ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 6491 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا پۇتبول تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-2-3 06:19
گۇئاردىئولانىڭ ئىنگىلاندتىكى ئىتىقاد مەيدانىغا بېرىپ مانچىستىر شەھىرىنىڭ قامچىسىنى قولغا ئېلىشى ئېنىق بولدى . گۇئاردىئولا يازدا قولغا ئالىدىغان بۇ كوماندا ھازىر ئىنگىلاند بىرلەشمىسى بويىچە ھاياتى كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان ئىستىقباللىق توپچىلاردىن تۈزۈلگەن بولۇپ ، ئۇنىڭ بۇ كېلىشى چوقۇم ئارسىنال ، چېلسى ، مانچىستىر بىرلەشمىسى ، لىۋېرپۇل قاتارلىق زەردارلارنى مەلۇم دەرىجىدە ئالاقزادە قىلىدۇ ئەلۋەتتە . بۈگۈن ئەنگىلىيە "قۇياش گېزىتى" دىكى نېل كۇستىس ماقالە ئېلان قىلان قىلىپ، مانچىستىر بىرلەشمىسىنىڭ تېزدىن مورىنىئونى تەكلىپ قىلىپ كىلىشىنى ، قانداقلا بولمىسۇن تەلۋە بۇ دۇنيادا گۇئاردىئولانى مەغلۇب قىلىشنى بىلىدىغان بىردىنبىر مەشقاۋۇل دېگەن .
ئەمەلىيەتتە گۇئاردىئولا مانچىستىر شەھەر بىلەن توختاملاشقاندىن كېيىنلا ، ئاز بولمىغان توپخۇمارلار مورىنىئونىڭمۇ دەرھال مانچىستىر بىرلەشمىسىنىڭ مەشقاۋۇلى بولىشىنى ئۈمىد قىلغان . بۇنداق بولىشى " مورىنىئو ۋە گۇئاردىئولا جېڭى" نىڭ مانچىستىر دېربىسىدە ئېلىپ بېرىلىشىنى كۆرسىتىدۇ . ئىككى مەشقاۋۇلنىڭ بۇرۇنقى "ئامراقلىق ۋە دۈشمەنلىك "تارىخىنى ئەسلىگەندە بۇ ئىككەيلەننىڭ يەنە تۇتۇشۇشى ئەلۋەتتە ھەممە توپخۇمارلارنىڭ كۈچلۈك ئىستىكى . "قۇياش گېزىتى"دىكى نېل كۇستىس ماقالىسىدە بۇلار توغرىسىدا ئۆزىنىڭ بىرقىسىم قاراشلىرىنى يازغان . قېنى كۆرۈپ باقايلى :
نېل كۇستىسنىڭ قارىشىچە ، مانچىستىر شەھەر تەرەپنىڭ ئورگان تورىدا گۇئاردىئولا بىلەن توختاملىشىپ بولغانلىقى خەۋىرى بىر ئەندىشىلىك خەۋەر بولۇپ ، " ئۆزۋاقتىدا مانچىستىر شەھەرنىڭ ئورگان تورىدا ئېلان قىلىشى ئەمەلىيەتتە ھېچقانداق ھەيران قالارلىق ئەمەس ئىدى ، بىراق مانچىستىر بىرلەشمىسى مەستانىللىرى نەزىرىدە بۇ خەۋەر كوماندىنىڭ كەلگۈسىگە نىسبەتەن ئەنسىرەش تۇيغۇسى ئېلىپ كېلىدىغان بولۇپ ، فورگىسىن تەخىتتىن چۈشكەندىن بېرى مانچىستىر بىرلەشمىسى بىرلەشمە چىمپىيونلۇقىغا جەڭ ئېلان قىلالمايدىغان دەرىجىگە چۈشۈپ قالغان ، بولۇپمۇ بۇ پەسىل ... "
كېيىن "قۇياش گېزىتى"نىڭ بۇ مۇتەخەسىسى مانچىستىر بىرلەشمىسىگە تېزدىن كوماندىنىڭ ھازىرقى مەشقاۋۇلى بولغان ۋانجالنى ئىشتىن بوشىتىۋىتىش تەكلىبىنى بەرگەن . " ۋانجال بۇرۇن ئۆزىگە ئىشەنگەن ھالدا ، مانچىستىر بىرلەشمىسى ھەرگىزمۇ لىۋېرپولغا ئوخشاش ئۇزۇن ۋاقىت لوڭقىسىز يۈرۈشنى خالىمايدىغانلىقىنى ئېيتقان . "
"مانچىستىر بىرلەشمىسىنىڭ بۇ پەسىللىك ئەڭ چوڭ نىشانى بولسا بىرلەشمىدە ئالدىنقى تۆتنىڭ ئىچىگە كىرىش ، بىراق مۇشۇنداق كىتىۋەرسە كىلەركى پەسىل بۇلارنىڭ تۆت كۈچلۈككە كىرىشى تېخىمۇ تەسلىشىدۇ(چۈنكى گۇئاردىئولا كېلىدۇ) . كىلەركى پەسىل پەقەت بىرلا كىشى گۇئاردىئولاغا جەڭ ئېلان قىلالايدۇ ، ئۇ بولسىمۇ مورىنىئو . ئۇ ھازىر چاقىرىقنى كۈتىۋاتىدۇ ... "
نېل كۇستىس يەنە ، مورىنىئو ئىلگىرى ئەڭ يۇقىرى پەللىدە تۇرىۋاتقان بارسېلونانى ئۆرىۋىتىپ باققان . " كۆپىنچە كىشىلەر مورىنىئو خانلىق مادىرىدنى تۇتقان مەزگىلىدە ئىزچىل گۇئاردىئولا تەرىپىدىن بېسىلىپ قالغان دەپ قارايدۇ ، بىراق مورىنىئو خانلىق مادىرىدنى تۇتقان دەسلەپكى ئىككى پەسىلدە دۆلەت ئىچىدىكى بارلىق لوڭقىلارنى ئېلىپ باقتى . يەنە تېخى 2012-يىلى رەقىبى بارسېلونادىن 9 نۇمۇر ئېشىپ ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ چىمپىيونلۇقىنى ئالدى . ئۇ ۋاقىتتىكى مورىنىئونىڭ خانلىق مادىرىتى نۇمۇر ئېلىشتا بەش چوڭ بىرلەشمىدە بىرىنچى بولغان بولۇپ ، 100نۇمۇر بىلەن چىمپىيون بولغان ، 32 مەيدان غەلبە قىلغان ، مېھمان مەيدانىمۇ كىشىنى چۈچۈتكىدەك 16 ئۇتۇق بولغان ، 121 توپ كىرگۈزۈپ 89 ساپ توپ بىلەن رىكورت ياراتقان ... "
"ئەمەلىيەتتە گۇئاردىئولا بىلەن مورىنىئونىڭ روبىرو تىركىشىشىدە گۇئاردىئولا ئۈستۈنلۈكنى ئىگەنلىكىگەن بولسىمۇ بىراق مەسىلىنىڭ تەتۈر يۈزىدىن قارىغاندا گۇئاردىئولانى ئەڭ كۆپ مەغلۇب قىلىپ باققىنىمۇ يەنە شۇ مورىنىئو "
نېل كۇستىس ئاخىرىدا " كونا تىرانفورتنىڭ يەنە ئەندىشە قىلىشىنىڭ زۆرۆرىيىتى يوق (مورىنىئونى تەكلىپ قىلىڭلار) ، مانچىستىر بىرلەشمىسى گۇئاردىئولانى قولدىن كەتكۈزۈپ قويدى ، ئەمدى گۇئاردىئولانى مەغلۇب قىلالايدىغان بىر كىشىنىمۇ قولدىن كەتكۈزۈپ قويسا ھەقىقەتەن ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولىدۇ "
|
|