ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 2071 |
تۆھپىسى: سەر |
|
پۇتبول مەيدانىدىكى تەسىرلىك ئىشلار دائىم تۇيۇقىسىزلا يۈز بېرىدۇ، شۇ سەۋەبتىن سىز قەلبىڭىزدىكى ھەسىرەت ۋە كۆز چانىقىڭىزدىن بىر قانچە تامچە ياشنىڭ لىغىرلىغىنىنى ھېس قىلالماي قالىسىز. بۇ خىل ئەرلەرنىڭ تەنھەرىكىتىدىكى جەسۇرلۇق ۋە قايناق ھېسىيات كىشى قەلبىنىڭ ئەڭ نازۇك جايلىرىغا تەسىر قىلماي قالمايدۇ.
پۇتبول ئىنتايىن رەھىمسىز ،ئۇ نۇرغۇنلىغان توپچىلارنىڭ كۆزيىشىنىڭ تۆكۈلىشىگە سەۋەپچى بولۇپ قالىدۇ ،لىكىن ئۇ كۆزياشلارنىڭ ھەممىسى ئازاپلىق كۆزياشلار بولىشى ناتايىن.............................
2006- يىللىق دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە بېكخام يارلانغانلىق سەۋەبىدىن ئالماشتۇرىۋېتىلگەن، بۇ ئۇنىڭ كەسپى ھاياتىدىكى ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشىشى ئىدى، مانا شۇنىڭدىن كېيىن بېكخان ئۆزى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئېنگىلاند دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشالمىدى، ئەنە شۇ ۋاقىتتا ھەممىمىز مەستانە بولۇپ يۈرگەن شۇ ئالتۇن چاچلىق كېلىشكەن يىگىتكە ئىچ ئاغرىتقانمۇ، شۇ ۋاقىتتىكى بېكخامنىڭ كۆز يېشىنى چۈشەنگەنمۇ؟
ئەگەر سىز ئەر كىشى بولسىڭىز، چىملىقتا يۈگىرەپ بېقىڭ، شۇ يۈگۈرگەندىن كېينكى غەلبىدىن ھۇزۇرلىنىپ بېقىڭ، ئەگەر سىز ئەر كىشى بولسىڭىز مەيلى غەلبە قىلىڭ ياكى مەغلۇپ بولۇپ، سىز ئۆزىڭىزنىڭ كەيپىياتىنى كونتىرول قىلىشنى ئۆگۈنۈڭ، ئۇ غەلبە ياكى مەغلۇبىيەتتىن ئۆزىڭىزنى قاچۇرماڭ.
لېكىن بۇ ئىشلارنى كىرىستىيانو رونالدو قىلالمىدى، موسكۇۋادىكى يامغۇرلۇق كېىچدە غەلبە قىلىپ تۇنجى ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىنى ئالغان ۋاقىتتا رونالدو خۇددى كىچىك بالىدەك يىغلاپ كەتكەن، چۈنكى بۇ شان شەرەپ ئۇنىڭغا تەۋە ئىدى، ئۇ كوماندا بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرىدى، يەنە ئۇلارغا باشلامچىلىق قىلىپ چېمپىيونلىقنى قولغا كەلتۈردى، بۇ كۆرىنىش ھازىرمۇ كۆپىنچە مەستانىلەرنىڭ يادىدا بولسا كېرەك.بۇ يىگىت نىمە ئۈچۈن يىغلايدۇ؟چۈنكى ئۇ سۆيگەن ۋەتەن ئىچىنىشلىق ھالدا شاللىنىپ كەتتى ،بۇيىگىت قەلبىگە ناھايىتى ئۇلۇغ بولغان غايىنى تىكلىگەن ،ئۆزىنى ئۆستۈرگەن شۇ ئانا تۇپراققا «مانا مەن»دەپ مەيدىسىگە گۈپ-گۈپ ئۇرالىغۇدەك جاسارەت ئاتا قىلماقچى ئىدى.بۇ ئۇنىڭ ئازاپلىق كۆز يىشى ئىدى.
ئۇنىڭ ئىسمى فېرىي، ئۇ بىر نامى چىقمىغان توپچى، بۇ 2008- يىللىق ياۋرۇپا لوڭقىسى پۇتبول مەيدانى ئىدى، ئۇ شىۋىتسارىيە دۆلەت كوماندىسنىڭ كاپىتانى ئىدى، فېرىي شىۋىتسارىيە دۆلەت كوماندىىسغا ۋاكالىتەن خەلقارالىق چوڭ مۇسابىقىگە قاتنىشىشنى چۈشىدىمۇ ئارزۇ قىلاتتى، ئەنە شۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشقان ئىدى، ئۇ كوماندىنى يېتەكلەپ ياۋرۇپا لوڭقىسىغا قەدەم قويدى. لېكىن مۇسابىقە داۋاملىشىپ ئالدىنقى مەيدان ئاخىرلىشاي دىگەندە بىر قېتىملىق توپ تالىشىش جەريانىدا يارلاندى. كوماندا دوختۇرى نەق مەيداندا داۋالاش ئېلىپ بارغان بولسىمۇ لېكىن ئۇ يەنىلا مۇسابىقىدىن ۋاز كىچىشنى تاللىدى، يەنى ياۋروپا لوڭقىسىغا خەيىر خوش دىمەكتىن باشقا ئامال يوق ئىدى. ئۇنىڭ ئارزۇسى ئەمدى باشلىنىپ مانا مۇشۇنداقلا ئاخىرلاشتى. بىر توپچىغا نىسپەتەن بۇ ھەقىقەتەن بەك رەھىمسىزلىك ئىدى، فېرىي نىڭ ئۆزىنى تۇتالماي يىغلاپ تاشلىشى ھەممەيلەنگە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان ئىدى.
فېرىي چىداملىق بول، سەن مەڭگۈ شىۋىتسارىيە مەستانىلىرنىڭ قەلبىدىكى قەھرىمانسەن!
2010- يىلى جەنۇبى ئافرىقا دۇنيا لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، ئىسپانىيە دۆلەت كوماندىسى ۋە گوللاندىيە دۆلەت كوماندىسى كەسكىن بولغان بىر مەيدان جەڭنى باشتىن كەچۈردى، مۇسابىقە داۋاملىشىپ 114 مىنۇتقا قەدەم قويغاندا، ئىسپانىيەلىكلەر تېزدىن قايتارما ھۇجۇمغا ئۆتىدۇ، فابرىگاسنىڭ تۈز پېسى ئىنىستانىڭ پۇتىغىلا چۈشىدۇ ۋە بۇ بارسىلونالىق يىگىت توپنى ۋارتارغا تېپىدۇ، توپ ئالقىش سادالىرى بىلەن بىرلىكتە ۋارتارغا كىرىدۇ. 1.0 نەتىجە بىلەن ئىسپانىيە كوماندىسى تارىختىكى تۇنجى دۇنيا لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈرىدۇ. پۈتۈن دۇنيادىكى ئىسپانىيە مەستانىلىرى شادلىققا چۆمىدۇ، ئۇلار ئۆزىنىڭ پۇتبول سەنئىتى ئارقىلىق سەنئەت خاراكتىرلىق پۇتبولنىڭ كۈچ خاراكتىرىدىكى پۇتبولنى مەغلۇپ قىلالايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان ئىدى، بۇ بولسا سەنئەتنىڭ غەلبىسى ئىدى، بۇ بولسا بوشاشماسلىقنىڭ غەلبىسى ئىدى، بۇ بولسا نەچچە ئەۋلاد ئىسپانىيەلىكلەرنىڭ غەلبىسى ئىدى، بۇ بولسا ........... پۇتبولنىڭ غەلبىسى ئىدى.
سىرتقى تەسىراتى ئادەتتىكىچە، لېكىن ئىسسىق ياش ئاقتۇرۇشقا سەۋەبىچى بولغان بۇ پۇتبول ھېكايىسىنى، مەن نەچچە ئېغىز سۆز بىلەنلا سۆزلەپ ئۆتمەكچى، ئېدوردو كىچىك ۋاقتىدا ئائىلىسى بەك نامرات بولۇپ ۋارتار پەلىيى سېتىۋالغۇدەكمۇ پۇل يوق ئىدى، لېكىن ئۇنىڭ ئاتىسى ئۇزۇن ۋاقىت پۇل يېغىش ئارقىلىق پەلەي سېتىۋالغۇدەك پۇل جەملىگەن ۋە موتوسىكىلىتقا مىنىپ ۋارتار پەلىيى سېتىۋېلىش ئۈچۈن ماڭغان، لېكىن كىممۇ ئويلىغان دەيسىز ئۆيگە قايتىش جەريانىدا قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچراپ ئالەمدىن ئۆتكەن.
پورتۇگالىيە دۆلەت كوماندىسنىڭ ئىلگىركى مەشقاۋۇلى چۇرىز ئېدىردوغا ھەمىشە مۇنداق دەيتتى: ئېدىردو سېنىڭ ئاتاڭ ئاسماندا ھەر ۋاقىت ساڭا قاراپ تۇرىۋاتىدۇ.
جەنۇبى ئافرىقا دۇنيا لوڭقسىى مۇسابىقىسىدىن بۇرۇن گېرمانىيە دۆلەت كوماندىسنىڭ ۋارتارى ئېنىك تۇرمۇش بېسىمى سەۋەبلىك ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالىدۇ، بىراق دۇنيا لوڭقىسى مەزگىلىدە گىرمانىيەنىڭ زاپاس ئەزالار ئورۇندۇقىدا ئېنىك نىڭ بىرىنچى نۇمۇرلۇق كىيمى ھەر دائىم قويۇپ قويۇلغان بولاتتى.
ئەمىلىيەتتە سەن بىزدىن ئايرىلمىدىڭ، سەن ھەر ۋاقىت بىز بىلەن بىرگە.........
ۋېنگىر بىلەن فورگوسىن 20- ئەسىردىن باشلاپ ئېلىشپ 21- ئەسىرگىچە كەلدى، يېقىنقى 20 نەچچە يىللىق بوران چاپقۇنلۇق كۈنلەردە بۇ قېرىلار بېسىم ۋە ۋەزىپىلەرگە چىداپ كەلدى، ئۇلار ئۆزىنىڭ كوماندىسنى يېتەكلەپ چېمپىيونلۇق ئۈچۈن ئالغا ئىلگىرلەيتتى، ئۇلار ئۆز ئارا ھۆرمەت قىلىشاتتى، ئۇلار ئۆز ئارا ئادەۋەت ساقلىشاتتى، ئۇلار ئۆزىنىڭ پۇتبول ئىدىيەسىدە چىڭ تۇراتتى، ئۆزىنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىنى ئېتراپ قىلمايتتى، بەلكىم ئۇلار دەم ئېلىشقا چىققاندىن كېيىن ئۆيىدە گۈل تېرىغاچ ئىلگىركى رەقىبنىڭ ھازىر نىمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى، ئەھۋالىنىڭ ياخشى ياكى ئەمەسلىكىنى ئويلاپ قېلىشى مۇمكىن.
چۈنكى ياردەم قول ( تەڭرىنىڭ دىيىشنى خالىمىدىم) بولغاچقا مارادونا باشقىلار تەرىپىدىن ھەر جەھەتتە تالانتلىق دەپ قارالغان، قولى بىلەن توپنى توسقان سەۋەبلىك ئۇرۇگۋايلىق سۇيارىس ئاز بولمىغان ئەيىبلەشلەرگە ئۇچرىغان. مانا شۇ ۋاقىتتا دۆلەتنىڭ شان شەرىپى، كوماندىنىڭ غەلبىسى ئۈچۈن سۇيارىس بار تىرىشچانلىقىنى تىككەن ئىدى، ئۇ ئىككى قولىنى چىقىرىپ تۇرۇپ قوشۇپ بېرىلگەن ۋاقىتنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىدا گانالىقنىڭ ۋارتارغا تەپكەن توپىنى توسۇپ قالغان. گەرچە گانا كوماندىسىغا نوقتا توپ بېرىلگەن بولىسمۇ لېكىن ئۇلارنى ئۇنى ئۇرالماي، ئاخىرى نوقتا توپ جېڭىدە شاللىنپ كەتكەن. مانا مۇشۇ ۋاقىتتا ئۇرۇگۋايلىقلارغا نىسپەتەن ئۇ ساراڭ ئەمەس ئىدى، ئۇ تەنتەربىيە ئەخلاقىنى چۈشەنمەيدىغان تەنھەركەتچى ئەمەس ئىدى، ئۇ بولسا ئۇلارنىڭ پەخرى ئىدى.
2006 دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونى ئىتالىيە جەنۇبى ئافرىقا دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە 3 مەيداننىڭ بىرسىدىمۇ غەلبە قىلالماي شاللانغان، ئىتالىيەلىك توپچىلار جەنۇبى ئافرىقا پۇتبول مەيدانىدا كۆز ياشلىرىنى قالدۇرۇشقان، بىراق كوماندا كاپىتانى كاناۋارو ئۇنداق قىلسا بولمايتتى، ئۇ ئىتالىيەنىڭ ئوبرازىغا ۋەكىل ئىدى، ئۇ سەبداشلىرىغا تەسەللى بەرگەن، ئۇلارنىڭ داۋاملىق پۇتبول ئارزۇسى ئۈچۈن ئالغا بېسىشقا ئىلھاملاندۇرغان، بىراق كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىگە كىرگەندىن كېيىن ئۆزىنى تۇتالماي ئۆكسۈپ يىغلاپ كەتكەن، كاناۋارو بولسا بىر ئەركەك .
بۇ بولسا ئىككى پارچە ھەقىقى ۋەقە، زانتى ئېنتىر مىلەن كوماندىسىدا ۋاكالىتەن 20 يىلغا يېقىن تۆھپە قوشقان، ئۇ ئۆزىنىڭ ھاياتىنى كۇلۇپقا تەقدىم قىلغان، گىگىس مانچىستىردا 20 يىلدەك توپ تەپكەن، ئۇنىڭ روھى كوماندىنىڭ تۈۋرىكى بولماقتا. ئۇلار بولسا تالانلىق توپچىلار، كۆپنىچە مەستانىلەرنىڭ ئۇلارنى ياقتۇرىشىدىكى سەۋەب بولسا ئۇلارنىڭ سادىقلىقى، ئۇلار يۇقىرى مۇئاشنىڭ قىززىقتۇرىشىغا پەرۋا قىلمىغان، ئۇلار ئۆزىنىڭ كەسپى ھاياتىنى بىر كوماندىغىلا ئاتىغان، ئۇلار ئۆزىنىڭ ئەمىلى ھەركىتى ئارقىلىق سادىقلىق دىگەن سۆزنى ۋايىغا يەتكۈزگەن. 20 يىلنىڭ ئالدىدىكى مەيداندا تىركىشپ ئوينىغانلار 20 يىلدىن كېيىن يەنە شۇ مەيداندا توختىماي يۈگرەۋاتاتتى، زانىتى، گىگىس سىلەر بولساڭلار پۇتبول دۇنياسىدىكى قېرىماس رىۋايەتلەر، سىلەر بولساڭلار سادىقلىقنىڭ ئەڭ ياخشى ئۈلگىلىرى.
رائۇل، خان مادرىدنىڭ مەڭگۈلۈك پەخرى، ئۇمۇ يۇقىردىكى ئىككەيلەنگە ئوخشاش كەسپى ھاياتىنىڭ كۆپ قىسمىنى خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىغا ئاتىغان، ئەينى يىلى مادرىد مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن ئۇنى كوماندىدىن تازىلىغان ۋاقىتتا، ئۇ ھېچقانداق نارازىلىق سۆزى قىلمىغان ۋە يۈك تاقلىرىنى يېغىشتۇرۇپ جىمجىت ھالدا بېرنابۇدىن ئايرىلغان، ئۇ بولسا بۇ كۇلۇپنىڭ رىۋايتى، ئۇ بۇ كۇلۇبنى چىن قەلبىدىن سۆيگەن، قايتىپ كەل بېرنابۇ شاھزادىسى، سېنىڭ نوكەمپۇدا توپ ئۇرۇپ بولغاندىن كېيىن پۈتۈن بارسىلونا مەستانىلىرىگە قارىتىپ بارمىقىڭنى چىقارغىنىڭنى قايتىدىن كۆرگۈم بار.
مورىنىئو، گۇئاردىئولا ئۇلار ئىلگىرى ئەڭ يېقىن سەبداشلاردىن ئىدى، 10 يىلنىڭ ئالدىدا ئۇلار بارسىلونا ئۈچۈن خىزمەت قىلاتتى، بىرسى توپچى ئىدى يەنى بىرى بولسا تەرجىمانلىق قىلاتتى، ئۇلار پۇتبول توغرىسىدا ئۆزى ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ چۈشۈنۈش ھاسىل قىلىشاتتى، ئۇلار بارسىلونا ئۈچۈن شەرەپ قۇچقان ئىدى. 10 يىلدىن كېينكى بۈگۈنكى كۈندە ئۇلار قان رەقىبلەردىن بولۇپ قالدى، بىرسى مادرىدنى بىرسى بارسىلونانى يىتەكلەپ دۆلەت دېربىسىدا قاتتىق جەڭ قىلىشتى، ئۇلار شۇنداق قىلىپ ئۆمۈرلۈك رەقىبلەردىن بولۇپ قالدى، ئۇلار ئۆز ئارا قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەن ۋاقىتتا : ئەينى يىلى نوكەمپۇدا ئۆتكەن كۈنلەر يادىڭدا بارمۇ دەپ سورامدىغانمىدۇ؟
جېڭداشى جەنۇبى ئافرىقا دۇنيا لوڭقىسى مەيدانىدا يىغلاش بىلەن نام چىقارغان، ئۈستىگە ئارتىۋالغان دۆلەت بايرىقىنى سىلاپ تۇرۇپ، مەيداندا چىقىۋاتقان دۆلەت ناخشىسىنى ئاڭلاپ تۇرۇپ ياش تۆككەن، ئۇ ئۆزى پەخىرلىنىدىغان دۆلەتنىڭ پەخرى، ئۇ چاۋشىيەن ئۈچۈن ھەقىقى يېشىنى ئاققۇزغان، جېڭ داشى سەن چاۋشىيەننىڭ تىرىشچانلىقىنىڭ ۋەكىلىسەن، ئۇلار ئىنتايىن نامرات بىر مەيدان مۇسابىقە ئوينىسا پەقەت 10 يۈەن تاپالايدۇ، بىراق ئۇلار ئۆزىنىڭ ئىپادىسى ۋە توختىماي يۈگرەپ تەر ئاققۇزىشى ئارقىلىق ئاخىرغىچە چىداشلىق بەردى.
رونالدو، ئىلگىركى تاشقى پىلانىت ئادىمى يېشىنىڭ چوڭىيىشى ۋە تولا يارلىنىش سەۋەبلىك يەر شارىغا قايتىپ كەلدى، ئۇ ئۆزىنىڭ ئىلگىركى ۋاقىتلىرنى ئويلاپ قويامدىغاندۇ؟ ئۇ ئۆزىنىڭ سېرىق كىيىمنى كىيىپ ئۆزى يالغۇز بۆسۈپ ئۆتكەن ۋاقىتلىرىنى ئويلاپ قويامدىغاندۇ؟ ئۇ قارشى تەرەپنىڭ مۇداپىئە سېپىنى تارمار قىلىپ باشقىلارنىڭ قايىللىقىنى قوزغىغان ۋاقىتنى ئويلاپ قويامدىغاندۇ؟
رونالدو بۇ ئىسىم كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە پۇتبولغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، ناھايىتى ئەپسۇس سېنىڭ ئالتۇندەك ۋاقىتلىرىڭدا يارلنىشتىن قۇتۇلالماي قالدىڭ، بىراق مىنىڭ قارىشىمچە سەن ئاللىقاچن پۇتبول بىلەن بىرىكىپ كەتكەن.
32 ياشقا كىرىپ قالغان ھېنرى كەينىگە شۇنداق قاراپ 23 ياش ۋاقتىدىدىكى شامالدەك چېپىپ يۈرگەن چاغلىرىنى كۆردى، ئەينى ۋاقىتتىكى قورال پادىشاھى قېرىپ كەتكەن ئىدى، ئۇ ھازىر مەيداندىكى ياش توپچىلاردەك يۈگرەپ يۈرەلمەيتتى،ئۇ ئاللىقاچان ئارسىنالدىن ئىبارەت بۇ كۇلۇپنىڭ تارىخىنىڭ بىر قىسىمىغا ئايلانغان ئىدى، ئۇ بالىلارنىڭ بۈگۈنى ئۇنىڭ تۈنۈگىنى ئىدى، ھېنرى مەڭگۈلۈك قورال ياراغ شاھى، تارىخ سېنىڭ رەقىب چىقمايدىغان ئارىسنال كوماندىسىنى ياراتقانلىقىڭنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ،شۇ پەسىل يېڭىلمەي چېمپىيون بولۇشقا كۈچ قوشقانلىقىڭنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ، ئەڭ مۇھىمى سېنىڭ بۇ كۇلۇپ ئۈچۈن تۆككەن ھەر بىر تامچە ياشلىرىڭنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ.
ئەينى ۋاقىتتا ھەممەيلەننىڭ ھەۋىسىنى كەلتۈرگەن 92- يىل باللىرى، ئەينى يىلى تۆت ئەتراپنى بويسۇندۇرغانلار، نەچچە قېتىملىق جەم بولۇش ۋە ئايرىلىشتىن كېيىن ئۆزىنى كەلگۈسى ئۈچۈن چاپماقتا ئىدى، يەنى بارغانسىرى يىراقلاپ كەتمەكتە ئىدى.........
ئىلگىركى كۈرەشچان يىگىتلەر بارغانسىرى قېرىپ كەتمەكتە ئىدى، ئۇلار قانچە قېرىغانسىرى شۇنچە پىشىپ يىتىلىۋاتاتتى، ئۇلار ئۆزىنىڭ ياشلىقى ئارقىلىق بىر پارچە كۈرەش ناخشى يېىزپ چىققانلار.
شۇ ۋاقىتتا زىدانى دۇنيا لوڭقىسىغا پەقەت بىر قەدەملا قالغان ئىدى، ئۇ ئۆزىنىڭ مەيدىسىدىكى فىرانسىيەنىڭ بەلگىسى ئۈچۈن كۈرەش قىلماقتا ئىدى، ئۇ فىرانسىيگە يەنە بىر قېتىم دۇنيا لوڭقىسى ئېلىپ بىرىشنى ئارزۇ قىلاتتى، ئۇ ئۆزى ئەڭ ياقتۇرىدىغان فىرانسىيەنى باشلاپ گىرمانىيە تۇپرىقىدا كۈرەش قىلماقتا ئىدى، ئۇ بولسا شۇ قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدىكى ئەڭ قالتىس سەنئەتكار ئىدى. ئۇنىڭ قالتىس بولغان ئىپادىسى كوماندىنى ھەل قىلغۇچقىچە ئېلىپ كىرگەن ئىدى، لېكىن شۇ ۋاقىتتا ئۇ ئۆزىنىڭ ئاچىسىنىڭ نامىنى قوغداش ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ شۇنچە بەدەللىرى ۋە نام ئابرويىنى ئويلاشمايلار ماترازىغا بىر كاللا قويغان. ئۇنىڭ ئېرىشكىنى بولسا بىر قىزىل كارتا، شۇ ۋاقىتتا پۈتۈن دۇنيا ياش تۆككەن زىدانىدىن كېيىن قايتا بىر زىدانى چىقمىغان، سەن بولساڭ پۇتبولنىڭ رىۋايىتى، سەن بولساڭ ئەڭ مۇكەممەل 10- نۇمۇر .
بۇ بولسا ئۆسۈپ يېتىلىش ۋە ۋارىسلىق قىلىشنىڭ ھېكايىسى، سۈرەتتىكى ئىككى كىشى بولسا ئەينى ۋاقىتتىكى بارسىلونا توپچىسى گۇاردىئولا ۋە ياشلار بازىسىدىكى ئىنىستا، كېيىن ئۇلار بارسىلونا چۈش 3 چى كوماندىسىنىڭ مەشقاۋۇلى ۋە توپچىسىغا ئايلاندى، بۇ رەسىمگە قاراپ بىر دىئالوگنى ئەسكە ئالىمىز.
سول تەرەپ: ياخشىمۇ سىز گۇاردىئولا ئەپەندىم، سىزنى كۆرۈپ بەك ھاياجانلاندىم
ئوڭ تەرەپ: شۇنداقمۇ، ئۆزىنىڭ ئازادە قوي يىگىت سەن كەلگۈسىدە چوقۇم ئۇتۇق قازىنالايسەن، ھە راس سىنىڭ ئسىمىڭ نىمە؟
سول تەرەپ: مىنىڭ ئىسمىم ئاندىرى ئىنىستا
مورىنىئو، مەن ئۇنى ھۆرمەت قىلىمەن، ئۇ ئەزەلدىن يېڭىلگەندە قايىل ئەمەس، ئەگەر ئۇنىڭ ئالدىغا ھەر قانچە كۈچلۈك قوشۇن كەلسىمۇ ئۇ تەن بېرىپ باققان ئەمەس، ئۇ بولسا بىر باش ئەگمەيدىغان ئەركەك، ئۇ بولسا بىر باتۇر ئەركەك، بىر مەشقاۋۇل بولغاندىن باشقا ئۇ بىر رىۋايەت، ئۇ ھەر قانداق جەڭنامىنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىدۇ، بۇ دۇنيادىكى ھېچ قانداق بىر سۆز مورىنىئو دىگەن سۆزنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدۇ. ئۇ چېمپىيون بولغاندىن كېيىن تاماششىبىنلارغا نەرسە ئېتىىشى مۇمكىن، چۈنكى باشقىلارمۇ ئۇنىڭغا ئاتقان، ئۇ يەنە بېرنابۇ مەيدانىدا تىزلىنىپ ئولتۇرالايدۇ، ئۇنىڭ ئولتۇرىشى ھارغىنلىقتىن ئەمەس بەلكى كومانىدىغا مەدەت بېرىش ئۈچۈن، ئەينى ۋاقىتتا گىرمانىيەلىكلەر نوقتا توپ ئارقىلىق غەلبە قىلغان ۋاقىتتا مورىنىئو ئاستا تاماششىبىنلار سۇپىسىغا قاراپ ماڭغان، ئۇ ياش تۆكمىگەن، چۈنكى ئۇ بىر جەڭچى، ئۇ گەپ قىلمىغان، لېكىن بىز كىشىلەر ئۇنىڭ شۇ ۋاقىتتىدكى ھېسىياتىنى چۈشەنگەن، مانا بۇ بولسا مورىنىئو بىر ھېسىياتچان ئادەم، بىر رىۋايەتلىك مەشقاۋۇل، بىر قالتىس ئادەم.
روبىرتو باگگىئو ئىتالىيەنىڭ پەخرى، كۆك كىيم ئۇنىڭ ئۈستىگىلا ئارتىلغان بولماسىتىن بەلكى ئۇنىڭ قان قېنىغا سىڭىپ كەتكەن، ھېچكىم ئۇ غەمكىن ئاپىنىن شاھزادىسنى ئۇنتۇپ قالغىنى يوق، دۇنيا لوڭقىسىدا نوقتا توپنى ئۇرالمىغاندىن كېيىن ئۇنىڭ گەۋدىسى شۇ مەيداندا ئويۇپ قويۇلغاندەك تۇرۇپ قالغان كۆرىنىشى كۆپىنچە مەستانىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا بولسا كېرەك، باگگىئو غەمكىن شاھزادە ئۇنىڭ شۇ ئامالسىز قالغان كۆرىنىشى مەستانىلەرنىڭ ياش تۆكىشىگە سەۋەب بولغان،گەرچە سەن چىملىقتىكى پادىشاھ بولالمىساڭمۇ لېكىن سېنىڭ تەسىرىڭ شۇ پادىشاھلاردىن يۇقىرى.
تارىخ پەقەت غەلبە قىلغانلارنىڭ تەبرىكلىگەن ھالىتىنى ئەستە تۇتىدۇ، لېكىن شۇ مەغلۇپ بولغان ئامالسىز كىشىلەرنىڭ ھالىتىنى ئەستە تۇتىدىغان كىشىلەرمۇ بارمۇ؟ كىم باشقىلارنىڭ يىغلىغىنى ئاڭلىغان؟ 2002- دۇنيا لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە كۆپىنچە كىشىلەر بىرازىلىيەنىڭ ھەيۋەتلىك 352 سەپ شەكلى ۋە رونالدونىڭ تاشقى پىلانىتلىقلارغا خاس ئىپادىسىنى ئەستە تۇتىۋالغان بولىشى مۇمكىن، كافۇ ئالقىش سادالار ئىچىدە لوڭقىنى ئېگىز كۆتۈرگەن ۋاقىتتا كىم شىر پادىشاھ كائىنىغا نەزەر سالغان، پۇتبول دۇنياسىدىكى ئەڭ قالتىس ۋارتارلارنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن كائىن گىرمانىيە دۆلەت كوماندىسىنى يىتەكلەپ ھەل قىلغۇچتا غەلبە قىلالمىغان، كائىن سەن يارايسەن، بۇ ۋاقىتتا سەن گىرمانىيەنىڭ ئىرادىسىنىڭ ۋەكىلى ئىدىڭ، سەن باشقىلارغا گىرمانىيەنىڭ نىمىشقا ئالدىدىدا تۇرالايدىغانلىقىنى سۆزلەپ بىرەلەيسەن.
تېررىغا ئۆچ كىشىلەر ئۇنىڭغا ھاقارەت قىلىشىدۇ، ئۆزىنىڭ سەپدىشى ئۈچۈن يېشىل قالپاق كەيگەن، لېكىن دۇنيا لوڭقىسىدا تېررى ئۆزىنىڭ ئەمىلى ھەركىتى ئارقىلىق دۇنيانى تەسىرلەندۈرگەن، ئامىركا كوماندىسنىڭ ۋارتارغا توپ تېپىشى بىلەن ئۇ ھېچ نىمىگە قارىماي سەكرەپ چىققان، ئۇ شۇ ۋاقىتتا كېينلىكلنى يارلىنىپ قالامەنمۇ دەپ ئويلاپمۇ قويمىغان، شۇ ۋقىتتا ئۇنىڭ خىيالى پەقەت ئېنگىلاند دۆلەت كوماندىسى ۋە كوماندىنىڭ شەرىپىدە ئىدى، بىر توپچى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇ قەيسەرلىك بىلەن ئېتىلغان، سىز ئۇنى ئەيىبلىشىڭىز مۇمكىن لېكىن سىز ئۇنىڭغا ھۆرمەت قىلىشىڭىز كېرەك، گەرچە سىز ئېنگىلاندلىق بولمىسىڭىزمۇ لېكىن ئۇنىڭغا باش بارمىقىڭىزنى چىقىرىپ يارايسەن ئوغۇل دېيىشىڭىز كېرەك.
بەزى كىشىلەر دۇنيا سىنايدىرغا بىر ئالتۇن توپ قەرىزدار دەيدۇ، يەنە بەزىلەر سىنايدىر بولسا بەك يۇقىرى كۆرۈلۈپ قالغان توپچى دىيشىدۇ، ئۇنىڭ ئەپچىل ھەركەتلىرى يوق، ئۇنىڭ قالتىس بولغان بۆسۈش ئىقتىدارى يوق، بىراق سىنايدىردا بىر يۈرەك بار، مەيلى مادرىدتىن ئايرىغاندىن كېينكى ئىشلار بولسۇن ياكى بارسىلونا بىلەن ئۇچراشقاندىكى ئەھۋال بولسۇن ئۇ قورقۇپ قالغىنى يوق، ئۇ باشتىن ئاخىرى جەڭنى قوبۇل قىلىپ كەلدى. دۇنيا لوڭقىسىدىكى ئىككى دۇنياۋى پاسنىڭ ئىسپانىيە كوماندىسىنىڭ مۇداپىئەسىدىن ئۆتۈپ كېتىشى،ئەگەر شۇ ۋاقىتتا كاسىللاسنىڭ قالتىس ئىپادىسى بولمىغان بولسا گوللاندىيە ھەرگىزمۇ تاجسىز شاھ بولۇپ قالمايتتى، كوماندىنىڭ مەغلۇبىيىتىگە نىسپەتەن ئۇ ئۆزىنى ئەيبلىمىسىمۇ بولىدۇ، ئۇ ئاللىقاچان ئۆزىنىڭ ئەڭ قالتىس ئىپادىسىنى جارى قىلدۇردى،. بىراق كوماندا ئىپسانىيەلىكلەر تەرىپىدىن بوغۇزلاپ تاشلانغاندىن كېيىن، ئىسپانىيەلىكلەرنىڭ تەبرىكلىشىگە قاراپ تۇرۇپ سىنايدىر چىملىققا يېقىلدى، شۇ ۋاقىتتا ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ ئۈمۈدسىزلەنگەن كىشى ئىدى، ئۇ ئىككى قولى بىلەن يۈزىنى توسىۋالغان ئىدى، ئۇ دۇنياغا ئۆزىىڭ كۆز يېشىنى كۆرسىتىشنى خالىمايتتى، ئۇ دۈشمىنىنىڭ تەبرىكلىگىنىنى كۆرۈشنى خالىمايتتى، ئۇ ئەزەلدىن ئاجىز ئەمەس، ئۇنىڭ ياش تۆكىشى ئۇنىڭ چىدامچانلىقى، ئۇنىڭ ئورنىدىن تۇرۇپ داۋاملىق ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى، غەيرەت قىل سىنايدىر.
بىر كوماندىنىڭ ئۇتۇق قازىنىشى يەنە بىر كوماندىنىڭ يېقىلىشى بەدىلىگە كېلىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئارگىنتىنا ۋە پۈتۈن ئارگىنتىنا مەستانىلىرى ياش تۆكىۋاتاتتى.......
ئەگەر سىز بىر ئائىلە باشلىقى بولسىڭىز، باللىرىڭىزغا توپ تېپىشنى ئۆگۈتەمسىز؟ ئەگەر سىز بىر سىنىپ مۇدىرى بولسىڭىز، ئوقۇغۇچىلىرىڭىزنىڭ مەيداندا توپ تېپىشىنى خالامسىز؟ ئەگەر سىز بىر مەكتەپ مۇدىرى بولسىڭىز، سىزنىڭ مەكتىپىڭىزدە پۇتبول كوماندىسى بولۇشنى خالامسىز؟ ئەگەر سىز ئۆي مۈلۈك سودىگىرى بولسىڭىز، سىز كىچىك تىپتىىكى پۇتبول مەيدانى سېلىشنى خالامسىز؟ ئەگەر سىز بىر شەھەر باشلىقى بولسىڭىز، سىزنىڭ شەھرىڭىزدە قانچە پۇتبول مەيدانى بولۇشنى خالايسىز؟ جۇڭگۇ پۇتبولىنىڭ مەغلۇبىيىتى، ھەممە ئادەمنىڭ مەغلۇبىيىتى. ئۇنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن بىز ھەممىمىز تىرىشىشىمىز كېرەك، يۈرۈڭلار ھەممىز توپ تېپەيلى............
مۇئەللىم مەن قايتىپ كەلدىم، ئەينى يىلى شېۋچىنكو ئالتۇن توپنى كۆتۈرۈپ ئۆزىنىڭ ئۇستازىنى يوقلاپ بارغان ۋاقىتتا سۈكۈتتە تۇرغان، شۇ ۋاقىتتا ھېچ قانداق ئاۋاز يوق ئىدى، رەھمەت سىزگە مۇئەللىم، مەن ئاخىرى قىلالىدىم، مەن ئاخىرى غەلبە قازاندىم.
پالىرمو گۇناھىنى يۇدى، ئۇنىڭ كىرگۈزگەن توپى ئارگىنتىنانى يار لېۋىدىن قايتۇرۇپ ئەكەلدى، شۇ ۋاقىتتا ئۇ بارلىق ئارگىنتىنالىقلارنىڭ نەزىرىدىكى قەھرىمانغا ئايلاندى، بىر مەيدان مۇسابىقىدە ئۈچ قېتىم نوقتا توپنى ئۇرالماسلىق. لېكىن ئۇ 10 يىل سەرىپ قىلىپ ئاخىرى يامغۇرلۇق كېچىدە گۇناھىنى يۇدى، 10 يىل ئۇنىڭغا ھەقىقەتەن ئاسانغا توختمىغان ئىدى.
شۇ يىللاردىكى سانسىرو، سەنئەت خاراكتىرلىك توپ كونتىرول قىلىش، مىھىرلىك قاراشلار. مەن ئىلگىرى سىنىڭ شۇ قىزل قارا كىيىمنى كېيىپ كەسپى ھاياتىڭنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى ئۈمۈد قىلاتتىم، كېلىشكەن چىراي شەكلىڭ، قاپلاندەك يۈگۈرىشىڭ، نەپىس ۋارتارغا تېپشلىرىڭ، ئىلگىرى مەن سېنى پۇتبول مەيدانىدا كۆرگەندە زادى ئادەممۇ ئەمەسمۇ دەپ قالغانتىم، سەن ھەممىنى قىلالايتتىڭ، مەن سېنىڭدىن بىرازىلىيەنىڭ ئۈمدىنى كۆرگەن ئىدىم. لېكىن كېين سەن قېرىپ كەتتىڭ، سەن ئۆزگەردىڭ، سەن مادرىدقا كېلىپ ئاساسلىق ئورنۇڭنى يوقاتتىڭ، سەن باشقىلار تەرىپىدىن ساختا مال دەپ قارالدىڭ، لېكىن مەن ۋاز كەچىمىدىم، مەن ئەينى يىللاردىكى قوغلاپ يېتىشكىلى بولمايدىغان ياش يىگىتنىڭ قايتىپ كىلىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتىم، غەيرەت قىل كاكا ، پۈتۈن دۇنيا ساڭا ئاسىلىق قىلسىمۇ مەن دۇنيانىڭ بىر بۇرجىكىدە تۇرۇپ ساڭا مەدەت تىلەيمەن، غەيرەت قىل رىكاردو.
بەلكىم پەقەت مەغلۇپ بولۇپ باققان لار ئاندىن مەغلۇبىيەتنىڭ تەمىنى ھېس قىلىشى مۇمكىن، مەغلۇبىيتە دىگەن قانداق نەرسە؟ ئورنۇڭدىن تۇر، سەن دىگەن گىرمانىيە غوجىسى، سەن دىگەن قالتىس كۇلۇپ غەيرەت قىل بايرىن.....
سەن نىمىشقا يىغلايسەن يىگىت!! كۆك ساۋۇتلۇق قوشۇن بىلەن بىرلىكتە ئىلگىرلەپ شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىپ ،ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچقا كەلگەن دە ئىچىنىشلىق نەتىجە بىلەن مەغلۇپ بولغاچقا يىغلىدى !!! ئۇ مەيدان سىرتىدا ئۆزىنىڭ ئىسمىنى ئۈنلۈك ئاۋازدا توۋلاۋاتقان مەستانىلەر ئۈچۈن يىغلىدى ،شەرەپ قۇچۇپ ۋەتەنگە قايتالمىغانلىقى ئۈچۈن يىغلىدى ! ۋەتەنداشلىرىنى ،سەپداشلىرىنى ،دوستلىرىنى «بىز يەڭدۇق!»دەپ باغرىغا باسالمىغانلىقى ئۈچۈن يىغلىدى.....
بۇ كىشى نىمىشقا يىغلىدى !! چۈنكى ئۇ ئۆزى ياراتقان كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان نەتىجىسىنىڭ مىۋىسىنى قولىغا ئالدى...لىكىن ئۇنىڭ يىغىسى مۇشۇ مۇكاپات ئۈچۈنلا تۆكۈلگەندەك قىلمايتتى ! ئۇ ئۆلۈپ كەتكەن سەپداشلىرى ئۈچۈن يىغلىدى ! ئارىدىن شۇنچە يىللار ئۆتكەن تۇرۇغلۇقمۇ مەستانىلەرنىڭ ئۆزىنى ھىلىھەم ئەسلەپ تۇرغانلىقى ئۈچۈن ياش تۆكتى................
مانابۇ پۇتبول ،رەھىمسىز پۇتبول ! پۇتبول مۇنداقلا بىر بالىلار ئويۇنى ئەمەس ،پۇتبول كىشىلەرگە ئىناقلىقنى ئۈگىتىدۇ ،مەسئۇلىيەتچانلىقنى ئۈگىتىدۇ ،يىقىلغاننى يۆلەشنى ،تۈزۈمگە بويسۇنۇشنى ،كاللا ئىشلىتىشنى ،قورقماس بولۇشنى ئۈگىتىدۇ!! شۇڭا بىز پۇتبولنى سۆيىمىز ۋە ئۇنى سۆيۈپ ئوينايمىز!!!
مەن ئۈچۈن ھەممە نەرسنى يوقىتىپ قۇيۇشقا بۇلىدۇ. ئەمما پۇتبول بۇنىڭ سىرتدا. شۈبىھسىزكى پۇتبولسىز مەن مەۋجۇتلىقمنى تەسەۋۋۇر قىلالمايمەن. چۈنكى، ئۇ مىنىڭ بارلىقىم ۋە ھاياتىم.قىزغىن سۈيۈش ئەمەلىيەتتە ئىنتايىن ئاسان.ئەمما ئېغىرلىق نۇقتىسى شۇيەردىكى سىزنىڭ قانچىلىك بەرداشلىق بېرەلىشىڭىزدە.
قىزغىن سۈيۈش ئەمەلىيەتتە ئىنتايىن ئاسان. مۇھىمى قىزغىن سۆيۇشكە ئەرزىگۈدەك نەرسىنى تاپالىشىڭىزدا.پۇتبولنىڭ گۈزەللىكىنى ئىپادىلەش ناھايىتىمۇ قىيىن. كۆپ سانلىق كىشىلەر بۇنى قانداق چۈشەندۈرۈشكە ئامالسىزقىلىدۇ. نىمە ئۈچۈن ئاشۇ كىچىككىنە تېرىدىن تىكىلگەن يۇمىلاق توپنى پۈتۈن دۇنيا كىشلىرى ساراڭلارچە قوغلىشىدۇ؟ چۈنكى: ئۇمۇ ئۆزگىچە بىر مۇھەببەت. |
-
باھالاش
-
باھا خاتىرىسى
|