|
دىيارىمىز ۋاقتى بۈگۈن سەھەردە دۆلىتىمىز بىرلەشمىسىدىكى زەردەر كوماندا گۇاڭجۇ خېڭدا تاۋباۋ كۇلۇبى ئورگان تورىدا ئىسپانىيە مادرىد ئاتلىتكا توپچىسى جاكسىن مارتىنېزنى قۇشۇۋالغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئىككى تەرەپ مۇددىتى4 يىللىق بولغان توختام ئىمزالىغان بولۇپ، يۆتكىلىش سوممىسى 42 مىليۇن ياۋرۇغا يېتىكەن. يېڭى پەسىللىك مۇسابىقىدىن باشلاپ، مارتىنېز خېڭدادا 9-نومۇرلۇق كىيىمنى كېيىدىغان بولۇپ، سالامەتلىك تەكشۈرۈش ئاخىرلاشقاندىن كىيىن، 2-ئاينىڭ 9-كۈنى دۇبەيگە بېرىپ، كوماندا بىلەن يىغىلىپ مەشىققە قاتنىشىدىكەن.
جاكسىن مارتىنېز 1986-يىلى 10-ئايدا كولۇمبىيەدە تۇغۇلغان بولۇپ، ھازىر 29 ياش، بوي ئېگىزلىكى 185 سانتىمىتىر، ئېغىرلقى 83 كىلوگىرام. مارتىنىز ئېلگىرى كولۇمبىيەدىكى مېدېلىن كوماندىسىدا توپ تەپكەن. 2008-2009-يىللىق مۇسابىقە پەسىلىدە كوماندىغا ۋاكالىتەن 28 مەيدانغا مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 21 توپ ئۇرۇپ، 7 ياردەمچى پاس چىقارغان. ئۇنىڭدىن باشقا 2-باسقۇچلۇق بىرلەشمىدە كوماندىنى يېتەكلىپ چېمپىيۇن بولغان ھەم 18 توپ ئۇرۇپ مەرگەن بولۇپ، بىرلەشمىدە ئەڭ كۆپ توپ ئۇرۇش رىكورتىنى ياراتقان.
2009-يىلى مارتىنېز مېكسىكا بىرلەشمىسىدىكى چىياپاس جەنۇبىي ئامىرىكا يولۋىسى كوماندىسىغا قۇشۇلغان. كوماندىغا ۋاكالىتەن 69 مەيدانغا مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 36 توپ ئۇرۇپ، 11 ياردەمچى پاس چىقارغان. 2012-يىلنىڭ بېشىدا كوماندىنىڭ كاپىتانى بولغان. شۇنىڭدىن كىيىن قالتىس ئىپادىسى بىلەن ياۋرۇپادىكى كۇلۇبلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. ئەڭ ئاخىرىدا « توپچى ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتى-ياۋرۇپا قارا دۇكىنى» پورتىگالىيە پورتو كۇلۇبىغا 2012-يىلى يازدا 8 مىليۇن 800 مىڭ ياۋرۇلۇق باھا بىلەن قۇشۇلغان ھەم توختام بۇزۇش ھەققىنى 35 مىليۇن ياۋرۇ قىلىپ بېكىتكەن. مارتىنېز پورتىگالىيەدە تۇرغان 3 پەسىلدە ئۇدا ئالتۇن ئاياغ مۇكاپاتىنى ئالغان. پورتو كوماندىسىغا ۋاكالىتەن قاتناشقان 133 مەيدان مۇسابىقىدە 92 توپ ئۇرۇپ 12 ياردەمچى پاس چىقارغان. بۇنىڭ ئىچىدە 22 مەيدان ياۋرۇپا چېمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىدە 12 توپ ئۇرغان. بۇ جەرياندا كوماندىغا ياردەملىشىپ 1 قېتىم پورتىگالىيە بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيۇنى ۋە 2 قېتىم پورتىگالىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىنىڭ چېمپىيۇنى بولغان. 2015-يىلى مادرىد ئاتلىتكا كوماندىسى توختام بۇزۇش ھەققىنى تۆلەپ، 40 مىليۇنلۇق باھا بىلەن قۇشۇۋالغان. مارتىنېز ئاتلىتكىدا يېرىم پەسىلگە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە 22 قېتىم مەيدانغا چىقىپ 3 توپ ئۇرۇپ، 2 ياردەمچى پاس چىقارغان. |
|