elan ornielan orni
كۆرۈش: 2286|ئىنكاس: 54

تارتىنچاق ئۆسمۈرلۈكتىن گىگانت چولپانغىچە ... ( نايىل )

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nayil تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-14 04:47  

   ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم !!!~


    1.jpg


   دىيارىمىز ۋاقتى 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 11-كۈنى كەچ سائەت 30 : 11 دا  ، خەلىقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ 2015-يىللىق مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى . ھەممىنىڭ دېققەت ئېتىبارىنى قوزغىغان ‹‹ ئالتۇن توپ ›› بارسېلونا كۇلۇبىنىڭ داڭلىق كوزۇر توپچىسى ، پامپاس بۈركۈتى لىئونېل مېسسىغا تەئەللۇق بولدى . بۇ مېسسىنىڭ 5-قېتىم ‹‹ ئالتۇن توپ ›› ساھىبى بولۇشى بولۇپ ، تارىختا بىردىنبىر 5 قېتىملىق ‹‹ ئالتۇن توپ ›› ئىگىسى بولۇپ قالدى .
   مەن تۆۋەندە بۇ بارسېلونا تۇلپىرى ، پامپاس يايلىقىنىڭ ئەركىسى ، پۇتبولچىلقنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىدىكى بۇ گىگانت چولپاننىڭ تاۋلىنىش جەريانى ۋە زور مۇۋاپىقىيىتىنى سۆلەپ ئۆتمەكچىمەن . قېنى دېققىتىڭلار تۆۋەندىكى مەزمۇنلاردا بولسۇن !!~




    2.jpg


   1991-يىلىدىكى بۇ بىر پارچە رەسىم ھەممىزگە تونۇشلۇق بولسا كېرەك . بۇ رەسىمدىكىسى دەل ھازىرقى پۇتبول سەھنىسىدىكى گىگانت چولپان لىئونېل مېسسى . 5 ياشقا كىرگەن مېسسى دەسلەپكى پۇتبول قەدىمىنى دەل ئۆسمۈرلەر كوچا پۇتبول كوماندىسىدىن باشلىغان . ئۇنىڭ يېتەكچى تېرىنىرى دەل ئۆزىنىڭ دادىسى جورگى مېسسى ئىدى .
   7 ياشقا كىرگەن يىلى ئۇ ئۆز يۇرتىدىكى كەسپىي كۇلۇب نىيۇۋېر قېرى يىگىتلەر كۇلۇبىنىڭ ئۆسمۈرلەر كوماندىسىغا تاللىنىپ ، ئۆزىنىڭ پۇتبول بىلەن بولغان مۇساپىسىنىڭ داۋامىنى بېسىشقا كىرىشكەن . جۇغى كىچىك بولغان بۇ كىچىك ئۆسمۈر كوماندىغا تاللىنىپ دەسلىپىدىلا ھەممىنىڭ دېققىتىنى تارتقان ۋە ئۆزىنىڭ پۇتبول تالانتىنى نامايان قىلغانىدى .
   1999-يىلىدىن باشلاپ ئارگېنتىنادا ئىقتىسادى كىرزىس مەسىلىسى ئېغىرلاپ نۇرغۇن ئارگېنتىنالىقلار ياۋروپاغا كۆچمەن بولۇشقا مەجبۇر بولغانىدى ۋە  بىر تۈركۈم ئارگېنتنالىقلار ئىسپانىيەگە ئېقىپ كىرىشكە باشلىغانىدى . نۇرغۇنلىغان ئارگېنتىنالىقلار ئارگېنتىنادا تۇرۇشلۇق ئىسپانىيە كونسۇلخانىسى ئىشىكىدە ئىسپانىيەگە كۆچمەن بولۇش ئۈچۈن رەسمىيەت بىجىرىش ئۈچۈن توشۇپ كەتكەنىدى . لېكىن ئىسپانىيە ھۆكۈمىتى كوچمەنلەرنىڭ كۆپلەپ كىرىشى بىلەن كۆچمەنلەرنىڭ كىرىشىنى تىزگىنلەشنى قارار قىلدى . بۇ بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ ئىچىدە قولىغا توپ ئېلىۋالغان بىر كىچىك بالىنى يۆتلىگىنىچە غەمكىن تۇرغان بىر كىشى كۆزگە چېلىقاتتى . بۇ كىشى دەك جورگى مېسسى ئىدى . ئىسپانىيەنىڭ كۆچمەنلەرنى تىزگىنلەش سىياسىتىنىڭ چۈشۈشى بىلەن نۇرغۇنلىغان ئارگېنتىنالىقلار چۈشكۈن ھالەتتە كەينىگە قايتماقتا ئىدى . لېكىن جورگى مېسسىنىڭ ئۈمىدى بارسېلونانىڭ شەھەر سىرتىدا تۇرۇشلۇق تۇغقىنىدا ئىدى . دىگەندەك بۇ تۇغقىنىنىڭ ياردىمى بىلەن بۇ بىر ئائىلىدىكى ئاتا-بالىنىڭ ئىسپانىيەگە بېرىش رەسمىيىتى پۈتۈپ قالدى .



    3.jpg


   ئاتىنىڭ ئارزۇسىنىڭ رىئاللىققا ئايلىنىشى


   جورگى مېسسىنىڭ بايانى  :


   مەن شۇنى ئېتراپ قىلىمەنكى ، لىئونېل مېسسى نۇرغۇنلىغان ئارگىنتىنالىق ئۆسمۈرلەرگە سېلىشتۇراغاندا ئىنتايىن تەلەيلىك . بىز ھېچ بولمىغاندا ئىقتىسادى كىرزىس تۈپەيلى پۈتۈنلەي قالايمىقانلىشىپ كەتكەن يۇرتىمىزدىن ئايرىلىپ بارسېلوناغا كەلدۇق . لېكىن كىشىلەر مېسسىنىڭ باشقا ئۆزى بىلەن تەڭتۇش بالىلارغا سېلىشتۇرغاندىكى بەخىتسىزلىكىنى چۈشىنىشى كېرەك . ھېچكىممۇ ئىش ئۇقىدىغان ياشقا كېلىپ قالغان ، لېكىن تۇرمۇشنى قىلچىلىك چۈشەنمەيدىغان بالىنىڭ ئاستا خاراكتىرلىك كېسەلگە مۇپتىلا بولۇپ قالغاندىكى ھېسىياتىنى چۈشەنمەيدۇ . مېنىڭچە بۇ دۇنيادىكى ئەڭ ئېغىر ئازاب ئاچارچىلىق ۋە سەرسانچىلىق بولماستىن بەلكى ئېغىر كېسەلگە مۇپتىلا بولۇش بولسا كېرەك . مېسسىنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى ھېسىياتىنى ھېچكىممۇ چۈشىنىپ يېتەلمەيدۇ ، ئۇنىڭ جىمغۇر ، چۈشكۈن قىياپىتىگە قارىغىنىمدا ئىچىمدىن قاتتىق ئازاپلىناتتىم . بۇ ھەم كىچىككىنە مېسسىغا ئېغىر روھى بېسىم ئېلىپ كەلگەنىدى .


    4.jpg


   مېسسىنىڭ كېسەللىك دىئاگنۇز قەغىزىنى قولۇمغا ئالغان كۈن ھازىرغىچە ئېسىمدىن چىقمايدۇ ، شۇنداقلا مەڭگۈ ئېسىمدىن چىقمايدۇ . بۇ دىئاگنۇز قەغىزىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىنكى ھېسىياتىمنى سۆز بىلەن تەسۋىرلەپ بېرەلمەيمەن . مېسسىنىڭ ھېچنىمىنى چۈشەنمىگەندەك ماڭا قاراپ تۇرۇشى مېنىڭ بۇ ھاياتىمدىكى ئەڭ ئازاپلانغان ۋاقتىم بولسا كېرەك . بىز دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كېيىن ئۇ ماڭا قاراپ : ‹‹ دادا ، مېنىڭ كېسىلىم بەك ئېغىرمىكەن ؟ ؟؟.... ›› دىگەندە نېمە دىيىشىمنى بىلەلمەي قالغانىدىم .  ئۇ كۈنى بەك سوغۇق بولغان كۈن ئىدى . مەن مېسسىنىڭ : ‹‹ دادا ، مۇزلاپ كەتتىم ... ›› دىيىشىنى تولىمۇ ئارزۇ قىلدىم ، چۈنكى بۇنداق بولغاندا مەن مېسسىنى باغرىمغا بېسىپ ماڭغان بولاتتىم . لېكىن ئۇنىڭ چىراي ئىپادىسىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش يوق ، ئىنتايىن تەمكىن تۇراتتى . ئۇنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى ئىچكى ھېسىياتىنى چۈشىنىپ تۇرىمەن . ئائىلىمىزنىڭ ئىقتىسادىنىڭ ئۇنى داۋالىتىشقا يار بەرمەيدىغانلىقى ئۇنىڭغا ھەممىمىزدىن بەك ئايان ئىدى . ئاتا بولۇش سۈپىتىم بىلەن ، ئائىلىدە بۇ كېسەلنىڭ ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكتىن كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى ئەڭ چۈشىنىمەن ۋە ئەڭ ئازاپلىنىمەن . ئارگىنتىنا دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېسىل كالا گۆش ئىشلەپچىقىرىدۇ ، لېكىن ئۇ بىزنىڭ ئائىلىمىزگە مەنسۇپ ئەمەس ، ئارگىنتىنادا دۇنيادىكى ئەڭ ئېسىل ئىرىمچىك چىقىدۇ ، لېكىن بىز ئۇنىڭ پۇرىقىنىلا پۇرىيالايمىز . مېسسى ياڭيۇ ۋە سەۋزە يەپ چوڭ بولغان دېسەممۇ بولىدۇ . ئۇ بولكا بىلەن مايسىز شۇرپىنى ئىچىپ بولۇپلا توپ ئوينىغىلى چىقىپ كېتەتتى . تاكى ھازىرغىچە ، ھەر بىر مەيدان مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ، ئوغلۇمنىڭ بەدەن شارائىتىنىڭ ۋە قۇۋۋىتىنىڭ بۇ مەيدان مۇسابىقىگە يار بەرگەن بەرمىگەنلىكىدىن ئەنسىرەيمەن .


    5.jpg


   مېسسىنىڭ پۇتبول ئۈچۈن باسقان ھەر بىر قەدىمىدە دادىسىنىڭ ئىزى بار . دادىسى ئۇنى ئىزچىل قوللاپ كەلدى ۋە ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ كەلدى . دادىسنىڭ مىجەزى ئارگنتىناچە ئەركىن مىجەز بولسىمۇ ، لېكىن ياۋروپاچە قاتتىق تۈزۈم ۋە ئەستايىدىللىقنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان . جورگى مېسسى ئوغلىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن نۇرغۇن پۇتبول كۇلۇبلىرى بىلەن ئالاقىلاشتى ، لېكىن ئۈنۈمى بولمىدى . چۈنكى مېسسىنىڭ داۋالىنىش راسخوتى كۇلۇبلارنىڭ ئۇنى رەت قىلىشىدىكى ئەڭ چوڭ سەۋەب بولۇپ قالدى . بىر كۈنى بىر كۇلۇب ۋەكىلى جورگى مېسسى بىلەن كۆرۈشۈپ ، مېسسىنىڭ داۋالىنىش ۋە ياتاق تاماق مەسىلىسىدىن سىرت 15 مىڭ ياۋروغا ئۇنىڭ بارلىق ھۇقۇقىنى سېتىۋېلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى . لېكىن جورگى مېسسى بۇ تەلەپنى قەتئىي رەت قىلدى . چۈنكى ئۇ ئوغلىنىڭ باشقا كىشىلەرنىڭ قىمار دەسمايىسى بولۇپ قېلىشىنى خالىمايىتتى . بىر كۈنى بۇ مېھرىبان دادا ، بارسېلونا كۇلۇبىنىڭ يېرىم ھوقۇقلۇق ۋەكىلى بىلەن كۆرۈشۈپ ، مېسسىنىڭ چەكلىك ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشتىن باشقا ، كۇلۇب تەرەپنىڭ داۋالىنىش راسخوتىنىڭ مەلۇم قىسىمىنى كۆتۈرۈش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە ئۆزىگە ئاددى بولغان بىر كىشلىك خىزمەت بېرىشىنى ئۆتۈندى .
   بۇ تەلەپنىڭ ئىنتايىن ئاددىلىقى سەۋەبىدىن بارسېلونا كۇلۇبى بۇ شەرتكە قوشۇلغانلىقىنى جورگى مېسسىغا ئۇقتۇردى . لېكىن بۇنىڭدا يەنىلا خەۋپ مەۋجۈت ئىدى . ئەگەر مېسسىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىدا كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىش بولماي ، بوي ئېگىزلىكىمۇ ئۆلچەمگە توشماي قېلىپ ، ئىپادىسىگە تەسىر كۆرسۈتۈپ ياخشى نەتىجە يارىتالماسلىقىمۇ مۆمكىن ئىدى .
   لېكىن مېسسىنىڭ بارسېلوناغا قوشۇلۇپ ئۇزۇن بولمىغان ۋاقىتتىكى ئىپادىسى بارسېلونا تەرەپ پىراففىسورلىرىنىڭ بۇ ئەندىشىسىنى تامامەن يوق قىلدى . چۈنكى مېسسىنىڭ ئىپادىسى ئۆزى بىلەن تەڭتۇش ۋە ئۆزىدىن چوڭلار كوماندىسىدىكى توپچىلاردىنمۇ قالتىس بولۇپ ، كۆپلىگەن ئېسىل توپلارنى ئۇرۇپ كىرگۈزۈپ ، ھەممىنى ھەيران قالدۇردى . مېھرىبان ئاتا بولسا بالىسىنىڭ تۇرمۇشى ۋە داۋالىنىش راسخوتىنىڭ بىر قىسىمىنى تېپىش ئۈچۈن تىرىشىپ خىزمەت قىلىشقا كىرىشىپ كەتتى ۋە مېسسىغا ھەم ئاتا ھەم ئانا بولۇشتەك كۆچمەن تۇرمۇش سەپىرىگە ئاتلاندى .



    6.jpg


   ئەسلىمىلىك كۈنلەر


   جورگى مېسسى ئېغىزىدىن بايان


   ئىقتىسادى بۆھران سەۋەبلىك خەۋپ ئىچىدىكى ئارگېنتىناغا سېلىشتۇرغاندا ، بارسېلونانى تۇرمۇش كەچۈرۈشتىكى جەننەت ماكان دىيىشكە بولىدۇ . ئىسپانىيەگە يولغا چىقىشتىن بۇرۇن مەن مېسسىغا ۋە ئۆزەمگە : ‹‹ بىزنىڭ ئىسپانىيەگە بېرىشىمىز تۇرمۇشىمىزنى ياخشىلاش ئۈچۈن ۋە ياكى كېسەل داۋالىتىش ئۈچۈن ئەمەس ، بەلكى ساڭا غەلبە قىلىشقا پۇرسەت ۋە موھىت ئىزدەش ئۈچۈن كېتىپ بارىمىز ، بەلكىم تەلىيىمىز ئوڭدىن كەلمەسلىكىمۇ مۆمكىن ، لېكىن بىز شۇ پۇرسەت ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىمىز ! ›› دەپ ئېيىتقانىدىم . بىز بۇ ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلانغاندا ، ئوغلۇم مېنىڭ تەشۋىشلىنىپ ئولتۇرغىنىمغا قاراپ : ‹‹ دادا ، سەن خاتىرجەم بول ، مەن ئۇلارنى چوقۇم يېڭىمەن . سەن  ب دەرىجىلىك كۇلۇبلاردا توپ تەپسىمۇ كۆپ پۇل تاپقىلى بولىدۇ دىمىگەنمىدىڭ ؟؟ ›› دىگەن سۆزلىرى ھازىرغىچە ئېسىمدىن چىقمايدۇ . ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇ ئۇخلاپ قالدى ، مەن ئۇنىڭغا قاراپ كەينى-كەينىدىن ئىچىمدە : ‹‹ ئوغلۇم ، سەن چوقۇم قىلالايسەن ، سەن ب دەرىجىلىك كۇلۇب ئەمەس ، ئا دەرىجىلىك كۇلۇبلاردا توپ تېپەلەيسەن . بارسېلونا كۇلۇبىغا ئوخشاش داڭلىق كۇلۇبلاردا توپ تېپەلەيسەن ۋە ئىز قالدۇرالايسەن ...... ›› دەپ تىلەكلەرنى تىلىگەنىدىم . مېنىڭ ئارزۇيۇم ، مېسسىنىڭ بارسېلونا كۇلۇبىدا توپ تەپكىنىنى كۆرۈش ئىدى . چۈنكى مەن ئۇنىڭ قابىلىيىتىنىڭ تامامەن بارسېلوناغا چۈشىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتىم .
   بارسېلونالىقلار ۋە ياۋروپالىقلارنىڭ مىجەز خاراكتىرى ئارگېنتىنالىقلارغا تۈپتىن ئوخشىمايدىكەن . بارسېلونا شەھرىگە كەلگەن دەسلەپكى ۋاقىتلاردا ، مېسسىنىڭ توپ ئوينىغىنىنى كۆرگەن ھەر بىر كىشى ئۇنىڭ ماھارەتلىرىگە قالتىس باھالارنى بەرگەنىدى ، لېكىن ، ئۇلارنىڭ : ‹‹ بۇ بالىنىڭ كېسىلى كېيىنلىكىگە تەسىر كۆرسۈتۈپ قالارمۇ ؟ ›› دىگىنىنى ئاڭلىغان چېغىمدا قاتتىق ئۇھسىنىپ كېتەتتىم ، خۇددى يۈرىكىمگە نەيزە سانجىلغاندەك ئىچ-ئىچىمدىن ئۆرتىنىپ كېتەتتىم . ئۇ كۈنلەردە مەن ھەر كۈنى مېسسىنىڭ ئېغىرلىقى ، بوي ئىگىزلىكىنى ئۆلچەپ تۇراتتىم ، ھەتتا ئاياق رازمىرىنىمۇ ئۆلچەپ تۇراتتىم . كۈندە بولۇنغان سۆزلەر مېنىڭ كۆڭلۈمدە شۇنداق بىر تەشۋىشلەرنى پەيدا قىلغانىدى .
   بىر كىشى مېنىڭ قەلبىمدىن مەڭگۈ چىقمايدۇ ، ئۇ بولسىمۇ مېسسىنى داۋالىغان دوختۇر ئىگناسىئو . ئۇ ھەر ۋاقىت ماڭا : ‹‹ ئوغلىڭىزنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە چوڭ مەسىلە چىقمايدۇ ، لېكىن سىز چوقۇم ئۇنىڭ قۇۋۋەتلىك ئوزۇقلىنىشىغا دېققەت قىلىشىڭىز كېرەك . ›› دەپ تەۋسىيە بېرىپ تۇراتتى . ئۇنىڭ ‹‹ مەسىلە چىقمايدۇ ›› دىگەن سۆزى كۆڭلۈمنى خاتىرجەم قىلسا ، ‹‹ قۇۋۋەتلىك ئوزۇقلىنىشىغا دېققەت قىلىشىڭىز كېرەك ›› دىگەن سۆزى ئاتىلىق بۇرچۇمنىڭ ۋە يۈكۈمنىڭ ئېغىرلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ تۇراتتى . ئۇ ۋاقىتتا مېنىڭ ھەر ئايلىق مائاشىم 600 ياۋرو ئىدى . بۇ پۇل مېسسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە قۇۋۋەتلىك ئوزۇقلىنىشىغا پەقەتلا يەتمەيىتتى . شۇ سەۋەبتىن مەن ھەر ۋاقىت تەننەرخى تۆۋەن ، ئوزۇقلۇق ۋە ئىسسىقلىق كالورىيىسى يۇقىرى يىمەكلىكلەرنى ئىزدەپ تۇراتتىم . پۇرچاق تۈرىدىكى يىمەكلىكلەرنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتىنىڭ مېسسىغا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئاڭلىدىم ، لېكىن ئۇنى تەييار قىلىش بىر قەدەر ئاۋارىچىلىق بولۇپ ، ۋاقىت تەلەپ قىلاتتى . شۇنداقتىمۇ مەن ۋاقىت چىقىرىپ مېسسىغا بۇ تۈردىكى تاماقلارنى ئېتىپ بېرەتتىم . كېيىنچە مېنىڭ چوڭ ئوغلۇم ، مېسسىنىڭ ئاكىسىمۇ بارسېلوناغا كېلىپ بىز بىلەن بىللە تۇردى . ئۇنىڭ پۇتبول تالانتىمۇ ئىنتايىن يۇقىرى ئىدى . ئۇ پەقەت ئىنىسى ئۈچۈنلا بۇ ئارزۇسىدىن ۋاز كەچتى . چۈنكى ئىنىسىنىڭ خىراجىتى ئۈچۈن مېنىڭ ئازغىنە ئايلىقىم يەتمەيۋاتاتتى . شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىچىك بولسىمۇ ئىشلەشكە كىرىشىپ كەتتى . ئۇ ئېلان ۋاراقچىسى تارقىتىپ ، مال توشۇپ كىرىمىمىزنى تولۇقلاشقا كۆپ كۈچ چىقاردى .



    7.jpg


   تۇرمۇش بىر قەدەر جاپالىق ، لېكىن شۇ جاپالىق تۇرمۇش مېسسىغا ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بولدى . ئۇ بەدەن كۈچ مەشىقى ۋە مۇسكۇل مەشىقىنى تىرىشىپ داۋاملاشتۇردى . ھەر قېتىملىق مەشىقتىمۇ بىرىنچى بولۇپ مەيداندا پەيدا بولاتتى ۋە ئەڭ ئاخىرىدا ئايرىلاتتى . تېرىنىرلىرى ئۇنىڭ تىرىشچانلىقىغا قاراپ ئۇنىڭغا تېخىمۇ كۆيۈنۈشكە باشلىدى ۋە كۆپلىگەن پۇتبول بىلىملىرىنى ئۇنىڭغا يەتكۈزۈپ تۇردى . ئۇ تېزلا تېرىنىرلىرىنىڭ ياقتۇرىشىغا مۇيەسسەر بولدى . تېرىنىرلىرى ئۇنى داۋاملىق ئۈيىگە كالا گۆشى كاۋىپى ۋە ئېسىل يىمەكلىكلەرنى يىيىشكە تەكلىپ قىلاتتى . ئۇ ئاتىلىق مېھرىگە تويۇنۇپ چوڭ بولدى ، بۇنىڭدا پەقەت مېنىڭلا مېھرىم ئەمەس ، ئۇنىڭغا ئاتا يوللۇق ھەر قايسى كىشىلەرنىڭ مۇھەببىتىمۇ چوڭ تەسىر كۆرسەتتى . مەسىلەن : ئانتونىئو ، لوك ، سانتىياگو قاتارلىق كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭ ياراملىق بولۇپ چىقىشىغا بەرگەن ياردىمىمۇ كۆپ بولدى . مېسسى ھازىرغىچە بىلمەيدۇ ، مەن شۇ ۋاقىتلاردا ئۈچ كىشلىك خىزمەت قىلاتتىم ، ئۆي كۆچۈرۈش شېركىتىنىڭ ئىشچىسى بولدۇم ، سەي كۆكتات بازىرىدا دېڭىز مەھسۇلاتلىرى تاللاپ بەرگۈچى بولدۇم ، ئارگنتىنا تاماقخانىسىنىڭ كالا گۆش توشۇغۇچىسىمۇ بولدۇم . لېكىن مەن ئىنتايىن بەخىتلىك ، ھەر بىر غەلبە قازانغۇچىنىڭ كەينىدە ئۇنىڭ ئۈچۈن بارىنى بېغىشلىغان ، كۈچىنى يەڭگىللەتكەن ، ئۇنىڭ ھالىغا يەتكەن دادىسى بار . بارلىقىنى بالىسىغا بېغشلىغان دادىنىڭ بارلىق جاپا-مۇشەققىتى نەتىجىسىدە بالىسى غەلبە قازىنالمىسىمۇ ئۇ دادا يەنىلا بەخىت ھېس قىلىدۇ .


    8.jpg


   بارسېلونا كۇلۇبى مارادونا 22 ياشقا كىرگەندە ئاندىن سېتىۋالغان . رونالدو 20 ياشتا بارسېلونادا توپ تېپىپ پۈتۈن دۇنياغا تونۇلغان . رىۋالدو بولسا 25 يېشىدا لاكرونىيادىن بارسېلوناغا قوشۇلۇپ غەلبە دەرۋازىسىنى ئاچقان . رونالدىنھو بولسا 24 يېشىدا بارسېلونادا چاقنىغان . لېكىن بۇ چولپانلار ئىچىدە مېسسى بارسېلونادا ئەڭ كىچىك چاقنىغۇچى ، يەنى 17 يېشىدا بارسېلونادا كىشلەرگە تونۇلۇشقا باشلىغان . ‹‹ تەنھا بۆرە ›› رومارىئوغا سېلىشتۇرغاندا 10 ياش كىچىك چاقنىغان چولپان .
   بارسېلونا كۇلۇبىدىكى كىشىلەر بىلەن جورگى مېسسىنىڭ مۇناسىۋېتى خېلى ياخشى . تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى دەل باك . باك بولسا بارسېلونا تېلۋىزىيە ئىستانىسىنىڭ مۇخبىرى ، شۇنداقلا كىرويېفنىڭ كاتىپى . ئۇ ھەر قانداق ۋاقىتتا بارسېلونا كۇلۇب رەئىسى ۋە تەنتەربىيە نازارەتچىسى بىلەن كۆرۈشەلەيدۇ . جورگى مېسسىنىڭ باك بىلەن بولغان مۇناسىۋېتى مېسسىنىڭ كېيىنلىكىگە تەسىر قىلغان دىيىشكە بولىدۇ . باكنىڭ تەۋسىيىسى بىلەن كىرويېف مېسسىغا دېققەت قىلىشقا باشلىغان ۋە رىجېكاردقا كۈچلۈك تەۋسىيە قىلغان . بۇ بىر بارسېلونا كۇلۇبى خادىمىنىڭ ئېيىتقانلىرى ، لېكىن بۇ سۆزنى جورگى مېسسى ۋە باك ئىنكار قىلغان .



    9.jpg


   بارسېلونادىكى ھازىرقى مېسسىنىڭ بولۇشىدا كىرويېفنىڭ تۆھپىسى چوڭ دەپ قاراشقا بولىدۇ . ئەينى ۋاقىتتا بارسېلونا كۇلۇبى مېسسىنى قاتار كۇلۇبىغا سېتىش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويغاندا ، كىرويېف تەرىپىدىن رەت قىلىنغان . مېسسنىڭ بارسېلونا بىرىنچى كوماندىسىغا چىقىشىدا مۇنداق ئۈچ سەۋەبنى سۆلەشكە توغرا كېلىدۇ .
   بىرىنچىدىن ، بارسېلونا كۇلۇبى ئۆزىنىڭ ياشلا مەشىق بازىسىنىڭ تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇش ۋە دۆلەت ئىچى ۋە دۆلەت سىرتىدىكى كۇلۇبلارنىڭ ياشلارنى تەربىيەلەش ۋە بايقاش خىزمىتىگە ئۈلگە بولۇشنى ، شۇنداقلا بىر تۈركۈم ئىستىقباللىق توپچىلارنى قىزىقتۇرۇشنى مەقسەت قىلىپ مېسسىنى بىرىنچى كوماندىغا ئېلىپ چىققان .
   ئىككىنچىدىن ، مېسسىنىڭ ئالداپ ئۆتۈش تېخىنىكىسىنىڭ يۇقىرى بولۇشى ۋە مەيداندىكى سەزگۈرلىكى كۇلۇب ھەر قايسى قاتلىمى رەھبەرلىرىنىڭ ۋە باش تېرىنىرنىڭ ئېتراپ قىلىشغا ئېرىشكەن ۋە مېسسىدىن ئايرىلىپ قېلىشنى خالىمىغان .
   ئۈچىنچىدىن ، فىرانسىيىلىك داڭلىق توپچى گىيۇلى توختام يېڭىلاشنى تەلەپ قىلغان ، لېكىن بارسېلونا كۇلۇب تەرەپ بۇنى رەت قىلغان . شۇ سەۋەبلىك كۇلۇب گىيۇلىنىڭ ئىز باسارى قاتارىدا مېسسىنى بىرىنچى سەپ كوماندىسىغا ئېلىپ چىققان .
   ئومومى جەھەتتىن بۇ ئۈچ سەۋەبنىڭ مېسسىغا پۇرسەت يارىتىشى ، مېسسىنىڭ بۇ پۇرسەتنى ئىسراپ قىلماي ئۆزىنى تولۇق نامايان قىلىشى ، بارسېلونا كۇلۇب تەرەپ ۋە پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىشەنچىنى قوزغىغان .
   مېسسىنىڭ بۇ ھالەتكە كېلىشى ئۇنداق ئاسانغا توختىمىغان . بالىلىقىدىن تارتىپ جاپالىق مەشىق ، يۇرتىدىن ئايرىلىپ ياشاش ، ئانا مېھرىدىن مەھرۇم قېلىش ، شۇنداقلا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە تەربىيىلىشى ئاستىدا ھازىرقى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن .



   ئاتىنىڭ خوشاللىق كۆز يېشى


    10.jpg


   جورگى مېسسى ئېغىزىدىن


   مەن كۆپ ئىشلار ئۈستىدە مېسسى خالىمايدىغان قارارلارنىمۇ چىقىرىپتىمەن . ھازىر مېسسى چوڭ بولدى ، پۇتبول ساھەسىدىكى ئىشلارنى چۈشىنىپ قالدى . ئوچۇقىنى ئېيىتقاندا ، مېنىڭ ئۇنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىۋالدىغان ۋاقتىم كەتتى ، لېكىن نازارەت قىلىپ تۇرمايمۇ بولمايدۇ .
   مەن بىر كۈنى ئاسېس ( رونالدىنھونىڭ ئاكىسى ۋە ۋەكالەتچىسى ) بىلەن پاراڭلىشىپ قالدىم ، ئۇنىڭ : ‹‹ بىر داڭلىق پۇتبولچى ئۆتەلمەيدىغان ئۆتكەل دەل قىزلار ئۆتكىلى ئىكەن . ›› دىگەن سۆزى مېنى ئويلاندۇرۇپ قويدى . مېسسىمۇ چوڭ بولۇپ قالدى ، ئۇنىڭ ھالىدىن بىر ئايالنىڭ خەۋەر ئېلىشى ئەقىلگە مۇۋاپىق ئىش ، بۇ ھەم ئۇنىڭ ھوقۇقى . لېكىن مەن ئىزچىل ئۇنىڭ قاۋاقخانىلارغا ، كەچلىك بەزمىخانىلارغا بېرىشىنى كونتىرول قىلىپ كەلدىم . مېسسى تېخى ياش ، ئۇنىڭ تەجرىبىسى بەزى ئىشلارنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىشقا يەتمەيدۇ . شۇڭا مېنىڭ كونتىرول قىلىشىم ئۆزىنىڭ كېيىنلىكىگە ياخشى دەپ ئويلىدىم .
   2004-يىلى 10-ئاينىڭ 16-كۈنى ، جورگى مېسسىغا نىسبەتەن ئۇنتۇلغۇسىز بىر كۈن ھېسابلىنىدۇ . كاتالونىيا دېربىسى يەنى رەقىبى ئىسپانىيىلىكلەر كۇلۇبى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە مېسسى بارسېلونا بىرىنچى سەپ كوماندىسىدىكى بىرىنچى قەدىمىنى باستى . كۆرۈش سۇپىسىدىكى جۇرگى مېسسى ۋە چوڭ ئوغلى مېسسىنىڭ مەيدانغا چىقىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتمەكتە . مۇسابىقە باشلىنىپ 83 مىنۇتقا قەدەم قويغاندا باش تېرىنىر رېجىكارد دېكونىڭ ئورنىغا مېسسىنى ئالماشتۇرۇپ مەيدانغا چىقاردى . قىسقىغىنە 7 مىنۇت گەرچە قىسقا بولسىمۇ ، ‹‹ بارسېلونا تارىخىدىكى ئەڭ كىچىك مەيدانغا چىققۇچى لىئونېل مېسسى !! ›› دىگەن ئاۋازنىڭ ياڭرىشى ۋە ئالقىش سادالارنىڭ ئاۋازى بىلەن كۆزلىرىگە لىققىدە ياش ئالغان جورگى مېسسى بەخت يىغىشىغا ئەگەشمەكتە ئىدى . ئۇنىڭغا ئەگىشىپ چوڭ ئوغلىمۇ يىغلاپ كەتتى . بۇ بىر ئائىلىنىڭ نۇرغۇن جەبرى -جاپالاردىن كېيىنكى ئارزۇسىنىڭ رىئاللىققا ئايلىنىشى ئىدى .



    111.jpg


   جورگى مېسسى ياخشى ئەر بولالمىدى ، ئۇ ئوغلىنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن شۇ ئوغلىنى بۇ دۇنياغا ئاپرىدە قىلغان ئايالنى ئارگىنتىناغا تاشلاپ قويدى . لېكىن ئۇ لاياقەتلىك دادا بولالىدى . ئۇ بارلىق جاپا -مۇشەققەتلەرگە بوي ئەگمەي ، چىدام -غەيرەت بىلەن بارلىقىنى ئوغلى ئۈچۈن ئاتىيالىدى . مېسسىمۇ ھەم دادىسىنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمىدى . ياخشى نەتىجىسى بىلەن دادىسىغا جاۋاب قايتۇردى . ئۇ ياخشى بىر يىگىت بولۇپ يېتىلدى ، ئۇ دادىسىدىن پەخىرلىنىدۇ ، تاكى ھازىرغىچە دادىسىنىڭ مەسلىھەتىسىز ئىش قىلمايدۇ .
   ئۇ كۈيۈمچان دادىنىڭ تەربىيىسى ئاستىدا ، ھازىرقى گىگانت چولپانغا ئايلاندى . دادا ، دۇنيادىكى ئەڭ جاپاكەش ئىنسان ، ئۇ بارلىقىنى ، ياشلىقىنى ، گۈزەل ئارزۇ ئارمانلىرىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ پەرزەنتى ئۈچۈن بارلىقىنى ئاتا قىلغۇچى . پەرزەنتىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن بارىنى دوغا تىككۈچى . جاپا -مۇشەققىتىنى بالام دەپ راھەت ھېس قىلغان ، پەرزەنت ئۈچۈن ئىچىدە يىغلايدىغان ئاتىلارغا ھۆرمەت ۋە ئالى ئېھتىراملار بولسۇن !!~




   مېسسىنىڭ غەلبە يولى



    12.jpg

   10 يىل بۇرۇن بىرازىلىيىك گىگانت چولپان ياش بىر ئارگنتىنالىق يۇلتۇزنى ھاپاش قىلىغىنىچە جەڭلەرگە قاتناشقانىدى . 10 يىلدىن كېيىن ئارگىنتىنالىق بۇ گىگانت چولپان بىرازىلىيىلىك ياش بىر يۇلتۇزنى ھاپاش قىلغىنىچە جەڭلەرگە قاتنىشىۋاتىدۇ . رونالدىنھو ، مېسسى ، نېيمار ، بۇلار شاھلىقىنى بىر-بىرىگە مىراس قالدۇرۇپ ماڭغۇچىلار .



    13.jpg

   نېيمارنىڭ 2 قېتىملىق ياردەمچى پاس بېرىشى بىلەن مېسسى ئىسپانىيە بىرلەشمە تارىخىدىكى بىرىنچى مەرگەنگە ئايلاندى . 10 يىل بۇرۇن رونالدىنھو مېسسىنىڭ بىرىنچى توپىنى كىرگۈزۈشىگە ياردەمچى پاس چىقارغانىدى . 10 يىلدىن كېيىن نېيمار مېسسىنىڭ تارىخ يارىتىشىغا ياردەمچى بولدى .



    14.jpg

   2004-يىلى ، مېسسى ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىدىكى تۇنجى قەدىمىنى باستى . ئۇ ۋاقىتتىكى رونالدىنھو دۇنيا لوڭقىسى چىمپىيۇنى بولۇپ بولغانىدى ، شۇنداقلا پۈتۈن ياۋروپانى زىل-زىلىگە سالغانىدى . مېسسى بولسا ئىككىنچى سەپ كوماندىسىدىن ئەمدىلا چىققان بىر مايسا ئىدى .



    15.jpg

   بارسېلونا جەڭچىلىرى ئاتامانلىرى رونالدىنھو ۋە دېكولار كىچىك مېسسىغا مېھرىنى يەتكۈگەنىدى . ئۇلار بۇ شاكىچىكنىڭ كەلگۈسىگە چىراق بولۇپ ئۇنىڭ يولىنى يورۇتۇۋاتاتتى . بىرازىلىيە بىلەن ئارگېنتىنادەك رەقىبلەردىن بۇلاردەك ئىجىل جەڭچىنىڭ چىقىشى كىشىنىڭ ھۆرمىتىنى ۋە مەسلىكىنى قوزغايدۇ .



    16.jpg

   ئۇ ۋاقىتتىكى مېسسى ۋىجىك ، پاكار بىر توپچى ئىدى ، كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە ئۇنچە بەك ئىستىقباللىق توپچى دەپمۇ قارالمايىتتى . لېكىن رونالدىنونىڭ نەزىرىدە ئۇ ئىنتايىن قالتىس بىر توپچى ئىدى . رونالدىنھو كۆپ قېتىم : ‹‹ مېسسى مېنىڭدىن ھامىنى ئېشىپ كېتىدۇ ، ئۇ مېنىڭ قايىللىقىمنى قوزغايدۇ . مەن ھەر كۈنى ئۇنىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ماھارەتلىرىدىن ھوزۇرلىنىمەن ! ›› دەپ ئىپادە بىلدۈرگەنىدى .



    17.jpg


     ھازىرقى پۇتبول سەھنىسىدە تالانتلىقلار ئىنتايىن كۆپ . لېكىن بۇ تالانتىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ پۈتۈن دۇنيانى ھەيران قالدۇرغانلار ساناقلىقلا . مېسسى دەسلىپىدىن باشلاپلا كۆيۈنۈشكە ، كۆڭۈل بۆلۈشكە مۇيەسسەر بولۇپ كەلدى . رونالدىنھو ماھارەتلىرىنى ۋە تەجرىبىلىرىنى مېسسىغا ئەستايىدىللىق بىلەن ئۈگەتتى .



    18.jpg

   يېڭىدىن بىرىنچى سەپ كوماندىسىغا تاللانغاندىن باشلاپ ، رونالدىنھو مېسسىنى ئۆز يېنىغا تارتىپ كەلدى . ھەتتا تاماق شىرەسىدىمۇ رونالدىنھو مېسسىنى ئۆز يېنىغا تارتىپ كەلدى . رونالدىنھو ئۇنى داۋاملىق قانات ئاستىغا ئېلىپ ئاسراپ كەلدى . رونالدىنھو : ‹‹ مېسسى ، ئۇ بىردىنبىر مەن بىلەن بىللە بىر تاماق شىرەسىدە ئولتۇرىدىغان ئارگنتىنالىق . ›› دەيدۇ . رونالدىنھونىڭ بۇ گېپى مېسسىنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرۈلگىنى يوق .



    19.jpg

   رونالدىنھونىڭ قوللىشى ، ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن مېسسى ئۆزىنىڭ تالانت سەپىرىنى باشلىدى . بۇ رەسىمدىكى مەنزىرە تېخى ئېسىمىزدىن كۆتۈرۈلگىنى يوق .



    20.jpg

   ئۇچقۇر روبېنغا دۇچ كەلگەندىمۇ كىچىك مېسسى بەل قويۇۋەتمىدى ، ئۇنىڭ قۇلاق تۈۋىدە ياڭراۋاتقىنى ئالغا ! ئالغا ! دىگەن سۆز ئىدى . ئۇ ئۇتتۇرۇپ قويۇشنى خالىمايدۇ ، چۈنكى ، ئارگنتىنادىن ئىسپانىيەگە كېلىپ ، ئۇنىڭ ئۈچۈن بارچە جاپالارغا بەرداشلىق بەرگەن دادىسى ئۇنىڭغا دېققەت قىلماقتا .



    21.jpg

   رونالدىنھونىڭ مەيدان سىرتىدىكى ئىشلىرىنىڭ كۆپىيىشى ، كېچىلىك بەزمىخانىنىڭ دائىملىق مېھمىنىغا ئايلىنىپ قېلىشى ئۇنىڭ ئىپادىسىگە تەسىر كۆرسەتكەن ئەھۋالدا ، مېسسى بۇ ئورۇننى تولۇقلاشقا تىرىشىۋاتاتتى . 2007-يىلىدىكى ئەسىر دېربىسىدا 3 قېتىملىق نومۇر كەينىدە قالغان شارائىتتا مېسسى ئۈچ قېتىم قارشى تەرەپ دەرۋازىسىنى ئېچىپ ، ئۆزىنىڭ كەسپى ھاياتىدىكى بىرىنچى ‹‹ قالپاق ئويۇنى ›› نى ياراتتى . شۇ كېچىدىن باشلاپ پۈتۈن بارسېلونا مەستانىلىرىنىڭ قەلبىدە قەھرىمانغا ئايلاندى .



    900x600_ABP1LTRQ5D9K0005.jpg

   شاھلىق لوڭقىسىدىكى بۇ كۆرۈنۈش ناتونۇش بولمىسا كېرەك . شۇنداق ، بۇ مېسسىنىڭ مارادوناغا ئوخشاش 6 ئادەمنى ئالداپ ئۆتۈپ توپ ئۇرغان نادىر ئەسىرى .



    22.jpg

  ئولېمپىك پۇتبول مۇسابىقىسى ھەل قىلغۇچ جەڭ . مېسسى رونالدىنھوغا تەسەللى بەرمەكتە . ۋە ئۇنىڭ بىلەن خوشلاشماقتا . ئەمدى ئۇ بارسېلونادا رونالدىنھو يوق جەڭگە قاتنىشىشى كېرەك .



    23.jpg

   2011-يىلى ، دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقسى مۇسابىقسى . بىرازىلىيىلىك تالانتلىق يۇلتۇز نېيمار بارسېلونا سەركىسى مېسسى بىلەن بولغان جەڭدە مەغلۇب بولدى . لېكىن ئۇ مېسسىنىڭ مەدەت بېرىشىگە ۋە تەسەللىسىگە نائىل بولدى . ئۇ خۇددى رونالدىنھوغا ئوخشاش بارسېلونادا نەتىجە يارىتىشنى كۆڭلىگە پۈكتى .



    24.jpg

   بۇ بىر پارچە رەسىمگە قاراپ بەلكىم بىرىنچى پارچە رەسىم ئېسىڭىزگە كەلگەن بولۇشى مۆمكىن . شۇنداق ، رونالدىنھونىڭ ئورنىغا نېيمار ئالماشتى . مېسسى خۇددى رونالدىنھوغا ئوخشاش بۇ يورۇق يولتۇزغا كۆيۈنۈپ كەلمەكتە .



   لىئونېل مېسسى ئۇ نۇرغۇنلىغان رېكورتلارنى ياراتتى . بارسېلونا بىلەن بىرلىكتە نۇرغۇن جەڭلەرگە قاتناشتى . كۆپلىگەن لوڭقىلارنى قولغا كەلتۈردى . ئۇنىڭ بۇ نەتىجىلىرى پۇتبول تارىخدىكى بىر رىۋايەت بولۇپ قالغۇسى . قەدىمىڭ توختاپ قالمىسۇن ! داۋاملىق يۇقىرى پەللىلەرنى ياراتقىن !!~
   
   
   بەزى نەتىجىلىرى ۋە تەپسىلى ئارخىبلىرى بۇرۇن مۇنبەردە يوللىنىپ بولۇنغانلىقى ئۈچۈن ئېلىنمىدى .


   

22.jpg

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 26مۇنبەر پۇلى +6201 تۆھپە +15 شۆھرەت +14 تەجرىبە +13 تىللا +3 يىغىش سەۋەبى
ھەقىقەت + 50 قالتىس!
LM10 + 50 قالتىس!
تۇيغۇن + 50 قالتىس!
turgunjan + 50 قالتىس!
ساداقەت + 50 قالتىس!ئالامەت ناييىل.
تۈمەن + 50 قالتىس!
kuqarim1 + 50 قالتىس!
جاغىستاي120 + 5000 قالتىس!
bora818 + 50 قالتىس!
مۇھەممەت0999 + 50 قالتىس!
TAJ + 50 قالتىس!
ئېلىخو + 50 ئاجايىپ !
ئېسىل + 50 + 4 + 3 + 2 + 1 ئېسىل تېما
ئامەت + 50 قالتىس!
ئەلشىر + 50 قالتىس!
alhan + 50 قالتىس!
دولانى + 50 قالتىس!
ئۇچتىكىن + 50 قوللاش!
isimsiz + 50 + 5 + 5 + 5 قالتىس!
ماكانىم + 50 قوللاش!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2016-1-14 10:53:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نادىر تېما

قانچە كۈن كەتتى يېزىشقا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-1-14 10:54:52 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە  5 يىل مۇشۇ  ئىپادىسىنى  ساقلاپ  قالسا  يەنە قانداق  نەتىجىلەرنى  مەيدانغا  كەلتۈرە بۇ  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-1-14 10:55:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر داداببالىنىڭ ئۈسۈپييېتلىشىدە ھالقىلىق رول ئوينايدۇ .مىسسىمۇ دادسىنىڭ ئەجرىگە ئ‍ۆزىمۇددۇنياۋىي چولپان بولۇپ دادسىنىڭ ھاردۇقىنى چىقاردى …
نادىر تىما
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-1-14 11:02:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەسىرلەندىم،  مېسسىنىڭ نەتىنجىسىدىن ئ‍ەمەس بەلكى بىر ئ‍اتىنىڭ ئ‍ۆز ئ‍وغلىنى تەربىيكەش يۇلىدىكى تارتقان جاپاسىدىن.  خىجىل بولدۇم ،باشقا بىرىدىن ئ‍ەمەس بەلكى مېسسىنى مېيىپ، كېسەل دەپ مازاق قىلىۋاتقان شۇ نادانلاردىن.   ئ‍ىلھاملاندىم،  بەش ئ‍ەزاسى ساغلام بولغانلاردىن ئ‍ەمەس ،بەلكى شۇ سىلەر مېيىپ دەپ مەسخىرە قىلىۋاتقان شۇ تىرىشچاندىن.
  ھەممە ئ‍ادەم مېسسىنى تۇغما تالانتلىق،رونالدونى تىرىشچان دەيدىكەن،بىراق مىنىڭچە مېسسى تالانتلىق،تىرىشچان ۋە شۇنداقلا تەلەيلىك.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-1-14 11:02:40 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نادىر تىما،تىما ئىگىسىگە رەھمەت ،جاپا چەكتىڭىز،مىسسى توغۇرلۇق نۇرغۇن ئەسلىمىلەرنى بىلۋالدۇق،تولۇق ئوقۇپ كۆزۈمگە ئىسسىق ياش ئالدىم،تالانىت-تىرىشچانلىق بىرلەشكەن مىسسى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-1-14 11:07:34 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك نادىر تىما بوپتۇ،قولىغىزغا دەت كەلمىسۇن قىرىندىشىم.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-1-14 11:10:42 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نادىر   تىما    ،   تىمىڭىز  بەك ياخشى چىقىپتۇ  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-1-14 11:16:05 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دادام كۆز ئ‍الدىمغا كىلىۋالدى ، بىر خىللا بوپ قالدىمغۇ ماۋۇ تىمىنى ئ‍وقۇپ .مىسسىنىڭ دادىسى ۋە ئ‍اكىسىغا بولغان كۆز قاراشلىرىم پۈتۈنلەي ئ‍ۆزگەردى .پەتەك يەنە نۇرغۇن ئ‍ىشلار سىنى ساقلاپ تۇرماقتا ، رونالدىنھو مېسسى ، مېسسى نېيمار .مانا بۇ بىر ئ‍ىللىق ئ‍ائىلە ، مانا بۇ بىر ئ‍ىتتىپاق قوشۇن .مانا بۇ كىيىم ئ‍الماشتۇرۇش ئ‍ۆيىدە گەپ سۆز بولمايدىغان بۆرىلەر قوشۇنى .تىرىنىر ۋە كولۇپ يۇقۇرى قاتلىمىدىن نارازى بولمايدىغان ئ‍ىسىل مەستانىلەر..دۈشمەننىڭ دېپىغا ئ‍ۇسۇل ئ‍وينايدىغان كىچىك مەستانىلەر
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-1-14 11:24:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىل تېما بوپتۇ   تېما ئىگىسىگە رەخمەت
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-1-14 11:30:36 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قالتىس تېما يېزىپسەن ئاكا، كوم ئالدىغا بارغاندا تارتۇقلايمەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-1-14 11:33:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نادىر  تېما  、  مىسسىنىڭ دادىسى  ھەققىدىكى  نۇرغۇن بىلىملەرنى  بىلۋالدۇق 、 دادا ئۇ شۇنداق بىر ئىنسان  
ئاندرويىدتا يېزىلغانئاندرويىدتا يېزىلغان
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|دوختۇرخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2016-5-10 12:07

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش