elan ornielan orni
كۆرۈش: 1526|ئىنكاس: 54

ھازىرقى 11 كۈچلۈك كوماندا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   پالۋان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-22 13:09  

       بۈگۈنكى زامان پۇتبولچىلىقىدىكى 11 چوڭ كۈچلۈك كوماندا

چىلسى پۇتبول كۇلۇبى، قىسقارتىلىپ چىلسى، كۆك قوشۇن، كۆك شىرلار دەپ ئاتىلىدۇ.ئېنگىلاد دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ،  يۇۋىنتۇس، بەيرىن مىيۇنخېن ، ئامىستىردېم قاتارلىق كۇلۇپلار بىلەن ياۋرۇپا پۇتبولچىلىقىدىكى يۇقۇرى سەۋىيەلىك كوماندا دەپ ئوخشاش تەرىپلىنىدۇ. كۇلۇب 1905-يىلى 3-ئاينىڭ 14-كۈنى قۇرۇلىدۇ، ساھىبخان مەيدانى لوندون (London Borough of Hammersmith and Fulham) دىكى سىتان فوردكۆۋرىكى مەيدانىدا. چىلسى كۇلۇبىنى ئابراموۋىچ سېتىۋالىدۇ ۋە زور سومىلىق مەبلەغ بىلەن تەمىنلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن كوماندا تەدىرىجى ھالدا دۇنيادىكى يۇقۇرى سەۋىيەلىك پۇتبول كۇلۇبىغا ئايلىنىدۇ. كوماندىدا تاشتەك مۇقىم ۋە كۈچلۈك مۇداپىئە ھەمدە پولاتتەك بوشاشماس روھ مۇجەسسەملەنگەن، مۇشۇنداق  زىچ ھەم چىڭ مۇداپىئەسى بىلەن پۇتبول دۇنياسىدا مەدھىيەلىنىدۇ. چىلىسى بولسا  ۋەكىل خارەكتىرلىك مۇداپىئە قىلىپ قايتۇرما ھۇجۇم قىلدىغان كوماندىنىڭ بىرى، ھەمدە ئۇزۇندىن بۇيانقى  ياۋرۇپادىن باشلاپ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغىچە تەسىر دائىرىسى چوڭ پۇتبول كۇلۇبى بولۇپ كەلمەكتە.


مانچىستىر كۇلۇبى، مانچىستىر كۇلۇبى ئەنگىلىيە ئېنگىلادنىڭ شەرقى شىمال رايونىدىكى مانچىستىر شەھرىگە تەۋە ۋە شۇيەرگە جايلاشقان، ئېنگىلىسچە Manchester United Football Club دەپ ئاتىلىدۇ، ھەمدە قىسقارتىلىپ ManUtd ياكى MUFC دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇيغۇرچە قىزىل ئالۋاستى دەپ ئاتىشىدۇ. مانچىستىر كۇلۇبى ئەڭ بۇرۇن 1878-يىلى لەنكاس ۋە يورىكىس تۆمۈر يول شىركىتىنىڭ خىزمەتچىلىرىدىن تەركىپ تاپىدۇ ۋە نىيۇتۇن خەلس مەيدانىدا دا رەسمى قۇرۇلىدۇ. ۋە كوماندا  ئىسمىنى نىيوتۇن خەلس دەپ قويىدۇ. 1902-يىلى بەزى ئۆزگەرتىشلەردىن كېيىن كوماندا ئىسمىنى رەسمىي ھالدا مانچىستىر كوماندىسى دەپ قويىدۇ.ھازىر ئېنگىلاد دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول مۇسابقىسگە قاتىنىشىدۇ.  مانچستىرنىڭ ساھىبخان مەيدانى بولسا ‹‹ چۈش سارىيى ›› يەنى تىرانفورد مەيدانى. 1910-يىلدىن ئىشلىتىلىشكە باشلاپ ھازىرغا قەدەر شۇ مەيداننى ئىشلىتىۋاتىدۇ. مانچىستىر كوماندىسى ئېنگىلاد پۇتبول تارىخىدىكى ئەڭ روناق تاپقان ۋە ئەڭ مۇۋاپىقىيەت قازانغان پۇتبول كوماندىسىنىڭ بىرى، ۋەيەنە ياۋرۇپادىن باشلاپ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغىچە تەسىر دائىرىسى چوڭ پۇتبول كۇلۇبىنىڭ بىرى.



ئارسىنال پۇتبول كۇلۇبى، (Arsenal Football Club)قىسقارتىلىپ ئارسىنال كوماندىسى دېيىلىدۇ، ئارسىنال كوماندىسى بولسا ئېنگىلاندنىڭ پايتەختى لوندونغا جايلاشقان ، كۇلۇب 1886-يىلى قۇرۇلغان، ئېنگىلاند ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمە مۇسابىقىسى ۋە  دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول مۇسابقىسدىكى ئالدىنقى  20 پۇتبول  كۇلۇبنىڭ بىرى، كۇلۇب بازىسى لوندون ھوللىۋايدا (Holloway).  ئارسىنال ئېنگىلاد بىرلەشمىسىدىكى سەۋىيەسى يۇقۇرى پۇتبول كوماندىسىنىڭ بىرى ، كۇلۇب قۇرۇلغاندىن باشلاپ تا ھازىرگە قەدەر جەمئىي 13 قېتىم ئېنگىلاند ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمە لوڭقىسنىڭ چىمپىيونى ، 12 قېتىم ئېنگىلاند لوڭقىسىدا 2-لىكنى، 3 قېتىم ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى مۇسابىقىسىنىڭ چىمپىيونلىقىنى قولغا كەلتۈرگەن، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئېنگىلاند ئۇزغۇنلۇق مۇسابقىسىدە ئەڭ ئۇزۇن پۇت تىرەپ تۇرغان كوماندىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ .



ۋولىفىسبىرۇگ پۇتبول كۇلۇبى (VfL Wolfsburg)، كوماندا گىرمانىيەنىڭ شەرقى شىمال قىسمىدىكى  سېكسونىي (Lower Saxony)بىرلەشمە شىتاتىدىكى ۋولفىسبىرۇگ كۇلۇبىغا تەۋە ھەمدە شۇيەرگە جايلاشقان. كۇلۇب 1945-يىلى قۇرۇلغان، ھازىر گىرمانىيە A گۇرپا بىرلەشمە مۇسابقىسىگە قاتنىشىدۇ، ساھىبخان مەيدانى بولسا 30مىڭ كىشلىك ۋولكىس ۋاگىننىڭ چوڭ مەيدانى ، بۆرە قەلئەسى بولسا ۋولىفسبىرۇگنىڭ يەنە بىر ئاتىلىشى.


مانچىستىر شەھرى پۇتبول كۇلۇبى، قىسقارتىپ ‹‹ شەھەرلىكلەر›› دەپ قويمىز، كىشلەر بۇ كوماندىنى يەنە ‹‹ كۆك ئاي ›› دەپمۇ ئاتىشىدۇ، ئۇلارنىڭ شۇئارى :‹‹ ئۇرۇشتىن پەخىرلىنىمىز ›› ، مانچىستىر شەھرى كوماندىسى ئەنگىليەنىڭ مانچىستىرغا جايلاشقان، ئەڭ بۇرۇن 1880-يىلى قۇرۇلغان ۋە ئىسمنى سەينت ماركىس (West Gorton Saint Marks)دەپ قويغان،  1887-يىلى ئاردۋىك (Ardwick AFC)دەپ ئۆزگەرتكەن. 1894-يىلى رەسمى ھالدا كۇلۇب بولۇئو قۇرۇلغان ۋە ئىسمىنى مانچىسىتىر شەھرى كۇلۇبى دەپ قويغان.
2008-يىلى مانچىستىر شەھرى كۇلۇبىنى ئوتتۇرا شەرىقتىن كەلگەن ئەرەب مەبلەغچىلىرىدىن تەشكىل قىلغان بىر شىركەت سېتىۋالغان، ھەمدە 2010 ۋە 2011-يىللىرى ئېنگىلاند لوڭقىسىنىڭ چىمپىيونى بولغان، ھەمدە مانچىستىر شەھرىنىڭ يېقىن 35 يىلدىن بۇيانقى شانلىق بېتىنى ياراتقان، 2011-ۋە 2012-يىللىق  مۇسابىقە پەسلىدە مانچىستىر شەھرى تۇنجى قېتىم ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى مۇسابقىسىنىڭ چىمپىيونى بولغان ،ۋە دەلمۇدەل  44 يىلدىن كېيىن قايتا ئېنگىلاند ئۇزغۇنلۇقىنىڭ چىمپىيونى بولغان.



پارىژ سانت پۇتبول كۇلۇبى، (Paris Saint-Germain Football Club) قىسقارتىلىپ PSG دەپ ئاتىلىدۇ، كۇلۇب فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژغا تەۋە ۋە شۇيەرگە جايلاشقان،  ساھىبخان مەيدانى 49000 كىشلىك چوڭ مەيدانلىق شاھزادە باغچىسى ناملىق تەنتەربىيە مەيدانىدا.ھازىر فىرانسىيە ئا گۇرپا بىرلەشمە مۇسابىقىسىدا ئوينايدۇ. ھازىغا قەدەر يەنى 2014-2015-يىلغىچە جەمئىي 5 قېتىم فىرانسىيە ئا دەرىجىلىك بىرلەشمە مۇسابىقىسنىڭ چىمپىيونى بولغان، ھەمدە بىر قېتىم ياۋرۇپا ‹‹ يەڭگۈچى لوڭقىسى›› نىڭ مۇكاپاتىغا  ئېرىشكەن.
فىرانسىيە پۇتبول ھوقۇقى ناملىق ژۇرنال باھالاپ چىققان، كوماندا تارىخىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر پۇتبولچى بولسا دەل مۇشۇ كوماندىنىڭ پاس شاھى ، ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى سافىت سۇسىچ.



ئاتلىتكا مادىرىد پۇتبول كۇلۇبى، ئاتلىتكا مادىرىد بولسا ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىك بىرلەشمە مۇسابىقىدە ئوينايدىغان كۇلۇب، ياۋرۇپا پۇتبول مۇنبىرىدىكى ئەنئەنىۋى كۈچلۈك كوماندا. ئاتلىتكا مادىرىد ئىسپانىيە پۇتبول تارىخدىكى 3- مۇنەۋۋەر كوماندا، چىمپىيونلۇق سانى ۋە ئادەملىرىنىڭ سەرخىللىقى ۋە كىرىم  جەھەتتىن بىرشەھەردىكى  ئەشەددى رەقىبى خانلىق مادىرىد ۋە بارسىلونانىڭ كەينىدىلا تۇرىدۇ. بۇرۇن 10 قېتىم ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىك بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ چىمپىيونى بولغان ، ئىككى قېتىم 2- لىكنى، 2 قېتىم ياۋرۇپا بىرلەشمە لوڭقىسى چىمپىيونلىقىنى ۋە بىر قېتىم دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسىنىڭ چىمپىيونىلىقىنى قولغا كەلتۈرگەن.
2013-2014-يىللىق پەسللىك مۇسابىقىدە، ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىك بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ چىمپىيون ئاتلىتكا مادىرىد نوكەمپۇدا چىمپىيونلۇق لوڭقىسىنى ئېگىز كۆتۈردى، ئاتلىتكا مادىرىدتىن ئلگىرى ھېچقانداق كوماندا تېخى بۇنداق قىلىپ باقمىغان.




يۇۋىنتۇس پۇتبول كۇلۇبى (Juventus Football Club S.P.A)ئىتالىيە پىيېدمونت شىتاتىدىكى تۇرىن شەھرىگە تەۋە پۇتبول كۇلۇبى، كۇلۇپ دەسلەپ 1897 -يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى قۇرۇلغان، يەنى ئىتالىيە دۆلەت تارىخدىكى قۇرۇلغان ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن بولغان كوماندىنىڭ بىرى، يەنە ئىتالىيە ئا دەرىجىلىك بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ چىمپىيونلىقىنى ئەڭ كۆپ ئالغان كوماندىنىڭ بىرى.
يۇۋىنتۇس كۇلۇبى تارىختىن بۇيان ئۈچ لوڭقىنى ئېلىشنى  ئەمەلگە ئاشۇرغان كوماندا ( ياۋرۇپا چىمپىيونلۇق بىرلەشمە مۇسابىقىسى، ياۋرۇپا ئىتىپاقى لوڭقىسى، ياۋرۇپا يەڭگۈچى لوڭقىسى ) . يۇۋىنتۇس كوماندىسى ياۋرۇپا پۇتبول مۇنبىرىدە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. يۇۋىنتۇس بولسا ياۋرۇپادىن باشلاپ پۈتۈن دۇنياغىچە ئەڭ مۇۋاپىقىيەت قازانغان كوماندىنىڭ بىرى. يۇۋىنتۇس كۇلۇبىنىڭ ئانا شىركىتى بولسا ئىتالىيەدىكى ئەڭ چوڭ سودىگەرلەر گورۇھى ——EXORگورۇھى .



بەيرىن مىيۇنخېن پۇتبول كوماندىسى، قىسقارتىلىپ بەيرىن دەپ ئاتىلىدۇ، كۇلۇب باۋارىيا پايتەختى بەيرىنمىيۇنخېنغا تەۋە گىرمانىيە دۆلەت تەنتەربىيە كۇلۇبى، تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى بەيرىن مىيۇنخېن كوماندىسى گىرمانىيە ئا دەرىجىلىك بىرلەشمە مۇسابقىسىگە قاتنىشىدىغان كەسپى پۇتبول كۇلۇبى، بۇرۇن رىكورت يارىتىپ 24 قېتىم گىرمانىيە ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىنىڭ چىمپىيونلىقىنى، 17 قېتىم گىرمانىيە لوڭقىسىنىڭ چىمپىيونلىقىنى قولغا كەلتۈرۈپ، گىرمانىيەدىكى ئەڭ مۇۋاپىقىيەت قازانغان پۇتبول كۇلۇبىغا ئايلانغان.
بەيرىن كوماندىسى ئەڭ ئاۋال 1900-يىلى فىرانىز ئادولۇف لۇيس جون رەھبەرلىكىدىكى 11 كىشىدىن تەشكىل قىلىنىپ قۇرۇلغان. بۇرۇن 1932-يىلى تۇنجى قېتىم گىرمانىيە بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ چىمپىيونى بولغان، بىراق ئۇ ۋاقىتتا كوماندا تېخى ئا دەرىجىلىك بىرلەشمە مۇسابقىسىنى ئوينىمايتتى ھەمدە شۇ ۋاقىتتىكى كىشلەر 1963-يىلى كۇلۇب قىلىپ قۇرۇلغان ۋاقىتتىكى تۇنجى قۇرغۇچىلار ئەمەس ئىدى.  كۇلۇبنىڭ ئەڭ گۈللىنىشكە باشلىغان  ۋاقتى 1970-يىلىنىڭ ئوتتۇرى مەزگىلى بولۇپ، فىرانىز بېكىنبۇرنىڭ يىتەكچىلىكىدە ، ئۈچ نۆۋەت ئۇدا ياۋرۇپا چىمپىيونلۇق لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈرگەن. (1794-1976-يىللىرى)



بارسىلونا پۇتبول كۇلۇبى (Futbol Club Barcelona) قىسقارتىپ بارسا دېيىلىدۇ(Barca)، بارسىلونا كۇلۇبى ئىسپانىيە بارسىلونا شەھرىگە تەۋە كۇلۇب بولۇپ ، ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىسىنىڭ زەردار باي كۇلۇبىنىڭ بىرى . 1899-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى  شىۋىستسارىيلىك جون كامپىر تەرىپىدىن قۇرۇلغان. كۇلۇب ساھىبىخان مەيدانى بولسا نوكەمپۇ تەنتەربىيە مەيدانى بولۇپ 100 مىڭدىن كۆپ  كۆرگۈچىلەرنى سىغدۇرالايدۇ، ياۋرۇپا بويىچە ئەڭ چوڭ، دۇنيا بويىنچە ئىككىنجى ئورۇندا تۇرىدىغان پۇتبول مەيدانى.
2015-يىلى 12- ئايغىچە ، بارسىلونا ئىسپانىيە دۆلەت ئىچىدە ، جەمئىي 23 قېتىم ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىسنىڭ چىمپىيونى، 27 قېتىم شاھلىق لوڭقىسىغا ( شاھلىق لوڭقىسى تارىخىدىن بۇيان بىرىنجىلىكنى ساقلاپ كەلمەكتە) ، 11 قېتىم ئىسپانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىغا ئېرىشكەن.



رېئال مادىرىد پۇتبول كۇلۇبى (Real Madrid Club de Fútbol) قىسقارتىلىپ مادىرىد دېيىلىدۇ، ئىسپانىيە مادىرىت شەھرىگە جايلاشقان ھەمدە شۇ يەرگە تەۋە كۇلۇب ، كومان 1902-يىلى 3-ئاينىڭ 6- كۈنى قۇرۇلغان، ئەڭ باشتا ‹‹مادىرىد پۇتبول كوماندىسى›› دەپ ئاتىغان. 1920-يىلى پادىشاھنىڭ ‹‹ خانلىق ›› دەپ ئاتىشى بىلەن ھەمدە كۇلۇب بەلگىسى ئۈستىگە خان تاجىنىڭ بەلگىسى قوشۇلىشى بىلەن كۇلۇب نامىنى خانلىق مادىرىد دەپ  ئۆزگەرتكەن.
خانلىق مادىرىت پۇتبول كۇلۇبى داڭلىق گىگانىت چولپانلارنى ئەڭ كۆپ ئىشلەتكەن كۇلۇب. 2000-يىلى 12-ئاينىڭ 11-كۈنى خەلىقىئارالىق پۇتبول بىرلەشمە ئۇيۇشمىسى ( FIFA )  خانلىق مادىرىد كوماندىسىنى 20-ئەسىردىكى ‹‹ئەڭ بۈيۈك كوماندا›› دەپ باھا بەرگەن. 2009-يىلى 9-ئاينىڭ 10-كۈنى خەلقئارا پۇتبول تارىخى ۋە خەلىقئارا سىتاستىكا ئۇيۇشمىسىنىڭ ‹‹20-ئەسىر ياۋرۇپادىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر كۇلۇب ›› دېگەن باھاسىغا ئېرىشكەن. 2014-يىلى 9-ئاينىڭ 10-كۈنى  ‹‹ 2014-يىللىق ياۋرۇپادىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر كۇلۇب ›› دېگەن باھاغا ئېرىشكەن.




پالۋان

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 3مۇنبەر پۇلى +150 يىغىش سەۋەبى
nayil + 50 قالتىس!
ئېلىخو + 50 ياخشى تېما !
ئېسپانFCB + 50

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2016-1-22 12:37:37 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-1-22 12:38:56 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نادىر                                              تىما            
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-1-22 12:39:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىما بوپتۇ. لىكىن رەسىملەرنىڭ بىرىمۇ يوق،
تىما ئىگىسى ئۈستىدىن ئاستىغا تىزدىڭىزما بۇ كوماندىلارنى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-22 12:40:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
missi0998 يوللىغان ۋاقتى  2016-1-22 12:39
ياخشى تىما بوپتۇ. لىكىن رەسىملەرنىڭ بىرىمۇ يوق،
تىما  ...

مېنىڭكىدە نۇرمال چىقىۋاتىدىغۇ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-1-22 12:40:49 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋولسېنبۇرگنىڭ  ئورنىغا   مېنىڭچە  لىۋېرپول  ياكى دورتمۇند  كىرسە  بولامىكى  دەپ  ئويلىدۇم……  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-1-22 12:56:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەت تەرتىپسىز تىزىلىشكەن بۇ، بىز بىرىنچى بولۇشقا مۇناسىپ ئەمەس.
ئاندرويىدتا يېزىلغانئاندرويىدتا يېزىلغان
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-1-22 12:56:37 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قوشماق مىلان كىرەلمەپتىدە ئەپسۇس
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-1-22 12:58:29 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانچىستىر بىرلەشمىسىنىڭ ئاتىلىشى  قىزىل قوشۇن بوپ قاپتۇ،،قىزىل قوشۇن لىۋېرپولغا خاس ئىسىم ،،، قىزىل ئالۋاستى دەپ ئۆزگەرتىپ قويۇڭ،،، ،چىلسى ئارسىنال ۋولسىفىروگلار كىرىپ  لىۋېرپولنىڭ كىرەلمىگىنى قىززىقدە،،،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-1-22 12:59:55 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانچېستېرنى  قىزىل قۇشۇن دىمەيدۇ بەلكى قىزىل ئالۋاستى دەيدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-1-22 13:00:03 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياكى بۇ تىزىلشنى ئۇزغۇنلۇق ئوينايدىغان كوماندىلارغا ئاساسەن قارىتىلىپ تىزغان تىزىشمۇ يا،،،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-22 13:01:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەسىملەر نورمالمۇ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|دوختۇرخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2016-5-22 01:08

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش