ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 8676 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ..تەلۋە.. تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-12-19 00:47

گوللاندىيلىك پىشقەدەم مەشقاۋۇل ھىدنىك بۈگۈن رەسمى ھالدا لوندون شەھىرىگە يىتىپ كەلگەن بولۇپ،مىھمانخانىدا چىلسى يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەر بىلەن سۆھپەت ئۆتكۈزىۋىتىپتۇ. ب ب س نىڭ خەۋىرىدە دىيىلىشچە ئىككى تەرەپ مۇشۇ پەسىل ئاياقلاشقىچە توختام تۈزىدىكەن.سۆھپەت ئاياقلاشقاندىن كىيىن چىلسى كۇلۇبى رەسمى ھالدا ئورگان تورىدا ئىلان قىلىدۇ. ھازىر ھىدنىكنىڭ چىلسىنىڭ يىڭى مەشقاۋۇلى بولىدىغانلىقى ئاساسى جەھەتتىن مۇقۇملاشتى.

ھىدنىك ئىلگىرى تىرنىرلىق ھاياتىدا زور شۆھرەت قازانغان نامى با تىرنىر. 2009-يىلى ئۇ روسىيە دۆلەت كوماندىسى ۋە چىلسى كۇلۇبىنىڭ مەشقاۋۇللۇقىنى قىلغان.ۋە قىسقىغىنە يىرىم پەسىلدە چىلسى كۇلۇبىنى ياۋرۇپا ئۇزغۇنلۇق يىرىم ھەل قىلغۇچقا ئىلىپ كىرگەن.بىرلەشمىدە بولسا ئىنگىلانت بىرلەشمە لوڭقىسىنى ئالغان.
ئەمما 2009-يىلدىن كىيىنلا بۇ ئادەمنىڭ تىرنىرلىق ھاياتى زاۋاللىققا يۈزلەنگەن. يەنى روسىيە كوماندىسىنى 2010-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىغا ئىلىپ كىرەلمەي ئىشتىن بوشىتىلغان.كاپىللو ئۇنىڭ ئورنىغا چىققان.كىيىن ئۇ تۈركىيە كوماندىسىنىڭ قامچىسىنى قولىغا ئالغان.ۋە2012-يىلى تۈركىيە كوماندىسىنى ياۋرۇپا لوڭقىسىغا ئىلىپ كىرەلمەي يەنە ئىشتىن بوشىتىلغان. كىيىن ئۇ يەنە روسىيە بىرلەشمىسىدە ئەنجى كۇلۇبىدا بىر مەزگىل تىرنىرلىق قىلغان.ئەمما يەنىلا كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغان.2014-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدىن كىيىن ھىدنىك دۆلىتى گوللاندىيە كوماندىسىنىڭ قامچىسىنى قولىغا ئىلىپ نەچچە ئايدىن كىيىنلا نەتىجىسى ياخشى بولماي ئىشتىن چۈشكەن. بۇ قىتىم ئۇ چىلسى كوماندىسىنى قايتا قولىغا ئالدى.ئەمما بۇ قىتىم ھىدنىكتىن بەك چوڭ ئۆمۈت كۈتۈپ كىتىشكىمۇ بولمايدۇ. لىكىن ئۆمۈت يوق دىيىشكىمۇ بولمايدۇ. |
|