elan ornielan orni
كۆرۈش: 3470|ئىنكاس: 71

كىرىستىيانو رونالدو

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sensiz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-1 13:35  


Cg-4WlVxBYiIXklwAAdPMSCnRR0AAErmQFxTpgAB09J567.jpg

ئىسمى: كىرىستىيانو رونالدو
دۆلەت تەۋەلىكى: پورتىگالىيە
تۇغۇلغان جايى: پورتۇگالىيە مادىرا ئارىلى
تۇغۇلغان ۋاقى: 1985-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى
ئېگىزلىكى: 185 سانتىمىتېر
ئېغىرلىقى: 80 كىلوگىرام
ھازىرقى كوماندىسى: ئىسپانىيەدىكى خان جەمەتى مادرىد كوماندىسى
تېخنىكا ئالاھىدىلىكى: پۇت ئاستى تېخنكىسى ياخشى، تېزلىكى بۆسۈپ كىرىشى ئالاھىدە ياخشى
ئېرىشكەن شەرەپلىرى:
پورتۇگالىيە پۇتبول تارىخىدىكى ئەڭ قالتىس پۇتبولچى
2008- يىللىق دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى
2008، 2013،2014 - يىللىق ئالتۇن توپ ساھىبى
2008،2013،2014،2015- يىللىق ئۇزغۇنلۇق مەرگىنى
2008،2011،2014،2015- يىللىق ياۋرۇپا ئالتۇن بوتىس مۇكاپاتى
ئېنگىلاند بىرلەشمىسىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ماھىر، ئەڭ مۇنەۋۋەر مەرگەن
ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ماھىر، ئەڭ مۇنەۋۋەر مەرگەن
10 قېتىم ياۋرۇپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ يىللىق مۇنەۋۋەر سەپ شەكلىگە كىرگەن بىردىنبىر پۇتبولچى


1.jpg

نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزىنىڭ خاتىرە فىلىمىنى ئېلان قىلغان ۋاقىتتا ئاللىقاچان دەم ئېلىشقا چىقىپ بولغان بولىدۇ، لېكىن رونالدو ئۇنداق ئەمەس، ئۇنڭ يەنە نۇرغۇنلىغان ئارزۇلىرى ئەمەلگە ئاشقىنى يوق. پۇتبول ئۆزگەردى، يەنى كېلىپ ئۆزگۈرۈش سۈرئىتى ئىنتايىن تىز بولماقتا. ئۇنىڭ سەبداشلىرى بولسا توختىماي ئالمىشىپ تۇرماقتا، لېكىن كىشىلەرنىڭ نەزىرى يەنىلا شۇ بىر ئادەمگە تىكىلمەكتە. رونالدو بۇ نوقتىنى چۈشىنىدۇ، كۆپىنچە ۋاقىتتا بىر مەيدان مۇسابىقىنىڭ غەلبىسى داۋاملىق بىر ياكى ئىككى كىشىنىڭ زىممىسگە يۈكلەنگەن بولىدۇ، رونالدو بولسا دەل شۇ كىشى.
2.png

مانچىستىرغا كەلگەندىن باشلاپ ئۇ ئۆزىنىڭ قالتىس تېخنىكىسى ۋە ئىپادىسى تاينىپ 7- نۇمۇرلۇق بۇ رىۋايەتلىك ئورۇنغا ئېرىشتى. شۇ يىلى رونالدو بېكخام قالدۇرۇپ كەتكەن 7- نۇمۇرنى قولىغا ئالدى، بىكار قالغان ۋاقىتتا توختىماي مەشىق قىلاتتى، چۈنكى گىگىس ئۇنىڭغا : يان ھۇجۇم دىگەن ئورۇن توختىماي مەشىق قىلىشى كېرەك دىگەن ئىدى.
3.png

كىم بىلسۇن ئۇ مەشىق قىلغانچە 12 يىل داۋاملاشتۇردى، شۇ يىلى ياۋرۇپادىكى چوڭ كىچىك مۇسابىقىلەردە چېمپىيون بولدى، پەقەت دۇنيا لوڭقىسىلا كەم قالدى. ئۇ مانچىستىرنىڭ يەنە بىر قېتىم ياۋرۇپا چوققىسىغا چىقىشىغا ۋە مادرىدنىڭ بىر مەزگىل كۆتۈرىلىشى ۋە قالايمىقانچىلىقىغا گۇۋاھچى بولدى.بۇ يىللاردا ئۇنىڭ سەبداشلىرى نەچچە قېتىم ئالماشتى، ئۇنىڭ دەۋىرداش قالتىس چولپانلار بولسا ئامىركا بىرلەشمىسىدە راھەت كۆرۈپ پۇل تېپىۋاتىدۇ، بەزىلەر مەشقاۋۇل بولدى، يەنە بەزىلەر باشقا كەسىپلەر بىلەن شۇغىللىنىۋاتىدۇ.
4.jpg

ئۇنىڭدىن خېلىلا ياش بولغان ماھىرلار بولسا بەزىلەر نۇرغۇن چېمپىيونلىقلارغا ئېرىشىپ لوڭقا كۆتۈرگەن بولسا يەنە بەزىلەر ئىككىنچى سەپ كوماندىدا ۋە ياكى باشقا بىرلەشمىلەردە توپ جېنىنى بېقىۋاتىدۇ. يەنە بەزىلەر ئۇنىڭغا ئوخشاش ئۆزىنىڭ ئارزۇسىغا ئوخشاش داۋاملىق تىرىشىۋاتىدۇ. رونالدو ئەتراپىغا قاراپ ھەيران قېلىۋاتىدۇ، ئۇلار مانا مۇشۇنداق بىر بىرلەپ كېتىۋاتىدۇ، پەقەت ئۆزىگە ئوخشاش تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان پې پې لا ئۇنىڭ يېنىدا ئىدى.
5.jpg

ھەر نىمە بولسىمۇ پې پېى بولسىمۇ باكەن، ئۇ تۇيۇقسى گىگىس نى ئويلىدى، گىگىس ھازىرمۇ مانچىسترىنىڭ مەشىقتە كىيدىغان ئىشتىنىنى كىيىپ تۇرماقتا، رونالدو ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈپ كەتتى، چۈنكى ئۇ كىيمنىڭ بەلگىسىمۇ سۈرۈلۈپ يوقاپ كىتەي دەپ قالغان ئىدى.
سامان يولى جەڭ كېمىسنىڭ رىۋايەتلىك شەخىسلىرىمۇ قالمىغان ئىدى.
cristiano_ronaldo-008.jpg

بىزنىڭ نەزىرىمىزدە مادرىد دۇنيا بىلەن تىركىشىۋاتىدۇ، لېكىن ئەمىلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس،چۈنكى دۇنيا ھازىر مادرىد قا تەۋە ئەمەس ئىدى. يىڭى چولپانلار بىرسى چېكىنسە بىرسى چىقىپ كېلىۋاتىدۇ. رونالدونىڭ قارىشىچە ئۇ ھازىر مۇھىم ئەسكىرى كۈچنى قولىدا تۇتۇپ چىگرا ساقلاۋاتقان كونا قوماندان ئىدى. ئۇ ئامىركىدىكى كۆپلىگەن ماھىرلار بىلەن 10 يىلغا يېقىن جەڭ قىلدى، دۈشمەنلەر بارغانسىرى كۆپىيىۋاتاتتى، لېكىن ئۇ بولسا بارغانسرى قېرىشقا قاراپ ماڭغان ئىدى.
6.jpg

نۆۋەتتە ئۇنىڭ بىلەن قارشىلىشىۋاتقىنى ئىسمى نېيمار بولۇپ 24 ياش،
رونالدو ئۆزىنىڭ 23 ياش ۋاقىتتا نىمە ئىش قىلىدىغانلىقىنى ئويلاۋاتاتتى، ئۇ شۇ يىلى چۈشتىن كېيىن تۇنجى ئالتۇن توپ مۇكاپاتىنى ئېلىپ ، ئالتۇن توپنى قۇچاقلاپ رەسىمگە چۈشكەنلىكىنى ئويلاپ چىقتى.
7.jpg

مانا بۇ كۆرۈنۈشلەر تېخى باياتتىنلا يۈز بەرگەندەك نۇرغۇنلىرىمىزنڭ كۆز ئالدىدىن ئۆتتى.
بۇ يىل 31 ياشقا كىرىپ قالغان رونالدو ئۆزى يالغۇز مادرىدنىڭ ئاساسلىق ئەزاسى بولۇپ تۇرماقتا، قېرى بولسا نىمە بوپتۇ؟ ئۇنىڭ دوستى راموسنىڭ ئىلگىركىگە ئوخشاش چاققانلىقى قالغان بولۇپ، كوماندىنى باشلاپ ھەل قىلغۇچقا ئېلىپ كىرەلمىدى.
8.png

كونا سەبدىشى بولغان بېنزىمامۇ مەيدان سىرتىدىكى سەتچىلىك خەۋەرلىرىگە ئارلىشىپ قېلىپ دىققىتنى يېغالمايۋاتاتتى، مودرىچ جامىس قاتارلىق چولپانلارنىڭ مۇ بۇرۇنقى ئىپادىسىنى تاپقىلى بولمايۋاتاتتى، لېكىن ئۇلار ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى تۇرسا، ھەر قانداق ئېسل پاس كەلسە بىر تېپىك بىلەن تېپىپ چىقىرىۋەتسىمۇ ھېچ كىم ئۇلاردىن ئاغرىنمايتتى، چۈنكى ئۇلار ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى. كېيىن ئۇ پۈتۈن دۇنيانىڭ، پۈتۈن مەستانىلەرنڭ ئۇنىڭغا قاراۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى، ئىلگىرى راموس كوماندىنى غەلبىگە ئېرىشتۈرگەنگە ئوخشاش بۈگۈن بۇ مەسئۇلىيەت مارسىلو، راموس، مودرىچ، بېنزىما قاتارلىقلارغا ئارتىلماي ئۇنىڭغا ئارتىلغان ئىدى.
9.png

لېكىن ئۇنىڭ بۇرۇنقىدەك تېزلىكى قالمىغان ئىدى، لېكىن ئۇ مۇشۇ ھالەتتە مادرىدتا داۋاملىق توپ تېپىۋاتاتتى، ئۇ ئەتراپقا قاراپ كاكا، ھىگۇايىن، ئالۇنسو، كاسىللاس قاتارلىقلارنى ئىزدەيتتى، لېكىن ئۇلار كۆرۈنمەيتتى، ئۇلاردىن بىرسىمۇ كۆرۈنمەيتتى. پەقەت ئۆزى يالغۇز يان يولدا ھۇجۇم تەشكىللەش، توپ ئۇرۇش ئىپادىسى ياخىش بولماي قالسا باشقىلارنىڭ ھاقارىتىنى ئاڭلاش قاتارلىق ئىشلارغا بەرداشلىق بېرىپ كىلىۋاتاتتى.
10.jpg

مىنىڭ بۇ يولۇمغا كەلمە، مەن بىر ئادەم ئۇ ئۈچىنىڭ ئەدىپىنى بىرەلەيمەن.
شۇڭلاشقا شۇ كۈندىن باشلاپ ئۇ ئۆزى يالغۇزلا قالغان ئىدى.
شۇ يىلى گىگىس رونالدودىن مۇنداق سورىغان : رونالدو سەن سول ھۇجۇمنى ئوينىيالامسەن؟
ئىپادىسى قالتىس بولىۋاتقان ۋە ئۆزىگە ئىشەنچىسى تولۇپ ئاشقان رونالدو كەسكىنلىك بىلەن ئوينايمەن دەپ جاۋاپ بەرگەن. شۇنىڭدىن باشلاپ بۇ ۋەزىپە ئۇنىڭ زىممىسگە يۈكلەنگەن. ئۇنىڭ نەزىرىدە كەسپى ھاياتى ئىنتايىن قىسقا بولۇپ تېزلا ئاخىرلىشاتتى، نۇرغۇنلىغان ياش ماھىرلار چىقىپ ئۇنىڭ ئورنىنى ئېلىپ، ئۇنىڭ يۈكىنى يېنىكلەتمەكچى بولغان ئىدى. ئۇنىڭغا ۋاكالىتەن كۇلۇپقا شان شەرەپ ئەكەلمەكچى، ئۇنىڭغا ۋاكالىتەن دۇنيادىكى بىرىنچى دىگەن ئورۇندا تۇرماقچى بولغان ئىدى. شۇڭلاشقا ئۇ تېزلا بۇ يۈكلەردىن قۇتۇلۇپ ئۆزىنڭ كونا سەبداشلىرىغا ئوخشاش، ئېلان ئىشلەپ، تاماششا ساھەسىگە كىرىپ، تىجارەت قىلىپ ۋە ياكى ئامرىكىغا بېرىپ خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرىشنى ئويلاشقان ئىدى.
11.jpg

ئۇ ئۆزىنىڭ ئىلگىرى يالغۇز جاپاغا چىداپ مەشىق قىلغان كۈنلىرىنى ئويلىدى، مانچىستىرغا كىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، ئۆزى چۈشىدە كۆرۈشكىمۇ جۈرئەت قىلالمايدىغان نۇرغۇن شەرەپلەرگە ئېرىشكەن ئىدى. ئۇ يىلى پۈتۈن بەدىنى چىلىق تەرگە چۆمۈلگەن ھالەتتە ئۆزى يالغۇز مەشىق قىلاتتى، گىگىس نېۋىل قاتارلىقلارنىڭ پاراڭلىشىپ تۇرغىنىغا قاراپ بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ، مىنىڭمۇ ئۇلاردەك خاتىرجەم ۋاقىتىم كېلىدۇ دەپ ئويلىغان ئىدى.
12.jpg

كۆپىنچە كىشىلەر ئۇنى مازاق قىلىشىدۇ، چۈنكى رونالدو دۆت، رونالدو باشقىلارنى ئالدىيالمايدۇ، رونالدو بەك ھۇرۇن، ئۇ يەنە 7- نۇمۇرنى بىكارلاپ بەرمەيدۇ..........
يەنە مۇخبىرلار دۇنيادىكى بىرىنچى توغرۇلۇق سۆز قىلغاندا ئۆزىنى بىرىنچى دەپ تۇرىۋالىدۇ. چۈنكى ئۇ يېڭىشنى ئويلايدۇ، لېكىن ئۇ ھازىر يېڭىلمەيدۇ، ھازىر ھەممىسى ئۇنىڭ بىلەن قارشىلىشىۋاتاتتى، ھەتتا ئىككىنچى سامان يولى جەڭ كېمىسىمۇ ئۇنىڭ دۇنيانى بويسۇندۇرىشىغا ياردەم قىلالمايۋاتاتتى.
13.png

رونالدو مانا شۇنداق ئۇنۋىرسال، ئۇنىڭ بىلەن ماسلىشىشى ياخىشى بولغان توپچىنى ھەر ۋاقىت ئالماشتۇرىۋېتىدۇ. لېكىن ئۇ يەنىلا مادرىدقا ياردەملىىشىپ دۈشمەنلەرنى مەغلۇپ قىلالايدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر رونالدونىڭ ماسلاشقۇچىلىرىنىڭ بىر بىرلەپ كوماندىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئويلاشمايدۇ، ئەگەر ئۇنىڭ ئورنىدا مىسسى بولغان بولسا، ئۇنىڭ ئورنىدا خارزاد بولغان بولسا .............
كۆپچىلىك مۇشۇنداق ئويلاۋاتىدۇ، رونالدو قېرىدى، كارغا كەلمىدى، رونالدو تېز يوقال .....
ئەگەر رونالدو ئامىركىغا بېرىپ قالسا ئۇنىڭ توختامى چوقۇم 8 خانىلىق سان بولىدۇ، ئۇ ۋاقىتتا پۇل شان شەرەپ ھەممىس بار بولىدۇ، ئاپتاپقا قاقلىنىپ ئولتۇرۇپ راھەت تۇرمۇش كەچۈرىدۇ.لېكىن تەقدىر ئۇنى قويىۋېتىشنى خالىمايۋاتاتتى، چۈنكى ئۇ دىگەن كىرىسىتىيانو رونالدو، ئۇ دىگەن دۇنيادىكى بىرىنچى نۇمۇرلۇق توپچى.
14.png

لېكىن بىرىنچى بولۇش ئۈچۈن چوقۇم ھەممىنى يېڭىش كىرەك.
بۇ يىل 31 ياشقا كىرىپ قالغان رونالدو بىنانىڭ ئۈستىدە ئەتراپقا نەزەر سالماقتا، ئۇ ھېچ يەرگە قېچىپ كىتەلمەيتتى. دۇنيا ئۆزگەردى لېكىن ئۇ يەنىلا شۇ پېتى، ئۇ ھەرقانچە قەيسەر بولسىمۇ لېكىن تەقدىر ۋە يېشى توختىماي ئالدىغا ئىلگىرلەۋاتاتتى. يەنى ئۇنىڭ مەيداندا ۋارتارغا تەپكەن توپلىرىغا ئوخشاش ۋاقىت ئۇنىڭ پۇتى ئاستىدا بىر بىرلەپ تېپىلمەكتە.
15.png

ھەر قانداق يان مۇداپىئەچىنى ئوينىتىۋېتەلەيدىغان رونالدو، ئوتتۇرا ئوڭ سول ھەممە جايدا سىماسىنى كۆرگىلى بولىدىغان رونالدو بارغانسىرى يوقاپ كېتىۋاتاتتى، يەنى ئادەتتىكى كىشىلەرگە ئوخشاش ئۇ قايتىدىن باشلىماقچى ئىدى، يەنى ئۆزى 20 يىل قىلغان مۇشۇ تونۇش كەسپىنى قايتىدىن تۇنۇپ چىقىۋاتاتتى.
16.png

يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىختىيارى توپ تېخىنىكى بولمىسا قانداق قىلىدۇ؟
قايتىدىن مەشىق قىلىدۇ
ئادەم ئالداش ماھارەتلىرى بولمىسا قانداق قىلىدۇ؟
قايتىدىن مەشىق قىلىدۇ
ئارقىمۇ ئارقا ، مەيدانمۇ مەيدان، يەنى كىچىك بالىنىڭ يول مېڭىشىدەك بىر قەدەم لەيلەپ بىر قەدەم مېڭىپ.
ئادەمدىن ئۆتەلمىسە قانداق قىلىدۇ، ئۆزىنى ئۆتۈشكە قىستاپ نىمىلا قىلمىسۇن ئۆتسە بولىدۇ.
ۋارتارغا ئۇدۇل تىپەلمىسە قانداق قىلىدۇ، ئۆزنى زورلاپ ئۇدۇل تېپىشكە مەجبۇرلايدۇ، يەنى مانچىستىردىكى ۋاقتىغا ئوخشاش ھەر كۈنى كەچتە سەبداشلىرى يېتىپ ئارام ئالغان ۋاقىتتا ئۆزى چىملىقتا قونسىمۇ قونۇپ، تېپىلمىسە قايتىدىن كېىلىپ ئارقىمۇ ئارقا مەشىق قىلىدۇ.
ئۇ بۇنىڭدىن بۇرۇن باشتىن ئۆتكۈزگەن نەچچە مەيدان بوران چاپقۇنلۇق مۇسابىقىلەرگە ئوخشاش بۇنىڭدىن كېيىنمۇ مەسئۇلىيەت ئۇنىڭ ئۈستىدە، ئۇ ھەر قېتىم ۋارتارغا توپ تەپكەندە سەبداشلىرى ئۈمۈد بىلەن شۇ توپقا قارىشىدۇ، لېكىن ئۇ چۇ ئۇ قەستەن شۇنداق قىلىۋاتامدۇ؟
رونالدو بولسا چىشىنى چىشلەپ، قان ئاققۇزسىمۇ چىداپ تۇرۇپ كوماندا ۋە سەبداشلىرنىڭ ئۈمىدى ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ.
17.png

بۇ قېتىم ئۇ دۇنيادىكى بىرىنچى بولالماي قالدى، يەنە باشقىلار تەرىپىدىن ھەر خىل ناملارغا ئىگە بولدى، قېچىر، چېكىت، سۇغا سەكرەش ماھىرى ..............
قارىغاندا پۈتۈن دۇنيا ئۇنىڭ مەغلۇپ بولىشىنى ئۈمۈد قىلسا كېرەك، ئۇنىڭ ئۈزىل كېسىل مەغلۇپ بولۇپ ساۋۇتىنى تارىخنىڭ رەھىمسىز ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلىشىنى ئۈمۈد قىلغان بولسا كىرەك.
ئۇلار يۇشۇرنۇپ تۇراتتى، يەنى ئىكرانىڭ كەينىدە تۇرۇپ، ئۇنىڭ ھەر قېتىملىق مەغلۇبىيتىگە چاۋاك چالسا، ھەر قېتىملىق يېقىلىشىغا ئالقىش ياڭرىتاتتى، يەنە بىر قېتىم پۇرسەت بولسىلا ئۇنى تارتىپ ئەچىقىپ ھاقارەت قىلىۋالاتتى.
چۈنكى ئۇ دىگەن كىرىستىيانو رونالدو  شۇڭلاشقا ئۇ نىمىلا ئىش قىلمىسۇن ھەممسى خاتا، ھەر بىر قەدەمدە ئالدىغا چىقىپ : رونالدو دىگەن ئەخلەت دەيدىغانلار نۇرغۇن.
18.png

رونالدونىڭ راستىنلا ئالدىنقى ئۈچ نىڭ ئىچىگە كىرىشىگە سالاھىيتى توشمامدۇ؟
رونالدو رۇنى غا قارىدى، رۇنى ۋاز كەچمىگەن ئىدى، پەقەت نەتىجىسى ياخشى بولمايۋاتاتتى، لېكىن ئۇ يەنىلا تىرىشىپ يەنە بىر قېتىم ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىغا ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلاتتى. رونالدو ئاخىر ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقىنىڭ بىكارغا كەتمىگەنلىكىنى ھېس قىلدى، ئەگەر مەغلۇبىيەت سەۋەبلىك باشقىلارنىڭ سۆز چۆچىكى سەۋەبلىك ۋاز كەچكەن بولسا ئۇنداقتا ئۇنىڭ قارا چۈشى باشلىناتتى، ئۇنىڭ مەستانىلىرىمۇ باشقىلارنىڭ ئالدىدا بېشىنى كۆتۈرۈپ يۈرەلمەيتتى. رونالدو ئۆزىنىڭ كەسپى ھاياتىنى قارا چۈشكە ئوخشاش ئاخىرلاشتۇرىشنى خالىمايتتى، ئۇ ئۆزىنىڭ شەرەپكە ئېرىشكەن ھەر بىر يىلىنى ئويلاۋاتاتتى، لېكىن سەبداشلىرىنىڭ ھالىتنى بارغانسىرى ئەسكە ئالالمايۋاتاتتى.
                  چۈنكى ئۇ قېرىپ قالغان ئىدى.
19.png

31 ياشقا كىرىپ قالغان مادرىد يان ھۇجۇمچىسى رونالدو، ئۇنىڭ قىلالايدىغىنى مەيدانغا كىرىپ ئىختىيارى توپ مەشىقى قىلىش،  ئۇ پەقەت مۇشۇ ئۇسۇل ئارقىلىق يەنى ئاۋاسسىز دۇنياغا بولغان نارزىلىقىنى ئىپادىلەيدۇ، رونالدونىڭ ئارتۇقچە سۆزى قىلىشىنىڭ ھاجىتى يوق. سۆزنىڭ كۈچى يوق لېكىن مەشىق بولسا راست، تىرىشسا چوقۇم نەتىجىگە ئېرىشىدۇ دەيدىغان گەپ يوق، لېكىن تىرىشمىسا ھېچ نەرسىگە ئېرىشەلمەيدۇ. كەلگۈسى بەلكىم ئىلگىركىدەك گۈزەل بولماسلىقى مۇمكىن، لېكىن ئۇنچە قاراڭغۇ بولماسلىقىمۇ مۇمكىن، ھەر بىر ئىختىيارى توپ ئۇرغاندا ئازراق ئۈمۈد تۇغىلىدۇ، ھەر بىر مەيدان مۇسابىقىدە غەلبە قىلغاندا ئازراق يورۇقچىلىق پەيدا بولىدۇ.
20.png

رونالدومۇ ئۆزىنىڭ دۇنيادىكى بەزى مەستانىلەرنىڭ ئېتراپ قىلىنىشىغا ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى بىلىدۇ، يەنە ئاخىرىدا قېچىر ناچار دىگەندەك نامغا ئېرىشىدۇ، يەنە باشقىلار دەسسەپ مەڭگۈ ئۈستىگە چىقالماسلىقىنى ئۈمۈد قىلشىدۇ.كىشىلەر رونالدو دىگەن ئىسىمنى تىلغا ئېلىشقاندا پەقەت كۇنۇپكا تاختىسى ئارقىلىقلا باھا بىرىشىدۇ. چۈنكى ئۇلار ئۇنىڭغا ھەسەت قىلىشىدۇ.
22.jpg

ئويلاپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە رونالدو بېشىنى چايقاپ كۈلۈپ قويدى، ۋە بۈگۈنكى مەشىقتىكى تۇنجى ئىختىيارى توپىنى ئۇرۇپ كىرگۈزدى.
22.png

2-ئاينىڭ 5-كۈنى 31 ياشقا كىرىدىغان رونالدو ھازىرمۇ پۇتبول سەھنىسىدە ئاتتەك چېپىپ يۈرمەكتە، لېكىن مىسسى بىلەن بولغان رىقابەت ھازىرغىچە ئازىيىپ قالىغىنى يوق، مىسسى 2015- يىلى 2 ئاي يارىسىنى داۋالاتتى، بارسىلونادىكى يەنە بىر توپچى نېيمار پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ مىسسى يوق ئەھۋال ئاستىدىمۇ كوماندىنى يىتەكلەپ كېتدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.يەنى مىسسىنىڭ ئىز باسارى تېپىپ چىقىلدى، لېكىن سامان يولى جەڭ كېمىسى رونالدودىن كېيىن كىمگە تايىنىپ بارسىلونا بىلەن قارشىلىشىدۇ؟ 27 ياشقا كىرىپ قالغان بېل مادرىدنىڭ كېينكى بايراقدارى بولالامدۇ؟
24.jpg

مادرىد ۋە مەستانىلەر رونالدوغا رەھمەت ئېيتىشى كىرەك، پەقەت شۇ بولغاچقىلار مادرىد ئەڭ كۈچلۈك بارسىلونا كوماندىسى بىلەن تىركىشىپ تۇرالىدى، پەقەت رونالدو بولغاچقىلا مىسسىغا رەقىپ چىقتى، ئۇ بولسا تەنھا قەھرىمان.
رونالدو ئەسلى ئانىسى تەرىپىدىن ۋاز كېچىلگەن بىر بالا، 1985- يىلى 2-ئايدا قورسىقىدا ھامىلە بار بولغان رونالدونىڭ ئاپىسى ھەر كۈنى كۆپ مىقداردا قارا پىۋا ئىچىپ ئۇنىڭدىن كېيىن دەريا بويىدا يۈگرىگەن، ئۇنىڭ مەقسىتى بولسا رونالدونى چۈشۈرىۋېتىش ئىدى. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئائىلىسى ئىنتايىن نامرات بولۇپ يەنە بىر جان كۆپەيسە ئۇنى باقالمايتتى. لېكىن تەلەيلىك رونالدو يەنىلا دۇنياغا كۆز ئاچقان. بۇ ئىشلارنى رونالدو چوڭ بولغاندىن كېيىن ئاپىسى ئۆز ئاغزى بىلەن سۆزلەپ بەرگەن.
رونالدو 20 ياشقا كىرگەن يىلى ئۇنىڭ ئاتىسى تۈگەپ كەتتى، بۇ رونالدوغا نىسپەتەن ھەقىقەتەن چوڭ بىر زەربە بولدى. شۇنداق زەربە ۋە قالايمىقان تۇرمۇشتا چوڭ بولغان رونالدو شۇنداق قىلىپ ئىككى مىجەزلىك ئادەم بولۇپ قالدى.
22222.png

بۇ نامراتلار ئائىلىسىىدىن كېلىپ چىققان ئۆسمۈر ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە ئىرادىسى بىلەن نۇرغۇنلىغان يوللارنى بېسىپ بىر 30 ياشلىق ئادەم ئېرىشىدىغان ھەممە شەرەپكە ئېرىشتى. ئۇ بولسا دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى، ئۇ بولسا ئەڭ مۇنەۋۋەر ( ئەسلى ئەڭ ئۇلۇغ ، ئۇلۇغ سۆزىنى ئىشلىتىشنى خالىمىدىم) پۇتبول تەنھەركەتچىسى، ئۇ بولسا داڭلىق ساخاۋەتچى، پۈتۈن دۇنيادىكى تەنھەركەتچىلەر ئىچىدىكى ساخاۋەتچىلەرنىڭ ئارىسىدا رونالدو بولسا بىرىنچى. ئۇ بىر 10 ياشقا كىرگەن ئۆسمۈرگە 83 مىڭ ياۋرو ئىئانە قىلغاندىن باشقا داۋالاش ئورۇنلىرىغا 165 مىڭ دوللار ئىئانە قىلغان. يەنە نېپالدا يەر تەۋرىگەن ۋاقىتتا بىۋاستە 7 مىلىيون ياۋرو ئىئانە قىلغان.
33333.png

رونالدو مەستانىلىرىنى ئاسرايدۇ، مەيدانغا بۆسۈپ كىرىپ ئۇنىڭ يېنىغا كەلگەن مەستانىلەرنى قۇچاقلاپ ئامانلىق ساقلىغۇچىلارغا ئۇلارغا زىيان يەتكۈزمەسلىكنى ئەسكەرتىدۇ. مەشىق جەريانىدا تەپكەن توپى بىر كىچىك بالىنىڭ قولىنى سۇندۇرىۋەتكەندە، ئۈستىدىكى كىيىمىنى سېلىپلا ئۇ بالىنى خۇشال قىلغان.
444444.png

رونالدو مەيداندا قورقۇنۇشلۇق توپ ئۇرۇش ماشىنىسى بولۇپلا قالماستىن، يەنە بىر پاس چىقارغۇچى، رونالدونىڭ ئېنگىلاند بىرلەشمىسى ۋە ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدە چىقارغان پاس سانى 100 دىن ئېشىپ بولدى، ياۋرۇپا ئۇزغۇنلۇقتا چىقارغىنى بولسا 24 كە يېتىپ مىسسىدىن ئېشىپ كەتتى.
لېكىن سىز يەنىلا پەسكە قاراڭ
رونالدونىڭ قىز دوستى بار، لېكىن توي قىلىشقا پۈتۈشكەن ئادىمى يوق، ئۇ توختىماي ئۆزىگە ھەمرا ئىزدەۋاتىدۇ، ئۇ ۋاكالىتەن ھامىلدار بولغۇچى تېپىپ بالا تاپالايدۇ، يەنە 10 مىلىيون ياۋرو بىلەن ئۇنىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلىيالايدۇ. لېكىن ئۆزىنىڭ بالىسىغا ئانا مېھرىنى ھېس قىلدۇرالايدىغان ئادەم تاپالمايدۇ.
55555.png

رونالدو مەيداندا ئۆزى بىلەن بىللە توپ تەپكەن سەبدىشىنى كۆرگەندە يۈز قىلمايدۇ، خۇددى 2006- يىلى دۇنيا لوڭقىسىدا رۇنى كارۋالۇ نىڭ پۇتىغا دەسسەپ قويغاندا رونالدو بىرىنچى بولۇپ رېپىرغا قىزىل كارتا بېرىشنى تەلەپ قىلغانغا ئوخشاش. رۇنىمۇ شۇ ۋاقىتتا ئاچچىقلىنىپ رونالدونى ئىتتىرگەن ھالدا سەن مېنىڭ دوستۇم ئەمەس دىگەن.
66666.png

رونالدو بىرلەشمە مۇسابىقىدە ئىككى ئاي مېھمان مەيداندا توپ ئۇرالمىدى، شۇ سەۋەبتىن ئاچچىقلانغان پورتۇگالىيەلىك ئادەم تېپىشتەك خاتالىقنى سادىر قىلدى.  شۇ سەۋەبلىك رونالدو بۇ ئىككى يېرىم ئاي ئىچىدە بەش قېتىم مۇشۇنداق ئادەم يارلاندۇرىدىغان ھەركەت ئىشلىدى.
11111.png

رونالدو شۇنداق قاردىن ئاق قاغا دىن قارا بىر ئىنسان، خۇددى بۇلۇت ئۈستىدە گۈل كۆرۈپ تۇتقىلى بولمىغاندەك، ئۇ ئىنتايىن كەمتەر بىر ئادەم، ئۇنىڭ ھەممە ئادەمگە بولغان مۇئاملىسى ئىنتايىن يېقىشلىق.
بەلكىم ئۇنىڭ كۆڭلىگە بىر ئالۋاستى يۇشۇرىنىۋالغان بولىشى مۇمكىن، شۇ ئالۋاستى ئۆزىنى كۆرسەتكەن ۋاقىتتا بىز ئۇنىڭ يەنە بىر تەرىپىنى كۆرىمىز، كىچە كۈندۈزنىڭ ئالماشقىنىدەك ئۇنىڭ ياخشى ھەم ناچار تەرىپىنىڭ بولىشىمۇ نورمال ئەھۋال، مانا بۇ بىر تەرىپى پەرىشتىدەك يەنە بىر تەرىپى ئالۋاستىدەك رونالدو................
777777.png


رونالدو سۆزلىرىدىن

1.مەن ئەزەلدىن ئەمىلىيەتنى يوشۇرمايمەن، مىنىڭ مەقسىتىم بولسا دۇنىيادىكى ئەڭ مۇنەۋەر پۇتبولچىغا ئايلىنىش .
a.jpg


2.مەن ئەمىلىيەتتە ھەقىقەتەن كۆزگە كۈرۈندۈم ، ئەمما باشقىلارنىڭ ئۆچمەنلىكىدىن ساقلىنالمايمەن .
b.jpg


3.بىر قىسىم توپ مەستانىلىرى مىنى توختىماستىن مەسخىرە قىلىپ ئىسقىرتىشىدۇ ، بۇ پەقەت مىنىڭ ئىقتىدارىمنىڭ كەم- كۈتىسىز بولغانلىقىدىم ، ئۇلار ھەسەت قىلىپ جىنىنى قىيناۋاتقان ئىش خالاس.
c.jpg


4.     7-نۇمۇرلۇق جەڭ كىيىمى شەرەپ ۋە مەسئۇلىيەتنى ئىپادىلەيدۇ ،  ئۇنىڭ ماڭا باشتىن ئاخىرى ئامەت ئىلىپ كىلىشىنى تىلەيمەن!
d.jpg


5. شۇنداق بىر كۈنلەر كىلىپ كىشىلەر ماڭا  بىكخامغا چوقۇنغاندەك ھۆرمەتلىسە ، مەن ناھايىتتى ئىپتىخارلانغان بولاتتىم ،  مانا بۇ مىنىڭ ئۈزۈكسىز تىرىشىپ يەتمەكچى بولغان نىشانىم .
e.jpg


6.سىلەرنىڭ (مەستانىلەرنى دىمەكچى ) ياخشى كۆرۈشۈڭلار مىنى تىخىمۇ قەيسەر قىلىدۇ ، سىلەرنىڭ نەپىرىتىڭلار مىنىڭ يولۇمنى ھەرگىز تۇسۇيالمايدۇ.
f.jpg


7. ھەرقىتىم مۇكاپات سەھنىسىگە چىققىنىمدا دادام ئىسىمگە كىلىدۇ.
g.jpg


8. ھەر قىتىم ئىتىيارى توپنى ياخشى تىپىشىمىنىڭ سىرى  نېمە ؟  بۇ بولسا مەن ۋاراتارنى ناھاىتتى توغىرا قارغا ئالالايمەن ، ئاندىن ئۆزۈمگە : يۈرەكلىك تەپ كىرىستىيانو ، دەيمەن.
h.jpg


9. ئۇ ( چۈشكەن توپ) ماڭا دۇنىيادىكى ئەڭ گۈزەل تەسىراتلارنى ھىس قىلدۇرىدۇ ، مەن مەيلى يىقىندىن توپ ئۇراي ، مەيلى يىراق ئارلىقتىن توپ ئۇراي ، مەيلى ئالداپ ئۆتۈپ توپ ئۇراي ، ھەممىسى شۇنداق گۈزەل ، ھەممىسىنى ياقتۇرىمەن.
i.jpg


10. مەن ئۆزۈمنى خۇددى شىرىن چۈش ئىچىدە ياشاۋاتقاندەك ھىس قىلىۋاتىمەن ، پەقەت ئويغانغۇم يوق!
j.jpg


11. مەن رىپىرنىڭ قارارىنى چۈشىنىشكە ئامالسىز ، خۇددى بەزى توپچىلارغا ھەتتا كىچىككىنە تىگىپ كىتىشكىمۇ بولمايدىغاندەك

k.jpg


چۈنكى سەن بولغاچقا مەن پۇتبولدىن ھۇزۇرلىنىشنى ئۆگەندىم
چۈنكى سەن بولغاچقا مەن بوشاشماسلىقنى ئۆگەندىم
چۈنكى سەن بولغاچقا ھاياتىمنىڭ ئەڭ گۈزەل ۋاقىتلىرىدا سېنى تونۇشقا مۇيەسسەر بولدۇم، ۋە ساڭا مەستانە بولدۇم
چۈنكى سەن بولغاچقا مەن پۇتبولدىن نۇرغۇن خۇشاللىق ۋە ھاياجانلىق تۇيغۇلارنى ھېس قىلدىم
چۈنكى سەن بولغاچقا مەن ئىشەنىچ ۋە ئۈمۈدۋارلىقنى ئۆگەندىم
چۈنكى سەن بولغاچقا مىنىڭ كۈنلىرىم تېخىمۇ مەنىلىك ئۆتتى
چۈنكى سەن بولغاچقا كىشىلىك ھاياتىم تېخىمۇ قەيسەرلىككە تولدى
چۈنكى سەن بولغاچقا نۇرغۇنىلغان بىچارە بالىلار دۇنيانىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلماقتا
چۈنكى سەن بولغاچقا ھەقىقى رىقابەتنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى چۈشۈنۈپ يەتتىم
چۈنكى سەن بولغاچقا بېرنابۇلىقلار پەخىرلىنىدۇ
چۈنكى سەن بولغاچقا مادرىد توختاپ قالغىنى يوق
چۈنكى سەن بولغاچقا بىز مەستانىلەر خاترىجەم
چۈنكى سەن بولغاچقا.................................


23.jpg

بەزىلەر رونالدونى پۇتبول دۇنياسىدىكى ئەڭ يىغلاڭغۇ پۇتبولچى دەپ قارىشىدۇ، يەنە بەزىلەر ئۇنىڭ خالىغانچە كۆز يېشىنى ئېقىتىشى تېخى پىشىپ يېتىلمىگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى دەپ قارىشىدۇ...
ئەمما زادى قانچىلىك ئادەملەر ئۇنىڭ كۆز يېشى ئىچىگە ئازاپلىق ھېسىيات، ھاياجانلىق كەيپىيات، قانچىلىغان ئامالسىزلىق ۋە قانچىلىغان دەرت-ئەلەم يوشۇرۇنغانلىقىنى، ئۇ تۆككەن كۆز ياشنىڭ ئۆزىگە ئوخشاش ۋەتىنىنى قىزغىن سۆيىدىغان قانچىلىغان ئەركەكلەرنىڭ ئىززەت-ئابرويىغا، قەدىر-قىممىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى ھېس قىلالايدۇ؟
مەن ئىشىنىمەن، رونالدو تۆككەن ياش ھەرگىز ئاجىزلارچە تۆككەن ياش ئەمەس. ئۇنىڭ كۆزىدىن چىققىنى ياش ئەمەس بەلكى قان، بۇنداق قانلىق ياش ھەقىقىي ئەركەكلەرنىڭ ۋۇجۇدىدىكى ئوت يالقۇنىنىڭ ئىپادىسى، مەغلۇبىيەتكە تەن بەرمەيدىغان ھەقىقىي ئەركەكلەرنىڭ ۋۇجۇدىدىن چىققان ئىسىيان...
كىرىستىيانو رونالدو. سەن مادىرىت ئۇچۇن بىرىلگەن ئەڭ قىممەتلىك سوۋغا. سەن مادىرىت ئۇچۇن ئوينىغان ھەربىر مۇسابىقىنى تۇلۇپ -تاشقان جاسارەت، قىزغىنلىق بىلەن ئوينايسەن. سىنىڭ توپ مەيدانىدىكى قارشى تەرەپنى قورقۇتۇپ ۋەھىمىگە سالىدىغان ھەركەتلىرىڭ ۋە ئەركەكلەرچە توۋلاشلىرىڭ مەستانىلەرنىڭ ساڭا بولغان ئامراقلىقىنى تېخىدىنمۇ كۇچەيتىدۇ. سەن مادىرىتتا توپ تىپىش جەريانىدا  ھەر قانداق بىر پۇتبولچى ئىرىشىپ باقمىغان شان-شەرەپ ۋە ئۇتۇقلارغا ئىرىشتىڭ. سىنىڭ ئوت مەستانىلىرىڭ ھەممە يەردە بار. ئۇلار ساڭا ئۆز تىكمەكتە ۋە ساڭا بەخىت تىلىمەكتە.چۇنكى ھەر قانداق بىر ئادەم سىنىڭ كىلەر قىتىملىق مۇسابىقىدە يەنە قانداق ئويىلىمىغان ئىشلارنى بارلىق كەلتۇردىغانلىقڭنى  بىلمەيدۇ. ئالغا كىرىستىيانو رونالدو.


بارلىق رونالدو مەستانىلىرىگە سوۋغات

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 25مۇنبەر پۇلى +2575 تۆھپە +43 شۆھرەت +42 تەجرىبە +67 تىللا +9 يىغىش سەۋەبى
zr777 + 50 قالتىس!
تەنھا + 500 + 25
TAJ + 50 قالتىس!
kuqarim1 + 50 شاھلارنىڭ شاھى رونالد.
رىقابەت + 50 قالتىس!
دىيارىم + 50 قوللاش!
تۈمەن + 50 قالتىس!
تۇرانى + 50 قالتىس!
muhsin + 50 + 4 قالتىس!
ئاكىجان + 50 + 10 + 10 + 10 قالتىس!
ماكانىم + 50 قالتىس!
munchen + 50 قالتىس!
tumurkala + 50 قالتىس!
پۇتبول + 50 + 10 + 10 + 10 ئىشتە بۆيلە
KUZEY` + 50 قالتىس!
قەشقەرئوغلانى + 50 + 10 + 10 + 10 قالتىس!ھوزۇر ھوزۇر بە.
كۆسەنى + 50 يامان نادىرچى بۇ
1712591936 + 20 + 2 + 1 + 1 قالتىس!
ORTON8 + 50 قالتىس!
تاتلىم + 50 قالتىس!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2016-2-1 13:36:46 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىمىسىمۇ كىرىستىيانو رونالدو ھازىرقى دەۋىردىكى نوچىلارنىڭ نوچىسى ،داۋاملىق تىرىشقىن تىرىشچان يىگىت
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-1 13:41:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمە دىسەك بولا بۇ تىمىغا ئەمدى ، باشقا گەپ قىلىش سەل ئارتۇقچە ................نادىر تىما
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-1 13:45:26 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
7-نومۇنىڭ ھەقىقى  ئىگىسى:كىرىستىيانو                                                                  رونالدو
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-1 13:46:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
. مەن رىپىرنىڭ قارارىنى چۈشىنىشكە ئامالسىز ، خۇددى بەزى توپچىلارغا ھەتتا كىچىككىنە تىگىپ كىتىشكىمۇ بولمايدىغاندەك .................................
سۇغا سەكرەشكە ئامراق دىلفىنلارغا بىرىلگەن رەدىيە كەنغۇ ،
7. نۇمۇرنىڭ ھۆددىسىدىن مانچىستىردا ۋە مادرىدتا راۋرۇس چىقىۋاتىدۇ ،
مانچىستىردا چىقىپ بولالمىدى تىخى 7 . نۇمۇرنىڭ ئىگىسى ، بۇ مارىدتىن كەتسە 7 . نۇمۇردەكتىن بىرەرسىنىڭ ۋاقتىدا چىقىشىنى ئۈمۈد قىلمەن  ،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-1 13:50:25 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نادىر  تىمىا ……   
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-1 13:51:58 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەكلا ياخشى يىزىپسىلا رونالدو  ئەڭنوچىسى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-1 13:52:12 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   پۇتبول تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-1 14:29  

مېنى پۇتبول دېگەن نەرسىگە قىززىقتۇرغان ئۈچ توپچىنىڭ بىرى . بۇنىڭ ئېسىل ماھارەتلىرىنى كۆرۈپلا چوڭ بولۇپتۇق . نەزىرىمدىكى ئەڭ مۇكەممەل پۇتبولچى .
بۇنىڭ دۈشمەنلىرى قانچىلىك تىللىسا شۇنچىلىك كۈچلىنىدىغان مىجەزىگە مەن بەك قايىل !
ئاۋۇ رونالدونىڭ نېمە ئۈچۈن يىغلايدۇ دېگەن يېرى بەك پەيزى چىقىپتۇ ، ئۇنىڭ يىغلىغىنىنى مازاق قىلىدىغانلارنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە يالغۇز ۋە بىچارە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىكەن .

رەھمەت ساڭا تەنھا جەڭچى رونالدو !
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-1 13:52:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئاۋال تاماق يەپ كىرىپ ئالدىرماي ئوقۇپ ئىنكاس يازاي ھە ، بۇنداق ئېسىل تېمىغا پىسپاس ئىنكاس يېزىپ قويۇشتىن ئالاھىدە ساقلىنىش كېرەك
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-1 13:53:05 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئ‍الامەت يىزىلغان تىما بوپتۇ. سەنسىز كىچىچە ئ‍ۇخلىماي تىما يىزىپ چىقتىمۇ نىمە؟  تىمىنى نادىرلاشقا بىر بىلەت كەتتى. رونالدو ھەركىتىڭنى داۋاملاشتۇر،…
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-1 13:53:15 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بېرنابۇ پەخرى سەن رونالدو، ھەممىسى ساڭا ھەۋەس قىلىشىدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-1 13:53:21 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەرجىمە ماقالىمۇ ياكى ئۈز قەلەممۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|دوختۇرخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2016-5-10 16:11

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش