elan ornielan orni
كۆرۈش: 837|ئىنكاس: 19

قەشقەر بىرلەشمىسى7- ئايلانما مۇسابىقە خەۋىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بوۋاي تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-12-8 00:43  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم . ھەممىڭلارنىڭ ھازىرقى ۋاقتى خەيرىلىك بولسۇن ، بوۋايدىن ھەممىڭلارغا ئوتلۇق سالام .

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنوم رايونلۇق مەدەنىيەت ئېدارىسى ، شىجاڭ پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى تەستىقلىغان ،  قەشقەر پۇقرالار دوختۇرخانىسى بىلەن قەشقەر جەسۇر ياش - ئۆسمۈرلەر پۇتبول تەربىيلەش بازىسى باش بولۇپ ئۇيۇشتۇرغان ، قەشقەر بىرلەشمىسى يەنى ‹‹ پوقرالار دوختۇرخانىسى جەسۇر لوڭقىسى ›› نى تالىشىش بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ 5-ئايلانمىسى ، 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى ۋە 12-ئاينىڭ 6-كۈنلىرى ، قەشقەر جەسۇر پۇتبول مەيدانىدا ئوينالدى  .
ئالدى بىلەن بۇ قېتىملىق بىرلەشمە مۇسابىقىنى ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتىن قوللىغان ئورۇن شەخىسلەرگە ، ھەپتە ئارلىقىدىكى قىممەتلىك ئارام ۋاقتىنى سەرىپ قىلىپ مۇسابىقە ئۈچۈن ئادىل ھەققەنى پۈشتەك چېلىپ كېلىۋاتقان رېپىرلار گۇرپىسىدىكى بارلىق خادىملارغا چىن دىلىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز . شۇنداقلا ئەزىزانە قەشقەر دېيارىدىكى بارلىق پۇتبول سۆيەر كىشىلەرنىڭ يېراق دېمەي مۇسابىقە كۆرۈش ۋە مەدەت بېرىش ئۈچۈن كېلىپ بەرگىنىگە چوڭقۇر تەشەككۈر ئېيتىمىز .

mmexport1449502637282.jpg

mmexport1449502639197.jpg

mmexport1449502635322.jpg


يۇقارقى سۈرەت سول تەرەپتىن 2- كىشى ( خىرۇم پەلتۇ كېيىۋالغان )  بۇ قىتىمقى قەشقەر بىرلەشمىسىنى ئىختىسادى جەھەتتىن ئالاھىدە قوللىغان قەشقەر پۇقرالار دوختۇرخانىسىنىڭ باش مەسئۇلى ، پۇتبۇل سۆيەر ساخاۋەتچى ئىمامجان مۇھەممەتئىمىن ئەپەندىم رىپىرلار بىلەن بىللە .

mmexport1449502633103.jpg

mmexport1449502623476.jpg

mmexport1449502621342.jpg

mmexport1449502625854.jpg

mmexport1449502627910.jpg

بۇ رەسىمدىكى بولسا قەشقەر جەسۇر پۇتبول مەيدانىنىڭ قۇرغۇچىسى ، ئەكبەر مۇئەللىم بىلەن دۆلەتىمىز  كوماندىسىغا تاللانغان ، خىنەن قۇرۇلۇش كوماندىسىدا توپ تىپىۋاتقان پەخىرلىك ئوغلانىمىز مىرەخمەت مۇزەپپەر بولىدۇ . مىرەخمەتجان بۇ قېتىم بىر ئايدىن ئارتۇق دەم ئىلىش پۇرسىتى بىلەن يۇرتىغا ئانا يۇرتىغا كەلگەن بولۇپ ، يېڭىشەھەر ناھيىسىدە مېھر - شەپقەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزگەندىن باشقا يەنە . قەشقەر بىرلەشمە مۇسابىقە مەيدانىدا ئىزچىل تۇرۇپ بىرلەشمىدىكى كەڭ پۇتبۇلچى ئەزىمەتلەرگە زور ئىلھاملارنى ئىلىپ كەلدى .
مىرەخمەتجان يەنە دەم ئېلىش ۋاقتىدىمۇ پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي يېقىن دوستى ئابلەتجان بىلەن ھەر كۈنى جەسۇر مەيدانىغا كېلىپ توختىماستىن مەشىق قىلىۋاتىدۇ . ھەمدە جەسۇر پۇتبول مەيدانىدا مەشىق قىلىشقا تىزىملىتىپ كىرگەن كىچىك دوسلارغا تېخنىكا ۋە بەدەن مەشىقى توغرىسىدا تەلىم بېرىشتەك ياخشى ئىشلارنى قىلغان . بىز ئوغلانىمىز مىرەخمەتجاننىڭ ئىشلىرىنىڭ بۇندىن كېيىنمۇ داۋاملىق ياخشى بولىشىنى ، تىرىشىپ مەشىق قىلىپ مىللىتىمىزنىڭ ئۇنىڭدىن كۈتكەن ئۈمىدىنى ئاقلىشىغا تىلەكداشمىز .



12- ئاينىڭ 5- كۈنى ( شەنبە ) كۈنىدىكى مۇسابىقىلەر .


داغدام كوماندىسى10-2 جەسۇر ئېمپورىتلىرى ( خانجاي ) كوماندىسى .
سەبەھ كوماندىسى 3-0  خېڭشىڭ  تەكشۈرۈش كوماندىسى .
220 - قىسىم كوماندىسى 3- 4 شەجەر كوماندىسى .
2-دوختۇرخانا كوماندىسى  2-1 ئەلدىيىك كوماندىسى .
ئەنسار كوماندىسى 6-1 چېمپىيون كوماندىسى .
风雨 كوماندىسى 1-3 ئەلنۇرى كوماندىسى .



12- ئاينىڭ 6- كۈنى ( يەكشەنبە ) كۈنىدىكى مۇسابىقىلەر :

نۇرلۇق كوماندىسى 3-9 تالماس كوماندىسى .
ئۈمىد كوماندىسى 2-5 قەشقەر ھۇررا كوماندىسى .
老男孩   داۋالاش كوماندىسى 3-6 MHD داۋالاش  كوماندىسى .
ئەزىز تەن كوماندىسى 5-7 كونا شەھەر ئەنتەي كوماندىسى .
ھەسەن - ھۈسەن كوماندىسى  2-2 داۋايى غىزا كوماندىسى .
203 كوماندىسى 1-8  تەيئەيتەي كوماندىسى .



مۇسابىقىدىكى نادىر كۆرنىشلەر :

mmexport1449502611090.jpg


mmexport1449502615121.jpg


mmexport1449502617993.jpg


mmexport1449502604980.jpg


mmexport1449502598786.jpg


mmexport1449502596445.jpg


mmexport1449502593830.jpg


mmexport1449502579754.jpg


mmexport1449502583001.jpg


mmexport1449502587340.jpg


mmexport1449502591473.jpg


mmexport1449502574976.jpg

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-12-8 00:42:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاۋۇ خەنزۇ يولداشلارنىڭ كوماندىسى قايسىكەن؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-12-8 00:44:34 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خانجاي  نېمانچە  تۈگىشەپ   كەتكەندۇ   ؟  قارشى  تەرەپ  بىلەن  پەرقى  شۇنچىۋالا چوڭمۇ  يە……
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-12-8 00:52:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
laqin1 يوللىغان ۋاقتى  2015-12-8 00:42
ئاۋۇ خەنزۇ يولداشلارنىڭ كوماندىسى قايسىكەن؟

ئۆزلىرى خانجاينىڭ ۋارتاسىدا تۇرغان بوسىلىرى، ئاشۇ ئۇستىخانلىرى بىلەن ۋارتانىڭ ئىشىكى توسۇلۇپلا قالىتى، بۇنچە ئىچىنىشلىق نەتىجىمۇ چىقمايتى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-12-8 01:31:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۈمەن يوللىغان ۋاقتى  2015-12-8 00:52
ئۆزلىرى خانجاينىڭ ۋارتاسىدا تۇرغان بوسىلىرى، ئاشۇ ئۇ ...

بىزياشىنىپ قالدۇق ۋارتادا تۇغۇچىلىكىمىز قالمىدى تۈمەن قارى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-12-8 01:32:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
laqin1 يوللىغان ۋاقتى  2015-12-8 01:31
بىزياشىنىپ قالدۇق ۋارتادا تۇغۇچىلىكىمىز قالمىدى تۈم ...

سىلى ياشىنىپ قالغان بوسىلىرى، بىزنىڭ پۇتىمىز گۆرگە ساڭگىلاپتۇدە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-12-8 01:35:54 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۈمەن يوللىغان ۋاقتى  2015-12-8 01:32
سىلى ياشىنىپ قالغان بوسىلىرى، بىزنىڭ پۇتىمىز گۆرگە س ...

ۋاي ئۇنداق دىمىسلە سىلە تىخى ياش ھەم سىلىدەك ئەسكى ئادەمگە ئۆلۈم نۆۋىتى ئۇنداق تىزكەلمەيدا.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-12-8 01:37:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بوۋاي  بىز مۇشۇيەدە تۇرۇپ كۆرەپ بولامماتىمىز . خەۋەرلىرنى سېلە يوللاپ بىلۋاتمىز    
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-12-8 01:38:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
laqin1 يوللىغان ۋاقتى  2015-12-8 01:35
ۋاي ئۇنداق دىمىسلە سىلە تىخى ياش ھەم سىلىدەك ئەسكى ئا ...

ئۇداقتا ئۆلۈم نۆۋىتى سىلىگە بالدۇر كىلەمدا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-12-8 10:52:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ قىتىمقى مۇسابىقىنىڭ ئەھۋالى خىلى ياخشى بوپتۇ، لىكىن خانجاينىڭ يىڭىلگىنى ياخشى بولماپتۇ،
قەشقەر ھۇررا كوماندىسىنىىڭ ئۇتقىنىدىن خۇشال بولدۇم.
ئالغا خانجاي، ئالغا ھۇررا كوماندىللىرى..
بوۋاتنىڭ مۇشۇ تىما بىلەن تەمىن ئەتكىنىگە ئالاھىدە رەھمەت ئىيتىمەن،  رەھمەت بوۋات.....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-12-8 10:55:22 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داغدام كوماندىسى راسلا قورقۇنۇچلۇقكەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-12-8 11:59:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خانجاينىڭ داڭقىنى كۆپ ئاڭلاپ كېتىۋىدۇق بۇ نەتىجىسى بەكلا پەرىقلىققۇ ...؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|دوختۇرخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2016-5-31 19:48

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش