elan ornielan orni
كۆرۈش: 2440|ئىنكاس: 21

مەغلۇب يۆتكىلىشلەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
‏ئەسسالام ئەلەيكۇم
image.jpg
‏ئالىملار قىشنىڭ يازغا قارىغاندا سوغۇقراق بۇلىدىغىنىنى بىلگەندەك، تاراتقۇلار قىشلىق يۆتكىلىش بازىرىنىڭ يازلىق يۆتكىلىش بازىرىدەك بولمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. قىشلىق يۆتكىلىش بازىرى يەرمەنكىنىڭ ۋاقتى توشۇش مۇناسىۋىتى بىلەن دۇكانلىرىنى يىغدى.
‏داۋراڭ سېلىنىپ ۋۇجۇتقا چىقمىغان، ۋە شەپە چىقارماي يول مېڭىپ بىرلىككە كىلەلمىگەن 10 مەغلوبىيەتلىك يۆتكىلىش دىققىتىڭلاردا بولسۇن.
image.jpg
‏1-ئاندىرى تىرىشتىگىن
‏لىۋىرپول كۇلۇبى بۇ گىرمانىيەلىك قاپقاۋۇلنى قولغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن كۆپ كۈچىدى. 20 مىليون نەق پۇل سانىغان ئېنگىلىزلارنىڭ قۇلى كاتالونلارنىڭ رەت قىلىشى بىلەن ھاۋادا قالدى.
image.jpg
‏2-ئالىكىس تېكشىرا
‏لىۋىرپول كۇلۇبى ئوكرائىننىڭ شاختار كۇلۇبىدىكى بۇ بىرازىلىيەلىك ماھىرنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن چىقارغان 35 مىليون ياۋروسى قايتا-قايتا رەت قىلىندى.
image.jpg
‏3-ئاندىرىيا پېرلو
‏بەلكىم بۇ تىزىملىكتە بۇ چولپاننىڭ ئىسمىنىڭ چىقىشى ھەممىنى ھەيران قالدۇرغان بۇلىشى مۇمكىن. لىكىن بۇ «ھەقىقەت». ئىنتىر كۇلۇبى ۋە مەشقاۋۇلى مەنچىنىنىڭ بۇ چولپانغا «قارا-كۆك» كىيىمنى كىيدۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىگەن خىزمەتلىرى ئامىركا بىرلەشمىسىدە قېلىشنى خالىغان بۇ چولپانغا ئۈنۈم بەرمىدى.
image.jpg
‏4-جون سىتونىز
يىقىنقى يۆتكىلىش بازىرىدىكى ئەڭ ئىسىل «تاش» (سىتونز ئىنگىلىزچە تاش دىگەن مەنىدە) ئېۋىرتون كۇلۇبىنىڭ قاتتىق تۇرىۋېلىشى بىلەن يازدا چېلسىنىڭ 3 قېتىملىق تەلىۋىنى، قىشتا چېلسى، مانچىستىر شەھرى، ئارسىنال، مادرىدلارنىڭ تەلىۋىنى رەت قىلىپ كوماندىسدا قالدى.
image.jpg
‏5-نولىيتو
‏بارسىلونا كۇلۇبى ئۆز مېلى نولىتونى پەسىل ئاخىرىغىچە ئىجارە شەكلىدە قوشۇۋېلىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ سېلتا فىگو كۇلۇبىنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىدى. سەۋەبى ئىجارە بەرمەي سېتىپ بەرمەكچى.
image.jpg
‏6-دىگو كوستا
‏سابىق ئاتلىتكا مادرىد ھۇجۇمچىسىنىڭ بۇ پەسىل چېلسىدا كۈنلىرى تازا ياخشى ئەمەس. پۇرسەتنى غەنىمەت بىلگەن ئاتلىتكا كۇلۇبى كوستانى سېتىۋېلىش كويىغا چۈشتى. ھۇجۇمچىنىڭ دەردىنى تارتىۋاتقان «كۆك» لەر ياق دىدى. جاكسون مارتىنىز بىلەن تىگىشىشنىڭ جاۋابىمۇ ياق بولدى.
image.jpg
‏7-ئىزىكىل لاۋىززى
‏بۇ پەسىل توختامى ئاخىرلىشىدىغان بۇ ماھىرنى قوشۇۋالىدىغان كۇلۇبلار ئاز ئەمەس. چېلسى بىلەن ئىنتىر مىلان ئەڭ يىقىنلاشقان بولسىمۇ بۇ ئارگىنتىنالىق يەنىلا پارىژدا قالدى.
image.jpg
‏8-مۇھەممەد سالاھ
‏يۆتكىلىش بازىرىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى بۇ مىسىرلىقنى مىلان پەسىل ئاخىرلاشقۇچە ئىجارىگە ئالماقچى بولدى. لىكىن ئىككى تەرەپنىڭ سۆھبىتى ئۈنۈمسىز بولدى. (بەلكىم مائاشىنىڭ كۆپ قىسمىنى ياكى ھەممىسىنى رىم تەرەپ كۆتۈرۈشنى كىلىشەلمىگەن بۇلىشى مۇمكىن ~چاقچاق).
image.jpg
‏9-رودىرىگو بىنتاكور
‏بوكا ياشلىرى كۇلۇبىدا ئوينايدىغان بۇ ئۇرۇگۋايلىقنى مادرىد قوشۇۋېلىپ ئوتتۇرا مەيداننى كۈچەيتمەكچى بولغان. لىكىن بۇ سودا ئەستايىدىل سۆزلىشىش باسقۇچىغا كەلمەي پارغا ئايلانغان.
image.jpg
‏10-لوئىس ئادرىئانو
‏15 مىليون ياۋرو يۆتكىلىش باھاسى، 7 مىليون يارو مائاش بۇلۇپ مىلان بىلەن چەينا جىياڭسۇ كوماندىسى ئادرىئانونى ساتماقچى بولدى. لىكىن بۇ بىرازىلىيەلىك نەچچە كۈنلۈك سەپەردىن كىيىن مىلانغا يېنىپ كەلدى. ئىككى تەرەپنىڭ كىلىشەلمىگەنلىكى ئېنىق بولدى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2016-2-3 17:18:26 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ھەمراھ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-3 17:20  

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام !!!

تېرىستىگىننىڭ كەتمىگەنلىكىدىن ، نولىتونى ئالالمىغىنىدىن شەخسەن مەن بەك خۇش بولدۇم . مىنىڭچە  مۇنېر  ياخشى  زاپاس ئەزا بولالايدۇ ....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-3 17:21:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئايلىق باھالاش تىمىسىغا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنتۇپ قاپتىلا.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-3 17:25:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بوغدا يوللىغان ۋاقتى  2016-2-3 17:21
ئايلىق باھالاش تىمىسىغا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنتۇپ قاپتى ...

يەنە ئازراق ۋاقىت بارغۇ؟ يازىمەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-3 17:36:45 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-3 17:38:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىرىستىگىننىڭ كەتمىگىنى بەك ياخىشى بولدى !
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-3 18:06:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىرسېتىگىن بىزنىڭ كەلگۈسىدىكى قاپقىچىمىز . يېشىمۇ كىچىك !!~ بارا-بارا پىشىپ يېتىلىۋاتىدۇ . ھازىرچە ھەر قانداق كۇلۇبنىڭ تەكلىبى بىردەك رەت قىلىنىدۇ !!~

يەنە بىرى لاۋېززى . لاۋېززىنىڭ بارلىق كۇلۇبلارنىڭ تەكلىۋىنى رەت قىلىشى بەلكىم يازدا بارسېلوناغا ئەركىن توپچى ھالىتىدە قوشۇلۇپ يېقىن دوستى مېسسى بىلەن بىرگە توپ ئوينىماقچى !!~

نولىتونى ئالمايمىز ، بەك قىممەت !! لېكىن مۇنېرنىڭ ئىپادىسى بۇ سودىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئەڭ چوڭ توسالغۇ !! مۇنېر بار يەردە نولىتو جايىدا تۇرىۋەرسۇن !!~
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-3 18:12:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نېمە قىلىدۇ ئۇنولتو دېگەننى ئېلىپ يېشى كىچىك بولسىمۇ بىر گەپ، ئۇنىڭدىن مۇنىر ياخشى، پۇرسەت بېرىپ ئوبدان تەربىلەنسىلا كېيىنكى مېسسى بولالمىسىمۇ كېيىنكى پىدرو بولىشىدا چاتاق يوق……
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-3 18:22:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مادرىد ئوتتۇرا مەيدانچىنى ئۇنچىۋالا يىغىۋىلىپ نىمە قىلىدىغاندۇ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-3 18:25:24 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-3 18:37:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مادرىد يازدا سىتونىسنى سىتۋالسا پىچەت ئىش بولاتتى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-3 18:53:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىتونىس خېلى ياخشى ئوينايدىكەن،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|دوختۇرخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2016-4-28 11:16

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش