elan ornielan orni
كۆرۈش: 1103|ئىنكاس: 29

مەشقاۋۇللار يۆتكۈلۈش پاراڭلىرى(..تەلۋە..)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ..تەلۋە.. تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-5 11:13  


2-ئاينىڭ5-كۈنى ئىتالىيەcalciomercatoئاخپارات ۋاستىلىرىنىڭ ئەڭ يىڭى ئىشەنچىلىك خەۋىرىدىن قارىغاندا ئىنگىلانت دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى چىلسى كۇلۇبى كىيىنكى پەسىللىك يىڭى تىرنىرىنى بىكىتىپ بولغان. ئۇ دەل ئىتالىيە بىرلەشمىسىدىكى يوۋىنتۇس كۇلۇبىنىڭ ھازىرقى مەشقاۋۇلى ئالاگىر. خەۋەرلەردە كۆرسۈتۈلىشچە،چىلسى كۇلۇبى بىلەن تىرنىر ئالاگىر توختام جەھەتتە بىردەكلىككە كىلىپ بولغان بولۇپ،ئىككى تەرەپ 4يىللىق توختام تۈزىدىكەن.يىللىق مۇئاشى5مىليۇن300مىڭ فورنۇستىرلىڭ بولىدىكەن. توختام ئىشى گەرچە ئوڭۇشلۇق ھەل بولغان بولسىمۇ ئەمما چىلسى تەرەپ ئورگان تورىدا مۇددەتتىن بۇرۇن ئىلان قىلىۋىتىشنى خالىمىغان.
ناۋادا ئالاگىر چىلسى كۇلۇبىغا تىرنىر بولۇپ قالسا بۇ چىلسى كۇلۇبىنىڭ5-قىتىملىق ئىتالىيلىك مەشقاۋۇلى بولۇپ قالىدىكەن. ئىلگىرى ۋىئارى، رانىرى، ئەنچىلوتتى ۋە دىماتىئو قاتارلىق ئىتالىيلىك مەشقاۋۇللار چىلسىنى يىتەكلەپ باققان. ئالاگىر بىر تەجىربىسى مول تاكتىكىغا ماھىر بىر يىتىشكەن مەشقاۋۇل.ئۇ ئىلگىرى كالىيارى،ئاس مىلەن ۋە يوۋىنتۇس كۇلۇپلىرىغا باش تېرنىر بولغان.2010-2011پەسىللىك ئىتالىيە بىرلەشمىسىدە ئۇزۇن يىل لوڭقىسىز قالغان ئاس مىلەن كوماندىسىنى بىرلەشمە چىمپىيۇنى قىلغان. كىيىنكى پەسىل ئاس مىلەن كۇلۇبىنىڭ يۇقۇرى قاتلىمى ۋە توپچىلار ئارىسىدا مۇقۇمسىزلىق ۋە زور قالايمىقانچىلىق يۈز بىرىپ ئاخىردا ئالاگىر شۇ ۋەزىيەتنىڭ قۇربانى بولغان.ئالاگىر ئىشتىن چۈشكەندىن كىيىن كىيىنكى پەسىلدىن باشلاپ،كونتىنىڭ قولىدىن يوۋىنتۇسنىڭ قامچىسىنى ئالغان.ۋە شۇ يىلىلا تاغىل ئات قوشۇنىنى بىرلەشمە چىمپىيۇنى ۋە بىرلەشمە لوڭقىسى چىمپىيۇنى قىلغان. شۇنداقلا خان مادرىتتەك كۈچلۈك كوماندىلارنى مەغلۇپ قىلىپ،ياۋرۇپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچقا كىرگەن. بۇ پەسىللىك ئىتالىيە بىرلەشمىسىدە يوۋىنتۇس كۇلۇبى بىرلەشمىدە13مەيدان ئۇدا غەلبە قىلىپ،كۇلۇپ تارىخىدا يىڭى رىكورت بارلىققا كەلتۈردى. گەرچە بىرىنجى ئورۇندىكى ناپولىدىن پەقەت2نۇمۇرلا كەينىدە بولسىمۇ ئەمما كىلەركى ھەپتە ئۆز مەيدانىدا ناپولىنى غەلبە قىلالىسىلا سەركىلىك ئورنىغا چىقىدۇ.ئالاگىر چىلسىغا مەشقاۋۇل بولسا،ئۇ دەل گوئادىيۇلا باشچىلىقىدىكى مانچىستىر شەھىرىنىڭ يولىنى توسۇيالايدىغان ئەڭ ئىشەنچىلىك تىرنىرلارنىڭ بىرى بولۇپ قىلىشى مۇمكىن.


ئەنگىليە ئەينەك گىزىتى ۋە ئىتالىيلىك مۇخپىر Alessandro Alciato نىڭ ئەڭ يىڭى خەۋىرىدىن قارىغاندا چىلسى كوماندىسىدىن ئايرىلىپ ئارام ئىلىۋاتقان مورىنىيۇ كىيىنكى پەسىلدىن باشلاپ مانچىستىر بىرلەشمىسىنىڭ باش مەشقاۋۇللۇق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدىكەن. ئەينەك گىزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشچە مانچىستىر بىرلەشمىسىنىڭ CEOسى ۋودۋود مۇشۇ ھەپتە ئۆزىنىڭ قارارىنى ئىلان قىلغان بولۇپ، بۇ يىل يازدا ۋانجالنى ئىشتىن بوشىتىكەن.مورىنىيۇ دەل ۋانجالنىڭ ئورنىغا چىقىدىغان ئەڭ مۇۋاپىق تاللاشكەن.
بوشلۇق تەنتەربىيەسى مۇخپىرى Alessandro Alciato تىۋىتتىردا ئىلان قىلىپ، مورىنىيۇ مانچىستىر بىرلەشمىسى بىلەن بىردەكلىككە كىلەي دەپ قالدى. يىقىندا گوئادىيۇلا باشچىلىقىدىكى مانچىستىر شەھىرى بىلەن كاتتا بولغان دۆلەت دىربىسى مەيدانغا كىلىدۇ دەپ يازغان.
لىكىن ۋانجالنىڭ توختام ۋاقتى كىلەر يىلى يازدا توشىدىغان بولغاچقا،ۋودۋود مانچىستىر بىرلەشمىسىنىڭ باشقا يۇقىرى قاتلام رەھپەرلىرى بىلەن كىيىنكى ھەپتە يىغىلىش قىلىپ ۋانجالنىڭ كەلگۈسىنى بىكىتىدىكەن.


يىقىندا خانلىق مادرىتتىن ئىشتىن بوشىتىلغان ئىسپانىيلىك تىرنىر بىنتىز كونا ئائىلىسىگە قايتىپ كەلمەكچى. ئىسپانىيە ۋالونسىيە كۇلۇبى يۇقىرى قاتلىمى ھازىر بىنتىزنىڭ ۋاكالەتچىسى بىلەن سۆھپەتلىشىۋاتقان بولۇپ،بىنتىزنىڭ كونا ئائىلىسىگە قايتىپ كىلىشنى خالايدىغان ياكى خالىمايدىغانلىقىنى بىلمەكچى بولغان.ئەگەر بىنتىز تەكلىپنى قوبۇل قىلسا كۇلۇپ تەرەپ دەرھال ھازىرقى مەشقاۋۇل نىۋىلنى ئىشتىن بوشىتىدىكەن. بىنتىز 2001-يىلدىن2004-يىلغىچە ۋالونسىيە كۇلۇبىنىڭ باش تىرنىرى بولغان.

گوللاندىيە ئەيىنخوۋىن كۇلۇبى ئورگان تورىدا 39ياشلىق ئىلگىركى داڭلىق چولپان ۋانتىستىرۇينىڭ كوماندا تېرنىرلا ئەتىرتىگە قوشۇلغانلىقىنى ئىلان قىلدى. ۋاننىستىرۇي كىيىنكى پەسىلدىن باشلاپ رەسمى ھالدا ئەيىنخوۋىن كۇلۇبىدا خىزمەت قىلىدۇ.ۋە كوماندىنىڭ 17 ياشلىقلا،19ياشلىقلا ۋە تەييارلىق كوماندىلىرىنى يىتەكلەيدۇ.ۋاننىسترۇي ھازىرمۇ گوللاندىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ ياردەمچى مەشقاۋۇلى بولۇپ،يىقىندا ئۇ خىزمىتىدىن ئىستىپا بىرىدۇ. ۋە كىيىنكى پەسىلدىن باشلاپ PSVنىڭ تېرنىرلا قوشۇنىدا خىزمەت قىلىدۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2016-2-5 11:09:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇنگۇن بىر خەۋەردە چېلسىغا كىلىدىغىنى شەھەردىن ئىشتىن چۇشكەن پىلەيگىرنى دىگەندەك خەۋەرلەر تورىتى ، بۇگۇن بۇ چىقىپتۇ ، قارسام بۇ بوپقالغۇدەك ، سىمونى كەلمەيدىغان بولغان ئوخشىمامدۇ ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-5 11:13:23 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىلەر يىلى ئنگىلاندتىن ئىش چىقامدۇ نىمە؟  مىنىڭچە گۇئاردىئولا كەلسىمۇ شەھەر بىلەن مانچىستىر بىرلەشمىسىنىڭ مۇسابىقىسى ئىنگىلاند دۆلەت دىربىسى بولالمايدۇ، چۈنكى شەھەر باش كۆتۈرگىلى نەچچە يىل بولدى. ھەقىقىي ئىنگىلاند دىربىسى مانچىستىر بىرلەشمىسى بىلەن لېۋىرپولنىڭ مۇسابىقىسى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-5 11:15:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
exaniq يوللىغان ۋاقتى  2016-2-5 11:09
تۇنگۇن بىر خەۋەردە چېلسىغا كىلىدىغىنى شەھەردىن ئىشتىن ...

پىلەيگىرىنىڭ كىلىشى ناتايىن،ئابلاموۋىچ مىنىڭچە ھەرگىز ئۇنىڭغا قامچا تۇتقۇزمايدۇ. بۇ پەقەت بىر كىچىككىنە ئىھتىماللىق بولۇشى مۇمكىن.ئەمما ئالاگىرنىڭ كىلىشى ئىشەنچلىكرەك.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-5 11:18:04 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
exaniq يوللىغان ۋاقتى  2016-2-5 11:09
تۇنگۇن بىر خەۋەردە چېلسىغا كىلىدىغىنى شەھەردىن ئىشتىن ...

ئاتلىتكىنىڭ ئىرادىسىچىڭكەن ، گىرىزمەن نى سېىتىۋەتمەسلىك ئاساسىدا  سىمونى نىمۇ  ئەپ قالىدىكەن ...  دېمىسىمۇ سىمونى  ئاتلىتكا ۋە ئاتلىتكا توپچىلىرىغا سىڭىپ كەتتى ...  ئاتلىتكا  بۇنى قويۇۋەتسە  ، بۇنداق مەشقاۋۇلنى تاپمىقىنىڭ تەسلىكىنى  ئوبدان بىلىدۇ ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-5 11:18:11 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالېيگىرى كۆرۈشۈش سوۋغىسىغا پوگبا بىلەن دىبالانى ئالغاچ كېلەلىگەن بولسا ياخشى بولاتتىدە.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-5 11:35:28 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئ‍الېيگىرىمۇ چىلسى ئ‍ۈچۈن ياخشى تاللاش ،  ئ‍ەمدى ئ‍ىنگىلاتتن ئ‍وت چىكىتىدىغان بولدى  ، سېمونى كۇلۇپ تۇتماي  ئ‍ارگىنتىناغا  بارسا بۇلاتتى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-5 11:37:39 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماكانىم يوللىغان ۋاقتى  2016-2-5 11:18
ئالېيگىرى كۆرۈشۈش سوۋغىسىغا پوگبا بىلەن دىبالانى ئالغ ...

سەرالىقلار  بوگبانىڭ  باھاسىنى بەك  ئۆرلىتىۋېتەمىكى  .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-5 11:38:23 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    كىلەر  يىلى  داڭلىق  مەشقاۋۇلارنىڭ ھەمىسى ئېنگىلاندتتا يىغلىامدۇ  نېمە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-5 11:47:21 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىمونى كىلدۇ دەپ ئىشتەي ساقلاپ ئولتاسام نىمە ئىشلا بولۇپ كىتۋاتدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-5 11:51:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بېنتىزنىڭ ئىشلىرى ئاسان بولغاي،  ھەيدىۋەتكەنلەر ئوتتا قالغاي،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-5 11:52:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېرىنىر  يۆتكۈلۈش  پەسلى  بوپ  كەتتىغۇ  بۇ پەسىل
ئاندرويىدتا يېزىلغانئاندرويىدتا يېزىلغان
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|دوختۇرخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2016-6-6 13:33

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش