elan ornielan orni
كۆرۈش: 1047|ئىنكاس: 47

نىۋىل ئىستىپا سورىشى كېرەك

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
56a92476bb594dc45d7e689bb0dff872e37cdccd.jpg


شاھلىق لوڭقىسىدا ۋالۇنسىيا بارسىلوناغا 7-0 نەتىجە بىلەن ئېچىنىشلىق ئۇتتۇرۋەتكەندىن كېيىن، ۋالۇنسىيانىڭ ئىلگىركى رىۋايەتلىك قاپقىچىسى كانىزىئارىس نىۋىلنىڭ ئۆزىنىڭ ئىستىپا سورىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى، ھەمدە مەستانىلەردىن كەچرۈم سورىدى.

نىۋىل ئۆتكەن يىل 12 ئايدا كوماندىنى قولغا ئالغان بولۇپ، ھازىرغىچە بىر مەيدانمۇ غەلبە قىلىپ باقمىغان، كانزىئارىس بۇ مانچېستىرنىڭ ئىلگىركى كاپىتانىنى مىستاللا مەيداندىن كېتىشنى ئۈمىد قىلىدىكەن.

كانزىئارىس تىۋىتتىردا: « بۇ ۋالۇنسىيانىڭ مەن ئەقلىمنى بىلگەندىن بۇيانقى ئەڭ ئېچىنىشلىق ئۇتتۇرۋېتىشى بولدى، ئىلگىركىKarlsruhe قا (1993، 0-7) ۋە سالامانكا (1995، 0-4)  ئۇتتۇرۋېتىش بىلەن ھەرگىزمۇ سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ» دېگەن.

«نىۋىل ئۆزى تەشەببۇسكارلىق بىلەن خىزمىتىدىن ئىستىپا سورىشى، مەستانىلەردىن كەچرۈم سورىشى كېرەك ئىدى، ئەمما نىۋىل ئۇنداق قىلمىدى، بۇ ئىش مېنى ھەيران قالدۇردى، مەن ئۇنى سەمىمى كىشى دەپ بىلەتتىم.»

«ئەگەر پىتارچ يەنە ئۆتكەن دۈشەنبە كۈنىدىكىدەك نىۋىلغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرسە، مەن بەك ئەپسۇسلىنىمەن. ئەگەر ئۇ گەپلەر پىتارچنىڭ كۆڭلىدىكى سۆزلەر بولماي قالسا، ئەتىلا نىۋىلنىڭ ئىشىنى بىر تەرەپ قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئەمما ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلىشى تەس، ئەمما نىۋىل كەتسە راست ياخشى بولاتتى.»

«مۇسابىقە نەتىجىسىدىن تېخىمۇ ئېچىنىشلىق بولغىنى ئۇلار ۋاز كېچىشنى تاللىدى. ھەر قانچە قىيىن شارائىتتا قالغان بولسىمۇ ئۇلار ئۆزىنىڭ كۈچىگەنلىكىنى بىلدۈرشى كېرەك ئىدى. مۇستافى مۇسابىقىدىن كېيىن ئويلىغانلىرىنى ئېيتتى، ۋالۇنسىيە مەستانىلىرى ئۇنىڭغا رەھمىتىنى بىلدۈرىدۇ.»

«مەن پەقەت بۇ يىلقى ئىشلاردىن كېيىن كوماندىنىڭ كىمنىڭ سەمىمى، كىمنىڭ شەكىلۋاز ئىكەنلىكىنى ئايرىۋېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، ئەگەر بۇنى قىلالىسا، كوماندا تېخىمۇ ياخشى بولۇپ كېتىدۇ. »

«ئاخىردا، ھازىر ۋالۇنسىيا مەستانىلىرى ئېغىر تاللاشقا دۇچ كەلدى، بىز قارار چىقىرشىمىز كېرەك، ئۆزىمىزنى تاشلىۋەتسەك بولمايدۇ، ئالغا ۋالۇنسىيا.»
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2016-2-4 16:11:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۈرمىدىن قېچىش فىلىمىدىكى چاي خالتىسىغا ئەجەپ ئوخشايدىكەن دىسە!(چاقچاق)
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-4 16:15:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شەپەرەڭلەرنى ئۆلتۈرۈپلىۋەتتى بۇ ئاداش....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-4 16:18:43 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا    ئىلگىرىكى  ساقاللىق  مەشقاۋۇل  خېلى  ئوبدان  يىتەكلىگەن  شەپەرەڭلەرنى  ،   كۈچلۈكلەرنىمۇ  پوش   دىمەيدىغان    ۋالىنسىيە   ئىدى   ،  ئەپسۇس    ھازىر   بىرلەشمىدىمۇ   ئوتتۇرىدا    لەيلەپ   يۈرۈيدۇ  ……
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-4 16:18:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارسىلونا يەنە نەچچە تىرنىرنىڭ بىشىغا چىقار؟ بىنتىزمۇ بارسىلوناغا ئىچىنىشلىق ئۇتتۇرۇشتىن كىيىن تىرنىرلىق ئورنى لىڭشىپ قالغان، ئەمدى نۆۋەت كىمگە كەلگەندۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-4 16:21:19 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-4 16:25:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخېرقى جۈملىسى ئىسىلكە !!!

بىز  ئۆزىمىزنى تاشلىۋەتمەسلىكىمىز   !  

ئالغا  بارسېلونا !
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-4 16:28:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   باتىستۇتا11 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-4 16:30  

نېۋېل  ئىستىپا سورىسا بولىدۇ ، ماھېرلارمۇ تازا قارشى ئالمايدىغاندەك  كۆردۈم ، بىرلەشمىدە ئۇچىراشقان ۋاقتىدىكى شەپەرەڭنىڭ جەڭگىۋار روھىنى مۇسابىقە  ئوتتىردا 10 مىنتۇلام كۆردۈم ،  ئىشەنمىسەڭلار مۇسابىقىنىڭ خالىغان يېرىدىن 10 مىنۇت كۆرۈڭلار .
http://www.zhibo8.cc/zuqiu/2016/0204-basa-luxiang.htm
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-4 16:29:04 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچمۇ بۇ شەپەرەڭلەرگە ماس كەلمەيدىكەن ...  ئالدىنقى يىللاردىكى ئىسپانىيەنىڭ تۆت نوچىسىنىڭ بىرى ..  ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقنىڭ دائىملىق مىھمىنى قېنى ....  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-4 16:29:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋالۇنسىيە ئۆتكەن پەسىلدە ئۇزغۇنلۇق بېلىتى ئالغان كوماندا ئىدى . بۇ پەسىل ھالى بەكمۇ بوش ، شۇڭا مۇشۇنداق گەپلەرنىڭ چىقىش تەبىئىي .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-4 16:33:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نېۋىل . مانچىستىرنىڭ 92 قارانىڭ  ئوقۇغۇچىسنىڭ بىرسى شۇمۇ ؟  ھەييييي. ئىسىل كىشىلەرتى  ھەجەپ  ئىشلىرى يۈرۈشمەي كەتتا  شۇ قارانىڭ باللىىرنىڭ  ....... ئاڭلىسام پىلەيگىرنى نىشانلاۋېتىپتىغۇ ۋالىنسىيە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-4 16:40:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىۋىل كەلمەستىمۇ ۋالۇنسىيانىڭ ئىپادىسى ئۇنچىۋالا ياخشى ئەمەس ئىدى، ئەمما نىۋىل تۇتقاندىن كېيىن ياخشىلنىش بولمىدى، 13 مەيداندا بىر مەيدانمۇ ئۇتۇپ باقمىدى، ئالدىنقى ئايلانمىدى گىھونغا ئۇتتۇردى، كېيىن بارسىلوناغا قىرغىن بولدى.

ۋالۇنسىيا يازلىق بازاردا 100 مىليوندىن ئارتۇق پۇل خەجلىگەن، خەجلىگەن پۇلىغا ئالغان نەتىجىسىنىڭ تايىنى يوق، مەستانىلەرنىڭمۇ ئاچچىغى بار.

ۋالۇنسىيانىڭ كېيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىمۇ تېنىچ ئەمەس، تېخى يېقىندا ئالدىنقى كاپىتان پارىخونى كاپىتانلىقتىن ئېلىپ تاشلاپ، نېگىرېيدو بىلەن پاكونى قوش كاپىتان قىلدى، پارىخونىڭ كاپىتانلىقتىن قېلىشىغا مەستانىلەرمۇ ھەيران.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|دوختۇرخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2016-6-1 17:01

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش