elan ornielan orni
كۆرۈش: 2149|ئىنكاس: 47

بېسىمى ئەڭ يۇقىرى خىزمەت !!~ ( نايىل )

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nayil تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-5 15:54  



      ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم !!~


     خانلىق مادىرىد كۇلۇبى تۈنۈگۈن كەچ باش تېرىنىر رافائېل بېنتىزنىڭ ئىشتىن چۈشكەنلىكىنى رەسمىي ئېلان قىلدى . بېنتىزنىڭ ئورۇن باسارى بولسا ھەممىزگە تونۇشلۇق بولغان زىدانى بولدى . خانلىق مادرىدتا بۇرۇندىن قابىل تېرىنىرلار كەم بولغان ئەمەس ، شۇنداقلا بۇ قابىل تېرىنىرلار بۇ 20 -ئەسىردىكى ئەڭ قالتىس كۇلۇبنىڭ شانلىق نەتىجىلىرىنىڭ ياراتقۇچىسى بولۇپ كەلدى . خانلىق مادرىد كۇلۇبىنى يېقىنقى 13 يىلدا جەمئىي 13 تېرىنىر ئالماشتۇرۇپ بولدى . يىغىپ ئېينتقاندا ، خانلىق مادىرىد كۇلۇبىنىڭ تېرىنىرلىق خىزمىتى بېسىمى ئەڭ يۇقىرى خىزمەت بولۇپ قالدى .
    ھەممىزگە مەلۇم ، خانلىق مادرىد كۇلۇبىدا تېرىنىرلىق قىلىش ئىنتايىن مۈشكۈل بىر ئىش . 2000-يىلى فىلورېنتىنو خانلىق مادىرىد كۇلۇب رەئىسى بولغاندىن تارتىپ ، 2006-يىلى ئىستىپا بەرگۈچە ، 2009-يىلى قايتىدىن خانلىق مادىرد كۇلۇب رەئىسى بولۇپ ھازىرغىچە 10 داڭلىق تېرىنىرنى ئىشتىن بوشىتىپ بولدى . داڭلىق تېرىنىرلاردىن بوسېك ، مورېنھو ، ئەنچىلوتتې قاتارلىقلارمۇ بۇ بوراندىن مۇستەسنا بولالمىدى .




    1 . بوسېك   :   1999-يىلىدىن 2003-يىلىغىچە


    1.jpg


    بوسېك 1984-يىلى پۇتبولچىلىقتىن چېكىنگەندىن كېيىن ، خانلىق مادرىد B كوماندىسىنىڭ باش تېرىنىرى بولغان . 1994-يىلى ۋە 1996-يىلى ئىككى قېتىم خانلىق مادرىد بىرىنچى سەپ كوماندىسىنىڭ ۋاقىتلىق تېرىنىرى بولغان . 1999-يىلى بوسېك رەسمىي ھالدا خانلىق مادرىد كوماندىسىنىڭ باش تېرىنىرى قىلىپ بېكىتىلگەن . شۇنىڭدىن باشلاپ بوسېك خانلىق مادرىدنى يېتەكلەپ شانلىق نەتىجىلەرنى ياراتقان .
    ھازىرقى ئىسپانىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ تۆھپىكار تېرىنىرى بوسېك ‹‹  خانلىق مادرىد تارىخىدىكى ئەڭ قالتىس ›› تېرىنىر دەپ تەرىپلىنىدۇ . شۇنداقلا بوسېكنىڭ خانلىق مادرىد كۇلۇبىنىڭ باش تېرىنىرى بولغان ۋاقتىمۇ بىر قەدەر ئۇزۇن ھېسابلىنىدۇ . ئۇ جەمئىي 2031 كۈن خانلىق مادرىد كۇلۇبى باش تېرىنىرى بولۇپ ، بۇجەرياندا خانلىق مادرىدنى يېتەكلەپ 2 قېتىم ئىسپانىيە بىرلەشمىسى چىمپىيۇنى ، 2 قېتىم ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق چىمپىيۇنى ، 1 قېتىم ئىسپانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى چىمپىيۇنى ، 1 قېتىم ياۋروپا دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىى چىمپىيۇنى ، 1 قېتىم تويوتا لوڭقىسى چىمپىيۇنى قاتارلىق 7 قېتىملىق چىمپىيۇنلۇقنى قولغا كەلتۈرگەن .
  



   2 . كارلوس كىروز   :   2003-يىلىدىن 2004-يىلىغىچە


    2.jpg


    داڭلىق تېرىنىر بوسېك خانلىق مادرىد كۇلۇبىنىڭ تېرىنىرلىق ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن ، فىلورېنتىنو بوسېكنىڭ ئورنىغا مانچىستېر بىرلەشمىسى كۇلۇبىنىڭ رىۋايەتلىك تۆھپىكار تېرىنىرى فېرگۇسۇننىڭ قابىل شاگىرتى كارلوس كىروزنى باش تېرىنىر قىلىپ تەيىنلىدى . كارلوس كىروز 2004 \ 2003 -يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە جەمئىي 273 كۈن خانلىق مادرىد كۇلۇبى باش تېرىنىرى بولۇپ ، پەقەت ئىسپانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى چىمپىيۇنلىقىنىلا قولغا كەلتۈرەلىگەن . كىشىلەر تەرىپىدىن ‹‹ فېرگۇسۇن 2 ›› دەپ تەرىپلىنىۋاتقان بۇ قابىل تېرىنىرمۇ ئىشتىن بوشىتىلغان .



   3 . كاماچو   :   2004-يىلى


    3.jpg


    كاماچو ھەممىمىزگە تونۇشلۇق بولغان دۆلەت كوماندىمىزنىڭ سابىق باش تېرىنىرى . كاماچو پۇتبولچىلىق دەۋرىدىمۇ خانلىق مادرىدتا توپ تەپكەنىدى . ئۇ 97 \ 96-يىللىق مۇسابىقە پەسلى ۋالېكانو كۇلۇبىنى يېتەكلەپ دەرىجە ئۆرلىگەن ،ۋە شۇ يىلى كوماندىنىڭ دەرىجە ساقلاپ قېلىشىغا زور كۈچ چىقارغان . ۋالېكانودا نام چىقارغان بۇ ياش تېرىنىر ھەممىنىڭ دېققىتىنى تارتقان . لېكىن كېيىنكى تېرىنىرلىق مۇساپىسى تازا كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغان .
    2004-يىلى فىلورېنتىنو كاماچونى ىانلىق مادرىد كۇلۇبىغا تەكلىپ قىلىپ ئەكىلىدۇ . لېكىن كاماچو خانلىق مادرىد كۇلۇبىدا پەقەت 20 كۈنلا باش تېرىنىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ . ئۇ 2004-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى رەسمىي خانلىق مادرىد كۇلۇبىنىڭ باش تېرىنىرى قىلىپ بېكىتىلىدۇ ، 9-ئاينىڭ 18-كۈنىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقىدىن كېيىن كاماچو خانلىق مادرىد كۇلۇبىنىڭ باش تېرىنىرلىق خىزمىتىدىن ئىستىپا بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلىدۇ . كاماچو فىلورېنتىنو تەرىپىدىن ئىشتىن بوشىتىلغان بولماستىن بەلكى ئۆزى بۇ خىزمەتتىن ئىستىپا بېرىدۇ .




    4 . گارسىيا رېمون   :   2004-يىلى


    4.jpg


    گارسىيا رېمون كۆپلىگەن پۇتبول مەستانىلىرىغا ناتونۇش بولسا كېرەك . ئۇ خانلىق مادرىد كۇلۇبىنىڭ سادىق توپچىسى بولۇپ ، خانلىق مادرىد كۇلۇبى ئۈچۈن 14 يىل جەڭ قىلغان تۆھپىكار جەڭچى . گارسىيا رېمون بولسا كاماچونىڭ ياردەمچىسى بولۇپ ، كاماچو بىلەن بىرلىكتە ئالباسېت كۇلۇبى ۋە لاس پارماس كۇلۇبى قاتارلىق كۇلۇبلارغا تېرىنىرلىق قىلغان . كېيىن گىھون رىقابەت كوماندىسى ۋە نومانسىيا كوماندىسى قاتارلىق كۇلۇبلارغا باش تېرىنىر بولغان . كاماچو خىزمىتىدىن ئىستىپا بەرگەندىن كېيىن ، فىلورېنتىنو خانلىق مادرىد كوماندىسىنىڭ باش تېرىنىرلىق قامچىسىنى گارسىيا رېمونغا تاپشۇرغان . 12-ئاينىڭ 30 -كۈنىدىكى سېۋېللىيا كوماندىسى بىلەن بولغان جەڭدىكى مەغلۇبىيەت بىلەن تەڭ گارسىيا رېمون فىلورېنتىنو تەرىپىدىن ئىشتىن بوشىتىلغان .



   5 . ۋاندىرېل لۇكسىمبورېگ   :   2005-يىلىدىن 2006-يىلىغىچە


    5.jpg


    ۋاندىرېل لۇكسېمبورىگ بىرازلىيىلىك داڭلىق تېرىنىر . ئۇ سان پاۋلو كۇلۇبى ، پارمىلاس كۇلۇبى ، سانتوس كۇلۇبى ، كىرىندىئان كۇلۇبى قاتارلىق كۇلۇبلارنى يېتەكلەپ قالتىس نەتىجىلەرنى ياراتقان تېرىنىر . ئۇندىن باشقا ئۇ 1999-يىلى بىرازىلىيە دۆلەت كوماندىسىنى يېتەكلەپ ئامرىكا قىتئەسى چىمپىيۇنلىقىنى قولغا كەلتۈرگەن . گارسىيا رېموننىڭ ئىشتىن بوشىتىلىشى بىلەن فىلورېنتىنونىڭ كۆزى دەل بۇ بىرازىلىيىلىك تېرىنىرغا چۈشكەن ۋە تېزلىكتە بۇ تېرىنىرنى خانلىق مادىرىد كۇلۇبىغا تەكلىپ قىلغان .
   2006 \ 2005 -يىللىق مۇسابىقە پەسلىنىڭ ئاخىرىدا ىانلىق مادىرىد كۇلۇبىنىڭ باش تېرىنىرلىق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغان ۋاندىرېل لۇكسېمبورىگ خانلىق مادرىدنىڭ ناچار ئىپادىسىنى ئوڭشاشقا ئامال قىلالمىغان . يېڭى مۇسابىقە پەسلىدىكى نەتىجىسىمۇ كۆرۈنەرلىك بولمىغانلىقتىن ، خانلىق مادىرىد كۇلۇبىدىكى 11 ئايلىق تېرىنىرلىق ھاياتىدىن خوشلىشىپ ، فىلورېنتىنو تەرىپىدىن ئىشتىن بوشىتىلغان .




   6 . لوپېز كارلو   :   2005-يىلىدىن 2006-يىلىغىچە


    6.jpg


    لوپېز كارلو بولسا فىلورېنتىنو ئىستىپا بېرىشتىن بۇرۇنقى خانلىق مادرىد كۇلۇبىنىڭ ۋاقىتلىق باش تېرىنىرى . لۇكسىمبورىگ ئىشتىن بوشىتىلغاندىن كېيىن فىلورېنتىنو تېزلىك بىلەن كاستېللانىڭ باش تېرىنىرى لوپېز كارلونى خانلىق مادىرىد كوماندىىسنىڭ ۋاقىتلىق باش تېرىنىرى قىلىپ تەيىنلىگەن . بۇ ۋاقىتلىق تېرىنىر خانلىق مادىرد كۇلۇبىدا 156 كۈن تېرىنىرلىق قىلىپ كۆرۈنەرلىك نەتىجە يارىتالمىغان .



    7 . فابىئو كاپېللو   :   2006-يىلىدىن 2007-يىلىغىچە


    7.jpg


    كاپېللو ھەممىگە تونۇشلۇق بولغان داڭلىق تېرىنىر . ئۇنىڭ ئىتالىيە بىرلەشمىسىدىكى مىلان ، رىم ، يۇۋېنتۇس كوماندىلىرىدا شانلىق نەتىجىلەرنى ياراتقان مۇداپىيە تاكتىكىسىغا قابىل بولغان داڭلىق تېرىنىر .  97 \ 96 -يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە خانلىق مادىرىد كۇلۇبىغا باش تېرىنىر بولۇپ بىرلەشمە چىمپىيۇنلىقىنى قولغا كەلتۈرگەن بۇ تېرىنىر يەنە بىر قېتىم خانلىق مادىرىد كۇلۇبىنىڭ تەكلىپىنى تاپشۇرۇپ ئالغان . يۇۋېنتۇس كۇلۇبىنىڭ ‹‹ تېلىفۇن ۋەقەسى ›› بىلەن دەرىجە چۈشۈشى بىلەن بىر تۈركۈم داڭلىق توپچىلار يۇۋېنتۇس كۇلۇبىدىن ئايرىلغان . بۇنىڭ قاتارىدا يۇۋېنتۇس كۇلۇبىنىڭ باش تېرىنىرى كاپېللومۇ بار ئىدى . دەل مۇشۇ پەيىتتىن پايدىلىنىپ خانلىق مادىرد كۇلۇبى كاپېللونى خانلىق مادىرىد كۇلۇبىنىڭ باش تېرىنىرلىقىغا تەكلىپ قىلغان .
   2006-يىلى خانلىق مادىرىد كۇلۇبىغا قايتا قەدەم باسقان كاپېللو كوماندىنى يېتەكلەپ بىرلەشمە چىمپىيۇنلىقىنى قايتۇرۇپ كەلگەن . لېكىن كاپېللونىڭ قاتتىق قوللۇق بىلەن باشقۇرۇش ئۇسۇلى خانلىق مادىرىد كۇلۇبىدىكى كۆپلىگەن پۇتبول چولپانلىرىنىڭ نارازالىقىغا ئۇچرىغان ۋە زىددىيەت شەكىللەنگەن . ئۇنىڭ رونالدونىڭ كەسپچانلىقىدىن نارازى بولۇشى ، بېكھامنى ئىشلەتمەسلىكى كۇلۇب ئىچى ۋە سىرتىدا كۆپ غۇلغۇلا قوزغىغان . كاپېېلونىڭ مۇداپىيەگە ئەھمىيەت بېرىشى بىلەن خانلىق مادىرىد كۇلۇبىنىڭ توپ ئۇرۇش ئۈنۈمى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كەتكەن . كاپېللو گەرچە خانلىق مادىرىد كوماندىسىنى يېتەكلەپ بىرلەشمە چىمپىيۇنلىقىنى قايتۇرۇپ كەلگەن بولسىمۇ ، يەنىلا ئىشتىن بوشتىلغان .




    8 . بېرند شۇستېر   :   2007-يىلىدىن 2008-يىلىغىچە


    8.jpg


    شۇستېر بارسېلونانىڭ داڭلىق توپچىسى . ئۇ بارسېلونادىكى پۇتبولچىلىق ھاياتىدا ، مارادونادىن كېيىن قالسىلا 2-يۇقىرى مائاشلىق توپچى ئىدى . كېيىن ،مارادونانىڭ ناپولى كۇلۇبىغا يۆتكۈلۈشى بىلەن بارسېلونادا يادرولۇق توپچى بولۇپ قالغان ، شۇنداقلا كوماندا كاپىتانلىقىنى ئۈستىگە ئالغان . 1988-يىلى بارسېلونادىن خانلىق مادرىد كۇلۇبىغا يۆتكۈلۈپ زور غۇلغۇلا قوزغىغان .
   شۇستېرنىڭ لېۋانت كۇلۇبىنى يېتەكلەپ ياراتقان شانلىق نەتىجىسى خانلىق مادرىد كۇلۇبىنىڭ دېققىتىنى تارتقان . كاپېللونىڭ ئىشتىن بوشىتىلىشى بىلەن خانلىق مادىرىد كۇلۇبى تېزلىك بىلەن شۇستېرنى خانلىق مادىرىدقا تەكلىپ قىلغان . شۇستېر خانلىق مادرىدقا تېرىنىر بولۇپ بىرىنچى يىلىلا بىرلەشمە چىمپىيۇنلىقىنى قولغا كەلتۈرگەن . خانلىق مادىرىد تېرىنىرلىق ھاياتىنىڭ ئىككىنىچى پەسلىنىڭ باشلىنىشى بىلەن خانلىق مادىرىد كوماندىىسنىڭ نەتىجىسى كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغان . نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە ، ئالدىنقى پەسىلدىكى بىرلەشمە چىمپىيۇنلىقى پەقەت كەپېللونىڭ قالدۇرۇپ قويغان تاكتىكىسىنىڭ نەتىجىىسى دەپ قارالغان . بارسېلونا بىلەن بولغان ئەسىر دېربىسىدىن بۇرۇن شۇستېر مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا : ‹‹ خانلىق مادىرد كوماندىسى ھازىرقى ئىپادىسىدە بارسېلونانى مەغلۇپ قىلالامايدۇ ! ›› دەپ ئىپادە بىلدۈرگەن . شۇستېرنىڭ بۇ سۆزى خانلىق مادىرىد يۇقىرى قاتلىمى ۋە توپ مەستانىلىرى ئارىسىدا زور نارازىلىق پەيدا قىلغان . شۇنىڭ بىلەن 2008-يىلى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى شۇستېر خانلىق مادرىد كۇلۇبىنىڭ باش تېرىنىرلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان .




   9 . راموس   :   2008-يىلىدىن 2009-يىلىغىچە


    9.jpg


    راموس بارسېلونا B كوماندىسىنىڭ تېرىنىرلىقىدىن چىقىپ ، ۋالېكانو ، خانلىق بېتىس ، سېۋېللىيا قاتارلىق كۇلۇبلارنىڭ باش تېرىنىرلىق خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالغان ۋە بۇ كۇلۇبلاردا ياخشى نەتىجىلەرنى ياراتقان . راموس بارسېلوناB كوماندىسىدىن ئايرىلغاندا زور بىر تۈركۈم لاماسسىيا تالانتلىق ياشلىرىنى ئۆزى بىلەن بىرلىكتە يۆتكەپ ئەكەتكەن ۋە غەلبە يولىنىڭ ئاساسىنى تىكلىگەن .
   سېۋېللىيا كۇلۇبىدا شانلىق نەتىجىلەرنى ياراتقان بۇ تېرىنىر 2008-يىلى خانلىق مادىرىد كۇلۇبىنىڭ باش تېرىنىرلىقىغا تەيىنلەنگەن . لېكىن خانلىق مادىرىد كۇلۇبىدا سېۋېللىيا كۇلۇبىدىكىدەك نەتىجە يارىتالمىغان . بىرلەشمىدە قان رەقىبى بارسېلونا 2 : 6 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇپ قويۇشى ، ئۇزغۇنلۇق جېڭىدە لىۋېرپول كوماندىسى تەرىپىدىن شاللىنىشى راموسنىڭ خانلىق مادىرىدتىكى تېرىنىرلىق سەپىرىنى ئۈزۈپ تاشلىغان ۋە كۇلۇب تەرىپىدىن ئىشتىن بوشىتىلغان .




   10 . مانوئېل لوئىس پېللىېرگىنى   :   2009-يىلىدىن 2010-يىلىغىچە


    10.jpg


    پېللىرگىنىنىڭ يۇقىرىدا ئاتالغان تېرىنىرلارغا سېلىشتۇرغاندا ، پۇتبولچىلىق دەرۋرىدىن باشلاپلا خانلىق مادرىد كۇلۇبى بىلەن ھېچقانداق باغلىنىشى يوق . ئۇنىڭ پۇتبولچىلىق ھاياتى ئاساسەن جەنۇبى ئامرىكىدىكى كۇلۇبلاردا ئۆتكەن . ئاخىرىدا ئىسپانىيەگە كېلىپ ۋېللارىئالدا توپ تېپىپ پۇتبولچىلىق ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغان .
   چىلىلىق بۇ داڭلىق تېرىنىرنىڭ تېرىنىرلىق ھاياتى چېلى ئونۋېرىستىتى كوماندىسىدىكى شانلىق نەتىجىسى بىلەن باشلانغان . ئۇ بۇ كىشىلەرنىڭ ئانچە دېققىتىنى تارتمىغان كوماندىنى يېتەكلەپ چىلى لوڭقىسى چىمپىيۇنلىقىنى قولغا كەلتۈرگەن . كېيىنچە ئېكۋاتور كوماندىىسىنى يېتەكلەپ ‹‹ جەنۇبى ئامرىكا ئازاد قىلغۇچىلار لوڭقىسى ›› مۇسابىقىدە 8 كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا ئېلىپ كىرگەن . دەريا قېنى كوماندىىسغا تېرىنىر بولغاندىن كېيىنمۇ نەتىجىسى ئىزچىل ياخشى بولۇپ ، ئىسپانىيەنىڭ ۋېللارىئال كۇلۇبىنىڭ تەكلىپىنى تاپشۇرۇپ ئالغان . ۋېللارىئال كوماندىسىغا كەلگەن پېللىرگىنى يەنىلا قالتىس نەتىجە ياراتقان . بۇ ئىزچىل ياخشى نەتىجىلەرنى يارىتىپ كېلىۋاتقان تېرىنىرغا خانلىق مادرىد كۇلۇبىنىڭ كۆزى چۈشكەن ۋە كۇلۇبنىڭ باش تېرىنىرلىقىغا تەكلىپ قىلغان .
   2009-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى ، پېللىرگىنى خانلىق مادرىد كۇلۇبىنىڭ باش تېرىنىرى قىلىپ بېكىتىلگەن . خانلىق مادرىد كۇلۇبى ۋېللارىئال كۇلۇبى بىلەن يەنە بىر يىللىق توختامى بار بولغان پېللىرگىنىنىڭ 4 مىليۇن ياۋرولۇق توختام بۇزۇش ھەققىنى تۆلەپ خانلىق مادرىدقا ئېلىپ كەلگەن . لېكىن بۇ مەغلۇب بولماس تېرىنىرنىڭ خانلىق مادرىدتىكى نەتىجىسى كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغان . ئۇ كوماندىنى يېتەكلپ بىرلەشمىنىڭ 2-لىكىنى قولغا كەلتۈرگەن بولسىمۇ ، لېكىن ئىسپانىيە شاھلىق لوڭقىسىنىڭ ئىككى قېتىملىق ئۇچرىشىشدا 3-دەرىجىلىك كوماندا ئالكوركۇن كوماندىسى تەرىپىدىن 1 : 4 نەتىجە بىلەن 16 كۈچلۈكتىلا شاللىنىپ ، خانلىق مادرىد يۇقىرى قاتلىمىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىغا ئۇچرىغان ۋە ئىشتىن بوشىتىلغان .




    11 . مۇرېنھو    :   2010-يىلىدىن 2013-يىلىغىچە


    11.jpg


    داڭلىق تېرىنىر مۇرېنھو 1990-يىلى پورتۇگالىيە ئامادولد كوماندىسىدا ياردەمچى تېرىنىر بولۇپ تېرىنىرلىق ھاياتىنى باشلىغان . 1992-يىلى پورتۇ كۇلۇبىدا بوبى روبسۇننىڭ تەرجىمانى بولغان . 1996-يىلى ئۇ بوبى روبسۇن بىلەن بىرلىكتە بارسېلوناغا كېلىپ ، تەرجىمانلىق ۋە ياردەمچى تېرىنىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن . بارسېلوناغا كەلگەندىن باشلاپ مۇرېنھو تېرىنىرلىق بىلىمىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا باشلىغان . بوبى روبسۇن بارسېلونادىن ئايرىلغاندىن كېيىنمۇ مۇرېنھو بارسېلونادا قېلىپ ۋانگالغا ياردەمچى بولغان ۋە نۇرغۇلىغان تاكتىكا بىلىملىرىنى ئۈگىنىپ ، ئۆزىنىڭ كېيىنكى غەلبە يولىغا ئۇل سالغان .
   2003-يىلى ئۇ پورتۇ كوماندىسنىڭ باش تېرىنىرى بولۇپ ، شانلىق نەتىجىلەرنى ياراتقان ۋە بىراقلا نامى چىققان .
   2010-يىلى 5-ئاينىڭ 29-كۈنى ، خانلىق مادرىد كۇلۇبى مۇرېنھونىڭ باش تېرىنىر بولغانلىقىنى ئېلان قىلغان . خانلىق مادرىدنى يېتەكلەپ بىرىنچى پەسىلدە بارسېلونانىڭ كەينىگە تىزىلىپ بىرلەشمىنىڭ 3-لىكىنى قولغا كەلتۈرگەن . ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىنىڭ يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە يەنە شۇ بارسېلونا تەرىپىدىن شاللانغان . لېكىن شاھلىق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسدە بارسېلونانى 1 : 0 نەتىجە بىلەن مەغلۇب قىلىپ ، شاھلىق لوڭقىسى چىمپىيۇنلىقىنى قولغا كەلتۈرگەن .
   2012 \ 2011-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە ، مۇرېنھو يېتەكلىگەن خانلىق مادرىد كوماندىسى شاھلىق لوڭقىسىدا بارسېلونا تەرىپىدىن ، ئۇزغۇنلۇق يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقسىدە بايرېن مىيۇنخېن كۇلۇبى تەرىپىدىن شاللانغان بولسىمۇ ، لېكىن بىرلەشمە چىمپىيۇنلىقىنى بارسېلونانىڭ قولىدىن تارتىۋالغان ۋە ئىسپانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى چىمپىيۇنلىقىنى قولغا كەلتۈرگەن .
   2013 \ 2012 -يىللىق مۇسابىقە پەسلىگە كەلگەندە ، كۇلۇب كاپىتانى كاسىللاس بىلەن بولغان سۈركىلىش ، كۇلۇب توپچىلىرى ئىچىدىكى پورتۇگالىيە ۋە ئىسپانىيە توپچىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى گۇرۇھۋازلىقنىڭ ئەۋج ئېلىشى بىلەن كۇلۇب قاتلىمىدا بۆلۈنۈش يۈز بەرگەن . بىرلەشمە ۋە شاھلىق لوڭقىسىدا بارسېلونا ۋە مادرىد ئاتلىتكا كوماندىىسى تەرىپىدىن مەغلۇب بولۇش ، ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە دورتموند كوماندىسى تەرىپىدىن شاللىنىش سەۋەبىدىن ، خانلىق مادرىد كۇلۇبى 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 21 -كۈنى مۇرېنھونىڭ ئىشتىن چۈشكەنلىكىنى ئېلان قىلغان .  





   12 . كارلو ئەنچىلوتتى   :   2013-يىلىدىن 2015-يىلىغىچە


    12.jpg


    ئەنچىلوتتى پۇتبول سەھنىسىدىكى ھەقىقى چىمپىيۇن تېرىنىر . ئۇ تېرىنىرلىق ھاياتىنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلىرىدا پارما كۇلۇبى بىلەن شانلىق نەتىجىلەرنى ياراتقان ۋە ۋېرون ، كىرىسپو ، بوففۇن ، كاناۋارو .... قاتارلىق داڭلىق توپچىلارنى تەربىيلەپ يېتىشتۈرگەن .
   ئەنچىلوتتې مىلان شاھلىقىنىڭ ياراتقۇچىسى ۋە داۋامىنى يازغۇچىسى . ئۇنىڭ مىلاندا ياراتقان نەتىجىلىرى ئۇنىڭ قالتىس تېرىنىر ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپلا قالماي ، بەلكى ئۇنىڭ ھازىرقى پۇتبول سەھنىسىدىكى بىر گۆھەر ئىكەنلىكىنى نامايان قىلغان .
   2013-يىلى 6-ئاينىڭ 23-كۈنى چۈشتىن كېيىن ، خانلىق مادرىد ئورگان تورى ئەنچىلوتتېنىڭ خانلىق مادرىد كۇلۇبىنىڭ باش تېرىنىرى بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى .
   ئەنچىلوتتى خانلىق مادرىد باش تېرىنىرى بولغاندىن باشلاپ ئاز بولمىغان بېسىملارغا دۇچ كەلدى . لېكىن ئۇ قەيسەرلىك بىلەن خانلىق مادرىد كوماندىسىنى يېتەكلەپ خانلىق مادرىد تارىخىدىكى 10 قېتىملىق ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق چىمپىيۇنلىقىنى قولغا كەلتۈردى ۋە كۇلۇبنىڭ ئۇنىڭغا تاپشۇرغان ۋەزىپىسىنى تولۇق ئورۇندىدى .
   ئەنچىلوتتى خانلىق مادرىد كوماندىىسنى يېتەكلەپ ، 1 قېتىم ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق چىمپىيۇنلىقى ، 1 قېتىم شاھلىق لوڭقىسى چىمپىيۇنلىقى ، 1 قېتىم ياۋروپا دەرىجدىن تاشقىرى لوڭقىسى چىمپىيۇنلىقى ۋە 1 قېتىم دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسى چىمپىيۇنلىقىنى قكولغا كەلتۈردى . ئۇ خانلىق مادرىدتىكى 1 يىل 11 ئايلىق تېرىنىرلىق ھاياتىدا خانلىق مادرىد ئۈچۈن ئۈن-تۈنسىز تۆھپە قوشۇپ كەلدى . خانلىق مادرىد كۇلۇبىنىڭ ئۇنى قولدىن چىقىرىپ قويۇشى بەلكىم خانلىق مادرىدنىڭ ئەڭ چوڭ خاتالىقى بولۇشى مۆمكىن .




    13 . رافائىل بېنتىز   :   2015-يىلى 6-ئايدىن 2016-يىلى 1-ئايغىچە


    13.jpg


    رافائىل بېنتىز 2001-يىلى ۋالېنسىيا كوماندىىسنىڭ تېرىنىرى بولۇپ ھەممىنى ھەيران قالدۇرغانىدى . چۈنكى ، بېنتىز دىگەن بۇ ئىسىم ھەممىگە ناتۇنۇش ئىدى . بېنتىزنى باش تېرىنىرلىققا تەكلىپ قىلغان ۋالېنسىيا كۇلۇب يۇقىرى قاتلىمىمۇ بۇ قارادىن سەل ئىككىلىنىپ قالغانىدى . لېكىن بېنتىز تېرىنىر بولۇپ بىرىنچى پەسىلدىلا ۋالېنسىيا كۇلۇبىنىڭ 31 يىلدىن بۇيان ئېرىشەلمىگەن بىرلەشمە چىمپىيۇنلىقىنى قولغا كەلتۈرۈپ ھەممىنىڭ دېققەت ئېتىبارىنى قوزغىدى . 2003-يىلى ئۇ ۋالېنسىيانى يېتەكلەپ ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق 8 كۈچلۈك قاتارىغا كىردى . 2004-يىلى ئۇ ۋالېنسىيا كوماندىسىنى يېتەكلەپ ياۋروپا ئىتتىپاق لوڭقىسى چىمپىيۇنلىقىنى قولغا كەلتۈرۈپ ، ۋالېنسىيانىڭ سېھىرلىك تېرىنىرى بولۇپ قالدى .
   2005-يىلى بېنتىز لىۋېرپولنىڭ باش تېرىنىرى بولۇپ تەيىنلەندى . 2005-يىلىدىكى ئىستانبول كېچىسى پۈتۈن دۇنيا پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىسىدىن چىقمايدۇ . بۇ نەتىجىسى ياراتقۇچى دەل تاكتىكا ئۇستىسى دەپ تەرىپلەنگەن رافائىل بېنتىز .
   بېنتىزنىڭ چېلسى ، ئېنتىر ۋە ناپولى كوماندىسدىكى نەتىجىلىرى تازا كۆڭۈلدىكىدەك بولمىدى .
   2015-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى ، خانلىق مادرىد ئورگان تورى رافائىل بېنتىزنىڭ باش تېرىنىر بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى . بۇ پەسىلدىكى بىرلەشمىدىكى ئورنىنىڭ تۆۋەنلىشى ، بارسېلونا بىلەن بولغان ئەسىر دېربىسىدىكى مەغلۇبىيەت ، بىردە يۇقىرى بىردە تۆۋەن بولۇۋاتقان كوماندا كەيپىياتى بېنتىزنىڭ ئىشتىن چۈشۈشىنىڭ ئاساسى بولۇپ قالدى .
   2016-يىلى 1-ئاينىڭ 5 كۈنى ، خانلىق مادرىد كۇلۇب رەئىسى فىلورېنتىنو ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ ، رافائىل بېنتىزنىڭ ئىغتىن چۈشكەنلىكىنى ئېلان قىلدى .




    14 . زىدانى   :  2016-يىلى 1-ئايدىن .........


    14.jpg


   2016-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى سەھەردە ، ئىسپانىيە زەردارى خانلىق مادرىد كۇلۇبى زىدانىنىڭ بېنتىزنىڭ ئورنىغا باش تېرىنىر بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى . ئەمدىكىسى زىدانىنىڭ خانلىق مادرىدتا قانداق نەتىجە يارىتىشى ۋە قاچانغىچە بەرداشلىق بېرىشىدە قالدى . زىدانىنىڭ خانلىق مادرىدتىكى تېرىنىرلىق ھاياتىنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك بولۇشىنى تىلەيمەن !!~ ساڭا ئامەت يار بولسۇن !!~



   

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 8مۇنبەر پۇلى +1300 تىللا +9 يىغىش سەۋەبى
ھەقىقەت + 50 قوللاش!
ئەلشىر + 50 قالتىس!
تۈمەن + 50 قالتىس!
ئ‍ەسەددۇللاھ + 50 + 3
تەلۋە22 + 3 مىدال ئاسە ئاكا.
سەركەردە77 + 50 قالتىس!
جاغىستاي120 + 1000 + 3 قالتىس!
يۈسۈفىي + 50 رەھمەت!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2016-1-5 16:25:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاساسەن لوڭقا بىلەن ئەمەس بىرنەچچە مەيدان مۇسابىقىسى بىلەن ئايرىلغانلار كۆپرەك سالماقنى ئىگەللەيدىكەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-1-5 16:29:00 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممە  تىرىنىرنىڭ  كىلىپ باققۇسى  كىلدىغان  يە  ئ‍ەمەسۇ   ،  شان شەرىپىنى  دەپ بولسىمۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-1-5 16:29:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مادىرىد كوماندىسى ئۇزۇن بىر تۇتۇپ باققان تىرنىر يوق دىيەرلىككەن ھە ... شۇنىڭغا قارىغاندا مادىرىد تىرنىرلىق قىلىش ئەڭ تەس كوماندا ئوخشايدۇ ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-1-5 16:33:33 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   پۇتبول تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-5 16:35  

مۇشۇنداق قىلمايمۇ ئامال يوق ، رەقىبى بارغانسېرى ئېشىپ كىتىۋاتىدۇ . يېڭى ئەسىردىكى مادىرىد تېرنىرلىرنىڭ كىلاسسىنكودىكى نەتىجىسىمۇ ئومومىي يۈزلۈك ياخشى ئەمەس. ئۆزىمىزنى فۇلىرىنتىنىئونىڭ ئورنىغا قويۇپ ئويلاپ باقايلى . مادىرىدتا تەسىر كۈچ ھەم پۇل يىتەرلىك بار ،شۇڭا ئۇلارنىڭ بىردىنبىر قىلالايدىغىنىمۇ مانا مۇشۇ چولپان سىياسىتى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-1-5 16:38:09 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پۇتبول يوللىغان ۋاقتى  2016-1-5 16:33
مۇشۇنداق قىلمايمۇ ئامال يوق ، رەقىبى بارغانسېرى ئېشىپ  ...

قوللايمەن       توغرا  گەپ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-5 16:38:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بايرېن يوللىغان ۋاقتى  2016-1-5 16:29
مادىرىد كوماندىسى ئۇزۇن بىر تۇتۇپ باققان تىرنىر يوق دى ...

كوماندا ئەمدى بىر تېرىنىرغا كۆنۈپ بولغۇچە يەنە بىرسى كېلىپ باشقىلا بىر نەزىرىيە سۆزلىسە .... توپچىلارنىڭ تېرىنىر بىلەن چىقىشالماسلىقى بەلكىم مۇشۇ سەۋەبتىن بولسا كېرەك . بىچارە توپچىلارنى ئىلەشتۈرۈپلاۋەتكەن گەپ ....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-1-5 16:53:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭ نەزىمدە نادىر تىما بوپ بولدى بۇ تىما
ئەمدى مادرىدنىڭ نىمىشقا تىرىنىرنى ئ‍ۇزاق ئ‍ىشلەتمەيدىغانلىقىنى پەقەت چۈشنەلمىدىم ،
بولاپتۇ نەتىجە يارتالمىغاننى كەتكۈزەتسۇن ،شۇنداق ئ‍ىسىل نەتىجە ياراتقانلارنى نمىشقا كەتكۈزۋىتىدۇ ، زادى ھەممە ئ‍ىش بىشىمىزغا كەلمىگىچە بىر نەرسە دىمەك قىيىن
ئاندرويىدتا يېزىلغانئاندرويىدتا يېزىلغان
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-1-5 16:54:57 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەتە-ئۆگۈن ئىشتىن چۈشكەن قاتارىغا زىدانىمۇ قىتىلىپ قالارمىكىن…
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-1-5 17:08:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كوماندىدا چولپان كۆپ بولۇپ كەتسىمۇ بولمايدىكەن، كۆپىنچە تېرنىرلار ئادەتتىىكى كۇلۇپتا، ئادەتتىكى پۇتبولچىلار بىلەن ياخشى نەتىجە ياراتقان بىلەن، زەردار كوماندىدا، بولۇپمۇ چولپان كۆپ كۇلۇپتا ئەنەشۇ "چولپان " لارغا گىپىنى ئاڭلىتالماي ئىشتىن چۈشۈش خەۋىپىگە دۇچ كىلىدىكەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-1-5 17:09:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەسلەن ھازىرقى سىمونىنى مىسالغا ئالساقمۇ، مادىرىت رىقابەتنىڭ ھال - ئوقىتى يامان ئەمەس بولسىمۇ، لىكىن چېلسى ياكى زەردار كوماندىغا بارسا ھازىرقىدەكمۇ نەتىجە يارىتالماسلىقى مۇمكىن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-1-5 17:09:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توپچىلار ياخشى ئويناپ  نەتىجە ئالسا  تىرنىرمۇ ياخشى ،، 2014- يىلدىكى ئەنچىلوتتغا ئوخشاش ،،، شۇنداق 4-5 مەيدان  چاتاق چىقسىلا   ھەممسى   نۆلگە تەڭ  ،،،، مورنىھو، بىنتىز قاتارلىقلارغا ئوخشاش …… مانا بۇ خانلىق مادرىت   …… چىچاممسا قوڭدىن كۆرگەندەك  ئىش قىپ …………
ئاندرويىدتا يېزىلغانئاندرويىدتا يېزىلغان
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|دوختۇرخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2016-5-10 03:05

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش