ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 189 |
تۆھپىسى: سەر |
|
پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى لوڭقىسىنىڭ 2016-يىللىق ئەڭ يېڭى بەلگىلمىسى
يېقىندا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى لوڭقىسىنىڭ 2016-يىللىق ئەڭ يېڭى بەلگىلمىسى
ئېلان قىلىندى ،خوش قېنى كۆرۈپ باقايلى :
1.كىيىم نومۇرى ھەققىدە :
مۇسابىقە كىيىم نومۇرى چوقۇم 1دىن 40قىچە بولۇشى (2-قېتىم يۆتكىلىپ كىرگەنلەر بۇنىڭ سىرتىدا )بولۇشى كېرەك .توپچىلارنىڭ ئىسمى نومۇرى چوقۇم ئېلان قىلىنغان باش سەپ قەغىزىدىكىگە ئوخشاش بولۇشى كېرەك .ئەگەر يۇقارقى بەلگىلمىلەرگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان توپچىلارنىڭ مۇسابىقىگە چىقىشىغا بولمايدۇ .
ھەر بىر قۇر مايكىنىڭ ئارقىسىغا توپچىنىڭ نومۇرى ئېنىق يېزىلىشى كىرەك نومۇر ئېگىزلىكى 25تىن 35سانتېمېتىرغىچە بولۇشى ،مېيكىنىڭ ئارقىسى مەركىزىگە يېزىلىشى كىرەك .كەلتە ئىشتانغا يېزىلغان نومۇر چوقۇم ۆكرگىلى بولىدىغان ئوررۇنغا يېزىلىشى كېرەك.مايكا ئالدىدىكى نومۇر چوقۇم كۆكرەك ئۇدۇلىغا يېزىلىشى ،ئېگىزلىكى 10دىن15سانتېمېتىرغىچە بولۇشى كېرەك.
2.توپچى ئىسمى ھەققىدە :
مايكا ئارقىسىغا چوقۇم توپچىنىڭ ئىسمى خەنزۇچە يېزىلىشى ،چوقۇم توپچىلارنىڭ ئىسمى نومۇرى چوقۇم ئېلان قىلىنغان باش سەپ قەغىزىدىكىگە ئوخشاش بولۇشى كېرەك .ئەگەر ئىسمىنىڭ خەنزۇچە يېزىلىشى ئۇزۇن بولسا چوقۇم كۇلۇب شۇنداقلا توپچىنىڭ قوشىلىشى بىلەن قىسقارتىلىپ يېزىلسا بولىدۇ.
|
|