ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 6220 |
تۆھپىسى: سەر |
|
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنوم رايونلۇق مەدەنىيەت ئېدارىسى ، شىجاڭ پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ۋە قەشقەر ۋېلايەتلىك تەنتەربىيە باش جەمئىيىتى تەستىقلىغان ، قەشقەر پۇقرالار دوختۇرخانىسى بىلەن قەشقەر جەسۇر ياش - ئۆسمۈرلەر پۇتبول تەربىيلەش بازىسى باش بولۇپ ئۇيۇشتۇرغان ، قەشقەر بىرلەشمىسى يەنى ‹‹ پوقرالار دوختۇرخانىسى جەسۇر لوڭقىسى ›› نى تالىشىش بىرلەشمە مۇسابىقىسى، 1-ئاينىڭ 3-كۈنى قەشقەر جەسۇر ياش-ئۆسمۈرلەر پۇتبول تەربىيەلەش مەركىزىدە ئاخىرلاشتى.
ئىگىلىنىشىچە, ۋىلايەتلىك تەنتەربىيە باش جەمئىيىتى, قەشقەر پۇقرالار دوختۇرخانىسى, قەشقەر جەسۇر ياش-ئۆسمۈرلەر پۇتبول تەربىيەلەش مەركىزى بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن بۇ قېتىمقى بىرلەشمە مۇسابىقە ۋىلايىتىمىز پۇتبولچىلىقىنىڭ تەرەققىياتىنى يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرى سۈرۈش, پۇتبول ھەۋەسكارلىرىنىڭ پۇتبولغا بولغان قىزىقىشىنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈش, شۇنداقلا ھەر مىللەت خەلقىنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىپ, تەنھەرىكەتچىلەر ئىچىدىكى تېخنىكىسى يۇقىرى, بەدەن سۈپىتى ياخشى بولغان پۇتبولچىلارنى بايقاپ ۋە تاللاپ, ۋىلايىتىمىز پۇتبولچىلىقىنى ئاپتونوم رايون ۋە مەملىكەتكە يۈزلەندۈرۈشكە ھەسسە قوشۇش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ, مۇسابىقىگە 100 مىڭ يۈەنگە يېقىن مەبلەغ سېلىنغان; بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە قەشقەر شەھىرى تەۋەسىدىكى بىر قىسىم كارخانا, تېز-تاماقخانا ۋە 203-, 220- ھەربىي قىسىم قاتارلىق ئورۇنلاردىكى ئىشچى-خىزمەتچى, ئىشتىن سىرتقى پۇتبولچىلار ۋە بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلاردىن تەشكىللىگەن قەشقەر <<ھۇررا>>, داغدام, غىزايى داۋا, سەبەھ, تالماس، خانجاي ، پۇتبول كوماندىلىرىدىن ئىبارەت 27 كوماندا قاتناشقان بولۇپ, مۇسابىقە باشلانغاندىن باشلاپ, ھەر قايسى كوماندىلاردىكى 486 نەپەر ماھىر 36 ياشتىن يۇقىرىلار گۇرۇپپىسى ۋە 36 ياشتىن تۆۋەنلەر گۇرۇپپىسىدىن ئىبارەت ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ, ھەر شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى قەشقەر جەسۇر ياش-ئۆسمۈرلەر پۇتبول تەربىيەلەش مەركىزىدە جەمئىي 123 مەيدان مۇسابىقە ئويناپ, ئايلانما مۇسابىقە تۈزۈمى بويىچە دەرىجىلەرگە ئايرىلغان.


11- ئايلانما نەتىجە تۆۋەندىكىچە :
داۋايى غىزا 3- 0 تالماس
داغدام 4- 4 سەبەھ
ھۇررا 4- نۇرلۇق 1

12- ئايلانما تۆۋەندىكىچە :
تالماس 3- 0 سەبەھ
نۇرلۇق 1- 4 داۋايى غىزا
داغدام 7- 1 ھۇررا

13- ئايلانما تۆۋەندىكىچە :
داۋايى غىزا 1- 0 داغدام
سەبەھ 8- 4 ھۇررا
تالماس5 -2 نۇرلۇق

14- ئايلانما تۆۋەندىكىچە :
تالماس 9- 3 ھۇررا
داغدام5- 4 نۇرلۇق
سەبەھ 6- 2 داۋايى غىزا

بۇ كۈنى ئەڭ ئاخىرقى بىر مەيدان مۇسابىقىنى قەشقەر <<ھۇررا>> پۇتبول كوماندىسى بىلەن تالماس ئېغىز بوشلۇقى ئامبۇلاتورىيەسى پۇتبول كوماندىسى ئويناپ 5-, 6-لىكىنى تالاشتى. مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن, بۇ قېتىمقى بىرلەشمە مۇسابىقىنىڭ مۇكاپاتلاش مۇراسىمى ئېلىپ بېرىلىپ, 36 ياشتىن يۇقىرىلار گۇرۇپپىسى ۋە تۆۋەنلەر گۇرۇپپىلىرى بويىچە چېمپىيون بولغان, 2-, 3-لىككە ئېرىشكەن كوماندىلارغا تەقدىرنامە, نەق پۇل ئەسلەتمىسى ۋە لوڭقا تارقىتىپ بېرىلدى. 36 ياشتىن يۇقىرىلار گۇرۇپپىسىدا قەشقەر مۇھەممەد داۋالاش گۇرۇھى كوماندىسى 1-, تالماس ئېغىز بوشلۇقى كوماندىسى 2-, تەيئەيتەي كوللاگېنلىق پېپتىد كوماندىسى 3- بولدى; ياشلار گۇرۇپپىسىدا داۋايى غىزا كوماندىسى 1-, داغدام كوماندىسى 2-, سەبەھ كوماندىسى 3-لىككە ئېرىشتى
سۈرەتتە مۇكاپات تارقىتىلماقتا
|
باھالاش
-
باھا خاتىرىسى
|