ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 2895 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ماكانىم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-2-7 22:15
ئۈستۈنئاتۇش بازىرىنىڭ كەنتلەر ئارا 4-نۆۋەتلىك <<مەشئەل لوڭقىسى >>پۇتبول مۇسابىقىسى ئاخىرلاشتى
ئاتۇش شەھەر ئۈستۈنئاتۇش بازارلىق ھۆكۈمەت بىلەن يولچىلا ر ئوتتۇرا مەكتەپ تەشكىللىگەن، ئىكساق كەنىت ئاھالە كومېتىتى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان، ئون كۈن ئېلېپب ېرىلغان(1-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن 2-ئاينىڭ 6-كۈنىگىچە) ئۈستۈنئاتۇش بازىرىنىڭ 4-نۆۋەتلىك << مەشئەل لوڭقىسى >>نى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسى يېرىم ھەل قىلغۇچ، ھەل قىلغۇچ مــــــۇسابىقىلەرنى ئــوڭۇشلۇق تــاماملاپ 2-ئاينىڭ 6-كۈنى غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى.
مۇسابىقىدە بازىرىمىز تەۋەسىدىن ئىكساق، تاقۇت، ياۋلۇق، ئوچار، دېھقانلار، بەيساق، يولچىلار، قايراق، بوستان، ئوتـياغ، ســـاي، لەنگەر، لايلىق،تېتىر، تاشپۇشقا، قـارغولكەنت كوماندىلىرىدىن ئىبارەت 16 كوماندا ئەزىمەتلىرى قاتناشتى.
گەرچەھاۋا سوغۇق بەزى كۈنلىرى قار ياغقان بولسىمۇ يەنىلا جاپاغا چىداپ مۇسابىقە ئوڭۇشلۇق تاماملاندى. مۇسابىقىگە يۇرتىمىزدىن شۇنداقلا ئاتۇش شەھىرى، قەشقەر ۋىلايىتى، باشقا ناھىيە، شەھەرلەردىن تاماشىبىنلار كېلىپ ئەزىمەتلەرنى قوللاپ مەدەت بېرىشتى. ئەڭ ئاخىرقى كۈنلۈك مۇسابىقىدە تاماشىبىنلارنىڭ سانى 10مىڭدىن ئېشىپ كەتتى.
بۈگۈن ئېلىپ بېرىلغان يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئاۋال لەنگەر كوماندىسى بىلەن ئوچار كوماندىسى مۇسابىقىلەشتى، ئوچاركوماندىسى 0گە قارشى 4 نەتىجە بىلەن يۇقىرى نومۇر پەرقى بىلەن ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىردى.
كېيىنكى قېتىملىق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە تاماشىبىنلارنىڭ دىققىتىنى ئالاھىدە تارتقان كۈچلۈك كوماندىلاردىن قايراق كوماندىسى بىلەن ئىكساق كوماندىسى مۇسابىقىلەشتى، مۇسابىقىنىڭ سەۋىيەسى يۇقىرى رېتىمى تېز ئەزىمەتلەرنىڭ تېخنىكىسى ئالاھىدە ياخشى بولدى. مۇسابىقىدە ئاۋال قايراق كوماندىسى بىر توپ كىرگۈزۈپ ئۈستۈنلككە ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئىكساق كوماندىسى بوشاشماي تىركىشىش ئارقىلىق بىرگە قارشى ئىككى نەتىجە بىلەن ئۇتۇپ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىردى.
چۈشتىن كېيىن ئېلىپ بېرىلغان ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئىكساق كوماندىسى بىلەن ئوچار كوماندىسى ئالدىنقى ۋە كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقەلەردە كەسكىن تىركەشكەن بولسىمۇ نەتىجە 0:0 ئاخىرلىشىپ ،ۋاقىت قوشۇپ بېرىلگەن مۇسابىقىگە كىردى. بۇنىڭدىمۇ ئوخشاشلا توپ كىرگۈزۈلمىگەن بولغاچقا رەھىمسىز نۇقتا توپ جېڭىگە كىردى، نەتىجىدە ئوچار كوماندىسى 4:3 نەتىجە بىلەن ئىكساق كوماندىسىنى ئۇتۇپ بۇ قېتىملىق مۇسابىقىنىڭ چىمپىيونلىقىغا ئېرىشتى.
كېلەر نۆۋەتلىك مۇسابىقە گۈل چېيىنى ئوچار كەنىت ئاھالە كومېتىتى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالدى.
مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن خۇلاسىلەش، مۇكاپاتلاش ،تەقدىرلەش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى.
بۇنىڭدا مۇنەۋۋەر تەشكىللىگۈچىلەر، ئىلغار ئارقا سەپ خادىملىرى، ئىلغار تەنھەركەتچىلەر، ئىلغار رېپىرلار، ئىلغار تېرىنىرلار مۇكاپاتلاندى، ئاخىرىدا ئىلغار كوماندىلار تەقدىرلەندى.
قارغول كوماندىسى مەدەنىيەتلىك كوماندا بولۇپ تەقدىرلەندى.
قـايـراق كوماندىسى بىلەن لەنگەر كوماندىلـــــىرى 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى.
ئىكساق كوماندىسى 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى.
ئوچار كوماندىسى چىمپىيونلۇق لوڭقىسىغا ئېرىشتى.
مەنبە: مىسرانىم مۇنبىرى. bbs.misranim.com
|
|