ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 49 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بوۋاي تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-2-2 16:26
ئارگېنتىنا دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسىنىڭ باش تېرىنېرى مادىنۇ تۆنۆگۈن ( 2-ئاينىڭ 1-كۈنى)La Red تېلۋۇزىيە ئىستانسى قاتارلىق ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئېيتىشىچە : ئارگېنتىنانىڭ پەخرى، ھازىرقى پۇتبول ساھەسىدىكى داڭلىق ھۇجۇمچى مېسسى بۇ يىلقى رېئودى- ژانىرو ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىننىڭ پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتناشمايدىكەن. " بۇنىڭ سەۋەبى توغرىسىدا توختالغاندا مادىنۇ مۇنداق دىدى: بۇ يىل ئارگىنتىنا كوماندىسى ناھايىتى زور بېسىملارغا دۈچ كېلىدۇ، بىرازىلىيىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئولىمپىك تەنھەركەت پۇتبول مۇسابىقىسى 8- ئاينىڭ 5- كۈنىدىن 21- كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلىشى مۇمكىن .
بۇنىڭ ئالدىدا ئارگىنتىنا كوماندىسى يەنە ئامرىكا قىتئەسى لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ، بۇ مۇسابىقە 6- ئاينىڭ 3- كۈنىدىن 26- كۈنىگىچە بولغان ئارلىقتا ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئارگىتىنا كوماندىسى دۇنيا لوڭقىسى تەييارلىق مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشتىن ئىبارەت مۇھىم ۋەزىپىنى ئورۇندىمىسا قەتئىي بولمايدۇ، ھازىر بىزنىڭ كوماندىمىز ئاران بەش نومۇرغا ئېرىشىپ، تەييارلىق مۇسابىقىنىڭ نومۇر رەت تەرتىپىدە 6- ئورۇندا تۇرىۋاتىدۇ. دىمەك، بىزنىڭ دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ 32 كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىرىىش مۇساپىمىز ئانچە كۆڭۈللۈك ئەمەس. شۇڭا بىز مېسسىنىڭ تەييارلىق مۇسابىقىدە دۆلەت كوماندىمىز ئۈچۈن كۆپرەك نومۇر ئېلىپ، يامانلاشقان ۋەزىيەتنى تېزرەك ئوڭشىشىغا مۇھتاج بولىۋاتىمىز . شۇ سەۋەبتىن، مېسسى بۇ قېتىمقى ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشالمايدۇ .
مەنبە:بىۋاستە تارقىتىش تورى . |
|