elan ornielan orni
كۆرۈش: 1414|ئىنكاس: 14

ئولىمپىك پۇتبول مۇسابىقىسى (2012 - 1908)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   زەربىدار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-31 11:32  

                         GGGGGGGGGGGGG.png
ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى 1896-يىلىدىن ھازىرغا قەدەر 120يىللىق تەرەققىياتلارنى باشتىن كەچۈرۈپ،  دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدىن قالسىلا يەنە بىر كاتتا مەرىكىنىڭ بىرسى بولۇپ قالدى.

   مۇسابىقە ئارقا كۆرۈنۈشى
  ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدىكى پۇتبول مۇسابىقىسىگە نەزەر سالساق، 1896-يىلى گىرىتسىيەنىڭ ئافىنا شەھىرىدە تۇنجى نۆۋەتلىك ھازىر زامان ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا پۇتبول رەسمىي مۇسابىقە تۈرىدە ئەمەس پەقەت ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسى سۈپىتىدە قاتناشتۇرۇلغان.  1900-يىلى ئىككىنچى نۆۋەتلىك پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا  ئىشتىن سىرتقى پۇتبولچىلار  قاتنىشىدىغان قىلىپ بېكىتىلگەن. 1908-يىلى لوندون ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا پۇتبول رەسمىي مۇسابىقە تۈرىگە كىرگۈزۈلۈپ ئىشتىن سىرتقى پۇتبولچىلاردىن كەسپىي پۇتبولچىلار دۆلەت كوماندىسىدا تەشكىللىنىپ قاتنىشىدىغان قىلىپ بىكىتىلگەن.

  خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسى بىلەن خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ناھايىتى چوڭ ئىختىلاپنى كەلتۈرۈپ چىقاردى . خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسى كەسپىي پۇتبول تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا قاتنىشىشى توغرىسىدا ئىزچىل قارشى تۇرۇپ كەلدى. 1977 - يىلى ، خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسى يېڭى قارار چىقىرىپ، ئالدىنقى نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتناشقان تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ ئولىمپىك پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتناشتۇرۇشقا يول قويمىغان. 1979- يىلى خەلقئارا ئولىمپىك كوممېتىتى   قوشۇمچە بەلگىلمە چىقىرىپ، ياۋروپا ۋە جەنۇبىي ئامېرىكا دۆلەتلىرىدىن دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە قاتناشقان پۇتبولچىلاردىن باشقا قىتئەلەرنىڭ پۇتبولچىلارنىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا قاتنىشىشقا چەكلىمە قويمىغان.   

   1984 - يىلى خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسى  ياۋروپا ۋە جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى دۇنيا لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە قاتناشقان توپچىنىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتناشسا بولمايدۇ دەپ قارار قىلىدۇ ؛ 1988 - يىلى خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسى مۇشۇ ئاساستا يەنە مۇنداق بەلگىلەنگەن : ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى پۇتبول تەنھەرىكەتچىسى ياش چەكلىمىسى 23 ياشتىن تۆۋەن بولۇپ ، ھەر بىر كوماندا يېشى چوڭ ماھىردىن 3نى قوبول قىلسا بولىدىغانلىقىنى بەلگىلىگەن.  ھەرقايسى قىتئەدىكى  ياشلار پۇتبول مۇسابىقىسىدە چىمپىئون بولغان ۋە يېرىم ھەل قىلغۇچ باسقۇچقا كىرگەن كوماندىلار بىۋاستە قاتنىشىدۇ  1996 - يىلى ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ پۇتبول مۇسابىقىسىگە  ئاياللار پۇتبول تۈرى كىرگۈزۈلگەن . ئولىمپىك ئەرلەر پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ قاتنىشىدىغان كوماندا سانى ئىزچىل مۇقىم ئەمەس بولۇپ،  كۆپ بولغاندا 25دۆلەت، ئاز بولغاندا 11دۆلەت قاتناشقان بولۇپ، 1980-يىلى موسكىۋا ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدىن باشلاپ  16دۆلەت مۇقىم قاتنىشىدىغان قىلىپ بىكىتىلدى.  ئاياللار پۇتبول مۇسابىقىسىدە 1996-يىلى ئاتلانتا تەنھەرىكەت يىغىنى ۋە 2000-يىلى سېدنىي تەنھەرىكەت يىغىنىدا  8دۆلەت قاتناشقان، 2004-يىلى ئافېنا ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا 10دۆلەت قاتناشقان، 2008-يىلى بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدىن باشلاپ 12دۆلەت قاتنىشىدىغان قىلىپ بىكىتىلدى.  

    بىلىۋېلىڭ.....

  ئەڭ غەلىتە ئىشلار
  گەرچە 1900 – يىل پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ۋە 1904 - يىلى سان لۇئىس ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا ، پۇتبول تۈرى بولسىمۇ لېكىن شۇ ۋاقىتتىكى مۇسابىقە تۈزۈلۈشى بىلەن بۈگۈنكىسى   ئالاھىدە پەرىقلىنەتتى . ئۇ چاغدا ، قاتناشقان كوماندىلارنىڭ ھەممىسى كۇلۇبلار بولۇپ  بەزىبىر   كوماندىلاردا ھەتتا ئوخشاش بولمىغان ۋەكىللەر ئۆمىكى توپچىلىرىدىن «كۆپ دۆلەت » شەكلىدە تەشكىللىنىپ قاتناشقان ، 1908 - يىل لوندون ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا بۇ ئىشقا خاتىمە بېرىلگەن .  

   تۇنجى توپ
   دانىيەلىك ماھىر نىلىس مىدىلوبى فىرانسىيە B كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىنىڭ 10-مىنۇتىدا ئۇرغان.

  تۇنجى قالپاق كىيگەن  توپچى
  1908-يىلى تۇنجى نۆۋەتلىك ئولىمپىك پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ رەسمىي تۈرىدە، دانىيەلىك ماھىر ۋىليام ۋولفاگىن فىرانسىيە ب كوماندا بىلەن بولغان مۇسابىقىدە 4توپ ئۇرغان بولۇپ  ھەم بۇ ئۇنىڭ ئولىمپىك پۇتبول تارىخىدىكى تۇنجى بولۇپ قالپاق كىيگەن توپچى ھېسابلىنىدۇ.

   ئەڭ كۆپ قاتناشقان ماھىر
  شىۋىتسىيەلىك ماھىر كارىيىن، 1908-يىلى، 1912-يىلى، 1916-يىلى، 1920-يىلى ۋە 1924-يىلى ئولىمپىك پۇتبول مۇسابىقىسىگە ئۇدا 5نۆۋەت  ئەڭ كۆپ  قاتناشقان ماھىر ھېسابلىنىدۇ.
       
  ئەڭ كۆپ مەيدانغا چىققان ماھىر
  ۋېنگېرىيەلىك 4ماھىر بولۇپ، ئۇلار لاۋىز، ماكلاۋېس، ئانتار ۋە داسوزې بولۇپ،  1968-يىلى ۋە 1972-يىلىدىكى ئىككى نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە 13مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشقان.  

  مەرگەنلەر
  ئولىمپىك پۇتبول مۇسابىقە تارىخىدا ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزگەن ماھىردىن ھازىرغا قەدەر ئىككىسى بار بولۇپ، ئۇلار دانىيەلىك ماھىر سوفېس ۋە ۋېنگىرىيلىك ماھىر ئانتال بولىدۇ.
دانىيەلىك ماھىر سوفېس 1908-يىلى ۋە 1912-يىلىدىكى ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە جەمئىي 13توپ كىرگۈزگەن.
ۋېنگىرىيلىك ماھىر ئانتار 1968-يىلى ۋە 1972-يىلىدىكى ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە ئوخشاشلا 13 توپ كىرگۈزگەن.
ۋېنگىرىيىلىك ماھىر فىرانىك 1964-يىلىدىكى ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە جەمئىي 12توپ كىرگۈزگەن.

  بىر مەيداندا ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزگەن توپچى
دانىيەلىك ماھىر سوفېس 1908-يىلى فىرانسىيە بىلەن بولغان مۇسابىقىدە 10توپ كىرگۈزگەن.
گېرمانىيەلىك ماھىر گىرىد فېرىد 1912-يىلى چاررۇسىيە بىلەن بولغان مۇسابىقىدە ئوخشاشلا 10توپ كىرگۈزۈپ سوفېسنىڭ رىكورتى بىلەن تەڭلەشكەن.

تۆت كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا ئەڭ كۆپ كىرگەن دۆلەت : سابىق يۈگۈسلاۋىيە  (6قېتىم)  ، ئىتالىيە (6قېتىم )، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى كوماندىسى (5قېتىم)
  
  ئەڭ كۆپ ھەل قىلغۇچقا كىرگەن كوماندا
  سابىق يۈگۈسلاۋىيە كوماندىسى   1948 - يىلىدىن 1960-يىلىغىچە بولغان مۇسابىقىدە ئۇدا 4 قېتىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرگەن.

   ئەڭ كۆپ چىمپىئون بولغان كوماندا
   ۋېنگىرىيە كوماندىسى 3 قېتىم چىمپىئون بولغان.

   ئۇدا ئىككىنچى بولغان كوماندا
    سابىق يۈگۈسلاۋىيە كوماندىسى  1948 - يىلىدىن 1956-يىلىغىچە  ئۇدا 3قېتىم ئىككىنچى بولغان.

   ئەڭ كۆپ توپ كىرىش
2000-يىلدىكى سىدنىي ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە 32مەيداندا 102توپ كىرگەن.

   ئەڭ كۆپ توپ كىرگەن مۇسابىقە
  1908-يىلى دانىيە  17-1 نەتىجە بىلەن فىرانسىيە A كوماندىسى جەمئىي 18توپ كىرگەن.

    OA001.png

   OA0002.png

   0A004.png

OA005.png

OA003.png


   1908 London.png
   1908-يىلى لوندۇن ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا، پۇتبول رەسمىي مۇسابىقە تۈرىدە مەيدانغا چىقتى. تۇنجى نۆۋەتلىك بۇ مۇسابىقىگە  ساھىبخان ئەنگىلىيە، دانىيە، گوللاندىيە، شىۋىتسىيە ۋە فىرانسىيەدىن ئىككى كوماندا بولۇپ جەمئىي 8كوماندا قاتناشتى. 10-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن 24-كۈنىگىچە ئېلىپ بېرىلغان مۇسابىقىدە، 4كۈن ئىچىدە دانىيە كوماندىسى 9-0 نەتىجە بىلەن فىرانسىيە ب كوماندىسى، ئەنگلىيە كوماندىسى 12 – 1 شىۋىتسىيە، دانىيە  17-1 فىرانسىيە ئا كوماندىسىىنى يۇقىرى نومۇر پەرىق بىلەن ئۇتتى. 24-ئۆكتەبىر ئېلىپ بېرىلغان ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە 8000دىن ئارتۇق تاماشبىن نەق مەيداندا كۆردى. ساھىبخان ئەنگلىيە كوماندىسى 2-0 نەتىجە دانىيە كوماندىسىنى يېڭىپ تۇنجى قېتىملىق ئولىمپىك پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ چىمپىئونى بولدى.  دانىيەلىك ماھىر سوفېس فىرانسىيە بىلەن بولغان مۇسابىقىدە 10توپ كىرگۈزۈپ، ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزگەن ماھىر بولۇپ قالدى.

1912 STC.png
  1912-يىلى شىۋىتسىيەنىڭ سىتوكھولىمدا ئۆتكۈزۈلگەن ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى پۇتبول مۇسابىقىسىگە ساھىبخان شىۋىتسىيە، گېرمانىيە، ئەنگلىيە، دانىيە، ئىتالىيە، ئاۋستىرىيە، نورۋىگىيە، ۋېنگىرىيە، گوللاندىيە، فىنلاندىيە، چاررۇسىيە قاتارلىق 11كوماندا قاتناشتى. مۇسابىقە 29-ئىيۇندىن 4-ئىيۇلغىچە ئېلىپ بېرىلدى. ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئەنگىلىيە ۋە دانىيە كوماندىلىرى 4يىلدىن كېيىن ئىككىنچى قېتىم ئۇچراشتى. ئاخىرىدا ئەنگلىيە كوماندىسى 4-2 نەتىجە دانىيە كوماندىسىنى يېڭىپ ئۇدا ئىككىنچى قېتىم ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ چىمپىئونلىق ئالتۇن مېدالىنى قولغا كەلتۈردى. بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە گېرمانىيەلىك ماھىر گىرىد فېرىد چاررۇسىيە بىلەن بولغان مۇسابىقىدە 10توپ كىرگۈزدى.

1916-يىلى ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ ساھىبخانى گېرمانىيەنىڭ بېرلىن شەھىرى بولۇپ ئەمما  1-دۇنيا ئۇرۇشى پارتلاش سەۋەبلىك ئۆتكۈزۈلمىدى.

1920 Ant.png
  1920-يىلى بىلگىيەنىڭ ئانتۋېرىپ ئۆتكۈزۈلگەن  ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى پۇتبول مۇسابىقىسى  28-ئاۋغۇستتىن 5-سىنتەبىرگىچە ئېلىپ بېرىلدى. ئىككى نۆۋەت چىمپىئون ئەنگىلىيە كوماندىسى تۇنجى مەيداندا 3-1 نەتىجە بىلەن نورۋىگىيەگە ئۇتتۇرۇپ شاللىنىپ كەتتى.  بىلگىيە كوماندىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئىسپانىيە كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ قىلىپ چىمپىئونلوقنى قولغا كەلتۈردى. شىۋىتسىيە كوماندىسىدىكى خۇبېت كارسېن گىرىتسىيە كوماندىسىدىكى مۇسابىقىدە 5توپ كىرگۈزۈپ، ئەڭ مۇنەۋۋەر مەرگەن بولدى.

قاتناشقان دۆلەتلەر: بىلگىيە، ئىسپانىيە، مىسىر، سابىق چېخىسلاۋكىيە، سابىق يۈگۈسلاۋىيە، دانىيە، فىرانسىيە، ئەنگىلىيە، گىرىتسىيە، ئىتالىيە، لىيۇكسىمبۇرۇگ، گوللاندىيە، نورۋىگىيە، شىۋىتسىيە.

1924 PARIS.png
  1924-يىلى فىرانسىيەنىڭ پارىژ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن  ئولىمپىك تەنھەرىكەت پۇتبول مۇسابىقىسىگە 22دۆلەت قاتناشتى. مۇسابىقە 25-مايدىن 9-ئىيۇنغىچە ئېلىپ بېرىلدى. تۇنجى بولۇپ قاتناشقان تۈركىيە كوماندىسى بىرىنچى باسقۇچلۇق مۇسابىقىدە 2-5 نەتىجە بىلەن چېخىسلاۋكىيە كوماندىسى تەرىپىدىن شاللىنىپ كەتتى. ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئۇرۇگۋاي بىلەن شىۋىتسارىيە كوماندىسى ئۇچراشتى. ئۇرۇگۋاي كوماندىسى 3-0 نەتىجە بىلەن رەقىبىنى مەغلۇپ قىلىپ چىمپىئونلۇق ئالتۇن مېدالىنى قولغا كەلتۈردى.

قاتناشقان دۆلەتلەر: فىرانسىيە، ئامېرىكا، ئۇرۇگۋاي، مىسىر، تۈركىيە، بىلگىيە، بۇلغارىيە، سابىق چېخىسلاۋكىيە، ئىستۇنىيە،ئىتالىيە، ۋېنگىرىيە، لاتۋىيە، لىيۇكسىمبۇرۇگ، لىتۋانىيە، پولشا، گوللاندىيە، شىمالىي ئېرلاندىيە، رومىنىيە، ئىسپانىيە، شىۋىتسىيە، سابىق يۇگۇسلاۋىيە، شىۋىتسارىيە.  

1928 AMST.png
  1928-يىلى گوللاندىيەنىڭ ئامېستىردامدا ئۆتكۈزۈلگەن ئولىمپىك پۇتبول مۇسابىقىسىگە 17دۆلەت قاتناشتى. مۇسابىقە 28-مايدىن 13-ئىيۇنغىچە ئېلىپ بېرىلدى.  تۇنجى بولۇپ قاتناشقان ئارگېنتىنا كوماندىسى بىرىنچى باسقۇچلۇق مۇسابىقىدە 11-2 نەتىجە بىلەن ئامېرىكا كوماندىسىنى يەر چىشلەتتى. گېرمانىيە كوماندىسى 4-0 نەتىجە ئالدىنقى نۆۋەتلىك كۈمۈش مىدال كوماندا شىۋىتسارىيەنى شاللىۋەتتى. ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ئۇرۇگۋاي كوماندىسى 2-1 نەتىجە بىلەن ئارگېنتىنا كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ ئۆزلىرىنىڭ تۇنجى ئالتۇن مېدالنى قولغا كەلتۈردى. ئىتالىيە كوماندىسى 11-3 نەتىجە بىلەن مىسىر كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ مىس مېدالغا ئېرىشتى.

قاتناشقان دۆلەتلەر: گېرمانىيە، گوللاندىيە، مىسىر، بىلگىيە، فىرانسىيە، ئىتالىيە، لىيۇكسىمبۇرۇگ، پورتىگالىيە، ئىسپانىيە، شىۋىتسارىيە، تۈركىيە،سابىق يۇگۇسلاۋىيە، مېكسىكا، ئامېرىكا، ئارگېنىتىنا، چىلى، ئۇرۇگۋاي


  دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ مەيدانغا كېلىشى تەسىر كۈچى بىلەن خەلقئارا ئولىمپىك كوممېتىتى 1932-يىلىدىكى ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا پۇتبول مۇسابىقىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى قارار قىلدى. 1936-يىلى بېرلىن ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا كەلگەندە، گېرمانىيە تەرەپنىڭ كۈچلۈك تەلەپ قىلىشى بىلەن بۇ تۈر قايتىپ كەلدى.

   1936 BERLIN.png
  1936-يىلى گېرمانىيە بېرلىن ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى پۇتبول مۇسابىقىسىسىگە 16دۆلەت قاتناشتى. مۇسابىقە 3-ئاۋغۇستتىن 15-ئاۋغۇستقىچە ئېلىپ بېرىلدى. بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە ئاسىيا رايۇنىدىن ياپونىيە بىلەن دۆلىتىمىز كوماندىسى ۋەكىل بولۇپ قاتناشتى. گەرچە دۆلىتىمىز كوماندىسى بىرىنچى باسقۇچلۇق مۇسابىقىدە 2-0 نەتىجە بىلەن ئەنگىلىيە تەرىپىدىن شاللىۋىتىلگەن بولسىمۇ،  بۇ دۆلىتىمىز كوماندىسىنىڭ تۇنجى بولۇپ ئولىمپىكتىن ئىبارەت خەلقئارالىق پۇتبول مۇسابىقىسىگە تۇنجى قەدەم بېسىشى ھېسابلىنىدۇ.

قاتناشقان دۆلەتلەر: گېرمانىيە، ئىتالىيە، ياپونىيە، جۇڭگۇ، ئاۋسترىيە، نورۋىگىيە،تۈركىيە، ئامېرىكا، لىيۇكسىمبۇرۇگ، مىسىر، پولشا، ۋېنگىرىيە، ئەنگىلىيە، پىرۇ،فىنلاندىيە، شىۋىتسىيە؛

1948 LONDOM.png
2-دۇنيا ئۇرۇشى سەۋەبلىك 12يىل توختىغان ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ئەسلىگە كەلدى.يېڭى ساھىبخانلىق 40يىلدىن كېيىن ئىككىنچى قېتىم، لوندۇننىڭ قولىغا قايتىپ كەلدى. مۇسابىقىگە 18دۆلەت قاتناشتى. دۆلىتىمىز كوماندىسى ئىككىنچى قېتىملىق قاتنىشىش شەرىپىگە ئېرىشتى. ئافغانىستان، كورىيە، ھىندىستان  كوماندىلىرى تۇنجى قېتىم ئولىمپىكتىن ئىبارەت خەلقئارالىق پۇتبول سەھنىسىگە قەدەم قويدى. ئاسىيادىكى كوماندىلاردىن 3كوماندا بىرىنچى باسقۇچلۇق مۇسابىقىدە شاللىنىپ كەتتى. ھىندىستان كوماندىسىدىكى رامان دۆلەت كوماندىسىدىكى تۇنجى  خەلقئارالىق توپىنى ئۇردى. كورىيە كوماندىسى 5-3 نەتىجە بىلەن مېكسىكا كوماندىسىنى شاللىۋەتتى. گەرچە ئىككىنچى باسقۇچلۇق مۇسابىقىدە يۇقىرى نومۇر پەرىق بىلەن شىۋىتسىيە كوماندىسىغا ئۇتتۇرۋەتكەن بولسىمۇ، ئەمما كورىيە كوماندىسى ئاسىيا قىتئەسىگە تۇنجى قېتىمدىلا ياخشى نەتىجە ئېلىپ بەردى.  شىۋىتسىيە كوماندىسى ئاخىرىدا 3-1 نەتىجە سابىق يۈگۈسلاۋىيە كوماندىسىنى ئۇتۇپ چىمپىئونلۇق ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى. دانىيە كوماندىسى ئۈچىنچى بولۇپ مىس مىدالغا ئېرىشتى.

قاتناشقان دۆلەتلەر: ئەنگلىيە، جۇڭگۇ، ئافغانىستان، ھىندىستان، تۈركىيە، مىسىر، كورىيە، ئاۋستىرىيە، دانىيە، فىرانسىيە، ئەنگىلىيە، ئىتالىيە، لىيۇكسىمبۇرگ، گوللاندىيە، شىمالىي ئېرلاندىيە، شىۋىتسىيە، سابىق يۈگۈسلاۋىيە، مېكسىكا، ئامېرىكا؛

1952 HEL.png
1952-يىلى خېلىسىنكى ئولىمپىك پۇتبول مۇسابىقىسىگە 25دۆلەت قاتناشقان بولۇپ، بۇ ئولىمپىك تارىخىدىكى ئەڭ كۆپ كوماندا قاتناشقان پۇتبول مۇسابىقىسى ھېسابلىنىدۇ.  مۇسابىقە 15-ئىيۇلدىن 2-ئاۋغۇستقىچە ئېلىپ بېرىلدى. ۋېنگىرىيە كوماندىسى ئاخىرىدا 2-0 نەتىجە سابىق يۈگۈسلاۋىيە كوماندىسىنى ئۇتۇپ ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى. پۇسكاش باشچىلىقىدىكى ۋېنگىرىيە كوماندىسى بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە 5مەيدان ئۇدا غەلبە قىلىپ، 20توپ كىرگۈزۈشتەك نەتىجە ياراتتى.

  قاتناشقان دۆلەتلەر: فىنلاندىيە، مىسىر، تۈركىيە، ھىندىستان، ئامېرىكا، بىرازىلىيە، چىلى، ئاۋستىرىيە، فىرانسىيە، دانىيە، ئەنگىلىيە، بۇلغارىيە، پولشا، سابىق يۈگۈسلاۋىيە، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى، رومىنىيە، شىۋىتسىيە، نورۋىگىيە، لىيۇكسىمبۇرۇگ، فىدراتىپ گېرمانىيە، گوللاندىيە، ئىتالىيە، گىرىتسىيە، گوللاندىيەگە تەۋە ئانتىلاتىس ئارىلى؛

   1956 Mel.png
  1956-يىلى مىللىبۇرۇندا ئۆتكۈزۈلگەن ئولىمپىك پۇتبول مۇسابىقىسىگە 11دۆلەت قاتناشتى. ئاسىيادىن 3قېتىم قاتناشقان ھىندىستان كوماندىسى 1-باسقۇچلۇق مۇسابىقىدە 4-2 نەتىجە بىلەن ئاۋستىرالىيە كوماندىسىنى شاللاپ، كوماندا تارىخىدىكى تۇنجى غەلبىسىنى قولغا كەلتۈردى. شۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە نېۋىللى سوززا 3توپ ئۇرۇپ، ھىندىستان كوماندىسىنىڭ  تۇنجى قالپاق كىيگەن توپچىسى بولۇپ قالدى. ھىندىستان كوماندىسى ئاخىرىدا تۆتىنچى بولۇپ،ئاسىيا كوماندىلىرى ئىچىدە تۇنجى بولۇپ تۆت كۈچلۈككە كىرىشتەك ياخشى نەتىجە ياراتتى.

قاتناشقان دۆلەتلەر: ئاۋستىرالىيە، ھىندىستان، تايلاند، ھىندونىزىيە، ياپونىيە، ئامېرىكا، بۇلغارىيە، فىدارتىپ گېرمانىيە، ئەنگىلىيە، سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى، سابىق يۈگۈسلاۋىيە؛

1960 ROMA.png
1960-يىلى رىم ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى، بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىگە 14دۆلەت قاتناشتى. مۇسابىقە 26-ئاۋغۇستتىن 10-سىنتەبىرگىچە ئېلىپ بېرىلدى. بۇ نۆۋەتلىك پۇتبول مۇسابىقىسىدىن باشلاپ،  چەك تارتىپ گۇرۇپپىغا ئايرىش تۈزۈمى بىكىتىلدى. 16دۆلەت تۆت گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ مۇسابىقىلەشتى. كەسكىن مۇسابىقىلىشىش ئارقىلىق ئاخىرىدا سابىق يۈگۈسلاۋىيە كوماندىسى بىلەن دانىيە كوماندىسى ھەل قىلغۇچتا ئۇچراشتى. ئاخىرىدا سابىق يۈگۈسلاۋىيە كوماندىسى 3-1 نەتىجە بىلەن رەقىبنى مەغلۇپ قىلىپ چىمپىئون بولدى. سابىق يۈگۈسلاۋىيە كوماندىسى ئولىمپىك تارىخىدىكى ئۇدا 4 قېتىم ھەل قىلغۇچقا كىرىشتەك يېڭى تارىخ ياراتتى.

A گۇرۇپ: تۈركىيە  مىسىر   بۇلغارىيە  سابىق يۈگۈسلاۋىيە
B گۇرۇپ: ئىتالىيە  بىرازىلىيە  ئەنگىلىيە   جۇڭخۇا تەيبىي
C گۇرۇپ: دانىيە ئارگېنتىنا  پولشا   تۇنىس
D گۇرۇپ:  ۋېنگىرىيە فىرانسىيە  پىرۇ ھىندىستان

1964 Tokyo.png
  1964-يىلى توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى، بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىگە 14دۆلەت قاتناشتى. مۇسابىقە 11-ئۆكتەبىر 23-ئۆكتەبىرگىچە ئېلىپ بېرىلدى.

A گۇرۇپ : دېمۇكراتىك گېرمانىيە  رومىنىيە  مېكسىكا  ئىران
B گۇرۇپ: ۋېنگىرىيە  سابىق يۈگۈسلاۋىيە  ماراكەش
C گۇرۇپ: سابىق چېخىسلاۋكىيە  مىسىر  بىرازىلىيە  كورىيە
D گۇرۇپ: ياپونىيە گانا ئارگېنتىنا

1968 Mexico.png
1968-يىلى ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى مېكسىكا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. پۇتبول مۇسابىقىسىگە 16دۆلەت قاتناشتى. مۇسابىقە 13-ئۆكتەبىردىن 26-ئۆكتەبىرگىچە ئېلىپ بېرىلدى. ۋېنگىرىيە كوماندىسى ئۈچىنچى قېتىملىق چىمپىئونلۇقنى قولغا كەلتۈردى. شۇنداقلا ئولىمپىك تارىخىدىكى ھازىرغا قەدەر ئەڭ كۆپ چىمپىئون بولغان كوماندا ھېسابلىنىدۇ.

A گۇرۇپ : مېكسىكا  فىرانسىيە  كولۇمبىيە  گىۋىنىيە
B گۇرۇپ: ئىسپانىيە  بىرازىلىيە  ياپونىيە  نېگىرىيە
C گۇرۇپ: ۋېنگىرىيە  گانا  سالۋادور  ئىسىرائىلىيە
D گۇرۇپ: بۇلغارىيە گىۋاتىمالا  سابىق چېخىسلاۋكىيە  تايلاند

1972.png
  1972-يىلى مىيۇنخىن ئولىمپىك پۇتبول مۇسابىقىسى 27-ئاۋغۇستتىن 10-سىنتەبىرگىچە ئۆتكۈزۈلدى.
A گۇرۇپ: فىدىراتىپ گېرمانىيە  ماراكەش  مالايسىيا  ئامېرىكا
B گۇرۇپ: مېكسىكا  سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى سۇدان  بېرما  
C گۇرۇپ: ۋېنگىرىيە  دانىيە ئىران بىرازىلىيە
D گۇرۇپ: پولشا دېمۇكراتىك گېرمانىيە  كولۇمبىيە  گانا

1976.png
   1976-يىلى مونتىرول ئولىمپىك پۇتبول مۇسابىقىسى 18-ئىيۇلدىن 31-ئىيۇلغىچە ئۆتكۈزۈلدى. سىياسىي ئىشلار سەۋەبىدىن ئافرىقىدىكى نېگىرىيە، زامبىيە، گانا كوماندىلىرىنىڭ قاتنىشىشى چەكلەندى.

A گۇرۇپ: دېمۇكراتىك گېرمانىيە  بىرازىلىيە   ئىسپانىيە
B گۇرۇپ: فىرانسىيە مېكسىكا  ئىسىرائىلىيە  گىۋاتىمالا
C گۇرۇپ:   پولشا      ئىران   كۇبا
D گۇرۇپ:  سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى  چاۋشىيەن  كانادا

1980.png
1980-يىلى ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى موسكىۋا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئافغانىستانغا كىرىشى ھەم ئامېرىكا ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىشلەر سەۋەبىدىن ئامېرىكا زۇڭتۇڭى جامىس كارت بۇيرۇق چۈشۈرۈپ ئامېرىكا كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىگە قاتنىشىشنى چەكلىدى.
مۇسابىقە 20-ئىيۇلدىن 2-ئاۋغۇستقىچە ئۆتكۈزۈلدى.

A گۇرۇپ: سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى  كۇبا  ۋېنزوئېللا    زامبىيە
B گۇرۇپ: سابىق چېخىسلاۋكىيە  كۈۋەيىت   كولۇمبىيە  نېگىرىيە
C گۇرۇپ: دېمۇكراتىك گېرمانىيە  ئالجىرىيە ئىسپانىيە  سۈرىيە
D گۇرۇپ: سابىق يۈگۈسلاۋىيە  ئېراق   فىنلاندىيە  كوستارىكا

1984.png
  1984-يىلى لوس-ئانجىلىس ئولىمپىك پۇتبول مۇسابىقىسى 29-ئىيۇلدىن 11-ئاۋغۇستقىچە ئۆتكۈزۈلدى. بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدىن باشلاپ مۇنەۋۋەر ماھىرلار ۋە FIFA ئادىل مۇسابىقىلىشىش مۇكاپاتى تەسىس قىلىندى.

A گۇرۇپ: فىرانسىيە  چىلى  نورۋىگىيە   قاتار
B گۇرۇپ: سابىق يۈگۈسلاۋىيە  كانادا   كامېرون  ئېراق
C گۇرۇپ: بىرازىلىيە  فىدىراتىپ گېرمانىيە  ماراكەش  سەئۇدىي ئەرەبىستان
Dگۇرۇپ:  ئىتالىيە   مىسىر    ئامېرىكا     كوستارىكا

مۇنەۋۋەر ماھىرلار: بورىسلاۋ (سابىق يۈگۈسلاۋىيە)، دېۋىرىك (سابىق يۈگۈسلاۋىيە)، شۆرىب (فىرانسىيە)؛
ئادىل مۇسابىقىلىشىش مۇكاپاتى: فىرانسىيە كوماندىسى

1988.png
  1988-يىلى سېئول ئولىمپىك پۇتبول مۇسابىقىسى 17-سىنتەبىردىن 1-ئۆكتەبىرگىچە ئۆتكۈزۈلدى. دۆلىتىمىز كوماندىسى 40يىلدىن كىيىن ئۈچىنچى قېتىم قاتنىشىش سالاھىيتىگە ئېرىشتى. گەرچە گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ ئالدىنقى ئىككى مەيدانىدا ئۇتتۇرۋىتىپ شاللانغان بولسىمۇ، ئاخىرقى ئايلانما مۇسابىقىسىدە تۇنىس كوماندىسى بىلەن 0-0 تەڭلىشىپ ئولىمپىك پۇتبول تارىخىدىكى تۇنجى  1نومۇرنى قولغا كەلتۈردى.

A گۇرۇپ: فىدىراتىپ گېرمانىيە  شىۋىتسىيە    تۇنىس    جۇڭگۇ
B گۇرۇپ:  زامبىيە    ئىتالىيە   ئېراق   گىۋاتىمالا
C گۇرۇپ: ئارگېنتىنا   سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى  كورىيە   ئامېرىكا
D گۇرۇپ : بىرازىلىيە  ئاۋستىرالىيە  سابىق يۈگۈسلاۋىيە  نېگىرىيە

مۇنەۋۋەر ماھىر: رومارىيو (بىرازىلىيە)
ئادىل مۇسابىقىلىش مۇكاپاتى: فىدىراتىپ گېرمانىيە كوماندىسى

1992.png
1992-يىلى بارسېلونا ئولىمپىك پۇتبول مۇسابىقىسى 24-ئىيۇلدىن 8-ئاۋغۇستىقىچە ئۆتكۈزۈلدى.

A گۇرۇپ : پولشا  ئىتالىيە   ئامېرىكا   كۈۋەيىت
B گۇرۇپ:  ئىسپانىيە  قاتار  مىسىر  كولۇمبىيە
C گۇرۇپ: شىۋىتسىيە  پاراگۋاي  كورىيە  ماراكەش
D گۇرۇپ:  گانا ئاۋستىرالىيە  مېكسىكا  دانىيە

مۇنەۋۋەر ماھىر: جوسكوۋايىك (پولشا)
ئادىل مۇسابىقىلىش مۇكاپاتى: شىۋىتسىيە كوماندىسى


   1996.png
1996-يىلى ئاتلانتا ئولىمپىك پۇتبول مۇسابىقىسى 20-ئىيۇلدىن 3-ئاۋغۇستقىچە ئۆتكۈزۈلدى. نېگىرىيە كوماندىسى ئولىمپىك پۇتبول تارىخىدىكى تۇنجى قېتىم چىمپىئون بولغان ئافرىقا كوماندىسى ھېسابلىنىدۇ.

A گۇرۇپ : ئارگېنتىنا   پورتىگالىيە   ئامېرىكا  تۇنىس
B گۇرۇپ:  فىرانسىيە  ئىسپانىيە  ئاۋستىرالىيە  سەئۇدىي ئەرەبىستان
C گۇرۇپ: مېكسىكا  كورىيە  ئىتالىيە  گانا
D گۇرۇپ:  نېگىرىيە  بىرازىلىيە  ياپونىيە  پاراگۋاي

مۇنەۋۋەر ماھىر: بېبىتو (بىرازىلىيە)
ئادىل مۇسابىقىلىش مۇكاپاتى: ئارگېنتىنا كوماندىسى

2000.png
2000-يىلى يېڭى ئەسىردىكى سېدنىي ئولىمپىك پۇتبول مۇسابىقىسى 13-سىنتەبىردىن 30-سىنتەبىرگىچە ئۆتكۈزۈلدى. 32مەيدان مۇسابىقىدە 102 توپ كىرگەن بولۇپ، بۇ ئولىمپىك پۇتبول مۇسابىقىسى تارىخىدىكى ئەڭ كۆپ توپ كىرگەن مۇسابىقە ھېسابلىنىدۇ. كامېرون كوماندىسى نېگىرىيەدىن كىيىن ئىككىنچى قېتىم چىمپىئون بولغان ئافرىقا كوماندىسى بولدى.

A گۇرۇپ: ئىتالىيە  نېگىرىيە   ھوندىراس   ئاۋستىرالىيە
B گۇرۇپ: ئىسپانىيە  چىلى  كورىيە  ماراكەش
C گۇرۇپ: ئامېرىكا  كۈۋەيت   كامېرون  چېخ
D گۇرۇپ: بىرازىلىيە  ياپونىيە  سىلۋاكىيە جەنۇبىي ئافرىقا

مۇنەۋۋەر ماھىر: زامرونا (چىلى)
ئادىل مۇسابىقىلىش مۇكاپاتى: بىرازىلىيە كوماندىسى

2004.png
  2004-يىلى 108يىلدىن كىيىن  ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ ئانا ماكانى بولغان ئافىناغا قايتىپ كەلدى. پۇتبول مۇسابىقىسى 11-ئاۋغۇستتىن
28-ئاۋغۇستقىچە ئۆتكۈزۈلدى. ئارگېنتىنا كوماندىسى 17توپ ئۇرۇپ بىرمۇ توپ كەتكۈزمەسلىكتەك ياخشى نەتىجە بىلەن ئولىمپىك پۇتبولىنىڭ تۇنجى چىمپىئون بولدى.

A گۇرۇپ: گىرىتسىيە       مالى   كورىيە      مېكسىكا
B گۇرۇپ: پاراگۋاي    ئىتالىيە    گانا   ياپونىيە
C گۇرۇپ:  ئارگېنتىنا     ئاۋستىرالىيە  تۇنىس  سېربىيە ۋە قاراتاغ
D گۇرۇپ: ئېراق  كوستارىكا  ماراكەش   پورتىگالىيە

مۇنەۋۋەر ماھىر:  تېۋىز (ئارگېنتىنا)
ئادىل مۇسابىقىلىش مۇكاپاتى: ئارگېنتىنا كوماندىسى، ئېراق كوماندىسى

2008.png
   2008-يىلى ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا  پۇتبول رەسمىي تۈر قىلىپ بىكىتىلگەن شانلىق 100يىلى بولۇپ. مۇسابىقە 6-ئاۋغۇستتىن 23-ئاۋغۇستقىچە ئۆتكۈزۈلدى.  دۆلىتىمىز كوماندىسى ساھىبخانلىق سالاھىيتى بىلەن 4-قېتىم قاتنىشىش شەرىپىگە ئېرىشتى. گەرچە گۇرۇپپىدىن چىقالمىغان بولسىمۇ،  تۈنجى مەيدان مۇسابىقىدە يېڭى زىللاندىيە بىلەن 1-1 نەتىجە بىلەن تەڭلەشتى.  دوڭفاڭجو دۆلىتىمىز كوماندىسىنىڭ ئولىمپىك پۇتبول تارىخىدىكى تۇنجى توپىنى ئۇرغان ماھىر بولدى.
  
A گۇرۇپ:  ئارگېنتىنا     كوتېدىئور    ئاۋستىرىيە    سېربىيە
B گۇرۇپ:  نېگىرىيە    گوللاندىيە   ئامېرىكا   ياپونىيە
C گۇرۇپ: بىرازىلىيە  بىلگىيە   جۇڭگۇ    يېڭى زىللاندىيە
D گۇرۇپ: ئىتالىيە  كامىرون    كورىيە    ھوندىراس

مۇنەۋۋەر ماھىر: روسسى  (ئىتالىيە)
ئادىل مۇسابىقىلىش مۇكاپاتى: كوتېدىئور كوماندىسى

2012.png
   2012-يىلى ئولىمپىك پۇتبول مۇسابىقىسى 26-ئىيۇلدىن 11-ئاۋغۇستقىچە ئۆتكۈزۈلدى. ئۇدا ئىككى نۆۋەتلىك ئالتۇن مېدال چىمپىئونى ئارگېنىتىنا كوماندىسى قاتنىشىش سالاھىيتىگە ئېرىشەلمىدى. بىرازىلىيە كوماندىسى 1988-يىلىدىن كىيىن 3-قېتىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قەدەم قويدى. پوتبول شاھى دەپ نامى بار  بىرازىلىيە كوماندىسى تارىختا ئولىمپىكنىڭ پۇتبول تۈرىدە چىمپىئونلوقىنى قولغا كەلتۈرۈپ باقمىغان بولۇپ،  بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە  چىمپىئونلۇقنى مېكسىكىغا
تارتقۇزۇپ قويدى.

A گۇرۇپ: ئەنگىلىيە   سېنگال   ئۇرۇگۋاي   ئەرەب بىرلەشمە خەلپىلىكى
B گۇرۇپ: مېكسىكا   كورىيە   گابون   شىۋىتسارىيە
C گۇرۇپ: بىرازىلىيە  مىسىر   بىلروسىيە   يېڭى زىللاندىيە
D گۇرۇپ: ياپونىيە  ھوندىراس   ماراكەش ئىسپانىيە

مۇنەۋۋەر ماھىر: دامىئو (بىرازىلىيە)
ئادىل مۇسابىقىلىش مۇكاپاتى: ياپونىيە كوماندىسى

    ئاياللار پۇتبول تۈرى ھەققىدە

  1996-يىلى ھازىرقى زامان ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ  100يىللىق تارىخى شۇنداقلا پۇتبول مۇسابىقىسى رەسمىي تۈر قىلىپ بېكىتىلىپ 88 يىلدىن كىيىن، ئاياللار پۇتبول تۈرى قوشۇلدى. دۆلىتىمىز ئاياللار كوماندىسى تۇنجى قېتىم قېتىم قاتنىشىپلا ئىككىنچى بولۇپ،  كۈمۈش مىدال ساھىبى بولۇشتەك ياخشى نەتىجە ياراتتى.   ئامېرىكا كوماندىسى 4 قېتىم، نورۋىگىيە كوماندىسى 1 قېتىم چىمپىئون بولغان بولۇپ،  2004-يىلىدىن بۇيان ئامېرىكا كوماندىسى  ئۇدا 3 نۆۋەت چىمپئونلۇق ئالتۇن مىدالىنى قولغا كەلتۈردى.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 6مۇنبەر پۇلى +300 تۆھپە +10 شۆھرەت +10 تەجرىبە +10 يىغىش سەۋەبى
ھەقىقەت + 50 نادىر تېما
تۈمەن + 50 + 10 + 10 + 10 قالتىس!
9مۇرادىل + 50 نادىر تىما !
intezar11 + 50 نادىر تېمىغا بىر بېلە.
داۋىس + 50 قالتىس!
رىپىر + 50 قوللاش!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-12-8 17:45:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئولمپىك پۇتبول مۇسابىقىسى توغرىلىق خېلى كۆپ نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم ....رەھمەت سىزگە ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-12-8 17:52:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئ‍اران ئ‍وقۇپ بولدۇميا ھەقىقەتەن نادىر تىما بوپتۇ رەھمەت
ئاندرويىدتا يېزىلغانئاندرويىدتا يېزىلغان
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-12-8 18:40:35 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
2012 ــ يىلى بىرازىليە كوماندىسىدا مارسىلو بىلەن نىيمار بار ئىدى.  ا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-12-8 18:57:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دانىيە  17-1 فىرانسىيە
مىسىر10 - 0 كورىيە
سابىق يۇگۇسلاۋىيە 10-1 ھىندستان   

2012-يىلى لوندون ئولىمپىك پۇتبول مۇسابىقىسىدە مېكسىكا بىرازىليەنى ئۇتۇپ چىمپىيون بولدى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-12-8 18:59:30 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانا ئولىمپىك مۇسابقىسى توغىرسىدا بىلىمگە ئىگە بولدۇق رەھمەت تىما ئىگىسى  يازماي يازماي ئېسىل تىما تەقىدىم ،ئىتىپىسز مانا بىزبا يوقاپ كەتمىدۇق دەپ ھاردۇق چىققىدەك تېما ئەكەپسىلە  ھى  ھى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-12-8 19:30:26 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپ نەرسىلەرنى بىلۋالدىم ، ئەجىرلىك تىما بوپ  نادىرلاشقا بىر بىلەت كەتتى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-12-8 19:52:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانا مانا ئېسىل بىلىمدىن بىرسىگە ئىگە بولدۇم 12-ئايلىق نادېر تېمىغا بىر بېلەت كەتتى
ئاندرويىدتا يېزىلغانئاندرويىدتا يېزىلغان
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-12-8 20:01:52 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن نادىر تىما بوپتۇ، شۇنچە ئ‍ىزدەپمۇ بىرازىليەنىڭ بىرەر قىتىم ئ‍التۇن مىدال ئ‍الغان قۇرلىرىنى تاپالمىدىم ھەي
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-12-8 21:06:39 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇف ھەجەپ تەستە ئوقۇپ بولدۇم،قانداق زىرىكمەي تىرىكمەي يىزىپ بولغانسىز رەھمەت زەربىدار ئەجىرلىك تىما بوپتۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-12-8 21:27:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئ‍ۇلىمپىك پۇتبولى تۇغىرسىدا بىر مۇنچە بىلىمگە ئ‍ىگە بۇلۋالدىم
ئاندرويىدتا يېزىلغانئاندرويىدتا يېزىلغان
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-12-9 00:43:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنبەردىكى يەنە بىر بوشلۇق تولدۇرلۇپتۇ، لىكىن ئالامەت نەتىجىلەر بارلىقا كەپتىكەن. راستىنى دىسەم بۇ توغرۇلۇق تۈزۈك بىرنەرسىلەرنى بىلمەيتىم، مانا زەربىدارنىڭ تىمىسى ئارقىلىق بۇنىمۇ بىلىۋالدىم
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|دوختۇرخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2016-6-1 06:57

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش