ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 1069 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بوۋاي تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-2-9 15:57
يېشىل چىملىق ئۈستىدە خىلمۇخىل توپچىلار ھەم ئۇلارنىڭ خىلمۇخىل ماھارەتلىرنى ئۇچرىتىپ تۇرىمىز ,ھەر بىر توپچىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئالاھىدە ماھارەتلىرى بولۇش بىلەن بىرگە ئەلۋەتتە ئۇلارمۇ ئاجىز كىلىدىغان مەلۇم ماھارەتلەر بار ...
شۇڭلاشقا مېسسى رونالدولارمۇ ھەر بىر ماھارەتتە ئەڭ يۇقرى پەللىگە يېتەلىشى مۇمكىن ئەمەس ,مەن بۇ توغرىسدا تېخىمۇ ئىنىق بىر چۈشەنچە ھاسىل قىلىش ئۈچۈن ئۆز كۆڭلۈمدىكى بىر نەچچە پۇتبولچىنىڭ كەمچىللىكىنى سىلەر بىلەن ھەم مۇنازىردا بولماقچى مەن .
كاسىلىياس : ھاۋادىكى توپنى كونتىرول قىلىش
كەسپىنىڭ ئەڭ يۇقرى پەللىسىدە تۇرۋاتقان كاسلىياس دۇنيادىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ۋارتار ئەمەسمۇ ?بەلكىم ھەممە كىشىنىڭ بۇنىڭغا قارتا جاۋابى باردۇ ,بىراق كاسىلىياس (كەسپى ھاياتىنىڭ نىڭ ناچار ۋاقىتلىردىن بۇرۇن )دۇنيادىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ئۈچ ۋارتارنىڭ بىرى دىسەم سىلەرنىڭمۇ باشقا پىكرىڭلار يوققۇ دەيمەن ,ئىسپانىيەنىڭ نەچچە ئون يىللىق ۋارتارى بولۇش سۈپىتى بىلەن سابىق مادرىد كاپىتانىنىڭ توپ توسۇش ئىقتىدارى چۇقۇم ئالدىنقى قاتاردا بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئۆتكۈر پىچاقتەك ئىنكاسلىرى يېقىندىن تېپىلگەن توپلارغا بولغان توغرا ئىنكاسى پۈتۈن ياۋروپا بويىنچە ئالدىنقا قاتاردا دىسەك خاتالاشمايمىز ,2010 يىلى روبىننىڭ بىرگە بىر توپىنى توسۇپ چىقىرۋەتكەندە بىز بۇنى ھېس قىلغان ,بىراق سابىق كاپىتاننىڭ كەمچىللىكى ناھايىتى ئىنىق ئۇ بولسىمۇ ھاۋادىكى توپلارنى بىر تەرەپ قىلىش 1.85 كېلىدىغان كاسىلىياس ئانچە ئىگىز ھېسابلانمايدۇ ھەم كاسىلىياسنىڭمۇ ھاۋادىكى توپلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئېڭىمۇ ئانچە يۇقرى ئەمەس ,2014 ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچتىكى گودىننىڭ كاللا توپى بۇنىڭ ئىپساتى بولىدۇ ,ئەگەردە ئاخىردا راموسنىڭ كاللا توپى بولمىغان بولسا سابىق كاپىتان 10 ئۇزغۇنلۇق لوڭقىنىڭ يىپىغا ئوت ياققۇچى بوپقالغان بولاتتى.
داۋىد -لۇيىز (ئالدىراقسانلىق)
بىر ئارقا بېك بولۇش سۈپىتى بىلەن داۋىد -لۇيىز يالغۇز مۇداپىيە قىلىش ئىقتىدارى دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدۇ ,ناھايىتى بەسىتلىك بولغان بەدەن ھەم يۇقرى بولغان ھەركەت ئىقتىدارى ئۇنىڭ بىرگە بىر مۇداپىئە قىلىش ئىقتىدارىنى يەنە بىر بالداق يۇقرى كۆتۈرگەن ,مۇداپىئەدىلا ئەمەس ئۇ يەنە ھۇجۇمغىمۇ ناھايىتى كۈچ بېرەلەيدۇ 2014 دۇنيا لوڭقىسىدا كولومبىيىەگە ئۇرغان ئاشۇ ئىختىيارى توپى بىزنى بەكمۇ ھاياجانلاندۇرغان ,
لىكىن بۇنىڭ ئالدىراقسانلىق بىلەن توپ تالىشىش ئېڭى بىزنى بەكمۇ ئۈمۈدسىزلەندۈردۇ ,مەيلى كۇلۇبدا بولسۇن ياكى دۆلەت كوماندىسىدا بولسۇن ئۇ ھۇجۇم تەشكىللەپ كىلىۋاتقان ھۇجۇمچىنىڭ ئالدىغا ئالدىراقسانلىق بىلەن چىقىدۇ ھەم كۆپ ۋاقىتلاردا توپنىڭ ئۆزىدىن ئۆتۈپ كېتىشنى كەلتۇرۇپ چىقرىدۇ ,مەيلى دۆلەت كوماندىسدا بولسۇن ياكى كۇلۇبدا بولسۇن ئۇنىڭ مۇشۇخىل ھەركىتىنىڭ ئاقىۋىتىنى ھەر ۋاقىت داۋىد -سىلۋا تەرەپتىن بىر تەرەپ قىلنىدۇ ,ئۆتكەن يىلى دۇنيا لوڭقىسىدىكى ئېچىنىشلىق ئۇتتۇرۇش بۇنىڭ ئىسپاتى ,داۋىد -لۇيىز تېخىمۇ مۇكەممەل بىر ئارقا بەل بولۇشنى ئويلىسامۇشۇ تەرەپنى چوقۇم تۈزۈتىشى لازىم .
مىستارىكا(سۈرئەت )
ئالدى بىلەن بىز بۇ 1.90 كىلىدغان غوجامدىن بېل رونالدودەك سۈرئەت بولۇشنى تەلەپ قىلمايمىز بىراق ياخشى مۇنازىرە قىلساق مىستارىكانىڭ سۈرئىتى راستىنلا ناھايىتى ئاستا,ئۇنىڭ ئۇزۇن پاچاقلىرى ,سالماق ھەركەتلىرى سىتېرلىڭدەك پۇتى چاققان توپچىلارنى ئوبدانلا مۇداپىئە قىلالايدۇ,بەدىنى بەسىتلىك بۇ توپچى باشقا توپچىلار تەرىپىدىن ئاسانلىقچە ئالدىنىپ كەتمەيدۇ .
بىراق ئۇنىڭ سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىقى قارشى تەرەپنىڭ قايتارما ھۇجۇمدا ئوبدانلا ئۆزىنى نامايەن قىلغان قارشى تەرەپ ھۇجۇمچىلىرى بىر سۈرئەت بىلەن بۇ دارازدىن ئۆتۈپ كىتىدۇ ,ھەر ھالدا مىستارىكانىڭ ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى ياخشى بولۇپ كۆپ ۋاقىتلاردا قارشى تەرەپنىڭ ھۇجۇمىنى بىر پۇت سېلىش بىلەن بىچىت قىلىۋېتەلەيدۇ .
مارسېلو (مۇداپىئە)
بىرازىلىلىك ھۇجۇمدا ئۆزىنىڭ قابىلىتىنى ۋە ئىقتىدارىنى تۇلۇق نامايەن قىلغان بىردىن بىر ئارقا بەل توپچى .
ئۇنىڭ ۋەزىپسى سول بېك بولسىمۇ ئۇنىڭ ھۇجۇمدىكى ماھىيتى ئوتتۇر مەيدان توپچىلىردىن قېلىشمايدۇ .
بىراق دۇنيادىكى ئەڭ ئالدىنقى ئۈچ سول بېكنىڭ بىر بولۇش سۈپىتى بىلەن مارسېلونىڭ مۇداپىئەدىكى يوچۇقى ئۇنىڭ ئەزەلدىن ئەيىبلىنىپ كېلىۋاتقان بىر كەمچىللكى ,ئەملىيەتتە ئۇنىڭ مۇداپىئەدىكى يوچۇق چىقىرىپ قويشىنىڭ ئەسلى سەۋەبى ئۇنىڭ مۇداپىئە قىلىشنى بىلمەسلىكى ئەمەس بەلكى مۇداپىئەگە سەل قارىغانلىقىدا ,مارسېلونى لامغا ئوخشاش مۇداپىئە ئېڭى كۈچلۈك توپچىلارغا سېلىشتۇرۇش توغرا بولمىسىمۇ لىكىن مارسېلومۇ ئۇنچىۋالا ئاجىز ئەمەس .
ئۇنىڭ كۈچلۈك كوماندىلار بىلەن ئوينىغاندا مۇداپىئەنى ياخشى قىلىشى لىكىن ناھايىتى ئاجىز كوماندىلار بىلەن ئوينىغاندا دائىملا يوچۇق چىقىرىپ قويشى مارېسلونىڭ ھۇجۇمغا بەك بىرلىپ كىتىپ مۇداپىئەگە سەل قارىغانلىقىدىن ,مارسېلونىڭ بىر ئارقا بەل توپچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ھۇجۇم مۇداپىئەنى تەڭ مۇھىم بىلىپ مۇداپىئەگە ھەر ۋاقىت سەل قارىماسلىقى لازىم .
دېمارىيا (ئوڭ پۇت )
دېمارىيانىڭ سول پۇتىنىڭ قانچىلىك يامانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن بىزنىڭ جىق سۆزلەپ ئولتۇرشىمىز بىھاجەت !ئۇزغۇنلۇق mvp ,يالغۇز مادرىد ئاتلىتكىنىڭ مۇداپىئە سېپىنى بۆسۈپ ئۆتۈش ,ئارگېنتىنانىڭ ئىككىنچى چوڭ پاچىقى ,ئەگەر ھەل قىغۇچ بولسا ئۇ چۇقۇم بولىدۇ ,مانچېستىر بىرلەشمىسدە بىر پەسىلنى بۇختۇرمۇلۇق ئىچىدە ئۆتكۈزگەن بولسېمۇ پارىژغا كەلگەندىن كېيىن يەنىلا ئەڭ كۈچلۈك ئوتتۇر مەيدان توپچىلىردىن بولۇپ تۇرۋاتىدۇ .
لىكىن ئۇنىڭ ئىپادىلىرى ئۇنىڭ ئوڭ سول پۇتىنىڭ ناھايىتى پەرىقلىنىغانلىقىنى يېپىپپ قالالمايدۇ, مەيلى پاس بېرىش بولسۇن مەيلى توپ ئۇرۇش بولسۇن مەيلى توپ ئېلىپ مېڭىش بولسۇن ئۇ ھەرۋاقىت ئۆزىنىڭ سول پۇتىنى ئىشلىتىدۇ ,قارايدىغان بولسۇق ئۇ مادرىدتتىكى 4 يىل جەرياندا 36 توپ كىرگۈزگەن بولۇپ ئارانلا 1 توپنى ئوڭ پۇتىدا كىرگۈزگەن ,ھەم شۇ توپنى كىرگۈزگەندىن كېيىن ئۆزىمۇ :ۋاھ مەن ئۆزۈمنى ئوڭ پۇتۇمدا توپ كىرگۈزىمەن دەپ ئويلاپ باقمىغان ئىدىم دەيدۇ,قارىغاندا دېمارىيانىڭمۇ ئۆزىنىڭ ئوڭ پۇتىغا تازا ئىشەنچىسى باردەك قىلمايدۇ ,
مۇكەممەل بىر ئوتتۇر مەيدان توپچىسى بولۇش ئۈچۈن دېمارىيائوڭ سول پۇتىنى ياخشى كۆندۈرشى كېرەك.
ئۆزىل (بەدەن ساپاسى )
بىر نەچچە پەسىلگە قاراپ , ئۆزىل دۇنيادىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ئالدى بەل دېسەك خاتالاشقان بولمايمىز ,نەپىس كىچىك ھەركەتلەر ,ئۆلچەملىك توپ توختۇتۇش,پاسنى دەل ۋاقتى دەل جايىدا بېرىش ,ئۆزىلنى ياۋروپا پاس شاھى دېيىشكە كۈچلۈك دەلىل بولالايدۇ ,شارىك 04تىن مادرىدقا ,مادرىدتىن ئارسېنالغىچە ئۇنىڭ سەۋىسى توختىماستىن ئېشىۋاتىدۇ ,
نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزىل توپ ئۇرمايدۇ دەيدۇ ,لىكىن ئۇلار ئۆزىلنىڭ ھازىرقى ۋاقتىنىڭ مادرىدتىكى ۋاقتىدىن نۇرغۇن ئىلگىرلەش بولغانلىقىنى بىلمەيدۇ ,ئۇ نۇرغۇن ئورۇنلاردا ۋارتاغا توپ تەپمەي پاس بېردۇ ھۇجۇم تەشكىللەيدۇ ,بىراق ئۆزىلنىڭ بەدەن ساپاسى ئاللىقاچان ئۆتمۈشكە ئايلىنىپ بولدى .
ئۇ ئۆزىمۇ :بەدىنىمنىڭ چاققان بولۇشى ئۈچۈن بەدەن مەشىقى قىلمايمەن دەيدۇ ,ئۆزىلدىكى ھازىرقى كەمچىللىك دەل بەدەن قۇۋۋىتى بولۇپ ئۇ ئۇزۇن مۇددەت يۇقرى ھالىتىمنى ساقلايمەن دەيدىكەن چۇقۇم ئۆزىنىڭ يۇقرى بولغان بەدەن ساپاسىنى ساقلاپ قېلىشى لازىم.
ئىبراھىموۋىچ (كاللا توپ )
ئەمدى بىز ئۆزىنى ھەممىگە قادىر دەپ چاغلايدىغان شىۋىتسىلىك مۇنار ئىبراھىموۋىچقا قاراپ باقايلى ,ئەملىيەتتە ,ئىبراھىمنىڭ ئالاھىدىلىكى ناھايىتى روشەن ئىككى مىتىرغا يېقىن بوي بەستى بار بىر ئوتتۇر مەيدان توپچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىبراھىموۋىچ يۇقرى بولغان ماھارەت,ئالاھىدە پۇت ئاستى تېخنىكىسىگە ئىگە ,ئاجاكىس ۋاقتىدىكى بەش ئادەمنى ئالداپ ئۇرۇش ,2012 يىلى موللاقچىلاپ توپ ئۇرۇش , بۇ ماھارەتلەر ئىبراھىموۋىچنىڭ قانچىللىك يۇقرى سەۋىلىك توپچىلىقىنى ئىپادىلەشكە قادىر . ئىبراھىموۋىچنىڭ كاللا توپ تېخنىكىسى ناچار بولمىسىمۇ بىراق بويى ئۆزىدىن پاكار بولغان رونالدو ,دىروگبالارغا يەتمەيدۇ,
مىنىڭ قارشىمچە ئىبراھىموۋىچ بىر ئوتتۇر ھۇجۇمچى بولۇش سۈپىتى بىلەن سەبداشلىرنىڭ پاس يەتكۈزۈپ بېرشىنى كۈتۈپ تۇرمايدۇ ,ئۆزى ئوتتۇر مەيدانغا قايتىپ توپنى ئىتتىرىپ ئەكىرىدۇ ,بۆسۈپ ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن ياكى ئۆزى ئۇرىدۇ ياكى سەبداشلىرغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ ,بىر تەرەپتىن قارايدىغان بولساق بۇ ئۇنىڭ يۇقرى بولغان ماھارىتىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇنىڭ مۇشۇنداق قىلغۇدەك ئىقتىدارى بار ,يەنە بىر تەرەپتىن قارايدىغان بولساق بۇ ئۇنىڭ مىجەزى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ,نىمە ئۈچۈن كىشىلەر ئىبراھىموۋىچ (ئۆز ئالدىغا سېستىما بولىۋالدى )دەيدۇ ?چۈنكى ئىبراھىموۋىچ مەيلى قايسى كوماندىدا كىمنىڭ قول ئاستىدا توپ تەپسۇن ئىبراھىموۋىچ قانداق تەپمەكچى بولسا شۇنداق تېپىدۇ ,ئۇ ئاساسلىقى تېرنېرلارنىڭ سۆزىگە قارتا توپ تېپىش ئۇسۇلىنى ئۆگەرىتمەيدۇ .
ئىنىقراق قىلىپ ئېيىتقاندا :ئىبراھىموۋىچ ئەزەلدىن چەكلەنگەن رايون ئىچىدە ئوتتۇر ھۇجۇمچى مەسئۇلىتىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان ئەمەس ,باشقىلار بىلەن جېدەللىشىشكە ئامراق ئىبراھىم بەزى ۋاقىتلاردا قارشى تەرەپ بېكلىرى تەرىپىدىن يېقىتىۋىتىلىدۇ ,بۇلۇڭ توپتىن باشقا ۋاقىتتا ئىبراھىموۋىچنىڭ كاللا توپ ئۈسىشىنى كۆرۈش ناھايىتى تەس ,ئۇ كاللا توپتا ئانچە شۆھرەت قازانغان ئەمەس چۈنكى ئۇ كۆپىنچە ۋاقىتلاردا چەكلەنگەن رايون ئىچىدە ھەركەت قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ ,ئەگەر ئۇ چەكلەنگەن رايون ئىچىدە سەبداشلىرىنىڭ پاسلىرىنى ساقلىيالىسا ,كاللا توپنى ياخشى مەشىق قىلسا ئۇنىڭ بۇنچىلىك يۇقرى بەدەن ھاپاسى بىلەن چۇقۇم دىروگبادىن ئېشىپ كىتىدۇ ,ھەم كاللا توپ ئۇرامماسلىقتەك كەمچىللىككە خاتىمە بېرەلەيدۇ .
مانا بۇ بىز دۇنيادىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر دەپ ساناۋاتقانلار ,ئۇلار ھەممە كىشىنىڭ قايىللىقىغا ئېرىشكەن لېكىن يەنىلا ئەيىبتىن -كەمچىللىكتىن قۇتۇلالمىدى ,توغرا !دۇنيادا مۇكەممەل ئىنسان يوق ,لىكىن تىرشىۋاتقان ,كەمچىللىكىدىن ئاچچىق بىر ئىنىرگىيەنى ئۆزىنىڭ ھايات يولىدىكى ماتورى بولغان تېرىشچانلىققا ئىشلىتىۋاتقان غالىبلىرىمىز بار !
|
باھالاش
-
باھا خاتىرىسى
|