ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 6494 |
تۆھپىسى: سەر |
|
يېقىندىن بېرى بايرىن مىيۇنخېننىڭ داڭلىق توپچىسى بىدالنىڭ خېلمۇ - خىل خەۋەرلىرى تاراتقۇلارنىڭ باش تېمىسىغا چىقىشقا باشلىدى . بىر باشتىن كۆرۈپ باقايلى :
بىدال يېقىندا ئۆزىنىڭ مۇئاش قەغىزىنى كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىگە قويۇپ قويغان ، بۇ سەۋەب كوماندىدىكى ھەممە ئەزالار ئۇنىڭ 8 مىليون ياۋرۇ مۇئاش ئالىدىغانلىقىنى ھەمدە ئۇنىڭ كوماندىدىكى ئەڭ يۇقىرى مۇئاش ئالىدىغان توپچىلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى بىلىپ كوماندا ئىچىدە بىرئاز قاتماللىق يۈز بېرىپ قالغان .
بۇنىڭدىن بۇرۇن بايرىن كوماندىسىدا نامىنى ئاشكارلاشنى خالىمىغان بىر توپچى تاراتقۇلارغا ئاشكارلاپ ، كوماندا قىشلىق يۆتكۈلۈشتىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن گۇئاردىئولا كوماندىدىكى ئىنتىزامنى قاتتىق قىلغان ھەمدە بىرقانچە توپچىنى ئوچۇق - ئاشكارە تەنقىدلىگەن ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىدالمۇ بار ئەلۋەتتە .
بىدال بايرىن كۇلۇبى يازدا 37مىليون ياۋرۇلۇق باھا بىلەن يۇۋىنتۇستىن سېتىۋالغان بايرىننىڭ مارتىسىزدىن قالسىلا ئەڭ قىممەت ئالغان توپچىسى ھېسابلىنىدۇ . ھازىرقىغا قەدەر 28مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 3 توپ ئۇرغان . ئىپادىسى يامان ئەمەس دىيىشكە بولىدۇ .
مۇشۇ يېقىندىلا يۈز بېرىۋاتقان " قارىغۇ چاشقان ۋەقەسى " ، " قارا قوي ۋەقەسى " ، " مۇئاش قەغىزى ۋەقەسى" قاتارلىقلار ئىشلار بايرىننىڭ بېشىنى ئاغرىتماقتا . بۇ ئىشلاردىكى ئاساسلىق سەۋەبچى يەنىلا بىدال بولۇپ ، قاتاردىكى قىشلىق مەشىقتە ئۇ كۆپ قېتىم سىرىتقا چىقىپ كېتىپ مەست ھالدا قايتىپ كەلگەن . بىدالنىڭ بۇ ئىشى گۇئاردىئولانىڭ يېقىندىن بېرى ئىنتىزامنى يەنىمۇ بىربالداق قاتتىقلاشتۇرىشىنىڭ سەۋەبى ئەلۋەتتە .
گەرچە بايرىن ئورگان تورى بىدالنىڭ مەست ھالدا كوماندىغا كەلگەن ئىشىنى يالغان خەۋەر دەپ ئېلان قىلغان بولسىمۇ ، بىراق شامال چىقمىسا دەرەخ لىڭشىمايدىغانلىقىنى ۋە سىرىتقى يامان تەسىرى بولۇپ قېلىش ئۈچۈن بايرىن كۇلۇبىنىڭ بىدالنى قانات ئاستىغا ئېلىپ ئىچكى قىسمىدىلا جازالاپ بولغانلىقىنى كىشىلەر پەرەز قىلالايدۇ ئەلۋەتتە .
بايرىننىڭ ئىچكى قىسمىدا يەنە ئىختىلاپلار ئۈزۈلۈپ قالغىنى يوق ، بىر نامىنى ئاشكارلاشنى خالىمىغان بايرىن چولپىنىنىڭ تاراتقۇلارغا ئېيتىپ بېرىشىچە : ھازىر كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىنىڭ كەيپىياتى ناچار ئىكەن . سەۋەبى گۇئاردىئولا بىرقانچە توپچىغا نارازى بولغان ، كېيىن كوماندىدىكى بارلىق توپچىغا بىر پارچە ئىلىكتىرونلۇق خەت يوللىغان ، توپچىلارنىڭ بەزى ساياھەت ، دەم ئېلىشلىنى ئەمەلدىن قالدۇرۋىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن ، مۇشۇنداق بولغاندا ئاندىن كېيىنكى پەسىللىك مۇسابىقىلەرگە ياخشى تەييارلىق قىلىغىلى بولىدۇ ...
ھامبۇرۇگ بىلەن بولغان مۇسابىقىدىن كېيىن گۇئاردىئولا بىرقانچە توپچىنى تەنقىدلىگەن ، ئۇلارنى شەخسىيەتچى ، كەسپىي ئېڭى كەمچىل دېگەن ھەمدە بەزى توپچىلارنىڭ ئېغىرلىقى ئېشىپ كەتكىنىدىنمۇ نارازى بولغان . تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا گۇئاردىئولانىڭ بۇ تەنقىدلىشىگە چىدىمىغان كوماندا ئىچىدىكى بىر پۇتبولچى كوماندىدىكى بەزى مەخپىي خەۋەرلەرنى تاراتقۇلارغا ئاشكارلىۋەتكەن . كوماندىدىكى روبىن بۇ ئىشقا قارىتا ناھايىتى ئاچچىقلانغان بولۇپ ، خانلىق مادىرىد ۋە چېلسىدىكى ۋاقتىدىمۇ مۇشۇنداق "ئىشپىيون"لارغا يولۇقۇپ باققىنىنى ئېيتقان ھەمدە "ئۇلاردا يۈز دېگەن نەرسە يوق" دەپ تىللىغان .
بەزى تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا كوماندا ئىچىدىكى بۇ " ئىشپىيون " داۋاملىق تەنقىد ئاڭلاپ تۇرۇشقا ئامراق بىدال ئىكەن . ئۇنىڭ ئۈستىگە بىدال ھازىرغىچە بايرىننىڭ كېيىنكى يېرىم پەسىللىك مۇسابىقىللىرىدە مەيدانغا چىقىپ باقمىغان .
|
|