، مېسسى ئۇنىڭ رىقابەتچىسى، بۇنداق رىقابەت پۇتبولنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق.»
«مېنىڭ قولۇمدا ئەڭ مۇنەۋۋەر كوللىكتىپ بار، مەن توپچىلىرىمدىن ۋە ئۇلارنىڭ ئىپادىسىدىن رازى.»
«مۇسابىقىدە 80% دىن 90% كىچە ئىچكى كۈچكە تايىنىدۇ، سىز ئەستايىدىل بولسىڭىز، بۇ ئەڭ مۇھىم ئىش.»
« رىئال مادرىدتا توپ ئويناش بىر ئارزۇ، بىز بۇ يەردە بولغانلىقىمىزدىن ئىنتايىن خۇشھال» دېگەن.
فېرگۇسون: پوچېتتىنو ئەڭ قالتىس تېرىنىر
يېقىنقى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، فېرگۇسۇن توتىنھام خىزمەتىچىسىگە، پوچېتتىنو ھازىر ئېنگىلاند بىرلەشمىسىدىكى ئەڭ قالتىس تېرىنىر دېگەن، توتىنھام ھازىر بىرلەشمىدە لىسىستىر شەھرىدىن بەش نۇمۇر ئاز ھالەتتە 2- ئورۇندا تۇرماقتا.
توتىنھام خىزمەتچىسى داۋىد لاممى مۇخبىرغا، فېرگۇسۇننىڭ پوچېتتىنو تىلغا ئالغانلىقى توغرىسىدا توختالغان، لاممى :«مەن سىزگە بىر مەخپىيەتلىكنى دەپ بېرەي، ئالتە ھەپتە ئىلگىرىكى بىر قېتىملىق پۇتبول بەزمىسىدە فېرگۇسوننى ئۇچىرتىپ قالدىم، ئۇ ماڭا ‹سىلەرنىڭ قولۇڭلاردا ئېنگىلاندتىكى ئەڭ قالتىس تېرىنىر بار دېدى› » دېگەن.
بۇ باھا پوچېتتىنونىڭ مانچېستىر بىرلەشمىسىنىڭ تېرىنىرى بولۇش ئېھتىماللىقىنى تېخىمۇ ئاشۇرغان. مانچېستىر ھازىر ۋانگال ئۈستىدە ئويلىنىۋاتقان بولۇپ، فېرگۇسۇننىڭ پىكرى ئەلۋەتتە، مانچېستىر يۇقرى قاتلىمىنىڭ پىكىرىگە تەسىر كۆرسەتمەي قالمايدۇ. ئەلۋەتتە مورىنىيومۇ مانچېستىر تېرىنىر نامزاتلىرىنىڭ قىززىق نامزاتلىرىنىڭ بىرى.
سىمونى ئېنگلىزتىلى ئۆگۈنىشنى باشلىدى
ئىسپانىيە ئاخبارات ۋاستىسى «مەخپىيەتلىك گېزىتى»نىڭ ئاشكارلىشىچە، سىمونى ئېنگلىز تىلى ئۆگىنىشكە باشلىغان بولۇپ، قارىماققا يازدا چېلسىنى قولغا ئېلىشنىڭ تەييارلىقىنى قىلىۋاتقاندەك قىلىۋاتاتتى.
«مەخپىيەتلىك گېزىتى» نىڭ قارىشىچە، چېلسى تەرەپ مورىنيونى ئىشتىن بوشاتقاندان كېيىن، رىقابەتكە يۈزلىنەلەيدىغان تېرىنىر ئىزدەۋاتقان بولۇپ، سىمونى ئۇلارنىڭ بىر نامزاتى ئىكەن.
«مەخپىيەتلىك گېزىتى»نىڭ ئاشكارلىشىچە، سىمونىنىڭ تېخىچە چېلسىغا تېرىنىر بولماسلىقىدا ئىككى سەۋەب بار بولۇپ، بىرى ئۇنىڭ ئېنگىلىز تىلى سەۋىيەسىكەن، يەنە بىرسى، ئاتلىتكا تەرەپنىڭمۇ سىمونىنى قويۇپ بەرگۈسى يوق بولۇپ، چېلسى تەكلىپ قىلماقچى بولسا، توختامغا خىلاپلىق قىلىش ھەققى تۆلەيدىكەن.
سىمونى يېتەكلىگەن كىرلىك قوشۇنى بۇ پەسىل تېخىمۇ مۇقۇم بولۇپ، 51 نۇمۇر بىلەن بىرلەشمىدە 2 - بولۇپ ماڭماقتا.