نىمكەش پۇتبول ئاياغلىرىelan orni
كۆرۈش: 1957|ئىنكاس: 112
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

بارسلونا بىلەن بەيرىن مېيۇنخىننىڭ قايسىسى كۈچلۈك

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بوۋاي تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-11-27 17:14  


بارسلۇنا ۋە بەيرىن  ھازىرقى ياۋرۇپادىكى نەتىجىسى ئەڭ ياخىشى

تۈنۈگۈن سەھەردە ئىلىپ بىرىلغان ياۋرۇپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىڭ گۇرپپا مۇسابىقسىدە مەيدانغا قايتىپ كەلگەن مىسسنىڭ ئىككى تۇپ ئۇرشى بىلەن بارسلۇنا 6-1 نەتىجە بىلەن رىم كوماندىسنى يەڭدى .يەنە بىر قېتىم دۇنياغا MSN نىڭ ئىتتپاقلىقى ۋە ئۇت كۈچىنى نامايەن قىلدى . دۆلەت دىربىيسىدا 4-0نەتىجە بىلەن مادىرىدنى ئۇتقاندىن كېيىن  ياۋرۇپا بۇيىچەئىپادىسى ئەڭ ياخشى كوماندا بۇلۇپ قالدى .ئۇخشاش ۋاقىتتا بەيرىن كوماندىسى  ئارىئان پۇتبول مەيداندا ئۇلىمپياكىس كوماندىسنى 4-0نەتىجە بىلەن ئۇتتى .مۇللىر ۋە لەيۋەندۇۋىسكىنىڭ تۇپ ئۇرشى تىخى تۇختاپ قالغىنى يۇق . بۇ ئىككى كوماندا ھازىر ياۋرۇپا ئۇزغۇنلۇق چېمپيونلىقدىكى ئەڭ قىزىق نۇقتا.




ئىككى كوماندىنىڭ يىڭى پەسىلدىكى نەتىجىسى

گىرمانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىدا نۇقتا تۇپتا ۋۇلۋۇسبۇرىگ كوماندىسىغا ئۇتتۇرغاندىن كېيىن بەيرىن ھەر قايسى مۇسابىقىلەردە ئۇدا 12 مەيدان غەلبىگە ئىرىشتى .ھازىرىغىچە بۇلغان نەتىجىسى 18مەيدان ئۇتۇق ،ئىككى تەڭلىشىش ، بىر ئۇتتۇرۇش .بىرلەشمىدىكى سىرىق ھەرە ، بۆرىلەر ، لېۋىركۇسۇن قاتارلىق كوماندىلارنى يۇقىرى نەتىج بىلەن يەڭدى.قۇرقۇنچلۇق بۇيسۇندۇرۇش كۈچىنى نامايەن قىلدى .ئارىئان پۇتبول مەيدانى بىر يىمرىلمەس قۇرغانغا ئايلاندى .ھازىرغىچە ئارىئاندا ئۇينالغان 10 مەيدان مۇسابىقىدە تۇلۇق غەلبە قىلغان . يەتتە مەيدا مۇسابىقىدە ئاز  بۇلغاندىمۇ 4 تۇپتىن ئۇرغان .2015-يىلى بارسلۇنا ھەر قايسى زەردارلا بىلەن بۇلغان 14 مەيدان مۇسابىقىدە 13 مەيدان ئۇتقان . پەقەت ئارىئاندا بىر مەيدان ئۇتتۇرغان .




بارسلۇنانىڭ جازا مۇدىتتى تۇشمىغان بۇلغاچقا يىڭى ئالغان ئاردا ۋە بىدار قاتارلىقلار مەيدانغا چىقالمايدۇ .ئالتە شاھ بۇلۇش چۈشى بەربات بۇلدى .مىسسىنىڭ يارلىنىپ ئىككى ئاي ئارام ئىلشى ، بارسلۇناغا بىر قاتار ئەندىشلەرنى ئىلىپ كەلدى .لىكىن مىسسى ياتقان بۇ مەزگىلدە ،نىيمار ۋە سۇئارىزدىن تۈزۈلگەن ھۇجۇم شىددەت بىلەن ئۆزىنى نامايەن قىلىشقا باشلىدى .ئارقىمۇ ئارقا ئىككى ئاجىز دەپ قارالغان كوماندىغا ئۇتتۇرۇغاندىن كېيىن بارسلۇنامۇ سەككىز مەيدان ئۇدا غەلبىگە ئىرىشتى .بەيرىن داغدام يۇلدا تۇختاۋسىز ئىلگىرلىگەن بۇلسا ،بارسلۇنانۇ تىرىشچانلىقى بىلەن بۇ مۈشكۈلاتتىن ئۈتىۋالدى . ھازىر ھەر ئىككىلىسى ئۇرتاق بىر نىشان ئۈچۈن ئالغا ئىلگىرلىمەكتە.


بارسلۇنا بۇ مۇسابىقە پەسلىدە جەمئىي 49 توپ ئۇرغان ،بۇنىڭ 39 نى MSN ئۇرغان ، رەقىبىگە ئەڭ چۇڭ بىسىم بۇلغان يەنىلا شۇ MSN . بۇ ئۈچەيلەنىڭ ئارسىدىكى ماسلىشىشچانلىق ،ئىتتپاقلىققا گەپ تۇغرا كەلمەيدۇ .ئەگەر ھەر قانداق بىر قۇشۇن ئىچدىكى ئۈچ ئادەم ئىچدىن ھەر قانداق بىرى مىسسى دەرىجىدكى تالانتى بۇلسا ئۇ چاغدا بۇ قۇشۇن تۇلىمۇ قۇرقۇنشلۇق بۇلغان بۇلاتتى .ئۇرۇن ئىلىش، پۇرسەت كۈتۈش ،ماسلىشىشچانلىق ئەڭ چۇڭ ئارتۇقچلىكتۇر.



بارسلۇناغا سېلشتۇرغاندا بەيرىنىڭ ئالاھدىلىكى   ھۇجۇم ۋە تۇغرا پەرەز قىلىش،بەيرىن ھازىرغىچە 64 تۇپ ئۇرۇپ بۇلدى بۇسان كىشنى چۈچتىدۇ ،مۇللىر ۋە لەيۋەندۇۋىسكىي 39 تۇپ ئۇرۇپ بۇلدى . بۇسان MSN بىلەن ئۇخشاش .بۇ پەسىلدە دۇگلاس كۇستا بىلەن كومان ئاساسلىقى پاس تاشلاشقا مەسئۇل .مۇللىر بىلەن لەيۋەن ئاساسلىقى ئۇرۇن ئىلىپ نۇمۇر ئىلىشقا مەسئۇل ، بۇ ئىككەيلەننىڭ بۇ پەسلىدە ئىپادىسى ھەقىقەتەن ھەيران قالارلىق .رۇبىن يارلىنىپ ساقايغاندىن كېيىن گۇئاردىئۇلا كۆپرەك4141 سەپ شەكلىنى ئىشقا سالدى، مۇللىر ،لەيۋەن ،رۇبىن ،كوستا ۋە كومان قاتارلىقلارنى ئاساسلىق ئىشلىتىپ دۈشمەن مۇداپئيەسىگە زۇر خەۋىپ ئىپ كەلدى.رىبىرى ساقايغاندىن كېيىن تىخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدە دۈشمەننىڭ ئارقا سىپىنى ئۈزۈل-كىسل ۋەيران قىلدى .



ئىككى تەرەپنىڭ بىرلەشمىدە نۇمۇرئىلىش ئەھۋالىغا قارىغاندا ، شۇنى كۈرۋىلىشقا بۇلدۇكى ،بەيرىننىڭ چەكلەنگەن رايۇندا پۇرسەت تۇتشى 34.8%.يەتكەن . يان يۇلدىن پۇرسەت تۇتشى 28.7%بۇلغان. بارسلۇنانىڭ يان يۇلدىن بۇلسا 18.3%. چەكلەنگەن رايۇن ئەتراپىدا پۇرسەت تۇتىشى بۇلسا 45.3%بۇلغان ،بارسلۇنانىڭ شىددەتلىك ھۇجۇمى MSN ماسلىشىشچانلىقى نەتىجسىدىن كەلگەن،ئۇلارنىڭ ھەر قايسىسنىڭ كۈچلۈك بۇلغان بېسىپ كىرىش ئىقتىدارى ۋە نۇمۇر ئىلىش ئىقتىدارى بار.بەيرىننىڭ بۇلسا ئاساسلىق ھۇجۇمى ئىككى يان يۇلدىن ئىبارەت .ئاخىردا بۇلسا  كۈچلۈك بۇلغان ئۇرۇن ئىلىش ۋە نۇمۇر ئىلىشتىن ئىبارەت بۇنۇقتىنى لەيۋەن بىلەن مۇللىر ئۇرۇندىغان.


بەيرىنىڭ مۇداپئىيە سىپى ئىنتايىن كۈچلۈك ،4231 سەپ شەكلىدە 6 ئارقا بەلنىڭ ئىچدە ناھايتتى ياراملىق بۇلغان ئىككى تۇپچى بار، بۇنىڭغا بۇئاتىڭدىن باشقا گۇ تېرنىر  يەنە بىر نامزاتنى تىخى ئېنىق بىكىتمىگەن.ئۇنىڭدىن باشقا دىياگۇ ، ماتىنىس، بادىستۇبىر قاتارلىقلار ھەممىس ئېغىر يارلىنىپ باققان .بەدەن ساپاسىمۇ بىر مەسىلە.ئۇتتۇرا مەيداندا بەيرىن يازدا ۋىدالنى قۇشۋىلىپ تاللاش ئەۋزەلىكىگە ئىگە بۇلغان. بۇنىڭغا دىياگۇ ۋە ئالۇنسۇنى بىر گۇرۇپپا قىلىپ چىقارسا ،دىياگۇ بىلەن ئالۇنسۇنى بىر گۇرۇپپا قىلىپ چىقارغاندىن بەكرەك ئەۋزەلىككە ئىرشىدۇ .




نۇر چېچېىپ پارلاۋاتقان MSN گۇرپىسىغا نىسبەتەن ،بارسلۇنانىڭ ئارقا مەيدان ئۇنچىلىك ھەشەمەتلىك  ئەمەس ،بارسلۇنانىڭ ئۇتتۇرا مەيداندا تۇپ كۇنتىرۇل قىلشى ئىنتايىن كۈچلۈك ، ئېنىستاغىغۇ گەپ تۇغرا كەلمەيدۇ .بۇسىكىس تۇسۇش ۋە يۆتكەشتە ھالقىلىق رۇل ،راكېتچ بىلەن رۇبىرتۇ تۇپ تارتىۋلىش ۋە قايتارمۇ ھۇجۇمدا پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سالىدۇ .ئارقا بەلدە پىك ۋە ماسچىرانۇدىن ئىبارەت  ھۇجۇم ۋە مۇداپئيەدە ئاكتىپ رۇل ئۇينايدىغان تۇپچىلار بار .




سەپ شەكلىدىن ئېلىپ قارىغاندا ،بەيرىن ۋە بارسلۇنانىڭ ھۇجۇم سىپى ناھايتتى كۈچلۈك ،ئىككى كوماندا ئۇچراشقاندا بىر-بىرىگە ھۇجۇم قىلىش ئۇنداق ئاسان ئەمەس.،ئەگەر ئىككى كوماندا شاللاش باسقۇچىدا ئۇچرىشىشپ قالسا ئۇ چاغدا يەنە بىر كوماندىنىڭ مەغلۇپ بۇلشىدىكى ئەڭ چۇڭ سەۋەپ يارىدار بۇلشى مۇمكىن،ئالدىنقى پەسىل بەيرىن تەرەپتىن ئالابا ۋە (رىبىرى گۇرپپىسى ) قاتارلىقلار يارلىنىش سەۋەبىدىن مەيدانغا چىقالمىغان .بۇ پەسىلدە بەيرىننىڭ ھالىتى ئىنتايىن ياخشى ،كوماندا رىبىرى ۋە رۇبىنلارغا يۆلنىۋلىشتىن ئايرىلغان.ئۇنداقتا بارسلۇنادىچۇ ؟ بارسلۇنادىمۇ بۇ پەسىل ياردارلار خىلى ئاۋۇپ قالغان . ئەگەردە بۇ ئىككىسى شاللاش باسقۇچىدا ئۇچرىشىپ قالسا مەستانىلەر بۇ كوماندىنىڭ يېڭى ئەزالار ۋە كوماندىدىكى ئاساسلىق ئەزالارنىڭ يارلىنىپ قالماي بىر مەيدان قىزىغان مۇسابىقە تەقدىم قىلشىنى ئۈمىد قىلىدۇ .



ئىككى تەرەپنىڭ تېرنىرلىرنىڭ رىقابتىدە ،گۇ تېرنىر شەك-شۈبىھىسزكى دۇنيادىكى بىرىنجى نۇمۇرلۇق تېرنىر ،ئىنزىكمۇ ئۈچ شاھلىق لوڭقىسى بىلەن ئۆزىنىڭ قابىليىتىنى ئىسپاتلىدى.ئالدىنقى پەسىلنى ئاخىرىغا باغاندا بارسلۇنا تىخىمۇئىلگىرلەپ  ماڭغان ،لىكىن بەيرىن ئۆزىنىڭ قالتىس ھەركىتىنى تۇلۇق داۋاملاشتۇرالمىغان.ئەگەر ئىككى كوماندا يەنە بىر قېتىم ئاساسىي كۈچى بىلەن ئۇزغۇنلۇقتا ئۇچىرشىپ قالسا ئىشنىمەنكى ئۇ چاغدا چۇقۇم بىر مەيدان ئەسىر خاراكتىرلىك ئېسىل مۇسابىقە بۇلىدۇ .

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 4مۇنبەر پۇلى +200 يىغىش سەۋەبى
ھەمراھ + 50 ھارمېغىن !
ياشلىق + 50 قوللاش!
ھەقىقەت + 50 قوللاش!
nayil + 50 قوللاش!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
دېۋان
ۋاقتى: تۈنۈگۈن 16:21 | ئايرىم كۆرۈش
ئەڭ ئاۋال دېۋاندا ئولتىرىۋالايچۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ئورۇندۇق
ۋاقتى: تۈنۈگۈن 16:23 | ئايرىم كۆرۈش
ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچنى مۇشۇ ئىككى كوماندا ئوينىسا پەچەت ئىش بولاتتى
ئاندرويىدتا يېزىلغانئاندرويىدتا يېزىلغان
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

يەر
ۋاقتى: تۈنۈگۈن 16:24 | ئايرىم كۆرۈش
ئاۋۇ ئىككىسى ئەجەپ يامانكىنا ،قالغىنىغا مەھمودىيە بىر نىمە دىسۇن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

5#
ۋاقتى: تۈنۈگۈن 16:25 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
مېنىڭمۇ بۇ ئىككى كوماندىنىڭ تېزراق مۇسابىقە ئوينىشىنى كۆرگۈم بار. بۇ ئىككى كوماندىنىڭ ھازىرقى ھالىتىدە قايسىسىنىڭ غەلبە قىلىشىنى پەرەز قىلماقمۇ تەس.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

6#
ۋاقتى: تۈنۈگۈن 16:25 | ئايرىم كۆرۈش
ھەل قىلغۇچنى ئوينىسا بىر كۆسەك بولىتى بۇدا بەكرەك قىززىيدىغاندەك تۇردۇ!!!!!!!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

7#
ۋاقتى: تۈنۈگۈن 16:27 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يىلقى بايرېن ھەقىقەت قورقۇنۇشلۇق. بۇلۇپمۇ كومان بىلەن كوستا كوماندىغا سىڭىشىپلا كىتىپتۇ. ئالدىنقى مۇسابىقىلەردە رىبىرى ۋە روببېننىڭ يوقلىقىنى پەقەتلا چاندۇرماي شۇنداق ياخشى ئوينىدى بۇ كاساپەتلەر.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

8#
ۋاقتى: تۈنۈگۈن 16:27 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يىل بۇ ئىككىسى ھەل قىلغۇچتا ئۇچىرشېپ قالدىغاندەكلا جومۇ......
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

9#
ۋاقتى: تۈنۈگۈن 16:33 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ ئىككى كوماندىنىڭ ئۇچىرىشىپ قېلىشى ئىھتىمالغا بىر قەدەر يېقىن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

10#
ۋاقتى: تۈنۈگۈن 16:34 | ئايرىم كۆرۈش
زادى  بۇ  ئىككى  كۇلۇپ  تۇتشۇپ  قالسا  بەك قىزىيدۇ  جۇمۇ  .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

11#
ۋاقتى: تۈنۈگۈن 16:34 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
بايرىن بىلەن بارسىلونا زادى بۇيىل چاتاق چىقىرىدىغاندەك بۇيىل تېخى ئالتە شاھ بوپ قالامدۇ تېخى ھوجۇمدا چاتاق چىقمىسىلا بارسىلونا ئېغىر خەتەرلىك جۇمۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

12#
ۋاقتى: تۈنۈگۈن 16:35 | ئايرىم كۆرۈش
گىرماندا رىقابەت كۈچلۈك ئەمەس... يېڭىش داۋاملىشىۋەرگەنسىرى توپچىلارنىڭ ئاكتىپچانلىقىمۇ كۈچىيىدۇ.. قالغاننى ئۇزغۇنلۇقتا كۆرىمىز...
گو تېرىنىر بىر ئىنگىلاندقا بارسا ئاندىن ئىسپاتلىنىدۇ... 1- نومۇرلۇق تېرىنىر ئىكەنلىكى.. ھازىرچە بالدۇر.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|دوختۇرخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-11-28 17:58

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش