elan ornielan orni
كۆرۈش: 1470|ئىنكاس: 42

چىملىقتىكى غەلىتە ھېكايەتلەر !!~ ( تولۇق )

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   جاغىستاي120 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-4 20:11  


   ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !!~


   پۇتبول بارلىققا كېلىپ ھازىرغىچە بۇ سەھنىدە نۇرغۇنلىغان قىزىقارلىق ئىشلار ، ھەسرەتلىك كۆز ياشلارغا يۇغۇرۇلغان غەلبە ۋە مەغلۇبىيەتلەر ، ئۆز-ئارا ھۆرمەتلەش ۋە ئۆز-ئارا جىدەل ماجرالار ، كىشىنىڭ خىيالىغا كىرىپ چىقمايدىغان غەلىتە ھېكايىلەر كەم بولغان ئەمەس . مەن تۆۋەندە بىزنى ئۆزىگە رام قىغان شۇ پۇتبول توغرىسىدىكى كىچىك ھېكايىلەرنى مۇنبەرداشلارغا سۇندۇم ! قېنى ھوزۇرلانغايسىلەر !!!!!!!!


                                                تۆھپە كۆرسەتكەن يىگانە قاپقىچى

1.jpg

   بۇندىن نۇرغۇن يىللار بۇرۇن ياۋروپادا مۇنداق بىر مەيدان مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلگەنىكەن . بېكىتىلگەن مۇسابىقە ۋاقتى توشقاندا ۋېنسلىد كوماندىسى ئەزالىرى تولۇق كەلگەن بولسىمۇ ، لېكىن چېرلوۋېن كوماندىسىدىن پەقەت قاپقىچىلا كەپتۇ . بۇ قاپقىچى رېپىرغا يەنە بىر ئاز ۋاقىت سۈرۈپ بېرىشىنى ئۆتۈنگەن بولسىمۇ ، لېكىن رېپىر تەرىپىدىن رەت قىلىنىپتۇ ۋە مۇسابىقىنى باشلايدىغانلىقىنى ، ئەگەر مەيدانغا چىقمىسا ئۇتتۇرىۋەتكەن قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپتۇ . ئولېسىن ئىسىملىك بۇ قاپقىچى ئاخىرى زور ئىشەنچ بىلەن مەيدانغا چىقىشقا قوشۇلۇپتۇ .
   ئولېسىن قەستەن ۋاقىت سوزۇشقا باشلاپتۇ . ئۇ قاپقىچى ساۋۇتىنى ئالدىرىماي كىيىپ سەبداشلىرىنىڭ كېلىشىنى تەقەززارلىق ئىلكىدە كۈتۈپتۇ ، لېكىن سەبداشلىرىنىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمەپتۇ . ئۇ ئاخىرى غەيرەتكە كېلىپ مەيدانغا چىقىپتۇ ۋە ئوتتۇرا مەيداندىن توپنى باشلاپ تاماشىبىنلار سۇپىسىغا كۈچەپ تېپىپ بولۇپلا ئەڭ تېز سۈرئەتتە ئۆز ئورنىغا قايتىپتۇ . نەچچە مىنۇتنىڭ ئىچىدىلا بۇ قەيسەر قاپقىچى چىلىق-چىلىق تەرگە چۆمۈپتۇ ۋە ئەڭ ئېسىل ئىپادىسى بىلەن پەقەت بىر توپلا كەتكۈزۈپ قويۇپتۇ . دەل مۇشۇ پەيىتتە كوماندىدىكى سەبداشلىرى يېتىپ كەپتۇ ۋە تېزلىك بىلەن مەيدانغا چۈشۈپ مۇسابىقە رېتىمىغا چۆكۈپتۇ . ئاخىرىدا سەبداشلىرىنىڭ تولۇق بولۇشى ۋە قەيسەرلىك بىلەن جەڭ قىلىشى ئارقىسىدا رەقىبىنى 1 : 3 نەتىجەبىلەن مەغلۇب قىپتۇ .
   شۇنىڭدىن كېيىن ، پۇتبول تۈزۈلمىسىگە : ‹‹ ئەگەر بىر تەرەپنىڭ ئەزا سانى 8 نەپەردىن تۆۋەن بولسا مۇسابىقىدىن ۋاز كەچكەنلەر قاتارىدا  0 : 2 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرغان قىلىپ ھېسابلىنىدۇ . ›› دەپ تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپتۇ .



                                    كىشىنى ھەيران قالدۇرغان سانلىق مەلۇمات


   1978-يىلى ، 1986-يىلى دۇنيا لوڭقىسى چىمپىيۇنى ئارگېنتىنا !  بۇ ئىككى سان قوشۇلسا (  3964 = 1986 + 1978 ) 3964 بولىدىكەن .

   1974-يىلى ، 1990-يىلى دۇنيا لوڭقىسى چىمپىيۇنى گىرمانىيە !  بۇ ئىككى سان قوشۇلسا (  3964 = 1990 + 1974 ) 3964 بولىدىكەن .

   1970-يىلى ، 1994-يىلى دۇنيا لوڭقىسى چىمپىيۇنى بىرازىلىيە !  بۇ ئىككى سان قوشۇلسا (  3964 = 1994 + 1970 ) 3964 بولىدىكەن .

   1966-يىلى ، 1998-يىلى دۇنيا لوڭقىسى چىمپىيۇنى ساھىبخان ! بۇ ئىككى سان قوشۇلسا ( 3964 = 1998 + 1966 ) 3964 بولىدىكەن .

   1962-يىلى ، 2002-يىلى دۇنيا لوڭقسى چىمپىيۇنى بىرازىلىيە !  بۇ ئىككى سان قوسۇلسا (  3964 = 2002 + 1962 ) 3964 بولىدىكەن .

   بۇ بىر توغرا كېلىپ قېلىش خالاس !!!!!~




                                              ۋارتار تۈۋرۈكىنىڭ سۇنۇپ كېتىشى

2.jpg

   ئاۋىستىرالىيەنىڭ ئادېلاند ئەتراپىدا بىر مەيدان پۇتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ ، ئالدىنقى يېرىم مەيدان ئاخىرلىشىدىغانغا ئىككى مىنۇت قالغاندا ، يوھان مايك ئىسىملىك مۇداپىيىچى ئارقا مەيداندىن بۆسۈپ كىرىپ ، قارشى تەرەپ رايۇنىدا ۋارتارغا قارىتىپ كۈچەپ تەپكەن توپ ۋارتار لىمىغا تېگىپ ۋارتار لىمى سۇنۇپ كەتكەن . شۇ سەۋەبلىك بۇ مەيدان مۇسابىقە توختىتىلغان .
   1986-يىلى بېرمىنھامدا بىر مەيدان پۇتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ ، ھۇجۇمچىنىڭ كۈچ بىلەن تەپكەن توپى ئوخشاشلا ۋارتار لىمىغا تېگىپ ۋارتار لىمى سۇنۇپ ئۆرۈلۈپ چۈشكەن . باش رېپىر بۇ توپنى كۈچگە ئىگە دەپ قارار چىقارغان . لېكىن قارشى تەرەپ توپچىلىرى بۇ ھۆكۈمگە قايىل بولماي نارازىلىق بىلدۈرگەن . ۋارتار لىمىنىڭ سۇنۇپ كەتكەن يېرىنى قايتا تەكشۈرۈپ ئانالىز قىلىش ئارقىسىدا بۇ توپنىڭ راستىنلا كىرگەنلىكىنى ئېلان قىلغان .



                                  جىنايەتچىلەرنىڭ ساقچىلار ئۈستىدىن غالىب كېلىشى


   پارىژ شەھەر ئەتراپىدىكى بىر تۈرمىدىكى ساقچىلارنىڭ كۆپىنچىسى پۇتبول ھەۋەسكارلىرى ئىكەن . ئۇلار تۈرمە ساقچىلىرى كوماندىسى بولۇپ تەشكىللىنىپ شەھەردىكى مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىپ ياخشى نەتىجە يارىتالماپتۇ . تۈرمە ئەمەلدارلىرىدىن بىرى جىنايەتچىلەردىن بىر كوماندا تەشكىللەپ تۈرمە ساقچىلىرى كوماندىسى بىلەن بىر مەيدان مۇسابىقە تەشكىللەشنى ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ . بۇ پىكىر تەستىقلانغاندىن كېيىن ، بۇ مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلۈش قارار قىلىنىپتۇ . بۇ مۇسابىقىگە تۈرمە خزمەتچىلىرى ، جىنايەتچىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرى بولۇپ 500 دىن ئوشۇق تاماشىبىن قاتنىشىپتۇ .
   مۇسابىقە بۇ 500 تاماشىبىننىڭ قىزغىن كەيپىياتىدا ئىنتايىن ئەستايىدىل ۋە يۇقىرى كەيپىياتتا ئۆتكۈزۈلۈپتۇ . نەتىجىدە جىنايەتچىلەر كوماندىسى 1 : 2 نەتىجە بىلەن تۈرمە ساقچىلىرى كوماندىسى ئۈستىدىن غالىب كەپتۇ . بۇ يۇقىرى كەيپىياتتا جىنايەتچىلەر مەيداننى بىر ئايلىنىپ غەلبىسىنى تەبرىكلەپ بولغاندىن كېيىن ، يەنە شۇ تۈرمە ساقچىلىرى تەرىپىدىن تىزىلدۇرۇلۇپ كامىرغا قايتۇرۇلۇپتۇ .



                                               رىكولمېينىڭ مائاشىنى كۇلۇبقا قايتۇرۇشى

3.jpg

   رىكولمىي ھەممىمىزگە تونۇشلۇق داڭلىق كىلاسسىك ئوتتۇرا مەيدان پېشۋاسى . 2007-يىلى بوكا ياشلار كوماندىسى رىكولمېينى 15 مىليۇن ياۋرولۇق باھا بىلەن ئىككى يېرىم يىللىق توختام تۈزۈپ ياۋروپا پۇتبول سەھنىسىدىن ئارگېنتىناغا قايتۇرۇپ كەلدى . 2010-يىلى بوكا ياشلار كوماندىسى رىكولمىي بىلەن ئۇزۇن ۋاقىتلىق سۆھبەت قىلىش ئارقىلىق ئاخىرى ئۇنىڭ بىلەن يەنە 4 يىللىق توختام تۈزدى ۋە يىللىق مائاشى 5 مىليۇن دوللار قىلىپ بېكىتىلدى .
   بىراق ، توختام ئۇزارتىلىپ بولغاندىن كېيىن رىكولمىينىڭ كونا يارىسى قوزغىلىپ ، پۇتبول مەيدانىدىن ئۇزۇن ۋاقىت ئايرىلىشقا مەجبۇر قىلدى . ئۇنىڭ يارىسى ئەمدىلا ئەسلىگە كېلىشى بىلەن دېربى جېڭىدە يەنە يارىلىنىپ بىر يىللىق مۇسابىقىلەرنىڭ ھەممىسىدىن مەھرۇم قالدى . دەل مۇشۇ شارائىتتا رىكولمىي ئۆزلىكىدىن كۇلۇب يۇقىرى قاتلىمىغا بۇ بىر يىللىق مائاشىنى كۇلۇبقا قايتۇرۇپ بېرىدىغانلىقى توغرۇلۇق ئىلتىماس سۇندى .
   ئۇ مۇنداق دەيدۇ : ‹‹ مەن كۇلۇب رەئىسى بىلەن بىر يىللىق مائاشىمنى كۇلۇبقا قايتۇرۇپ بېرىش توغرۇلۇق قايتا-قايتا سۆھبەتلەشتىم . مەن كۇلۇبنىڭ بۇ پۇلنى ياش توپچىلارغا ئىشلىتىشنى ، ياكى بولمىسا كۇلۇب كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۈيىنى زىننەتلەشكە ئىشلىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن !~ ››




                                                      ۋارتار تورىنىڭ بارلىققا كېلىشى

2345_image_file_copy_5.jpg

   ھازىرقى زامان پۇتبولىنىڭ ‹‹ دۇنيادىكى بىرىنچى تەنھەرىكەت تۈرى ›› دەيدىغان چىرايلىق نامى بار . پۇتبول ئەنگىلىيەدە بارلىققا كەلگەن . ئەڭ دەسلەپتە پۇتبول ۋارتارسىدا پەقەت تۈۋرۈكلا بار ئىدى . مۇسابىقىلەردە ئىككى تەرەپ كىرگەن توپلارنى ئوچۇق كۆرەلمىگەنلىكتىن داۋاملىق تالاش -تارتىشلار يۈز بېرىپ تۇراتتى . لوندۇندا ئۆتكۈزۈلگەن بىر قېتىملىق پۇتبول مۇسابىقىسىدە بېلىقچىلىق بىلەن تىرىكچىلىك قىلىدىغان بىر پۇتبولچى قارشى تەرەپكە بىر توپ ئۇرۇپ كىرگۈزىدۇ ، لېكىن قارشى تەرەپ بۇ توپ كىرمىدى دەپ قەتئىي قارشى تۇرىدۇ . ئىلاجىسىز قالغان بۇ پۇتبولچى ئاچچىقىدا بېلىق تۇتىدىغان تورىنى ۋارتار تۈرۋرۈكىگە چىگىدۇ ۋە قارشى تەرەپكە ، ئەگەر توپ كىرسە تورغا ئىلىنىپ پەسكە چۈشىدۇ ، مۇشۇنداق بولغاندا توپنىڭ كىرگەن-كىرمىگەنلىكى ئوچۇق بولىدۇ دەپ ئاچچىق قىلىدۇ . ۋارتارغا تور تارتىش شۇنىڭ بىلەن ئومۇملىشىشقا باشلايدۇ . بۇ ۋارتار تورىنى كەشىپ قىلغۇچى بېلىقچىنىڭ ئىسمى بائۇرگى بولۇپ ، ئۇ ھازىرقى ئۆلچەملىك ۋارتار تورىنىڭ قوللىنىشىنىڭ ئاساسچىسى بولۇپ قالىدۇ .


                                                             قاپقىچىنىڭ ئىككىلىنىشى


   1935-يىلىنىڭ يامغۇرلۇق بىر كۈنى ، بىرلىندا بىر مەيدان پۇتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ . مەيداندىكى ھۇجۇمچى توپنى ۋارتارغا قارىتىپ كۈچەپ تېپىدۇ . بۇ ۋاقىتتا بۇ توپچىنىڭ ئايىقىنىڭ بوغقۇچى ئۈزۈلۈپ كېتىپ  ، ئايىقى توپ بىلەن بىللە ئوخشاش سۈرئەتتە ۋارتارغا قاراپ ئىلگىرىلەيدۇ . بۇ قاتتىق يامغۇردا قارشى تەرەپ قاپقىچىسى پەقەت ئىككى نەرسىنىڭ ۋارتارغا قاراپ ئۇچۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ ۋە جىددىيچىلىكتە ئۇنىڭ بىرسىنى تۇتۇۋالىدۇ . كىم بىلسۇن ، ئۇنىڭ تۇتۇۋالغىنى بىر پاي پۇتبول ئايىغى بولۇپ ، توپ ئاللىقاچان ۋارتارغا كىرىپ بولىدۇ . بۇ قاپقىچىنىڭ خاتالىقى ھېسابلىنىپ بۇ توپ كۈچكە ئىگە دەپ ھۆكۈم قىلىنىدۇ .


                                          توپ تاشلاشنىڭمۇ ئۆلچىمى بولۇش كېرەك

2345_image_file_copy_6.jpg

   بىر قېتىم ، ياۋروپادىكى ئىككى كوماندا مۇسابىقىلىشىۋاتقاندا ، بىر تەرەپنىڭ بىر ماھىرى قارشى تەرەپنىڭ چەكلەنگەن رايۇنىغا يېقىن ئەتراپتا سىزىق سىرتىدىن توپ تاشلاش ئۈچۈن كېلىدۇ . بۇ ماھىرنىڭ قول بېغىشىنىڭ كۈچى ئالاھىدە بولۇپ ، توپنى قولىغا ئېلىپ خۇددى دېسكا تاشلىغاندەك ۋارتارغا قارىتىپ كۈچەپ ئاتىدۇ . بۇ توپ خۇددى راكىتادەك تېزلىكتە ۋارتارغا كىرىپ كېتىدۇ . قاپقىچىمۇ بۇ توپقا ئامال قىلالمايدۇ .
   بۇ توپ كۈچكە ئىگىمۇ ئەمەسمۇ ؟؟ ئىككى تەرەپ قاتتىق دەتالاش قىلىپ رېپىرنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ . رېپىر ئاخىرىدا بۇ توپنى كۈچكە ئىگە دەپ ھۆكۈم چىقىرىدۇ .
   مۇسابىقىدىن كېيىن ، توپ تاشلىغاندا ئىككى قول بىلەن بېشىدىن ئاتىلدۇرۇپ تاشلاش توغرىسىدا يېڭى بەلگىلىمە تۈزۈپ چىقىلىدۇ .



            دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى ئۈچۈن تۈرمىدىن چىقىشنى رەت قىلىش  


    ئەنگىلىيىلىك مەھبوس ئۇشېر كىروك دۇنيا لوڭقسىى مۇسابىقىسىدىن بۇرۇن ‹‹ ئاممىۋى تەرتىپكە توسقۇنلۇق قىلىش جىنايىتى ›› بىلەن ئەيىبلىنىپ تۈرمىگە سولانغانىدى . ئۇنىڭ جازا مۇددىتى 2010-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى توشاتتى ، لېكىن ئۇ تۈرمىدىن چىقىشقا قەتئىي قوشۇلماي چىڭ تۇرۇۋالدى ، ئۇ تۈرمىگە كىرگەندىن باشلاپ بىر توپ تۈرمىداشلىرى بىلەن بىللە كۆرگەن مۇسابىقىلەردىن ناھايىتى ھوزۇرلانغانىدى ، كىم بىلسۇن ، ئۇ مۇشۇ سەۋەبتىن تۈرمىدىن چىقىشقا پەقەتلا ئۇنىمىغانىدى . چۈنكى ئۇ تۈرمىداشلىرى بىلەن بىللە بۇ قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىنى كۆرۈشكە ۋەدىلەشكەنىدى . ئۇ مۇنداق دەيدۇ : ‹‹ مەن بىر توپ تۈرمىداشلىرىم بىلەن مۇسابىقە كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىمەن ، بۇلار بىلەن مۇسابىقە كۆرسەم بەك ھوزۇر ھېس قىلىمەن ، بۇ ھېسىياتنى تىل بىلەنمۇ قانداق ئىپادىلەشنى بىلمەيمەن . مەن يەنە ئۇلار بىلەن تىكىشىپ قويدۇم ، مېنىڭچە بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ جېڭى ئارگېنتىنا كوماندىسى بىلەن بىرازىلىيە كوماندىسى ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ .... ›› !!
    ئەركىنلىك ئەڭ قىممەتلىك بولسىمۇ ، لېكىن بۇ توپ مەستانىسى ئەڭ قىممەتلىك نەرسىسىنى پۇتبولغا تېگىشىشكە رازى بولدى .




                   بالىسىنىڭ دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە توپ كىرگۈزۈشىگە دو تىكىش


   گىراسېتو كود بولسا ئەنگىلىيىلىك بىر پۇتبول مەستانىسى بولۇپ ، ئۇ دۇنيادىكى داڭلىق قىمار شېركىتى ۋېليام ھېل شېركىتىگە ئۆزىنىڭ 6-ئايدا تۇغۇلۇش ئالدىدا تۇرغان ئوغلىنىڭ ئېنگىلاند دۆلەت كوماندىسىغا ۋەكالىتەن 2034-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقسىدە توپ ئۇرۇدىغىنىغا 120 ياۋرو تىككەن . ئەگەر بۇ قىماردا ئۇ راستىنلا ئۇتۇپ قالسا ، شۇ ۋاقىتتا 12 مىليۇن ياۋرو مۇكاپاتقا ئېرىشىدىكەن . ۋېلىيام ھېل شېركىتى بولسا ئۇنىڭ بۇ تەلىپىنى قوبۇل قىلغان بولۇپ ، ئۇنىڭ بۇ قىماردا ئۇتۇش نىسبىتىنىڭ %0.00001 پىرسەنت ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرغان .



                                                    ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك


   مادۋور ئىسىملىك گىرمانىيەلىك پۇتبول مەستانىسى 2010-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدىكى ئەڭ بىتەلەي توپ مەستانىسىنىڭ بىرى بولسا كېرەك . ئۇ نەق مەيدانغا بېرىپ مۇسابىقە كۆرەلمىگەننى ئاز دەپ ، سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن 3 ئايلىق كېسىۋېتىلدى . مادۋورنىڭ كېسىلىشىنىڭ سەۋەبى بولسا ، ئۇ گىرمانىيە بىلەن ئىسپانىيە ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى كۆرۈش ئۈچۈن قىزغىن كەيپىياتتا ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ سەپەر قىلغانىدى . كىم ئويلىسۇن ، ھاۋا قاتنىشىدا مەسىلە كۆرۈلگەنلىكتىن ئۇ ئولتۇرغان نۆۋەتچى ئايروپىلان ئامالسىز كەينىگە قايتىشقا مەجبۇر بولۇپ قالغانىدى . بۇ ئايروپىلاندا مۇسابىقە كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولالمىغان گىرمانىيە پۇتبول مەستانىلىرى ئاچچىقىنى ئايرودرۇم خادىملىرىدىن چىقارغانىدى . مادۋورمۇ ھەم بۇ قاتاردىكىلەرنىڭ بىرسى ئىدى . شۇ سەۋەبلىك سوت مەھكىمىسى مادۋور قاتارلىق بۇ پۇتبول مەستانىلىرىغا 3 ئايلىق كېسىم ئېلان قىلغانىدى .



   گىرمانىيە تېرىنىرى لېفنىڭ ‹‹ ئامەت ئېلىپ كەلگۈچى ›› مايكىسىنىڭ 14 كۈنگىچە يۇيۇلماسلىقى  

2345_image_file_copy_7.jpg

    بەزى ئىشلار ھەر بىر ئىنساننىڭ ھاياتىدا بەزى موھىم قارارلارنىڭ ۋە نەتىجىلەرنىڭ ‹‹ سەۋەبكارى ›› سۈپىتىدە ئەستە ساقلىنىدۇ . 2010-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقسىدە ‹‹ ئافرىقا پېرىخۇنى ›› نىڭ خۇراپات پەلسەپىسىدىن باشقا ، گىرمانىيە كوماندىىسى تېرىنىرى لېفنىڭ كۆك رەڭلىك مايكىسىمۇ بۇ مەسىلىنىڭ داۋامى بولۇپ قالدى . لېفنىڭ ئاشكارلىشىچە ، ئۇنىڭ بۇ كۆك رەڭلىك مايكىسى تاكى گۇرۇپپا مۇسابىقە باشلىنىپ ئىسپانىيە كوماندىسىدىن مەغلۇب بولغانغا قەدەر 14 كۈنگىچە يۇيۇلمىغان بولۇپ ، ئۇ بۇ مايكىسىنى ‹‹ ئامەت بەلگىسى ›› دەپ قارايدىكەن . لېكىن بۇ كۆك رەڭلىك ‹‹ ئامەت ئېلىپ كەلگۈچى ›› مايكا گىرمانىيە كوماندىسىنى ھەل قىلغۇچقا ئېلىپ كىرىشكە ئامال قىلالمىدى . لېف بۇ مايكىسىنى كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىپ ، ئۇنىڭ پۇلىنى خەيرى-ساخاۋەت ئىشلىرى ئۈچۈن ئىئانە قىلىشنى ئويلىشىپتۇ .


                                   رېپىرنىڭ پۈشتىكىگە ئوخشاش ئىسقىرتىش


2345_image_file_copy_8.jpg

   ئورۇگۋاي بىرلەشمىسى بېلپورېس كوماندىسىنىڭ قاپقىچىسى ئوردېسنىڭ يەنە بىر قالتىس ماھارىتى بار بولۇپ ، ئۇ رېپىرنىڭ پۈشتەك ئاۋازىغا ئوخشاش ئىسقىرتىشقا بەك ماھىر . بىر قېتىملىق مۇسابىقىدە ، قارشى تەرەپ ھۇجۇمچىسى توپنى ئېلىپ چەكلەنگەن رايۇنغا كىرگەندە ، تۇيۇقسىز ‹‹ رېپىنىڭ پۈشتەك ئاۋازى ›› چېلىنغان بولۇپ ، بۇ ھۇجۇمچى پۈشتەك ئاۋازىنى ئاڭلاپ توختاپ قالغان . لېكىن ، ئوردېسنىڭ سەبدىشى كېلىپلا بۇ توپنى باشلاش ئۈچۈن قولى بىلەن ئېلىشى بىلەن رېپىرنىڭ پۈشتىكى يەنى چېلىنغان . لېكىن بۇ قېتىم چېلىنغىنى ئوردېسنىڭ ‹‹ رېپىر پۈشتىكى ›› بولماستىن ، راستىنلا رېپىرنىڭ پۈشتىكى ئىدى . رېپىر بۇ توپنى نوقتا توپ دەپ ھۆكۈم قىلغان . شۇ سەۋەبلىك بېلپورېس كوماندىسى رەقىبىگە ئۇتتۇرۇپ قويغان .


                                                      بىرىلمىگەن سوۋغا

2345_image_file_copy_9.jpg

   پېلى پۇتبول ھاھەسىدە نوپۇزلۇق شەخىس ۋە ئېتراپ قىلىغان ‹‹ پۇتبول شاھى ›› ھېسابلىنىدۇ . پېلى ‹‹ پۇتبول شاھى ›› دىگەن نامغا ئېرىشكەندىن كېيىن ، نۇرغۇنلىغان توپ مەستانىلىرى ۋە يېقىن دوستلىرى ئۇنى تەبرىكلەپ ئۇنىڭغا نۇرغۇنلىغان سوۋغىلارنى بەرگەن . پېلىمۇ ھەم بۇ سوۋغا بەرگۈچىلەرگە ، ئۆزىنىڭ پۇتبول كىيىمى ، پۇتبول ئايىقى ۋە پۇتبول پايپىقى قاتارلىق سوۋغىلارنى قايتۇرۇپ سوۋغا قىلغان . بىر نەچچە قېتىم ئۇ كىيىم ۋە پۇتبول ئايىقىنى مەستانىلىرىگە سوۋغا قىلغان ، لېكىن پۇتبول مەستانىلىرىغا سوۋغىسى يەتمىگەن پېلى قايچا بىلەن چېچىنى كېسىپ ئۇلارغا سوۋغا سۈپىتىدە ھەدىيە قىلغان .
   1962-يىلى ، بىر قېتىملىق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدىن كېيىن ، قارشى تەرەپنىڭ كۇلۇپ خۇجايىنى پېلىدىن : ‹‹ بىر نەچچە تامچە قېنىڭىزنى بەرگەن بولسىڭىز ، مەن كۇلۇب ئەزالىرىغا سالغان بولسام ، ئۇلارنىڭ قىزغىنلىقى تېخىمۇ ئاشقان بولسا ... ›› دەپ ئۆتۈنگەن ، لېكىن پېلى پەقەت چېچىنى كېسىپ بېرىشتىن باشقا ئىلاجى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن . لېكىن قارشى تەرەپ كۇلۇب خوجايىنى قاتتىق ئۆتۈنۈپ تۇرۇۋالغان . شۇنىڭ بىلەن پېلى يېنىدىكى كۇلۇب دوختۇرىغا : ‹‹ دوختۇر ئەپەندىم ، ئامال بولسا بۇ خوجايىننىڭ بىر نەچچە تامچە قېنىنى ئېلىپ ماڭا سېلىپ قويغان بولسىڭىز ، مەنمۇ بېيىپ كەتسەم !! ›› دەپ چاقچاق قىلغان . كۇلۇب خوجايىنى بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئاستا كېتىپ قالغان .




                             پۈشتەكنىڭ پۇتبول مەيدانىدا قوللىنىشى


2345_image_file_copy_10.jpg

   1875-يىلى ، بىر قېتىملىق مۇسابىقىدە ئىككى تەرەپ توپچىلىرى ئارىسىدا سۈركىلىش يۈز بېرىپ ، بۇ سۈركىلىش بارغانسىرى چوڭىيىپ كەتكەن . مۇسابىقە رېپىرى بۇ قالايمىقانچىلىققا ھېچقانداق ئامال قىلالمىغان . شۇ ۋاقىتتا مەيدان ئامانلىقىنى ساقلاشقا مەسئۇل ساقچى باشلىقى توپچىلار ئارىسىغا كىرگەن ۋە ياردەمچى ساقچىلارنى چاقىرىش ئۈچۈن پۈشتىكىنى چالغان . كىم ئويلىسۇن ، بۇ پۈشتەكنىڭ چېلىنىشى بىلەن ئىككى تەرەپ توپچىلىرى جىمىپ قېلىشقان . شۇنىڭدىن باشلاپ پۈشتەك بىلەن رېپىرلىق قىلىش تۈزۈمى ئورنىتىلغان .


                                          ئەڭ تېز بېرىلگەن قىزىل كارتا

2345_image_file_copy_11.jpg

   2008-يىلى 12-ئايدا ، ئەنگىلىيەدە ئېلىپ بېرىلغان بىر مەيدان ئىشتىن سىرىتقى بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە ، 21 ياشلىق پىلات مۇسابىقە باشلىنىش پۈشتىكى چېلىنشى بىلەن قارشى تەرەپ ئەزاسىغا قارىتا ئېغىر قائىدىگە خىلاپ ھەرىكەت ئىشلىگەنلىكى ئۈچۈن قىزىل كارتا بىلەن مەيداندىن چۈشۈرىۋېتىلگەن . بۇ دەل مۇسابىقە باشلىنىپ 3 سېكۇنت بولغان ۋاقىت ئىدى . بۇ كارتا ئىستىمال قىلغۇچى پىلات پۇتبول تارىخدىكى ئەڭ تېز قىزىل كارتا ئىستىمال قىلغۇچى بولۇپ ، يېڭى رېكورت ياراتقان .




باھالاش

قاتناشقانلار سانى 5مۇنبەر پۇلى +1200 يىغىش سەۋەبى
بېرنابۇ + 1000 قالتىس!
ئېلىخو + 50 يامان نايىل
تۈمەن + 50 قالتىس!
LM10 + 50 ئەمەلىي ئەھمىيەتكە ئ.
دولانى + 50 ئەجىرلىك تېما

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2016-1-4 16:00:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ما تېماڭغا تامغا باسىدىغاندەك تۇرىمەن ،  كۆڭلۈڭگەكۆڭلۈڭگە ئ‍الماسسە ھە ؟   
ئ‍الدىرماي ئ‍وقۇپ تارازىغا سېلىپ لېڭىشتىپ باقاي
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-4 16:03:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جاغىستاي120 يوللىغان ۋاقتى  2016-1-4 16:00
ما تېماڭغا تامغا باسىدىغاندەك تۇرىمەن ،  كۆڭلۈڭگەكۆڭل ...

كۆڭلۈمگىغۇ ئېلىپ كەتمەيمەن . تارازاڭنىڭ گىرىنىڭ پۇچۇلۇپ كەتمىگەنلىكىگە گۇمان قىلمايمەن ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-1-4 16:08:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى تىما بوپتۇ رەھمەت سىزگە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-1-4 16:08:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جاغىستاي120 يوللىغان ۋاقتى  2016-1-4 16:00
ما تېماڭغا تامغا باسىدىغاندەك تۇرىمەن ،  كۆڭلۈڭگەكۆڭل ...

تارازاڭغا بەك ئ‍ىغىر چۈشۈپ كىتىمىكىن ما تىما ، نۇرغون بىلمەيدىغان ئ‍ىشلارنى بىلۋالدۇق ، شۇڭا گاچچىدە تامغا ئ‍ۇرۇش زۆرۆز
ئاندرويىدتا يېزىلغانئاندرويىدتا يېزىلغان
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-1-4 16:25:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىلگىرى بىر يوللىغان ئىدىڭلار،ئۇ چاغدا تولۇق ئەمەسمىدى ؟؟
مەن ئاۋۇ رىپىرلىق تخىنىكىسى دىگەن تېمىدا پايدىلىنىدىغان ئىككى ھىكايە بار ئىكەنتۇق ،ئېسىت ،،،

ياخشى چىقىپتۇ تېىما ، رەھمەت ،جىق نەرسە بىلىۋالدۇق
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-1-4 16:26:53 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تېمىنى مۇنبەردە بىر قىتىم كۆرگىندەك يادىمدا تۇرىدۇ دىسە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-4 16:28:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېۋىلغا يوللىغان ۋاقتى  2016-1-4 16:25
ئىلگىرى بىر يوللىغان ئىدىڭلار،ئۇ چاغدا تولۇق ئەمەسمىد ...

ئىلگىرى قىسىملارغا بۆلۈنۈپ يوللانغان . بۇ قېتىمقىسى ھەممىسىنىڭ يىغىندىسى شۇنداقلا يېڭى قوشۇلغان مەزمۇنلار بىلەن تولۇقلانغان قىسىمى ....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-1-4 16:28:54 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھە نايىل ئۆزى يوللاپتىكەن ئەمدى ئىسىمگە كەلدى، تولۇق نۇسقىسى تېخىمۇ ياخشى چىقىپتۇ،كۆپ ئەجىر قىپسىز
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-1-4 16:29:00 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋۇ كىيىنكى قىسمىكەن ئ‍ەمدە نادىر بولسا بولدۇ نايىل ئەپەندى بەك كەم دىدارغۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-4 16:29:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئ‍ەسەددۇللاھ يوللىغان ۋاقتى  2016-1-4 16:26
مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تېمىنى مۇنبەردە بىر قىتىم كۆرگىندەك  ...

ئىلگىرىمۇ مەن يوللىغان . ئىلگىرى قىسىملارغا بۆلۈنۈپ يوللانغان . بۇ قېتىمقىسى ھەممىسىنىڭ يىغىندىسى شۇنداقلا يېڭى قوشۇلغان مەزمۇنلار بىلەن تولۇقلانغان قىسىمى ....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-1-4 16:29:41 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پۇتپۇل   مەيدانىمۇ   بىرخىل   سىرلىق  دۇنيا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|دوختۇرخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2016-5-10 17:51

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش