ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 3417 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا orkax1208 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-2-9 22:48
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۈم مۇنبەر ئەھلى مۇشۇ ۋاقتىڭلار خەيرىلىك بولسۇن.
بۈگۈن چۇشتىن كېيىن ئاسيا ئۇزغۇنلوق لوڭقىسى سالاھىيەت گۇرۇپپا مۇسسابىقىسىنىڭ 3 - ئايلانمىسى ئوينالدى. ھەممىنى كۆرۇش ئىمكانىيىتى يوق بولغاچقا پەقەت ئۆزۇم كۆرگەن مۇسسابىقىنى يوللاشنى توغرا تاپتىم، يەنە كىلىپ بۇ مۇسسابقىدە شەندۇڭ لونىڭ كوماندىسى يەنە غەلبە قىلىپ ئۇدا ئۈچ مەيدان غەلبا قىلىشتەك ياخشى نەتىجىسى بىلەن 3 ئايلانما بۇرۇن 16 كۈچلۈككە كىرىشتەك ياخشى نەتىجە ياراتتى. نەق گەپكە كەلسەك بۈگۈنكى مۇسسابىقە دىيارىمىز ۋاقتى 15:30 دا ئوينالدى.
مۇسسابىقە ئاۋىستىرالىيىلىنىڭ خادالىت بىرلەشمىسى ساھىپخانىلىقىدا جوڭگۇ بىرلەشمىسىدىكى شەندۇڭ لونىڭ كوماندىسى بىلەن ئىلىپ بىرىلدى. ئالدىنقى مەيداننىڭ 17 - ۋە 34- مىنۇتلىرىدا لۇنىڭ كوماندىسى ئىككى توپ ئۇرۇپ ئۇستىنلىكنى ئىگىلىدى. 38 مىنۇت بولغاندا لۇنىڭنىڭ بىر مۇداپىئەچىسىگە قىزىل كارتا بىرىپ مەيداندىن چۇشۇرۋىتىلدى. 10 ئادەملىك لۇنىڭ ئالدىنقى مەيداندا توپ كەتكۇزمىدى. كېيىنكى يىرىم مەيدان باشلىنىپ 76 مىنۇت بولغاندا خادالىت بىرلەشمىسىگە نوقتا تۇپ قويۇپ بىرلگەن بولسىمۇ، بۇنى 10-نومۇلوق تۇپچىسى ۋاراتار تۈۋرۆكىگە تىپىۋىلىپ ياخشى پۇرسەتتىن بىرنى كەتكۇزۇپ قويدى، شۇنىڭدىمۇ تىرىشىپ ئويناپ 84 مىنۇت بولغاندا بىر توپ قايتۇرۋالدى. لىكىن ئاخىرىدا ھەر ئىككىلى كوماندا تۇپ كىرگۇزەلمەي 2:1 نەتىجە بىلەن ئاخىرلاشتى. ۋە شەندۇڭ لۇنىڭ كوماندىسى شۇ گۇرۇپپىدىكى كۈريىنىڭ يەنە بىر كوماندىسى بىلەن ئاسيا ئۇزغۇنلوقى 16 كۈچلۈك كوماندىسى قاتارىغا كىردى ۋە ئاسيا ئۇزغۇنلوق ئۇيناش سالاھىيىتىگە ئىرىشتى. |
|