ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 6163 |
تۆھپىسى: سەر |
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
دىيارىمىز ۋاقتى بۈگۈن چۈشتىن كېيىن سائەت 4.30 مىنۇت ئۆتكەندە دۆلىتىمىز پەخرى بولغان گۇئاڭجۇ خېڭدا كوماندىسى دۇنيا كۇلۇپلار لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە ئىسپانىيەنىڭ بارسىلونا كوماندىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، يېقىنقى ئۈچ مەيدان مۇسابىقىلەردە بارسىلونا غەلبە قىلالمىدى، شۇنداقلا مىسسىنىڭ ئىپادىسىمۇ تازا ياخشى ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىپادىسى قالتىس بولىۋاتقان نېيمار بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە قاتنىشالمايدۇ، خېڭدا بولسا ئالدىنقى مەيدان مۇسابىقىدە 2-1 نەتىجە بىلەن مېكسىكا كوماندىسىنىڭ ئۈستىدىن غالىپ كېلىپ يېرىم ھەل قىلغۇچقا كىرگەن. خېڭدانىڭ يېڭىشىنى يوق قاتارغا چىقارغىلىمۇ بولمايدۇ. بارسىلونامۇ يېڭىلمەس كوماندا ئەمەس.
2015- يىلى ئىككىنچى يۆتكۈلۈش بازىرىدا بىرازىلىيەلىك چولپان روبىنخو خېڭدا بىلەن 6 ئايلىق قىسقا توختام ئىمزالىدى، بۇ چولپان ئۆزىنىڭ شانلىق دەۋىرلىرىنى مادرىدتا ئۆتكۈزگەن بولۇپ، مادرىدتىن ئايرىلغاندىن كېيىن بارسىلونا تەكلىپ قىلغان بولسىمۇ مادرىدنىڭ قان رەقىبىگە قوشۇلۇشنى خالىمىغان، مانا بۈگۈن بۇ چولپان ئىلگىركى رەقبى بولغان بارسىلونا بىلەن قايتا تۇتۇشۇش تەييارلىقىدا تۇرىۋاتىدۇ.
مېكسىكا كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقە سىكولارى باۋلىنىئو، گولات، ئېرىكسون، روبىنىئو ۋە كىم يوڭ دىن ئىبارەت بەش چەتئەللىك توپچنى مەيدانغا چىقاردى، كېينكى مەيدان روبىنخو بىلەن ئېرىكسوننى چۈشىرىۋەتتى، بارسىلونا بىلەن بولغان مۇسابىقىدە سىكولارى چەتئەللىك توپچىلارنى چىقىرامدۇ ياكى دۆلىتىمىزنىڭ توپچىلىرىغا ئىشەنچە قىلامدۇ؟
5- ئاينىڭ 20-كۈنىدىن باشلاپ خېڭدا 29 مەيدان مۇسابىقە ئوينىغان بولۇپ ھازىرغىچە يېڭىلىپ باقمىغان، بارسىلونانىڭ يېقىنقى ئۈچ مەيداندىكى ئىپادىسى ئانچە ياخشى ئەمەس، خېڭدانىڭ يېڭىلمەسلىك قەدىمى داۋملىشامدۇ؟ ئۇنىڭدىن باشقا سىكولارى خېڭداغا مەشقاۋۇل بولغاندىن باشلاپ مەغلۇپ بولۇپ باقمىغان، بۇ مەيدان مۇسابىقىدە مەغلۇپ بولماسلىق قەدىمىنى داۋاملاشتۇرالامدۇ؟
بارسىلونا كوماندىسنىڭ يادروسى بولغان مېسسىنىڭ يېقىنقى ئىپادىسى ئانچە ياخشى ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىپادىسى قالتىس بولىۋاتقان نېيمار بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە ئىلگىركى ئۇستازىغا قارشى مۇسابىقىگە چۈشەلمەيدىغان بولۇپ، نېيمار كەمچىل ئەھۋال ئاستىدا بارسىلونا ئوخشاشلا خېڭدانى مەغلۇپ قىلالامدۇ؟
قېنى دۆلىتىمىزنى شان شەرىپى ۋە ئاسىيانىڭ شەرىپى ئۈچۈن ئالغا، خېڭدا ھۇرررا
مۇسابىقە كۆرۈش ئادرىسى: cctv5,pptv,qq، بېيجىڭ تەنتەربىيە قانىلى
http://www.zhibo8.cc/zhibo/zuqiu/2015/121761697.htm |
|