elan ornielan orni
كۆرۈش: 1057|ئىنكاس: 11

نەتىجە ئۆز ئىتىۋارى بىلەن گۈزەلدۇر !!!

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2016-1-5 03:24:02 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
دۇنيا تەنتەربىيەسى ئۇچقاندەك تەرەققى قىلۋاتقان بۈگۇنكى دەۋىردە تەنتەربىيە ھەركىتى بىر دۆلەتنىڭ جۈمىلدىن بىر رايوننىڭ بىر مىللەتنىڭ بەدەن ساپاسىنى ئەمەس بەلكى مەنىۋى سۈپىتىنى نامايەن قىلىدىغان ساغلاملىق نىشانىغا ئايلاندى.  نەتىجىدە شەھەردىن يېزىغىچە  چىگرا ئىچىدىن چىگرا سېرتىغىچە بولغان كۈمۈش بەلۋىغىدا بۇ ساھەگە ئىنتىلمەيدىغان ھەم بۇ ساھەنى قوللىمايدىغان بىرمۇ ئورۇن شەخىس قالمىغان بولسا كىرەك. بۇلۇپمۇ تەنتەربىيەنىڭ پۇتبولچىلىق تۈرى يەتتە ياشتىن يەتمىش ياشقىچە بولغان ماھىر ۋە تاماششىبىنلارنىڭ قىزىقىش ئوبىتكىغا ئايلاندى.
ئەل ئارىسىدا ساغلام بۇلاي دىسەڭ يۈگۈر،گۈزەل بۇلاي دىسەڭ يۈگۇر. دىگەن گەپ بار.ئۆزىنىڭ قۇياش بىلەن تەڭ تۇرمىغان كۈنىنى مەنىسىز دەپ قارايدىغان ،ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدىن ھازىرغىچە چىنقىش دەۋرىنى ئالتۇندىنمۇ قىممەتلىك ھىساپلايدىغان بىر پۇتبول مەستانىسى بىر ئەسىرلىك ئاقارتىش تارىخىغا ئىگە ئاللا قۇللامنىڭ قەدەم ئىزى ۋە نەزىرى چۈشكەن جىڭ ناھىيە داخىيەنزى بازىردا كۆزگە كۈرىنىشكە باشلىدى. ئۇ  بولسىمۇ چۆچەك،بورتالا،جىڭ،ئارشاڭنىڭ ھاياتلىق مەنزىلى بولغان يىشىل مەيدانلاردا پۇتبولغا بارلىقىنى بىغىشلاپ بىرگە ماھىر كۆپكە قادىر بۇلۇپ يىتىشىپ چىققان يۇرتىمىزنىڭ پەخىرلىك پۇتبول ماھىرى دانىيار پەيزۇللا ئوغلىدۇر.
قەددى چىناردەك بۇ ئەزمەت باشلاڭغۇچ مەكتەپنىڭ بۇسۇغۇسىغا قەدەم قۇيۇش بىلەنلا پۇتبولنى ئوڭىدىمۇ-چۈشىدىمۇ ئۆزىنىڭ يىقىن دوستى ۋە ھەمرايىغا ئوخشىتىپ پۈتۈن ئىشقى ۋە مىھرىنى ئۇنىڭغا تەسسەددۇق قىلغان.
يازنىڭ تومۇز ئىسسىقى،ئايازنىڭ زىمىستان سوغوقى،ئۇنىڭ قەلبىدىكى پۇتبول مەيدانىغا بولغان مايىللىقىنى بىر مىنوتمۇ سۇۋتىلمىغان.   بۇ ياش بىردە ۋاسكىتبول بىردە ۋالىبول،بىردە يۈگۈرۈش،سەكرەش ،ئىتىش ،قاتارلىق تۈرلەردە بولسۇن ئۆزىنىڭ تىنىمسىـز ھەركىتى ئۆچمەس ئىشتىياقى بىلەن خۇددى مۇشۇ ساھەگە تۇغۇلغان ئوغلاندەك مەپتۇن بۇلۇپ كەتكەن ئىدى. ئۇنىڭ ئىرادىسى،غايىسى،نىشانى ئىشەنىچ ئۈمۈدىگە تولغان سۇمباتلىق يۈرىكى ھامان ئۆز مەخسەت مۇددىئاسى ئۈچۈن توختىماي سۇقاتتى.
ئۇنىڭ باشلانغۇچ ، تۇلۇقسىز، تۇلۇق ئوتتۇرا، ھەتتاكى ئالى مەكتەپكىچە بولغان ھاياتىنىڭ ئىچ-تىشى ئۈگۇنۈش ۋە چىنىقىش ئۆزقىممىتىنى تىپىشتىن مۇستەسنا بۇلالمىغان.ئۇنىڭ مۇشۇ مەزگىلىدىكى ئۇلۇغ غايىسى ئۇلۇغ كۈچ بەخىش ئەتكەن ھۆرمەتكە سازاۋەر ئۇستازلىرى،ئۇنى چىن دىلىدىن قوللايدىغان ئوغول-قىز ساۋاقداشلىرى ئۇنىڭ پۇتبول ھەركىتىگە سىرىتتىن ھىرىسمەن بولغان.  جەمىيەتتىكى تاناششىبىن دوسىتلىرى ئۇنىڭغا قانچە ئىخلاس ئەقىدە قىلسا ئۇمۇ ئۇلارنىڭ كۈتكەن ئۈمۈد ئارزۇلىرنى كۈپۈككە ئايلاندۇرۇپ قويماسلىققا ھەر ۋاقىت ھۇشيار تۇراتتى. رايون ئاتلاپ ئىلىپ بىرىلغان تەكلىپلىك مۇسابىقىلەر،دوسلۇق مۇسابىقىلەر،بولسۇن ياكى رايون ئىچىدىكى ئىختىيارى تەشكىنلىنىپ ئىلىپ بىرىلغان ھەرخىل شەكىلدىكى ئەھمىيەتلىك مۇسابىقىلەر بولسۇن دانىيار پەيزۇللا مۇشۇ پائالىيەت ۋە مۇسابىقىلەرنىڭ بىردىن بىر ئىشتىراكچىسى،قوللۇغۇچىسى، مەدەت بەرگۇچىسى، شۇنداقلا كۆزگە كۆرۈنگەن پۇتبول ماھىرى بۇلۇپ قالدى.
ئۇنىڭ ئالقىش ۋە نەتىجە تولغان 18يىللىق تەنتەربىيە ھاياتىنى ساغلاملىق بىلەن غايىگە غالىپ تەبەسسۇم ۋە زەپەر كۈلكىسىگە ئورالغان مەنىلىك ھاياتىدىن ئىبارەت بولدى.  داخىيەنزى خەلقى ھەر قىتىملىق تەنتەربىيە جۈملىدىن پۇتبول مۇسابىقىسىدە ئۇنىڭ غەلبە ۋە شان شەرەپتىن ھاياجانغا تولغان پاراڭلىرنى كەمتەر ،سالماق روھى ھالىتىنى مەيداندىكى چەپدەس ھەركىتىدىن ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىلەردىكى ئۈستۈنلۈككە قوشقان تۆھپىسىنى ئۆزى كۆزى بىلەن كۆرگىنىدە ئۇنى بىردە كۆككە كۈترۈپ ئاتـسا،بىردە ھەمنىسپەت بۇلۇپ كىتەتتى.
ئۇ 2014-يىلدىكى بورتالا مۇڭغۇل ئوبلاسلىق 4-نۆۋەتلىك ئىشچى-خىزمەتچىلەر تەنھەركەت يىغىنى ھەيئىتىنىڭ بەرگەن پۇتبول مۇسابىقىسىدىكى كوللىكتىپ بىرىنجىلىككە ئېرىشكەن گۇۋاھنامىسىدىن ئۇ قىلچە مەغرۇرلۇق ھىس قىلمىدى.  ئۇ 2015-يىلدىكى جىڭ ناھىيلىك مائارىپ ئىدارىسى ،جىڭ ناھىيلىك ياش ئۆسمۈرلەر پائالىيەت مەركىزى ئۇيۇشتۇرغان ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى ئوقوغۇچىلارنىڭ پۇتبول مۇسابىقىسىدىكى  مۇنەۋەر تېرنىرلىق سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىدىن قانائەتلىنىپ باقمىدى. ئۇ 2015-يىلى
بورتالا ئوبلاسلىق مەدەنىيەت تەنتەربىيە ئىدارىسى ،شۇنداقلا پۇتبولچىلار جەمىيتى ئۇيۇشتۇرغان پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىدىكى ئىلھاملاشتۇرۇش مۇكاپاتى يەنىلا تەسەللى ۋە رازىمەنلىك ھىسلىرغا غەرىق بولمىدى.   ئۇ 2015-يىلى داخىيەنزى بازارلىق خەلىق ھۈكىمەت ،داخىيەنزى بازارلىق مەدەنىيەت تەنتەربىيە تەشۋىقات مەركىزى ئىلىپ بارغان《مىللەتلەر ئىتىپاقى》بىرلەشمە پۇتبول مۇسابىقىسى مۇنەۋەر رېپىر شەرىپىگە ئېرشكەنلىكىدىن مەمنۇن بۇلۇپ باقمىدى.  ئۇنىڭ قەلبىدە قانداقتۇر بىر پەللىگە يىتىش ئۆز مەنزىلنى ئۆز كۈچىگە تايىنىپ تىپىش ،پۇتبولدىن ئىبارەت بۇ جەڭگىۋار سەھنىدە بىر چولپاننىڭ ئوبرازىنى يارتىش ياكى شۇنىڭغا مۇناسىپ بىر روھىنى چاقنىتىپ ئۆزىنى ئىپادىلەشكە بولغان تەخىرسىز تۇيغۇ ھۆكۈمران ئورۇنىدا تۇراتتى.  شۇڭا ئۇ سەھەر كوماندىسىنىڭ 2015-يىللىق ياش ئۆسمۈرلەر پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ 2-لىك شەرپىگە ئېرىشكەن.گۇۋاھنامىسىنىمۇ قولغا ئالغاندىمۇ يەنىلا يۈرىكىنىڭ قانداقتۇر بىر يېرىدە تېخى يەتمەكچى بولغان ئارزۇ-ئارمان بىغىنىڭ سىرتىدا  يۈرۋاتقاندەك ئەپسۇسلىنىشتىن ۋە تەشنالىقىدىن خالى بۇلالمىدى. يۇلتۇز بىزدىن شۇنچە يىراق بولسىمۇ ئۇنىڭ جىلۋىسىدىن ھەركىم بەھىر ئالغاندەك ئۇنىڭ بۇ ئەلنى مەستخۇش ،ئۆزىنى ناخوش قىلغان كىچىككىنە تۆھپە نەتىجىللىرى شىنجاڭ ئىقدىساد گىزىتىنىڭ 2015-يىللىق 5-بىتىدە نۇر چاقنىدى. ئەلدە تونىيدىغان كۆز بولسا، يىلىقىدا تۇلپار كۆپ! دەيدىغان  تەمسىل بار. سەبى چاغلىردىن باشلاپ مارادوننا،رونالدو ، بېكھام،مېسسى لارنىڭ شۇنداقلا جېڭجى ۋە رايونىمىزدىكى بىشى پۇتبول ئايىغى دۇلدۇل پۇتبول چولپىنى بارى،يەھيا مۇستاپالارنىڭ ئىش ئىزلىرغا ھىرىس-تامالىرغا بولسۇن دىققەت ئىتىۋارنى زىھنىنى ئاتىۋەتكەن. دانىيار پەيزۇللا مۇشۇ سەپنىڭ ئالدىنقى ئاتامانى بۇلۇشقا مۇستەككەم ئىرادە باغلاپ كەلدى.
ئۇ توپ تالاشسىمۇ باشقىلاردىن نام-شۆھرەت تالاشمايدۇ.
ئۇنىڭ خىيالىدا ئەلنىڭ كۆزى ئەللىك،ئەلنىڭ ئۆزىگە بەرگەن باھاسىلا يىتەرلىك. ئۇ ئۆزىگە ھەرگىزمۇ مىننەت تاما ياكى يۇقۇرى باھا بىرىشكە ئادەتلەنمىگەن. ئۇنىڭ پىسخىكىسى ساغلام تەندە ،ساغلام روھ بۇلۇشنى پىرىنسىپ قىلغان. ئۇنىڭ ساغلاملىقى ئۇنىڭ بايلىق غەزىنىسى!كەمتەرلىك ئۇنىڭ ئىسىل خىسلىتى. ئۇ پۇتبول ۋە پۇتبول ئەتراپىغا ئۇيىشقان توپنى ئۆزىنىڭ بىر ئۆمۈرلۈك تاللىشى،شۇنداقلا مەدەتكارى قەدىناسى بىلىپ كەلگەن. شۇڭا نەتىجە شان شەرەپ قازانغۇچىلارغا مەنسۈپ! ئەل ئۆز قۇچىقىدا پەپىلەپ ئۆستۈرگەن مىننەتسىز مەرىت ئوغلاننىڭ ئەمگەك تەرىنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ. ئەمگەك ئادەمنىڭ بەختىنى،تەنتەربىيە ئادەمنىڭ ھۆسنىنى ئاچىدۇ. تەڭرىمۇ پۇت قولى چاققانغا ئامراق بولغاچقا ئەر ئەلگە ئەمگىكى بىلەن تۇنۇلغان خالاس!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2016-1-5 04:00:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاباي بۇ مۇنبەرگە ئالدىراشلىقتا بىر كىرسەم بۆرتالا جىڭى بولۇپ كېتىپتىكەن ، بىكار بولۇپ ئەمدى قايتا كىرسەم ئاشۇ تېمىلار كۆرۈنمەيدۇ، ھېس قىلىشىمچە جىدەل سەۋەبىدىن باشقۇرغۇچىلار ئاشۇ تېمىلارنى يۇيۇپ
تاشلىدىغۇ دەيمەن ، ئەگەر شۇنداق بولغان بولسا ئىنتايىن ياخشى بوپتۇ .
مەقسەتكە كەلسەك داخىيەنزى بىلەن بۆرتالا ھەرگىزمۇ ئايرىم ئەمەس داخىيەنزى بولسا بۆرتالانىڭ بىر بازىرى ئوخشاشلا بىزنىڭ زىمىنىمىز ، مەيلى بۆرتالا ، داخىيەنزى ۋە ياكى قەشقەر خوتەن ،باشقا دۆلەتلەردە بولسۇن ، مانا مەن ئۇيغۇر دەپ بىر پۇتبولچى نەتىجە قازانسا شۇ بىزنىڭ پەخرىمىز ، نەدىكى ئەرزىمەس ئىشلار ئۈچۈن خوتۇن كىشىدەك گەپلەرنى قىلمايلى ، ئانىمىز بىزنى ئوغۇل بالا دەپ تۇغقاندىكىن، مەيدىمىزدە ئەركەك تۈكى بولغاندىن كىيىن ئوغۇل بالىدەك ياشايلى ، ھازىرقى نەدىكى بىر لاتا ئوغۇللىرىمىزدىن خوتۇن قىزلىرىمىز ۋىجدانلىقىراق .
بۇ مۇنبەردە شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ۋە چەتئەلدىكى بىزنىڭ قېرىنداش بۇرادەرلىمىز بار ،
ھەر كۈنى نەچچە يۈزلىگەن قېرىنداشلىرىمىز مۇشۇ مۇنبەرنى زىيارەت قىلىپ تۇرىدۇ ،  مەنمۇ بۆرتالالىق ئوغۇل بالا بولۇشساڭ يۇرتنىڭ ۋە مىللەتنىڭ يۈزىنى تۆكىدىغان ئىشىنى قىلىشما .
بۇ ئىنكاسنى تېما ئىگىسىگە قاراتقىنىم يوق ، ئاباي بەزى بىر مەزمۇنلارنى كۆرۈپ سەل ئاچچىقىم كەپ قالدى ،  گەپ ئىگىسىنى تاپسۇن .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-1-5 06:38:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭ بۇ ئىشلارنىڭ باش ئاخىرىدىن خەۋىرىم يوقكەن. شۇنداقتىمۇ يۇرتۋازلىق، ئايرىمىچىلىق ياخشى ئىش ئەمەس. نىمىلا ئىش بولسۇن ئۇرۇش جىدەلسىز ھەل قىلغىلى بولىدۇ.  قالغىنىنى بىلىدىغانلار سۆزلىسۇن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-1-5 09:23:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىرىنچى ئىنكاسنى قەتئى قوللايمەن
ئاندرويىدتا يېزىلغانئاندرويىدتا يېزىلغان
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-1-5 09:39:47 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېنا شۇ گەپما ، بۇنداق ئۇزۇن ئوچرىكنى يېزىپ ئاۋارە بولغىنىڭىز بىلەن بىز يا بۇئىشلارنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى بىلمىسەك،بىز ئۇزۇن ماقالىگە ئاساسلىنىپلا بىر پۇتبول ئەپەندىسىنى باھالاپ چىقىمىزما؟ قول سۇنسا يەڭ ئىچىدە دەپتىكەن بۇ ئىشنى ئەڭ ياخشىسى شۇ پۇتبولچىلارنى تونۇيدىغان بۆرتالا خەلقى ئۆز ئىچىڭلاردا ھەل قىلىڭلا، يېنا بىر گەپ شۇ پۇتبول ئەپەندەڭلارنى شىنجاڭدىكى بۆرتالادىن باشقا يۇتتىكى ھېچقايسى قېرىندىشىمىز تونىمايدىغاندەك قىپ تۇرىدۇ شۇ بۆرتالانىڭ ئۆزىدىكى قېرىنداش مىللەتلەرمۇ ئىتىراپ قىلامدۇ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-1-5 10:45:51 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچە  بۇ باھالاشنى قىلمىسا بوغۇدەك ياكى  جىقاراق قىلسا بولغۇدەك .   ئۇيغۇر مىللىتى  بولغان ھەرقانداق بىر ئىنسان يۇرتۋازلىق قىلىشتىن نۇمۇس قىلساق بۇلاتتى .  بىزنىڭ ئەڭ ناچار بولغان  ئىللىتىمىزدىن بىرى مۇشۇ يۇتۋازلىق   .  يوقىتايلى بۇ يۇتۋازلىقنى  كىملا ئالسا مەن قوللايمەن چۈنكى ئۇ ئۇيغۇر  مىنىڭ مىللىتىمنىڭ پەخرى .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-5 10:58:06 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گەپنى  باشتا  توغرا  يازغان  بولسا ،مۇشۇ  ئىشلارنى  كاللىسى بىلەن  بىر  چۇشنۇپ  ھە ئەسلى مۇنداق ئىش ئىزلىرى نەتىجىللىرى  باكەن دەپ يازغان  بولسا    بۇ  مەزمۇننى يوللاپ  يۈرمەيتىم.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-1-5 11:11:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىل ماۋزۇ دە بۇ بەك ئىسىل ،مەن ئەڭ ياقتۇر دىغان جۈملىلەردىن بۇ
ئاندرويىدتا يېزىلغانئاندرويىدتا يېزىلغان
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-1-5 11:46:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-1-5 14:00:52 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باھا  بىرىشكە  ئامالسىزمىز  ،لىكىن  دىيارىمىزنىڭ  قەيىردىنلا  بۇلسۇن  بىر پۇتبۇل  سۈيەر  ئەزمەت  چىقسا  بىز شۇنىڭ  مەستانىسى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-1-5 14:02:14 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باھا  بىرىشكە  ئامالسىزمىز  ،لىكىن  دىيارىمىزنىڭ  قەيىردىنلا  بۇلسۇن  بىر پۇتبۇل  سۈيەر  ئەزمەت  چىقسا  بىز شۇنىڭ  مەستانىسى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-1-5 23:15:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن قاپ بەلدىنلا كەپ قاپتىمەن ،نىمىدەپ ئىنكاس يېزىشنى بىلمىدىم،لېكىن تىما مەزمۇنى ۋە بىرىنچى ئىنكاسقا قاراپ دەيدىغىنىم يۇرتۋازلىق قىلىش بىزنىڭ مىللىتىمىزنىڭ ئەركەكلىرىنىڭ ئىشى ئەمەس !نەدىكى بىر ئادەملەرنى ئۇشاھ،بۇشاھ ،ئانداق ئەپەندى دىسە ھەپ دەپ خۇشال يۈرۈپ ،بۇ يەردە بىر قېرىندىشىمىزنى نەنىڭ پەخرى دىسە نىمە بوپتۇ ؟ خاتا كەتكەن بولسا ئاتلاپ  ئۈتۈپ كىتەرسىلە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|دوختۇرخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2016-5-31 22:33

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش