elan ornielan orni
كۆرۈش: 665|ئىنكاس: 20

قەشقەر بىرلەشمىسى 6-ئايلانما مۇسابىقە خەۋىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بوۋاي تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-12-2 23:03  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم . ھەممىڭلارنىڭ ھازىرقى ۋاقتى خەيرىلىك بولسۇن ،


شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنوم رايونلۇق مەدەنىيەت ئېدارىسى ، شىجاڭ پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى تەستىقلىغان ،  قەشقەر پۇقرالار دوختۇرخانىسى بىلەن قەشقەر جەسۇر ياش - ئۆسمۈرلەر پۇتبول تەربىيلەش بازىسى باش بولۇپ ئۇيۇشتۇرغان ، قەشقەر بىرلەشمىسى يەنى ‹‹ پوقرالار دوختۇرخانىسى جەسۇر لوڭقىسى ›› نى تالىشىش بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ 5-ئايلانمىسى ، 2015-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى ۋە 11-ئاينىڭ 29-كۈنلىرى ، قەشقەر جەسۇر پۇتبول مەيدانىدا ئوينالدى  .
ئالدى بىلەن بۇ قېتىملىق بىرلەشمە مۇسابىقىنى ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتىن قوللىغان ئورۇن شەخىسلەرگە ، ھەپتە ئارلىقىدىكى قىممەتلىك ئارام ۋاقتىنى سەرىپ قىلىپ مۇسابىقە ئۈچۈن ئادىل ھەققەنى پۈشتەك چېلىپ كېلىۋاتقان رېپىرلار گۇرپىسىدىكى بارلىق خادىملارغا چىن دىلىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز . شۇنداقلا ئەزىزانە قەشقەر دېيارىدىكى بارلىق پۇتبول سۆيەر كىشىلەرنىڭ يېراق دېمەي مۇسابىقە كۆرۈش ۋە مەدەت بېرىش ئۈچۈن كېلىپ بەرگىنىگە چوڭقۇر تەشەككۈر ئېيتىمىز .

شەنبە كۈندىكى مۇسابىقىلەر :


ئەلدىيىك كوماندىسى2-3 ئېبىن سىنا كوماندىسى .
زەپەر كوماندىسى 5-3چېمپىيون كوماندىسى .
220-قىسىم كوماندىسى 0-3 风雨كوماندىسى
نۇرلۇق دوختۇرخانىسى  6- 0 جەسۇر ئېمپورىتلىرى ( خانجاي ) كوماندىسى .
قەشقەر ھۇررا كوماندىسى 3-0 خڭشىڭ تەكشۈرۈش كوماندىسى .
تالماس كوماندىسى 4-4 老男孩كوماندىسى .


يەكشەنبە كۈندىكى مۇسابىقىلەر :


ئەزىز تەن كوماندىسى  1-7 تالماس كوماندىسى .
داۋايى غىزا كوماندىسى 3-2 ئەنسار كوماندىسى .
MHD داۋالاش گۇروھى كوماندىسى 7-2  (203)- قىسىم كوماندىسى .
2- دوختۇرخانا كوماندىسى 0-3 كونا شەھەر ئەنتەي كوماندىسى .
ھەسەن - ھۈسەن كوماندىسى 7-2 ئۈمىد كوماندىسى .
تەيئەيتەي كوللاگىنلىق پېپىدىد كوماندىسى 7-2 ئەنۇرى كوماندىسى .


مۇناسىۋەتلىك رەسىملەر :

mmexport1449061733439.jpg

mmexport1449061731290.jpg

mmexport1449061729390.jpg

mmexport1449061727500.jpg



ئەسكەرتىش : مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلى 6- ئايلانما مۇسابىقە نەتىجىسى ۋاقتىدا ئېلان قىلىنماي قالدى تورداشلارنىڭ توغرا چۈشنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-12-2 23:15:42 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-12-2 23:16:54 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-12-2 23:22:41 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي خانجاي ھەي خانجاي
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-12-2 23:23:52 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خانجاينى مۇشۇ مۇنبەرگە كىرگەندىن باشلاپ نامىنى ئ‍اڭلاپ كەلگەندۇق ۋە تونىغانبىز… لىكىن ئ‍ۇتقىننى ئ‍اڭلاپ باقماپتۇق… شەرەپلىرىنى بىز كۆرمەي قالمىغاندوق… تونۇشتۇرغان بولساڭلار… سەۋەبى مۇنبەر بىلەن خېلى مۇناسىۋىتى بار؟ ئوخشايدۇ، بىلىپ قالايلى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-12-2 23:29:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-12-2 23:52:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەيئەيتەي كاماندىسى شاشيا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-12-3 00:04:12 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇمكىن  بولسا  توپ  ئۇرغان  ئەزىمەتلىرىمىزدىنمۇ  خەۋەردار  بولساق  ،  بىرلەشمىدە  ئەڭ  كۆپ توپ  ئۇرغان  ماھىرنى   تاللاپ  چىقىپ   بىرلەشمە   ئاخىرلاشقاندا     مۇكاپاتلىساق  ……
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-12-3 00:11:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   خانزاد1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-12-3 01:04  
orkax1208 يوللىغان ۋاقتى  2015-12-2 23:23
خانجاينى مۇشۇ مۇنبەرگە كىرگەندىن باشلاپ نامىنى ئ‍اڭلا ...


خانجاي كوماندىسىنى مۇشۇ پۇتبول مۇنبىرى قۇرۇپ بەرگەن دىسەك  ئارتۇق كەتمەس.......
2013- يىلى قىشتا قىرىندىشىمىز پەرۋەر پۇتبول مۇنبىرگە ،قەشقەردىكى پۇتبول سۆيەرلەرنى بىللە يىغىلىپ توپ تىپىشكە ،ھەمدە مۇنبەردىكى بۇرادەرلەرنى ئىكران يۈزىدىلا ئەمەس يىشىل چىملىقتا بىرگە مۇلاقات بولۇشقا ئۈندەپ بىر تىما يازغان ئىدى. ئەشۇ تىما ئارقىلىق مۇنبىرمىزدىن نەچچە ئون پۇتبۇلسۆيەرلەر جەم بولۇپ ،بىرلىكتە خانجاي كوماندىسى دىگەن نام بىلەن بىرگە توپ تەپتۇق. يىقىنقى مەزگىلدىكى قەشقەردىكى مۇنبەرداشلار يىغلىشىدىمۇ، چوڭ كىچىك بولۇپ مۇنبەردىكى نەچچە ئون قىرىنداشلار ۋە خانجاي ئەھلى بىرگە مۇلاقات بولۇپ تۇز تائام يىيىشتۇق ھەم بىرگە توپ تەپتۇق.  خانجاي كوماندىسىكى كۆپچىلىك ئەزالار ئۇشبۇ مۇنبەرنىڭ ئەزاسى بولغاچقا ،مۇنبەر ئەھلى باشقۇرغۇچىلار ۋە ياخشى نىيەتلىك كىشلەر بىزنى قوللىدى.
خانجاي كوماندىسىكى ئەزالار ئاساسەن 25 ياشتىن يۇقۇرى بالىلار بولۇپ ، ئارمىزدا كەسپى پۇتبولچى ۋە ياكى ئالى مەكتەپ ياكى تەربىيلىنىش ئورۇنلىردا تەربىيلەنگەن كىشلەر يوق، بىزلەر تىجارەتچى ، ئىشچى خىزمەتچى ،ھۈنەرۋەن كاسىپ ۋە باشقا ساھەدىكى بۇردارەرلەر بولۇپ ھەپتىدە 2 كۈن بىرگە توپ تىپىپ كىلۋاتىمىز.
بۇ قىتىمقى قەشقەر بىرلەشمىسگە نىسپەتەن بىز بەك پۇختا تەييارلىق ۋە توپچى تەكلىپ قىلىدىغان ئىشلارنى قىلالماي قاپتۇق .
بىز پەقەت ئەشۇ يىشىل چىملىقتىكى رىقابەتكە يۈزلىنىپ ئۆزىمىزنى بىر سىناپ باقماقچى بوپتۇق. ئەملىيەتتە بىز سەل يۈزەكى ئويلاپ قاپتۇق. مۇنبىزمىز ئالى باشقۇرغۇچىسى بوۋاي ، قەشقەر بىرلەشمىسنىڭ نەتىجە خەۋەرلىرىنى يوللىغاندىن كىيىن ، مۇنبەر ئەھلى بىزنىڭ نەتىجىمزدىن ناھايىتى ئەپسۇسلاندى ۋە بىزگە يىقىندىن كۆڭۈل بۈلدى.  
پۇتبول مەيدانىدىكى رىقابەت تولىمۇ كەسكىن رەھىسىز بولىدىكەن. پۇتبول مەيدانىدىكى بىر نەچچە قىتىملىق مەغلۇبىيەت بىزنىڭمۇ كۆڭلىمىزنى يىرىم قىلدى. ئەمما بىز بۇنىڭلىق بىلەن قەتئى بوشاشمايمىز ، ھەر قانداق بىر ئىشنىڭ سەۋەبى بولغاندەك بىزنىڭ ناچار نەتىجىگە ئىرشىشمىزنڭمۇ بەزى بىر سەۋەپلىرى بار. بەزى مەسلىلەرنى مۇنبەر يۈزىدە ئىيتىپ يۈرۈش بىھاجەت.
بۇ قىتىم مەغلۇپ بولغان بولساق، ساۋاقنى ياخشى قوبۇل قىلىپ يەنە بىر قىتىم قايتا كىلىمىز. كونىلاردا مەغلۇبىيەت غەلبىنىڭ ئانىسى دىگەن سۆز بار. بىز تىرشىمىز......
بىزگە كۆڭۈل بۈلگەن ۋە بىزنى قوللىغان بارچە قىرىنداشلىرمىزغا تەشەككۈر. بىزنى مەسخىرە قىلغان ۋە مەنسىتمىگەن تورداشلىرمىزغىمۇ رەھمەت ، سىلەر بىزنىڭ ئادەم بولۇش يولىمىزدىكى بەزى مەسلىلەرگە قانداق قاراشنى قانداق يول تۇتۇشنى ئۈگەتتىڭلار.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-12-3 00:38:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاسساپ يوللىغان ۋاقتى  2015-12-3 00:04
مۇمكىن  بولسا  توپ  ئۇرغان  ئەزىمەتلىرىمىزدىنمۇ  خەۋەرد ...

بار ، ۋاقىت يار بەرمەي يوللىيالماي قالدىم.  ئالتۇن توپ ، ئالتۇن ئۆتۈك ، مۇنەۋۋەر ۋارتا ، مۇنەۋۋر بىك ..مۇنەۋەر كوماندا ھەممىسى بار ئاخىرسىدا ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-12-3 00:41:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەشقەر بىرلەشمىسى ئۈچۈن كۈچ چىقىرۋاتقان قېرنداشلارغا ئاپىرىن.
خانجاي كوماندىسى ئەزلىرى قەشقەرلىق مۇنبەرداشلاردىن بولغاچ ، باللارنىڭ خانجاي كوماندىسىغا قىزىقىش ۋە دىققەت قىلىشى تەبىئي ئەھۋال ، مەيلىغۇ مۇھىمىي قېرنداشلار پۇتبولدىن خوشاللىق تاپسۇن. خانجايلىقلارنىڭ قايغۇنى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ قەتتىي بەل قۇيۋەتمەسلىگىنى ئۈمۈت قىلىمىز.
  كوماندا باشلىقى ئەلخان بودەك كوماندىنىڭ ئىزچىل مەغلۇپ بۇلىشىدىكى سەۋپنى بىلمەي قالمايدۇ. بەلكىم بىرقىسىم ساقلانغان مەسىلەرنى ھەل قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنۋاتقاندۇ.
مۇھىمىي قەشقەر بىرلەشمىسى باشلىنىپ پۇتبول ھەۋەسكارلىرى كۈرۈدىغان مۇسابىقە بار بولدى.  بىزنىڭ يۇرتلاردا توپخۇمارلار كۆپ، ھۈكۈمەت مەيداننىڭ پوچىسىنى سېلىپ قۇيۇپ كۆرگەزمىگە سېلىپ قۇيىدۇ......

قەشقەر بىرلەشمىسىگە ئامەت تىلەيمەن.   
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|دوختۇرخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2016-5-31 23:23

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش