ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 20 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بېرنابۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-11-27 15:56
فالكاۋ 1986-يىلى كۇلۇمبىيەدە بىر كەسپى پوتبولچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.فالكاۋنىڭ دادىسى دۆلەت كۇماندىسى ئۈچۈن 7 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 2 توپ كىرگۈزگەن.دۆلەت ئىچىدە نامى بار توپچى ئىدى.فالكاۋ دادىسىنىڭ تەسىرىدە كىچىدىنلا پۇتبولغا ئىشتىياق باغلايدۇ،ئەمما،دادىسى فالكاۋنىڭ بىر كالتەك توپ ماھىرى بۇلۇشىنى ئارزۇ قىلاتتى.فالكاۋ ئۆز ئارزۇيى بۇيىچە پۇتبولنى تاللايدۇ،ھەمدە كۇلۇمبىيەدىكى ئادىل رىقابەت پۇتبول مەكتىپىگە كىرىپ پۇتبول دۇنياسىغا تۇنجى قەدىمىنى تاشلايدۇ .بايۋەتچىلەر كۇماندىسىنىڭ ئۆسمۈرلەر كوماندىسدا توپ تېپىدۇ.13يېشىدا Bدەرىجىلىكلەر مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ بىر كىچىك توپچى بۇلۇپ قالىدۇ.
2001-يىلى ئارگىنتىنادىكى دەريا قىنى كۇماندىسىنىڭ 15 ياشلىق كىچىك فالكاۋغا كۈزى چۈشىدۇھەمدە ئۇنى ئارگىنتىناغا ئېلىپ كېلىدۇ. 2003-يىلى 17ياشلىق فالكاۋ دەريا قىنى كۇماندىسى بىلەن رەسمى توختام تۈزۈپ ئارگىنتىنا ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدە مەيدانغا چىقىدۇ.تىلغا ئېلىپ ئۈتۈشكە تېگىشلىكى شۇكى فالكاۋ كۇلۇپ بىلەن رەسمى توختاملىشىشتىن بۇرۇن بۇئىنوس ئايرىئوس ئونۋىرسىتىنىڭ ئاخپارات كەسپىدە باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئىرىشىدۇ.شۇنداق فالكاۋنى توپچىلار دۇنياسىدىكى تىپىك زىيالى دىيىشكە بۇلىدۇ.
2005-يىلى 19ياشلىق فالكاۋ ئۆز تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ ئاساسلىق ئەزا ئورنىغا چىقىدۇ.ئالدىنقى 7 مەيدان مۇسابىقىدە 7 توپ كىرگۈزۈپ ئارگىنتىنا پۇتبول مۇنبىرىدە چاقنىغان يېڭى بىر يۇلتۇزغا ئايلىنىدۇ. ئەمما يارلىنىش سەۋەپلىك يەتتە مەيداب مۇسابىقە بىلەن بالدۇرلا شۇ پەسىللىك مۇسابىقىدىن خوشلىشىدۇ.
2006 -2007 مۇسابىقە پەسلىدە 20 ياشلىق فالكاۋ ئۈزلۈكسىز تىرىشىپ ئۈزىنىڭ ياخشى ھالىتىگە قايتىدۇ.35 مەيدان ھەر تۈرلۈك مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىپ 19توپ كىرگۈزىدۇ ،ھەمدە كۇماندىنىڭ بىرنىچى نۇمۇرلۇق مەرگىنىگە ئايلىنىدۇ.شۇ پەسىلدىكى ئۈزىنىڭ قالتىس ئىپادىسىگە تايىنىپ جەنۇبى ئامىرىكا ئەڭ كۈچلۈك سەپ شەكلىگە كىرىدۇ.
2008—يىلى 22ياشلىق فالكاۋ دەريا قېنى كۇماندىسى بىلەن بىرلىكتە كەسپى ھاياتىدىكى تۇنجى لۇڭقىسىنى كۈتۈرىدۇ.ھەم شۇ يىلى ھازىرقى ئايالى رولېي لېي بىلەن تۇنۇشىدۇ.بىر-بىرنى ناھايىتى ھۆرمەتلىشىدۇ،بىر -بىرگە ناھايىتى سادىق بۇلىدۇ.تۇرمۇشتىن كۆڭلى سۇ ئىچكەن فالكاۋنىڭ ئىپادىسى ئىزچىل ياخشى بۇلىدۇ.
فالكاۋ كىچىكىدىنلا ئاتا-ئانىسىنىڭ ياخشى ئائىلە تەربىيىسى ئاستىدا ناھايىتى قائىدىلىك چوڭ بولغان.نام-شۆھرەت ،پۇل ،ئىمتىيازغا ئېرىشكەندە ئۈزىنى يۇقىتىپ قويمىدى. فالكاۋ ئەزەلدىن ھاراق -تاماكىغا يېقىن يۇلىمايتى.كوماندىنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرگە ئاڭلىق بوي سۇناتتى.مەيدان سىرىتىدا ئىش چىقارمايتى.مەسىقتە تىرىشچان ئىدى.شۇ سەۋەپ ئۆز پەزىلىتى بىلەن ئايالى،سەپداشلىرى ،توپ مەستانىلىرنىڭ قايىللىقى ۋە مايىللىقىغا ئېرىشىدۇ.
2008-يىلى جۇڭگۇ دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى دالىيەن 实德كوماندىسى 22ياشلىق فالكاۋنى يېرىم پەسىلللىك ئىجارە ئېلىشىنى پىلانلايدۇ،ئەمما مائاش تەمىناتىدا بىرلىككە كېلەلمەي بۇ سودا سۇغا چىلىشىدۇ.
2009-يىلى ئارگىنتىنا پۇتبول بىرلەشمىسىدە چاقنىغان بۇ ياشنى پورتۇگالىيە زەردارى يەنى 2004-يىللىق ياۋروپا ئۇزغۇنى پورتۇ كۇلۇپى 5 مىليون فونىستىرلىڭلىق يۆتكىلىش ھەققى بىلەن قۇشۇۋالىدۇ.فالكاۋ گۈزەل ئارزۇلارنى كۆڭلىگە پۈكۈپ ياۋروپا سەپىرىنى باشلايدۇ.
فالكاۋ يولۋاستەك تىز سۈرىتى ،ۋارتا ئالدىدىكى پۇرسەت تۇتۇش ئالاھىدىلىكگە تايىنىپ ناھايىتى تىزلا پوتۇگالىيە بىرلەشمىسىدە ئۈزىنى ئىسپاتلايدۇ.تۇنجى مۇسابىقە پەسلىدىلا 34 توپ ئۇرۇپ كوماندىنىڭ كۇزۇر توپچىسىغا ئايلىنىدۇ.ۋە پورتۇ كۇلۇبىدىكى بىرنجى لۇڭقىسىنى كۈتۈرىدۇ.
2010-2011مۇسابىقە پەسلى فالكاۋ ئۈچۈن ئۇنتۇلغۇسىز گۈزەل ئەسلىمىلەرگە تولغان بىر يىلدۇر،شۇنداقلا بىر ياخشى باشلىنىشتۇر.فالكاۋ خۇلىك،بالىيلا ياخشى ماسلىشىپ ئويناپ پورتوكۇماندىسىنىڭ ئۈچ قىلىچۋاز دەۋىرىنى يارىتىدۇ.
2011-يىلى4-ئاينىڭ 29 كۈنى ياۋروپا ئىتپاق لۇڭقىسى يېرىم ھەلقىغۇچ باسقۇچىدا ئىسپانىيەنىڭ سۇ ئاستى كىمىسى بىليالىلار كوماندىسى تۇتۇشىدۇ.پورتو كۇماندىسى ئاۋال بىر توپ كەتكۈزۈپ قويغان ئەھۋال ئاستىدا بۇ كۇلۇمبىيەلىك ئارقا-ئارقىدىن 4 توپ ئۇرۇپ كوماندىنى ھەل قىلغۇچقا ئەكىرىدۇ.ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدىمۇ ئىككى توپ ئۇرۇپ چىمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى باش تۆھپىكارغا ئايلىنىدۇ.
تىلغا ئېلىپ ئۈتۈشكە تىگىشلىكى شۇكى شۇ نۆۋەتلىك ئىتپاق لۇڭقىسىدا 17 توپ ئۇرۇپ ئالتۇن بوتىسقا .ئېرىشىدۇ،95-96مۇسابىقە پەسلىدىكى كىلىسماننىڭ 15 توپلىق رىكورتىنى يېڭىلاپ قۇيىدۇ.شۇ پەسىلدە بۇ كۇلۇمبىيەلىك ھەر تۈرلۈك مۇسابىقىلەردە 38 توپ كىرگۈزۈپ پورتۇگالىيەدىلا ئەمەس ياۋروپادا تەسىر دائىرسى كىڭىيىشكە باشلايدۇ.توپ مەستانىللىرى , ئاخپارات ۋاستىللىرىنىڭ توپ ئۇرۇش ماشىنىسى دەپ تەرىپلىشىگە مۇيەسسەر بۇلىدۇ.
كۇلۇمبىيەلىكنىڭ تۇراقلىق ئىپادىسى،نۇمۇر ئېلىشتىكى يۇقىرى ئۈنۈم ئىتالىيەدىكى قوشماق مىلەن،.ئەنگلىيەدىكى لىۋىرپول،ئارسنال،گىرمانىيە زۇمگىرى بايرىننىڭ قۇشۇۋېلىش ئوبىكتىغا ئايلىنىدۇ.پورتو كۇلۇبى 5 مىليون فونىستىرلىڭ خەجلەپ قۇشۇۋالغان كۇلۇمبىيەلىكنى زەردارلارنىڭ 20مىليون ياۋرولۇق باھاسىنى بىر-بىرلەپ رەت قىلىۋىتىدۇ.
2012-يىلى يازدا ئاتلىتكا مادىرىت ئاگۈيرونى ساتقان 40 مىليونغا 26 ياشقا كىرگەن بۇ كۇلۇمبىيەلىكنى قۇشۇۋالىدۇ،ۋە توپ مەستانىللىرى ،.ئاخپارات ۋاستىللىرىنىڭ تالاش-تارتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىدۇ.بۇ كۇلۇمبىيەلىك ئۈزىگە گۇمانى نەزەردە قارىغانلارغا ئۈزىنىڭ قالتىس ئىپادىسى بىلەن جاۋاپ قايتۇرىدۇ.ھەرتۈرلۈك مۇسابىقىلەردە
31 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 23 توپ كىرگۈزىدۇ.ئەڭ قالتىس بولغىنى ياۋروپا ئىتپاق لۇڭقىسى ھەل قىلغۇچتا ئىككى توپ ئۇرۇپ ئاتلىتكا مادىرىتنىڭ 3يىل ئىچىدە 2-قېتىمىلق ئىتپاق لۇڭقىسىنى كۈتۈرۈشتىكى قەھرىمانغا ئايلىنىدۇ،ۋە 12 توپ ئۇرۇپ ئىتپاق لۇڭقىسىنىڭ ئالتۇن بوتىسىغا يەنە بىر قېتىملىق ساھىبى بۇلىدۇ.
ئوخشىمىغان ئىككى كۇماندىدا ئۇدا ئىككى يىل چىمپىيون بۇلۇش،ئۇدا ئىككى قېتىم مەرگەن بۇلۇش،ئۇدا ئىككى يىل ھەل قىلغۇچتا توپ ئۇرۇش ئىتپاق لۇڭقىسى تارىخىدا يوق بىر مەزمۇن ئىدى,كۇلۇمبىيەلىك بۇ مەزمۇننى تۇلۇقلاپ يېڭى بىر سەھىپە ئاچىدۇ.
فالكاۋ ئىسپان تىلىدا بۈركۈت دېگەن مەنىسى بۇلۇپ مەستانىلەر كۇلۇمبىيەلىككە بولغان ھۆرمىتىنى .ئىپادىلەش ۋە مەيداندىكى ئىپادىسگە قاراپ ئۇنىڭغا يولۋاس دەپ نام بېرىدۇ.
گۈزەل كۈنلەر بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى بۇ كۇلۇمبىيەلىككە قۇچاق ئاچىدۇ.2012-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى چىلسى كۇماندىسى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ياۋروپا دەرىجىدىن تاشقىرى لۇڭقىسىدا ياۋروپا ئۇزغۇنى چىلسىغا قالپاق كىيىپ يەنە بىر لۇڭقا ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدۇ.
2012-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى لاكرۇنىيە بلەن ئېلىپ بېرىلغان ئېسپان بىرلەشمىسىدە بۇ كۇلۇمبىيەلىك بەش توپ ئۇرۇپ خان مادىرىد ماھىرى مۇلۇنتىستىن كېيىنكى
يەككە مەيداندا 5 توپ ئۇرغان ئىككىنجى ماھىرغا ئايلىنىدۇ.ئاتلىتكا مادىرىتنىڭ 54يىللىق تارىخىغا ييڭى بىر سەھپە ئاچىدۇ.كۇلۇمبىيەلىك بۇ يولۋاس ئىسپان بىرلەشمىسىدە مىسسى ۋە كىرىستىيانولاردىن باشقا مەنمۇ بار دەپ ھەيۋىسىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلىدۇ.ئۈزىنىڭ قالتىس ئىپادىسى بىلەن مەستانىلەرنىڭ يولۋاس ،يولۋاس سەن ھەقىقەتەن قالتىس دەپ تولىغان چۇقان سادالىرىنى پەلەككە ياڭرىتىدۇ.
ياۋروپانى زىل زىلگە سالغان بۇ چولپان ئاتلىتكا مادرىد مەستانىلىرىنى ھەسرەتتە قۇيۇپ 2013-يىلى يازدا يېڭىلا دەرىجە ئۆرلەپ چىققان فىرانسىيە بىرلەشمىسىدىكى موناكۇ كۇلۇبىغا فىرانسىيە يۆتكۈلۈش بازىرىدىكى 60مىليونلۇق يېڭى رىكورتنى بىللە ئېلىپ بارىدۇ.بۇ باھا ئەينى ۋاقىتتا كىرىستىيانو رونالدو،بىل
زىدانى ،فىگو،كاكا،ئىبراھىموۋىچتىن كېيىن قالسلا ئەڭ يۇقىرى رىكورت ھېسابلىناتتى.
ئاينىڭ 15 ى يورۇق 15ى قاراڭغۇ بولغۇنىدەكبۇ يولۋاسنىڭ ياخشى كۈنلىرى ياۋروپا سەپىرىدكى موناكو كۇلۇبىدا ئاياغلىشىدىغاندەك قىلاتتى.فىرانسىيە شاھلىق لۇڭقىسىدا 4-دەرىجىدىكى بىر كوماندا بىلەن مۇسابىقە جەريانىدا تىز قىسىمى ئېغىر يارلىنىپ مۇسابىقىدىن خوشلىشىدۇ.بۇقېتىمقى يارلىنىش ئۇنىڭ كەسپى ھاياتىدىكى بىر بۇرلۇش نۇقتىسى بۇلۇپ قالىدىغانلىقىڭىزنى كىممۇ ئويلىغان دەيسىز.
بۇ قېتىقى يارلىنىش پۇتبولنىڭ ئەڭ يۇقىرى شانۇ -شۆھرىتى بولغان دۇنيا لۇڭقىسىدىن مەھرۇم قىلدى.ئۆزدۆلىتىنىڭ بىرازىلىيە كوماندىسى تەرپىدىن شاللىنىپ كېتىشىنى ياندىكى بىر تاماشىبىن سۈپىتىدە كۈرۈپ لەۋلىرىنى چىشلەپ قالدى،شۇنداق قىلماي ئامال قانچە؟؟
دۇنيا لۇڭقىسىدىن كېيىن يارىسى ساقىيىپ ئەسلىگە كەلگەن كۇلۇمبىيەلىك بۇ يولۋاس مەشقاۋۇل ۋانجالنىڭ چوڭ ئۈمىدلىرىنى زىممىسىگە ئېلىپ ھەپتىلىك مائاشى 265مىڭ فونىستىرلىڭلىق يۇقىرى مائاش بىلەن ئىجارە ھالەتتە ئىنگىلانىد سەپىرىنى باشلايدۇ.
يارلىنىش تەنھەركەتچىلەرنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى !ئېغىر يارلىنىش ،ئۇزۇن مەزگىللىك ئارام ئېلىش كۇلۇمبىيەلىك بۇ يولۋاسنىڭ ئىپادىسىگە زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتكەن ئىدى.مانچىستىر بىرلەشمىسىدە ھەر تۈرلۈك مۇسابىقىلەردە 29مەيدان مۇسابىقىدە ئاران تۆت توپ كىرگۈزدۇ.كەسپى ھاياتىدىكى ئەڭ ناچار نەتىجىنى كۈتىۋالىدۇ.مەشقاۋۇل ۋانجالنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقالمىغان بۇ يولۋاس زاپاس ئەزالار ئۇرۇندىقىغا مىخلىنىپ كېتىدۇ.ھەتتا .ئىككىنچى سەپ كۇماندىسىغا چۈشۈۋىرىتىلىدۇ.ياۋروپا سەھنىللىرىدە زور ئۇتۇقلار قازانغان بىر دەرىجىدىن تاشقىرى چولپانغا بۇنىڭدىن ئېغىر ئازاپ بولمىسا كېرەك.
ئەسەبى ئادەم مورىنئو بۇ كۇلۇمبىيەلىك يولۋاسقا يەنە بىر قېتىم پۇرسە ت بېرىپ ئۇنى سىتانفورىد كۆۋرۈكىگە ئېئلىپ كېلىدۇ.8-ئاينىڭ 29-كۈنى تۇنجى توپىنى كىرگۈزگەندىن كېيىن تا ھازىرغىچە بىئې توپ كىرگۈزگىنى يوق.بۇ نەتىجىنى ئېنگىلانىد زەردارلىرى قۇبۇل قىلالمايدۇ، ئەلۋەتتە!
ئۇنىڭ كوللىكتىپ،شەخسى نەتىجىلىرىگە قارايدىغان بولساق:2008-يىلى دەريا قىنى كۇماندىسى بىلەن بىرلىكتە كەسپى ھاياتىدىكى بىرىنچى لۇڭقىنى كۈتۈرىدۇ.
2010-2011 مۇسبىقە پەسلىدە پورتىگالىيە شاھلىق لوڭقىسى،پوتۇگالىيە دەرىجىدىن تاشقىرىسى لۇڭقىسى ،.ئىتپاق لۇڭقىسى .2011-2012مۇسابىقە پەسلىدە ئىپانىيە شاھلىق لۇڭقىسى ،ئىتپاق لۇڭقىسى،ياۋروپا دەرىجىدىن تاشقىرى لۇڭقىسى قاتارلىق نەتىجىلەرگە ئىرىشىدۇ.2011،2012ئۇدا ئىككى يىل ئىتپاق لۇڭقىسىنىڭ مەرگىنى بۇلىدۇ.
كەسپى ھاياتى شۇنداق ياخشى كېتىۋاتقان ،ياۋروپانى زىل—زىلگە سالغان بۇ يولۋاسنىڭ 30ياشلىق باھارىنى كۈتىۋالمايلا ئىپادىسىنىڭ بۇ دەرىجىدە چىكىنىپ كېتىشىنى مەشقاۋۇللارنىڭ،ئېنگىلانىد مەستانىلىرنىڭلا ئەمەس بەلكى پۈتۈن دۇنيا توپ مەستانىلىرىنىڭ جۈملىدىن بىزدەك يىراق قىرلاردا ئولتۇرۇپ مۇنبەردە چولپانلار ئۈستىدىن مۇنازىرگە چۈشكەن مەستانىلەرنىڭمۇ كۆڭلى يېرىم بۇلىدۇ.
كۇلۇمبىيەلىك بۇ يولۋاسنىڭ ياۋروپادا قالتىس ئوينىغانلىقى راس،.نام-شەرپىنى تارىخ بەتلىرىگە يېزىپ قويغىنىمۇ ھەقىقەت!بۈگۈنكى كۈندە ئۆز ئىپادىسىنى تاپالماي كېسەل يولۋاسقا ئايلانغىنىمۇ راس.مەيلى قانداقلا بولمىسۇن ئۇنىڭ ئۆز ئىپادىسىنى تېپىپ ئۈزىنىڭ ھېلى ھەممۇ بىر شاش
يولۋاس ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلمىز ..بۇنى يېزىشتىكى مەقسىتىم كۈندىن كۈنگە ئۇنتۇلۇپ كېتىۋاتقان مۇنبەرلىرىمىزدە
تىلغا ئېلىنماي قېلىنىۋاتقان بۇ چولپانغا بولغان ھۆرمىتىم يۈزسىدىن فالكاۋنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى ۋە ئىش ئىزلىرىنى يېزىپ دوسلارغا سۇندىم.
خاتا كەتكەن تەرەپلەر بولسا دوسلارنىڭ تۈزىتىپ بېرىشىنى سۇرايمەن……
|
|