بۇ يازمىنى ئاخىرىدا راكىتا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-12-24 20:11
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم . ھەممىڭلارنىڭ ھازىرقى ۋاقتى خەيرىلىك بولسۇن ، بوۋايدىن ھەممىڭلارغا ئوتلۇق سالام .
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنوم رايونلۇق مەدەنىيەت ئېدارىسى ، شىجاڭ پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ۋە قەشقەر ۋېلايەتلىك تەنتەربىيە باش جەمئىيىتى تەستىقلىغان ، قەشقەر پۇقرالار دوختۇرخانىسى بىلەن قەشقەر جەسۇر ياش - ئۆسمۈرلەر پۇتبول تەربىيلەش بازىسى باش بولۇپ ئۇيۇشتۇرغان ، قەشقەر بىرلەشمىسى يەنى ‹‹ پوقرالار دوختۇرخانىسى جەسۇر لوڭقىسى ›› نى تالىشىش بىرلەشمە مۇسابىقىسى ، گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئايلانما مۇسابىقىسى 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 19-كۈنى ۋە 12-ئاينىڭ 20-كۈنلىرى ، قەشقەر جەسۇر پۇتبول مەيدانىدا ئوينالدى .
ئالدى بىلەن بۇ قېتىملىق بىرلەشمە مۇسابىقىنى ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتىن قوللىغان ئورۇن شەخىسلەرگە ، ھەپتە ئارلىقىدىكى قىممەتلىك ئارام ۋاقتىنى سەرىپ قىلىپ مۇسابىقە ئۈچۈن ئادىل ھەققەنى پۈشتەك چېلىپ كېلىۋاتقان رېپىرلار گۇرپىسىدىكى بارلىق خادىملارغا چىن دىلىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز . شۇنداقلا ئەزىزانە قەشقەر دېيارىدىكى بارلىق پۇتبول سۆيەر كىشىلەرنىڭ يېراق دېمەي مۇسابىقە كۆرۈش ۋە مەدەت بېرىش ئۈچۈن كېلىپ بەرگىنىگە چوڭقۇر تەشەككۈر ئېيتىمىز .
رەت -تەرتىپ نومۇر جەدىۋېلى .
A : گۇرۇپ
B : گۇرۇپ
چوڭلار گۇرپىسى : ( MHD داۋالاش گۇرۇھى كوماندىسى چېمپىيون بولدى )
ئىككى ئايدىن ئارتۇق تىركىشىش ، بىر - بىرىدىن قىززىغان مۇسابىقىلەر ، قاينات پۇتبول كەيپىياتى ، ماھىرلارنىڭ يۇقىرى تېخنىكىسى ، تاماششىبىنلارنىڭ ئالقش -سادالىرى ، تەشكۈللىگىچى ئورۇن ۋە رېپىرلارنىڭ ئادىل پۈشتەك چېلىشى نەتىجىسىدە ، 9 ئايلانما مۇسابىقە ئوينىلىپ ، A گۇرۇپ ۋە B گۇرۇپتىن 3 تىن كوماندا تاللىنىپ چىقتى ، ئىككى گۇرۇپتىن تاللىنىپ چىققان 6 كوماندا چەك تارتىپ ئايلانما ھالەتتە مۇسابىقە ئوينايدۇ . چەك تارتىش نەتىجىسى ۋە رەقىبلەر ئۇچۇرشىشىنى ئەتە يوللايمەن .
A گۇرۇپتىن :
تالماس كوماندىسى : ( 7 مەيدان ئۇتۇپ ، 1 مەيدان تەڭلشىپ ، گۇرپىدا 22 نومۇر ئېلىپ ، ساپ توپى 29 ) 1- بولۇپ گۇرپىدىن چىقتى .
نۇرلۇق كوماندىسى : ( 7 مەيدان ئۇتۇپ ، 1 مەيدان ئۇتتۇرۇپ ، گۇرپىدا 21 نومۇر ئېلىپ ، ساپ توپى 30 ) 2- بولۇپ گۇرپىدىن چىقتى .
داغدام كوماندىسى : ( 6 مەيدان ئۇتۇپ ، 2 مەيدن ئۇتتۇرۇپ ، گۇرپىدا 18 نومۇر ئېلىپ ،ساپ توپى 19 ) 3- بولۇپ گۇرپىدىن چىقتى .
B گۇرۇپتىن :
سەبەھ كوماندىسى : ( 7 مەيدان ئۇتۇپ ، 1 مەيدان تەڭلشىپ ، 1 مەيدان ئۇتتۇرۇپ ، گۇرپىدا 19 نومۇر ئېلىپ ، ساپ توپى 26 ) 1- بولۇپ گۇرپىدىن چىقتى .
ھۇررا كوماندىسى :( 7 مەيدان ئۇتۇپ ، 1 مەيدان تەڭلشىپ ، 1 مەيدان ئۇتتۇرۇپ ، گۇرپىدا 19 نومۇر ئېلىپ ، ساپ توپى 16 ) 2- بولۇپ گۇرپىدىن چىقتى .
داۋايى غىزا كوماندىسى :( 5 مەيدان ئۇتۇپ ، 2 مەيدان تەڭلشىپ ، 1 مەيدان ئۇتتۇرۇپ ، گۇرپىدا 17 نومۇر ئېلىپ ، ساپ توپى 15 )3- بولۇپ گۇرپىدىن چىقتى .
تۆۋەندىكىسى بۇ قېتىم ئوڭۇشلۇق ھالدا گۇرپىدىن چىققان 6 كوماندىنىڭ كوللىكتىپ سۈرەتلىرى :
تالماس كوماندىسى : ( گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە ئەڭ يۇقىرى نومۇر ئالغان كوماندا )
نۇرلۇق كوماندىسى : ( ئىپادىسى ئىزچىل تۇراقلىق بولۇپ كېلىۋاتقان ، سەر -خىل ماھىرلار يىغىلغان كوماندا )
داغدام كوماندىسى : ( يېقىندىن بۇيان جەنۇبى شېنجاڭدا زور تەسىر قوزغىغان ، ئىستىقبالى پارلاق كوماندا )
سەبەھ كوماندىسى :( ئىزچىل تۈردە چېمپىيونلۇق لوڭقىسىغا چوڭ خىرىس قىلىۋاتقان كوماندا )
ھۇررا كوماندىسى :( بۇ قېتىملىق مۇسابىقىدىكى قارا تۇلپار كوماندا )
داۋايى غىزا كوماندىسى :( ئەڭ ئاخىرغىچە تىرىشىپ گۇرىپپىدىن ئوڭۇشلۇق چىققان كوماندا ، ماھىرلىرى سەر-خىل ، بۇ قېتىملىق ئايلانمىدا گۇرپىنىڭ چوققىسىدىكى سەبەھ كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپلا قويغان بولسا گۇرپىدىن شاللىنىپ كېتەتتى ، ئىككى كوماندىنىڭ مۇسابىقىسى ھەقىقەتەن قىززىدى ، ئىككى كوماندىمۇ ھۆرمەتلىنىشكە لايىق ئوينالدى .)
|