ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 2159 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ankar528 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-1-12 15:22
تېمىنىڭ ئەھمىيىتى:
1. مۇنبىرىمىزدىكى تاۋكانىڭ تەرەققىياتىغا ھەسسە قوشۇپ، مۇنبەر تەرەققىياتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە پايدىلىق
2. ئاددىي مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن پەن-تېخنىكىنىڭ مۇھىملىقنى بىلدۈرۈش، ماتېماتىكىنىڭ ئىشلىتىلىشچانلىقىنى كۆرسىتىش ئارقىلىق بىلىمگە ئىنتىلىشتەك ئاكتىپ ئېنېرگىيە تارقىتىش
بۇ ئۇسۇلنىڭ ئالاھىدىلىكى:
بىر قېتىملىق تاۋكا بىلەن ئەمەس، بىرنەچچە قېتىملىق تاۋكانى باغلىما ھالەتتە يۈرۈشتۈرۈپ يېڭىش
ياۋرو يېتەرلىك بولسا ئۇتۇش نىسبىتىڭىز 100%
ئۇزۇن مۇددەتلىك تاۋكاغا دىققەت قىلىش، زىھنىڭىز ۋە ۋاقتىڭىز ئاز تولا ئىسراپ بولىدۇ
مۇنبىرىمىزدە تاۋكا ھازىر يامان ئەمەس ئىچىلىۋاتىدۇ، مۇنبىرىمىزدىكى تاۋكانىڭ خاراكتېرى ئۇتۇش، تەڭلىشىش، ئۇتتۇرۇشتەك تۈر بويىچە شۇ تۈردىكى ھەسسىلىك بويىچە ماڭىدۇ، شۇنداقلا ئەسلى تىككەن پۇلىڭىزنىڭ 15%نى باجغا تۇتۇۋالىدۇ. مىسال مېسسىنىڭ ئالتۇن توپ ئىلىش نىسبىتى 1.25ھەسسىلىك سىز بۇنىڭغا 1000ياۋرو تىكتىڭىز ئۇتقىنىڭىز 1000*1.25-1000*0.15=100ياۋرو، ئويلىغىنىڭىزدىن جىق ئاز ھە....
ھەر قېتىم تەڭلىشىشنىڭ نىسبىتى ئادەتتە ئوتتۇرىچە 3 ھەسسىلىك ئەتراپىدا بولۇپ ئەڭ چوڭ ھېسابلىنىدۇ شۇڭا بىز مۇشۇ تەڭلىشىشكە تەۋەككۈل قىلىشنى تاللايمىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھامان بىر تەڭلىشى بولىدۇ بولمىسا تەڭلىش دېگەن تاۋكا قۇرۇلمايتتى، تەڭلەشكىچە تىكىسىز، تىكىدىغان پۇلىڭىز چوقۇم چوڭىيىپ ماڭىدۇ شۇندىلا ئۇتالايسىز زىياننى تولۇقلاپ پايدا ئالالايسىز،
نەق گەپنى باشلايلى :
1-باسقۇچ
ھەر قېتىملىق تاۋكاغا ئېچىلغان مۇسابىقىلەر ئىچىدىن تەڭلىشىش ئىستېمالى ئەڭ چوڭ بولىدىغان بىرنى تاللىۋالىمىز (مىسالغا ئاۋۇ كۈندىكى رىم بىلەن مىلەن، رېىس بىلەن لەيچىستىر قاتارلىقلارنىڭ كۈچ سېلىشتۇرمىسى تەڭ ، ھەقىقەت تەڭلەشتى ئۇلار.) شۇنىڭ بىرىگە مۇۋاپىق پۇل تىكىمىز مىسال 1000ياۋرو .
ئالاھىدە دىققەت:پەقەت ۋە پەقەت بىرسىنى تاللىۋالىسىز باشقىسى بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن.
2-باسقۇچ
ئەگەر ئۇتتىڭىز
1000*3-1000*0.15=2850ياۋرو قولىمىزغا قايتىدۇ، بۇنىڭدىن تىككەن1000نى ئىلىۋىتىمىز.ساپ پايدا 1850بولىدۇ ئاخىرلاشتى.
ئەگەر ئۇتتۇردىڭىز
كىيىنكى قېتىملىق تاۋكا مۇسابىقىلىرىدىن يەنە ئوخشاش تەڭلىشىش ئېھتىمالى ئەڭ چوڭىنى تاللايسىز.
بىراق بۇ قېتىم تىككىنىڭىز ئالدىنقى قېتىمقىدىن ئىككى ھەسسە چوڭ بولۇشى كېرەك، يەنى مىسال 2000.
3- باسقۇچ
ئەگەر ئۇتتىڭىز
2000*3-2000*0.15=5700ياۋرو تېگىدۇ قولىمىزغا
بۇنىڭدىن ئىككى قېتىم تىككەن 1000ۋە 2000نى چىقىرىۋېتىمىز، پايدا 2700پايدا قالدى.ئاخىرلاشتى.
ئەگەر ئۇتتۇردىڭىز
بۇ قېتىم ئوخشاشلا كىيىنكى قېتىملىق تاۋكا مۇسابىقىلىرىدىن يەنە ئوخشاش تەڭلىشىش ئېھتىمالى ئەڭ چوڭىنى تاللايسىز.بۇ قېتىم تىككىنىڭىز ئوخشاشلا ئالدىنقى قېتىمقىدىن ئىككى ھەسسە چوڭ بولۇشى كېرەك،(بىرىنچى قېتىملىقىدىن 4 ھەسسە). مىسال 4000ياۋرو.
4- باسقۇچ
ئەگەر ئۇتتىڭىز
4000*3-4000-0.15=11400ياۋرو قولىڭىزغا تېگىدۇ
بۇنىڭدىن ئىلگىرى تىكىپ ئۇتالمىغان 1000+2000شۇنداقلا بۇ قېتىم تىككەن 4000. جەمئىي 7000نى ئىلىۋىتىمىز. ساپ پايدا 4400پايدا.ئاخىرلاشتى.
ئەگەر ئۇتتۇردىڭىز
بۇ قېتىم ئوخشاشلا كىيىنكى قېتىملىق تاۋكا مۇسابىقىلىرىدىن يەنە ئوخشاش تەڭلىشىش ئېھتىمالى ئەڭ چوڭىنى تاللايسىز.بۇ قېتىم تىككىنىڭىز ئوخشاشلا ئالدىنقى قېتىمقىدىن ئىككى ھەسسە چوڭ بولۇشى كېرەك،(بىرىنچى قېتىملىقىدىن 8 ھەسسە). مىسال 8000ياۋرو.
:::::::::
:::::::::
ھەر قېتىم قولغا يانغان
تىككەن ياۋرو * 3-تىككەن ياۋرو *0.15= 2.85* تىككەن ياۋرو
ھەر قېتىم ساپ ئۇتقان
تىككەن ياۋرو*3- تىككەن ياۋرو *0.15-تىككەن ياۋرو
ياكى ھەر قېتىم قولغا يانغان - تىككەن ياۋرو
ئاخىرقى سۆز:
مەن بىر ئوقۇغۇچى، پۇتبول مىنىڭ قىزىقىشىم خالاس مىنىڭ كەسپىم ئەمەس، شۇڭا زېھنىي قۇۋۋىتىمنى كەسپىمگە بېغىشلاپ ئىچىم پۇشىغان مەزگىللەردە پۇتبولدىن ۋە مۇنبەردىن زوق ئالىمەن، ئىلىمنىڭمۇ زاكىتى بار شۇڭا ئاز تولا تېما يېزىپ قويىمەن. بۇ تېمنى بولسا پەن-تېخنىكىنى ئەرزىمەس نەرسىگە چىقىرۋەتكەن، ماتېماتىكىنىڭ تولۇق ئوتتۇرىدا ئىگىلىگەن بىلىم بولسا بىزگە يىتىدۇ دېگەنلەرگە كۆرسىتىپ قويۇش ئۈچۈن تەييارلىدىم، ئېسىڭىزدە بولسۇن دۇنيا ھازىر پەن تېخنىكا بىلەن چۆگىلەۋاتىدۇ مەيلى قانداق نەرسە بولسۇن پەنگە تايىنىۋاتىدۇ پۇتبولمۇ شۇنىڭ ئىچىدە،ئاددىيسى مۇشۇ مۇنبەرمۇ كومپيۇتېر ۋە ھېسابلاش ئىلىمى بولمىغان بولسا قۇرۇلمايتتى، شۇڭا پۇتبولنى كەسىپ قىلىپ ئابلەتجان ۋە چىمبۇلاقتەك نەپ ئىلىپ يىيەلمىسىزڭىز كۆڭۈل خۇشى قاتارىدا مۇئامىلە قىلىڭ، بۇ دېگەنلىك تاشلىۋىتىڭ دېگەنلىك ئەمەس،مەستانىچىلىكنىڭ يولى بولسۇن دېگەنلىك. كەسپىڭىزنى ئۇنۇتماڭ. مىللەتكە يۈك بولۇپ قالماڭ. پۇتبول مۇنبىرىدىن ئالغان ئىلىمىڭىزنىڭمۇ زاكىتىنى بېرىپ چىرايلىق مۇئامىلە قىلىڭ، تېرىشىپ تۆھپە قوشۇڭ.ئاخىرىدا مىنىڭ بىلىش دائىرەمدىكى ھەرقانداق ياردەم بولسا مەن تەييار، مۇنبەر ئۇچۇرى قىلىپ سورىساڭلار بولىدۇ.
ئەسكەرتىش: بۇ ئارقىلىق كېلىپ چىققان ھەرقانداق ئىقتىسادى ۋە روھىي زىيانغا مەن ئىگە ئەمەس...
خاتالىقلار بولسا ئىنكاستا مۇنازىرە قىلىشايلى.
سەھىپە باشقۇرغۇچىسى كۈچلۈك تەۋسىيە:
نەخ پۇلغا ھەقىقى لاتارىيە ئوينىغۇچىلارنىڭ بۇ خىل ئۇسۇلغا يىقىن كەلمەسلىكىنى كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىمەن !
خانۇ-ۋەيران بولىسىز !!!!!!!!! |
|