ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 2159 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا غەلبە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-2-1 18:06
مىلان كوماندىسى ئالدىنقى يىل يازدا لىۋىرپولدىن ئىجارە ئالغان ئىتالىيەلىك ھۇجۇمچى بالوتېلىنىڭ ئىجارە مۇددىتى توشقان ھامان لىۋىرپولغا قايتۇرۋىتىلدىغانلىنى ، ئۇنى سېتىۋېلىشنى ئويلاشمىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بالوتېلى ئۆتكەن يىلى يازدا لىۋىرپول كۇلۇبىدىن مىلان كۇلۇبىغا ئىجارە شەكلىدە قۇشۇلغان بۇلۇپ، بۇ ئىتالىيەلىك مىلانغا قۇشۇلغان دەسلەپكى مەزگىللەردە يارلىنىش تۈپەيلىدىن بىر قانچە ھەپتە ئارام ئالغان. كىيىن يارىسى ئوڭۇشلۇق ساقىيىپ يېشىل چىملىققا قايتىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئىپادىسى ئادەتتىكىچە بۇلۇپ كوماندىغا تۈزۈك كۈچ بىرەلمىگەن ئىدى.
مىلان كۇلۇبىنىڭ باش تېرنىرى مىخايلوۋىچ تۈنۆگۈنكى مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا بالوتېلىنىڭ ئىنتىر مىلان بىلەن بولغان جەڭگە تەييارلىقى پۈتمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
تەنتەربىيە گېزىتىنىڭ بۈگۈنكى ئەڭ يېڭى خەۋىرگە قارىغاندا،بالوتېلى بۇ يىل ياز ئىجارە مۇددىتى توشقان ھامان سان سىرودىن ئايرىلىدىكەن.
گەرچە مىلان تەرەپ پەسىل ئاخىرلاشقۇچە بولغان ئارلىقتا بالوتېلىنى سېتىۋېلىش ھوقوقىغا ئىگە بولسىمۇ ،لىكىن بالوتېلىنىڭ ئىپادىسىنىڭ ناچار بۇلىشى سەۋەبلىك ئۇنى
سېتىۋېلىشتىن ۋاز كەچكەن.
ئەينى چاغدا ئۆزىنى پۇتبول ساھاسىدە مىسسى بىلەن رونالدودىن كىيىنلا تۇردىغان 3-ئورۇندىكى توپچى دەپ قارايدىغان بۇ ئىتالىيەلىكنىڭ كىيىنكى تەقدىرى قانداق بولار؟ بۇ توغرىسىدىكى خەۋەرلەرگە قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق پۇتبۇل مۇنبىرىدە بولسۇن. |
|