elan ornielan orni
كۆرۈش: 1304|ئىنكاس: 58

ئالاھىدە ئۇقتۇرۇش (ھەممىڭلار كىرىڭلار)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بوۋاي تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-6 02:25  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى ھازىرقى ۋاقتىڭلار خەيرىلىك بولسۇن  .

بىزنىڭ پۇتبول مۇنبىرىمىز ئەزەلدىن دۆلەتنىڭ ھەر تۈرلۈك قانۇن پەرمانلىرىغا ئاكتىپ بوي سۇنۇپ قانۇن بويىچە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان سورۇن .مۇنبەرگە يىغىلغان ھەر بىر ئەزامۇ ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھەر ۋاقىت تەييار تۇرغان ياخشى نىيەتلىك كىشىلەردۇر .  بىز مۇنبىرىمىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن  تېخىمۇ تەرەققى قىلىشى ۋە گۈللەپ ياشنىشى ۋە مۇنبىرىمىزگە يات بولغان سۆز -  تىمىلارنى بىردەك بايقۇت قىلىش مەقسىتىدە تۆۋەندىكىدەك ئۈچۈن تۆۋەندىكىدەك بىر تۈرلۈك  قائىدە تۈزۈملەرنى تۈزۈپ چىقتۇق  ھەر بىر ئەزانىڭ تۆۋەندىكى بىر قانچە مەزمۇننى ئەستايىدىللىق بىلەن ئوقۇپ ، قەتئى ئەمەل قىلغان ئاساستا ، بىر - بىرسىگە مەسئۇل بولغان ۋە كۈزەتكەن ئاساستا ، . . . ئىناق - ئىتتىپاق مۇنبەر قۇرۇش ئۈچۈن بىر كىشلىك تۆھپە قوشۇشنى ئۈمۈد قىلىمز .

1. دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇن-تۈزۈملىرىگە رىئايە قىلمغانلار ، مىللەتلەر ئىتىپاقلىقىنى بۇزىدىغان سۆزلەرنى قىلغانلار ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى سۆزلەرنى قىلغانلار ( مەسىلەن يېقىندىن بۇيان ‹‹ بەسەيلەر›، دىگەن سۆز سەل ئاۋۇپ قالدى ، بىز مۇنبەرداشلارنىڭ كۆڭلىنى بەش قولدەك چۈشىنىمز ھەممىسى ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيىسى ئۇغۇپ تۇرغان ياخشى نىيەتلىك بالىلار ، دۆلەت كوماندىسىنڭ شان -شەرىپى ۋە يۈز -ئابرويى سىلەرنىڭ ئويلىغىنىڭلاردەك ھەممىزنىڭ ئىناۋەت ،شان شۆھرىتىگە جۈملىدىن ۋەتىنىمىزنىڭ شان- شەرىپىگە بېرىپ چېتىلىدۇ . دۆلەت كوماندىسىنڭ نەتىجىسىنىڭ چۈشۈپ كېتىشى ھەممىزنىڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلماي قالمايدۇ . شۇڭا يۇقارقىدەك سۆز - ئىبارىلەرنىڭ چىقىشى نورمال ئەھۋال بولسىمۇ ، مۇنبىرىمىزنىڭ بۇرۇنقىدەك ساغلام ، تەرتىپلىك ، مەدەنى مۇنبەر بولۇشى ۋە ھەر - بىر پۇتبولخۇمار مۇنبەرداشلارنىڭ تېنىچ - ئامان ساغلام مۇنبەر ئوينىشى ئۈچۈن ‹‹ بەسەي ..،...›› سۆزىگە ئوخشاش ، سۆز - ئىبارىلەرنى ۋە قېرىنداش مىللەتلەرنى ھەر قانداق سۆز ئىبارىلەر بىلەن كەمسىتىشكە قەتئى قارشى تۇرىلىدۇ . ( بەسەي ئاتالغۇسىنى چەكلىسەك ، چىڭسەي ، چىڭسەينى چەكلىسەك لوبو ئاتالغۇسى بىلەن كەمسىتىشكە قەتئى بولمايدۇ . )   . ناۋادا يۇقارقى ئۇقتۇرۇشنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ ، كۆرمەسكە سېلىپ ئۆزى بىلگەنچە ئىش قىلغانلار بىردەك مۇنبەردىن قوغلاپ چىقىرىلىدۇ ، تىزىم نومۇرى ئۆچۈرىلىپ ،   IP سى قانۇن ئورگانلىرىغا تاپشۇرۇپ ، قانۇنى جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ .

2. شەخس ياكى بىرەر ئورگاننىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەنلەر ياكى زىيان يەتكۈزۈشكە ئۇرۇنغانلار ، بىراۋغا يەنى مەلۇم شەخسكە قورقۇتۇش ، تەھدىد سىلىش خاراكتىردىكى سۆزلەرنى قىلىغانلار،ئالدامچىلىق مەخسىتىدە ساختا-يالغان ئېلان خاراكتىرىدىكى تىمىلارنى يوللىغانلار ( مەسىلەن : يالغاندىن مۇراجەتنامە ، يالغاندىن شەكلى ئۆزگەرگەن ئېلان )  خاراكتىردىكى تېمىلارنى يوللىغانلار بىردەك مۇنبەردىن قوغلاپ چىقىرىلىدۇ ، نۇمۇرى ئۆچۈرىلىدۇ ، ھەمدە قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ IP سى قانۇن ئورگانلىرىغا تاپشۇرۇپ بىرىلىدۇ.

3. ئىجتىمائى ئەخلاققا ۋە تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلماي ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىگە ، مىللەتلەر ئىتىپاقلىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان باش سۈرەت ۋە ئېمزا سۆزى يېزىۋالغانلار ،  توردا ئەخلاقسىز گەپ-سۆزلەر بىلەن بىر-بىرسىنى تىللىغانلار ،  باش سۈرەت ، ئىمزا رەسىم قاتارلىقلارغا شەخسنىڭ زىدىغا تىگىدىغان رەسىم ياكى سۆزلەرنى چىقىرىۋالغانلار  قىلمىشىنىڭ ئىغىر يىنىكلىك دەرىجىسىگە ئاساسەن مۇنبەرنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىنچە جازالىنىدۇ.(ئاگاھلاندۇرۇش ، قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش ،  تەنقىدى-تەربىيە بىرىش ، كۈنلۈك زىيارىتىنى ياكى ئىنكاسىنى چەكلەش ، ھەپتىلىك زىيارىتىنى ياكى ئىنكاسىنى چەكلەش،  ئايلىق زىيارىتىنى ياكى ئىنكاسىنى چەكلەش ، يىللىق ئىنكاسىنى ياكى زىيارىتىنى چەكلەش ، نۇمۇرىنى توڭلىتىش  ، قانۇن ئورۇنلىرىغا تاشۇرۇش . )...قاتارلىقلار .


4. ئالى ئەزا ۋە لۈكچەكلەر مۇنبەرنىڭ ئىشەنچىلىك ۋە مۇنبەر ئۈچۈن كۆپ ئەجىر قىلغان ئەزالار . ئۇلارنى قوغداش مۇنبەرنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرىچىدۇر ،شۇنداقلا ئالى ئەزا ۋە لۈكچەكلەرمۇ ھەر ۋاقىت مۇنبەرنى قوغداش ۋە ھەر قايسى ئەزالارغا ئۈلگە بولۇش ئۇلارنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچى . شۇڭا ئالى ئەزا ۋە لۈكچەكلەر گەپ سۆزلەردىلا ئەمەس ئەزالارنى ئىتىپاقلاشتۇرۇشتىمۇ سەل ئاكتىپراق ئورۇندا تۇرىشىنى ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان گەپ سۆزلەرنى ئۇچراتقان ھامان ۋاقتىدا رەدىيە بېرىپ تۇرشىنى ، شۇنداقلا يۇقارقىدەك گەپ سۆزلەرنى قىلماسلىقىنى قەتئى ئۈمىد قىلىمىز . ناۋادا ئالى ئەزا ۋە لۈكچەكلەر يۇقىرىدا دېيىلگەندەك گەپ سۆزلەرنى باش بولۇپ ئېغىزدىن چىقارغىنى بايقالسا شۇ ھامان دەرجىسى تۆۋەنلىتىلىدۇ ، ۋە قىلمىشى ئېغىر بولسا قانۇنى جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ .

5. مۇنبەر ئۈسدىدىكى ‹‹ مەنمۇ يوللايمەن ، مەستانىلەر نېمە دەيدۇ ›› دېگەن ئورۇنغا بۆشۈكتىكى زاكاڭلارنى تېپىپ چىقىپ چاپلىمايسىلە ، ئۇنىڭدىن باشقا ھەممىىنى يېزىپ باقىسىلە ، مەھەلىدىكى قوشناڭلارنىڭ كالىسى قارا تېزەكلىدىمۇ سېرىقمۇ شۇنىڭمۇ قوشۇپ يېزىپ قويىسىلەر ، ھەممىڭلار ئەينەككە قاراپ باقساڭلار چىرايىڭلاردىن نۇر پارلاپ تۇردىغان چىرايلىق باللار ، ئاشۇ يەرگە سەل ئىلمىرەك گەپ سۆزلەرنى قالدۇرساڭلار . شۇ ئورۇنغا 2 قېتىمدىن ئارتۇق چىچىلمىغان كالىدەك ئىنكاس يوللىغانلار بىردەك 1 ئاي مۇنبەر دوختۇرخانىسىنى تازلاشقا بۇيرىلىدۇ .  

6. توختىماي ئۇششاق نومۇر ئېلىپ مۇنبەرنى قالايمىقان قىلىۋاتقانلار دىققەت ، سەۋىر - تاقەتنىڭمۇ چېكى بار . ھازىرغۇچە قېرىنداشلىقنىڭ يۈزنى قىلىپ مەيلىگە قويىۋەتتۇق، بۈگۈندىن باشلاپ يۇقارقىدەك چوڭ نومۇرى چەكلەنگەن ئەھۋال ئاستىدا كىچىك نومۇر ئېلىپ كىرسە كىچىك نومۇرى مۇددەتسىز چەكلىنىپ ، چوڭ نومۇرىنىڭ چەكلىنىش مۇددىتى ئىككى ھەسسە ئۇزارتىلىدۇ . بۇنىڭدىمۇ توختىماي يەنە كىچىك نومۇر بىلەن مۇنبەر ئىتتىپاقلىقىغا تەسىر كۆرسەتسە شۇ جايىدىلا قانۇن ئورۇنلىرىغا مەلۇم قىلىپ ، تور ساقچىللىرىنىڭ نازارىتى ئاستىدا بارلىق ئىسپاتلارنى توپلاپ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىپ بېرىش توغرىسىدا دىلو مەلۇم قىلىنىدۇ .



بۇ توغرۇلۇق مۇنبەردە يۈز بەرگەن مەلۇم بىر ئىشنى ئەسكەرتىپ قوياي ، ئالدىنقى يىلى 8-ئاي 9- ئاي ئەتراپىدا  توختىماي كىچىك نومۇر  ئېلىپ مۇنبەرنى مالىمان قىلغان ، باشقۇرغۇچىلارنى ئۇچۇر قىلىپ ۋە يۈز تۇرانە تىللىغان ، مەلۇم بىر ئەزانى دىلوم مەلۇم قىلىپ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىپ بېرىشكى تاپشۇرۇلغان . ئاقىۋەت شۇ ئەزا  ، تور ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق ۋە مالىمانچىلىق ، قىلىپ قەستەن جېدەل قىلغان دەپ 15 كۈن مەمۇرى جەھەتتىن توختۇتۇلۇپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇلدى...


بۈگۈندىن باشلاپ مۇنبىرىمىزدە باشقۇرغۇچىلاردىن تەركىپ تاپقان  تەكشۈرۈش گورۇپىسى قۇرۇلدى . بۇ گورۇپپا مەخسۇس چوڭ - كىچىك ئەزالارنىڭ تېما ئىنكاسلىرىنى نازارەت قىلىدۇ . يۇقاردا دېيىلگەن قانۇن - بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ كىلىدىغان ھەر قانداق ئىنكاس تېما مۇنبەردىن ئۆچۈرلۈپ ، تېما ئىگىسى يۇقارقى بەلگىلىمىلەر بويىچە جازالىنىدۇ .


ئىناق - ئىتتىپاق مۇنبەر قۇرۇش ھەر بىر ئەزانىڭ باش تارتىپ بولمايدىغا مەجبۇرىيتى . شۇڭا تەشۈرۈش گۇرۇپىمىزدىن باشقا ھەر قانداق ئەزا ھوشيارلىقىنى ئۆستۈرۈپ ئۆستۈرۈپ ، ئەستايىدىلق بىلەن قانۇنغا خىلاپ گەپ سۆز تىمىلارنى بايقىغان ھامان باشقۇرغۇچىلارغا مەلۇم قىلىپ قويىشىنى ئۈمۈد قىلمىز .  . .  !!!
ئاخىرىدا ھەر قايسى ئەزالارنىڭ يۇقىرىسى دۆلتىمىزنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇن-تۈزۈملىرىگە قاتتىق رىئايە قىلىشىنى ، تۆۋىنى مۇنبىرىمىزنىڭ مۇناسىۋەتلىك قائىدە-تۈزۈملىرىگە بوي سۇنىشىنى ،  شۇنداقلا ئىللىق بولغان بىر مۇنبەر مۇھىتى ھازىرلاشقا بىر كىشلىك تۆھپە قوشىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز ھەمدە قىزغىن قارشى ئالىمىز!



ھۆرمەت بىلەن پۇتبول مۇنبىرى ئىشخانىسى .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2016-2-6 02:04:49 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن چوقۇم شۇنداق قىلىمىز!  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-6 02:08:55 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-6 02:13:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىمىسىمۇ بەزى گەپلەر سەل چەكتىن ئېشىپ كىتىۋاتقان ، باشقىلار دىسىمۇ ھېچنىمە بولمايدىكەنغۇ دەپ دەۋەرسەك ئاخىرى يوغىناپ كەتمىسۇن .
مۇقىملىق ۋە خاتىرجەملىك ھەممەيلەننىڭ ئورتاق نىشانى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-6 02:16:48 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جانلىق  قارار  بوپتۇ،ھەممىمىز  خەقنى تىللاپ  ئۆزگەرتىمەن دېمەي ئۆزىمىزنى ئۆزگەرتىشتىن باشلايلى ،بەك ئۆزگەرمىگەنگە  موما  قاسقانلاپ  با دەيدىغۇ بوۋاينىڭ يېنىدا  ڭھڭھڭھ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-6 02:22:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ئاندرويىدتا يېزىلغانئاندرويىدتا يېزىلغان
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-6 02:29:45 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋەلەيكۇم ئەسسالام، بوۋاينىڭ پىكرىنى قوللايمەن. ۋە تىنچ ئامان تور مۇھىتى يارتىشقا تىرشىمەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-6 02:29:50 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قەشقەرئوغلانى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-6 02:34  

مۇنبەرنىڭ بىر ئىللىق ئائىلە ئىكەنلىكىنى بىر سورۇن بىرداستخاندا ئولتۇرغاندا بىلىمىز ، شۇڭاھەممەيلەن ئىناق ئىتپاق بىر ئائىلە كىشلىرىدەك ئۆتەيلى مۇنبەرنىڭ قانۇن نىزامغا ھۆرمەت قىلغان ئاساستا ئوينايلى ، مۇنبەرنىڭ بىخەتەرلىكى ھەم ئۆزمىزنىڭ ساغلام مۇنبەر ئويىنىشمىز ئۈچۈن بىرلىكتە كۈچ چىقىرىپ مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتىغا ھەسسە قوشايلى،  مەنمۇ بۇندىن كىيىن مۇنبەرنىڭ ھەمدە قانۇن تۈزۈملىرگەئاڭلىق رىئايە قىلمەن .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-6 02:30:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنبەردىكى ئەسەبىيلىككە قارىشى تۇرىدىكەنمىزدە .
بۇلىدۇ مۇنبەرنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىياتى ئۇچۇن قوللايمەن .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-6 02:34:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەر قايسى بىر ئەزانىڭ مەيلى دەرىجىسى قانچىلىك يۇقىرى بولىشىدىن سىرت، چوقۇم مۇشۇ قائىدىلەرگە رىئايە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئەلۋەتتە مەنمۇ ھەم شۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-6 02:38:16 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى تۈزۈم بوپتۇ قائىدىگەخىلاپلىق قىلغۇچىلارنى قاتتىق بىرتەرەپ قىلىپ مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتىنى ئالدىغا سۈرەيلى ،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-6 02:39:34 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|دوختۇرخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2016-5-31 23:59

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش