ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 150 |
جۇغلانمىسى: 5421 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بوۋاي تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-12-23 22:03
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم . ھەممىڭلارنىڭ ھازىرقى ۋاقتى خەيرىلىك بولسۇن ، بوۋايدىن ھەممىڭلارغا ئوتلۇق سالام .
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنوم رايونلۇق مەدەنىيەت ئېدارىسى ، شىجاڭ پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ۋە قەشقەر ۋېلايەتلىك تەنتەربىيە باش جەمئىيىتى تەستىقلىغان ، قەشقەر پۇقرالار دوختۇرخانىسى بىلەن قەشقەر جەسۇر ياش - ئۆسمۈرلەر پۇتبول تەربىيلەش بازىسى باش بولۇپ ئۇيۇشتۇرغان ، قەشقەر بىرلەشمىسى يەنى ‹‹ پوقرالار دوختۇرخانىسى جەسۇر لوڭقىسى ›› نى تالىشىش بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ 9-ئايلانمىسى ، 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 19-كۈنى ۋە 12-ئاينىڭ 20-كۈنلىرى ، قەشقەر جەسۇر پۇتبول مەيدانىدا ئوينالدى .
ئالدى بىلەن بۇ قېتىملىق بىرلەشمە مۇسابىقىنى ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتىن قوللىغان ئورۇن شەخىسلەرگە ، ھەپتە ئارلىقىدىكى قىممەتلىك ئارام ۋاقتىنى سەرىپ قىلىپ مۇسابىقە ئۈچۈن ئادىل ھەققەنى پۈشتەك چېلىپ كېلىۋاتقان رېپىرلار گۇرپىسىدىكى بارلىق خادىملارغا چىن دىلىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز . شۇنداقلا ئەزىزانە قەشقەر دېيارىدىكى بارلىق پۇتبول سۆيەر كىشىلەرنىڭ يېراق دېمەي مۇسابىقە كۆرۈش ۋە مەدەت بېرىش ئۈچۈن كېلىپ بەرگىنىگە چوڭقۇر تەشەككۈر ئېيتىمىز .
12- ئاينىڭ 19- كۈنى ( شەنبە ) كۈنىدىكى مۇسابىقىلەر .
جەسۇر ئېمپورىتلىرى ( خانجاي) كوماندىسى 1-7 تالماس كوماندىسى .
خېڭشىڭ تەكشۈرۈش كوماندىسى 2-2 ئۈمىد كوماندىسى .
ئەلنۇرى كوماندىسى 7-4 (220)-قىسىم كوماندىسى .
ئەزىز تەن كوماندىسى 3-0 ئېبىن سېنا كوماندىسى .
ھەسەن -ھۈسەن كوماندىسى 5-4 زەپەر كوماندىسى .
تەيئەيتەي كوماندىسى 3-6 تالماس كوماندىسى .
12- ئاينىڭ 20- كۈنى ( يەكشەنبە ) كۈنىدىكى مۇسابىقىلەر :
نۇرلۇق كوماندىسى 11-0 ئەلدىيىك كوماندىسى .
داۋايى غىزا كوماندىسى 2-2 سەبەھ كوماندىسى .
شەجەر كوماندىسى 4-1 (203)-قىسىم كوماندىسى .
داغدام كوماندىسى 4-3 كونا شەھەر ئەنتەي كوماندىسى .
قەشقەر ھۇررا كوماندىسى 8-0 چېمپىيون كوماندىسى .
老男孩儿 كوماندىسى 0-4 风雨 كوماندىسى .
9- ئايلانمىدىكى نادىر سۈرەتلەر :
|
|