ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 427 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بوغدا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-1-18 18:13
گۇ مەشقاۋۇل بايرىندىن ئايرىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ مانچىستىر شەھىرىگە مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلىرى ئۈزۈلمىدى، ئۇندىن باشقا چېلسى، مانچىستىر بىرلەشمىسى ۋە ئارسىناللارنىڭ گۇ مەشقاۋۇل بىلەن ئالاقىلىشىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر تور دۇنياسىنى بىر ئالدى، ئىنگلانتتا مىش-مىش خەۋەرلەر ئارقىمۇ ئارقا پەيدا بولدى، زەردارلارنىڭ تېرىنىرلىرى ئۆزىنىڭ ئورنىدىن خاتىرجەمسىزلىنىشكە باشلىدى، ھېچكىممۇ ئۆزىنىڭ ئورنىنى گۇ مەشقاۋۇلغا تارتقۇزۇپ قويغۇسى يوق.
گېرمانىيەلىك ماتىئوس قىلچە تۈزۈت قىلمايلا پېپنىڭ قىلغىنى بىر ھۆرمەتسىزلىك، ئۇنىڭ كاللىسىدا پەقەتلا مانچىستىر شەھىرى بار ( گۇ سۇمبۇلنىڭ كاللىسىدىكى چاچنى كۆرمىگەن ئوخشايدۇ، ئانچە-مۇنچە چاچمۇ تۇرىدۇ بولمىسا) ، ئۇ بايرىننى سۆيۈپ باقمىدى دەپ تەنقىد قىلدى.
يۇقارقى تەنقىدلەشلەر ۋە ئىنگلاند بىرلەشمىسىگە ئېلىپ كەلگەن ئاۋارىچىلىقلار ئۈچۈن بايرىن مەشقاۋۇلى پېپ ئاشكارا كەچۈرۈم سورىدى، ئۇ " مەن كەسىپداشلىرىمنى ناھايىتى ھۆرمەت قىلىمەن، قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىش ۋە باشقىلارنى قورقۇنچقا سېلىش ھەرگىزمۇ مېنىڭ ئادىتىم ئەمەس، مەن كەسىپداشىلىرىمدىن كەچۈرۈم سورايمەن" دەپ ئۆزىنىڭ تەربىيە كۆرگەن يەنە بىر تەرىپىنى نامايەن قىلدى.
ئاخىرىدا پېپ ئىنگلاند بىرلەشمىسىدىكى مەشقاۋۇللارغا بىر خوشخەۋەر يەتكۈزدى، ئۇ مۇنداق دېدى" مەن بايرىندىن ئايرىلغاندىن كېيىن ئېنگلانتقا بارىمەن، ئەمما ئېنگلانتقا بېرىشتىن ئىلگىرى ئىككى يىل دەم ئالىمەن، دەم ئېلىشىم تۈگىگەندە ئاندىن ئېنگلاند بىرلەشمىسىگە بېرىپ يىڭى رىقابەتكە يۈزلىنىمەن" .
مەيلى ئۇ يازدا بايرىندىن ئايرىلغاندىن كېيىن دەم ئالمايلا ئېنگلاند بىرلەشمىسىگە ئىشقا چۈشسۇن، ۋە ياكى ئىككى يىل دەم ئالغاندىن كېيىن ئاندىن ئىشقا چۈشسۇن ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى كەچۈرۈم سورىشى ھەقىقەتەن كىشىنى تەسىرلەندۈرىدۇ. نۇرغۇن كوماندىلار ئۇنىڭ نەتىجىسىنى ناھايىتى ياخشى دەپ قارايدۇ، نەتىجىسى ياخشى بولغاچقا ئۇنىڭ يېرىم يىل بۇرۇن ئىنگلانتقا بېرىشنى جاكارلىشى ھەقىقەتەن نۇرغۇن مەشقاۋۇللارنى ساراسىمگە سالغان. بەلكىم ئۇنىڭ ئىككى يىل دەم ئالىمەن دىگىنى بىر ئۆتكۈنچى يالغان گەپتۇر، مەيلى قانداقلا بولمىسۇن ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشى ھەقىقەتنمۇ ئۆز كەسىپداشلىرىنى ھۆرمەتلىگەنلىك بولىدۇ |
|