نىمكەش پۇتبول ئاياغلىرىelan orni
كۆرۈش: 1651|ئىنكاس: 54
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

مادرىدنىڭ كىلەر قىتىملىق تىرىنىرلار نامزاتلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
خانلىق مادرىد ئۆز مەيدانىدا قان رەقىبى بارسىلوناغا ئۇتتۇرۇپ قويغاندىن كېيىن، كوماندا مەشقاۋۇلى بىنتىزنىڭ تىرىنىرلىك ئورنى تەۋرىنىشكە باشلىدى، ئاخبارات ۋاستىلىرىمۇ بەس بەستە بىنتىزنى ئىشتىن چۈشىدۇ دەپ خەۋەر بەرمەكتە. ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ قارىشىچە، تۆۋەندىكى بەش ئادەمنىڭ بىرى خانلىق مادرىدنىڭ كېلەر نۆۋەتلىك تىرىنىرى بولۇپ قالىدىكەن، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:


زىدانى: خانلىق مادرىد ب كوماندىسىنىڭ تىرىنىرى زىدانى ھازىر كوماندىنى يېتەكلەپ، ئىسپانىيە ئۈچىنچى دەرىجىلىك بىرلەشمىسىگە قاتنىشىۋاتىدۇ، كوماندىنىڭ يىقىندىن بۇيانقى ئىپادىسىمۇ خىلى ياخشى. ئۇنىڭدىن سىرت، نۇرغۇنلىغان مادرىد مەستانىلىرى زىدانىنىڭ كېلەر نۆۋەتلىك مادرىد مەشقاۋۇلى بولىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.


مورىنىئو: مورىنىھو 2010-يىلىدىن 2013-يىلىغىچە خانلىق مادرىدقا تىرىنىرلىك قىلغان. 2011-2012-مۇسابىقە پەسلى كوماندىنى يېتەكلەپ، ئىسپانىيە بىرلەشمىسى ۋە ئىسپانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونلىقىغا ئېرىشكەن. بۇ پەسىل مورىنىئو يېتەكلەۋاتقان چېلسىنىڭ نەتىجىسى تازا ياخشى ئەمەس، شۇڭا ئۇ خانلىق مادرىدقا قايتىپ كېلىشىمۇ مۇمكىن.


لىف: گىرمانىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ تىرىنىرى لىفنىڭ كۇلۇبلارغا تىرىنىرلىك قىلغاندا ئېرىشكەن نەتىجىلىرى تازا ياخشى ئەمەس، بىراق ئۇ ئالدىنقى يىلى گىرمانىيە كوماندىسىنى يېتەكلەپ دۇنيا لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونلىقىغا ئېرىشتى. ئەگەر لىف خانلىق مادرىدقا تىرىنىر بولماقچى بولسا 2016-يىللىق ياۋرۇپا لوڭقىسىدىن كېيىن كىلىدۇ.


ئەنچىلوتتى: ئىتالىيەلىك بۇ تىرىنىرنىڭ خانلىق مادرىدقا قالدۇرغان تەسىرى ناھايىتى چۇڭقۇر، مەستانىلەردىن تارتىپ توپچىلارغىچە بۇ تىرىنىرنى ياقتۇرىدۇ ۋە ھۆرمەت قىلىدۇ. ئەنچىلوتتىمۇ مادرىدقا قايتىش ئىھتىماللىقى بار ئىكەنلىكىنى ئىيتقان.


لىئوناردو: نامى ئانچە چىقمىغان بۇ تىرىنىر فىرانسىيە بىرلەشمىسىدىكى موناكو كۇلۇبىنى يېتەكلەۋاتىدۇ، ئۇ ئىلگىرى لېسابون رىقابەت كوماندىسىنى يېتەكلىگەندە تازا ياخشى نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەن. بىراق ھازىر ئۇ يېتەكلەۋاتقان موناكو كوماندىسىنىڭ ئىپادىسى تۇراقلىق بولۇپ، فىرانسىيە بىرلەشمىسىنىڭ زومىگىرى پارىژ سانت ژىرمانغا رەقىب بولالايدىغان بىردىنبىر كوماندا. ئالدىنقى پەسىل ياۋرۇپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىدە، قۇرال ياراق زاۋۇتى ئارسىنالنى شاللاپ سەككىز كۈچلۈككە كىرگەن.


مەنبە: بىۋاستە تارقىتىش 8 تورى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
دېۋان
ۋاقتى: تۈنۈگۈن 01:17 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
لىپىنى  نىمىشقا  ئويلاشمايدىغاندۇ  ،،مورنىھو   بىلەن   ئەنچىلوتى   ئالدىراپ   كەمەيدۇ   لوفنى  ساقلاشقا  توغرا   كېلدۇ  ،  شوڭا  بېكار   ئادەمدىن  لىپى   باركەن   
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ئورۇندۇق
ۋاقتى: تۈنۈگۈن 01:18 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
مېنىڭچە ئەنچېلوتى بىلەن لېف  مۇشۇ ئىككىسنىڭ  مۇمكىنچىلىكى يۇقىرى…    ئەنچېلوتى مادرىدنىڭ  10-ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىنى ئالغان ،ئۇدا 22 مەيدان ئۇتۇشنى بارلىققا كەلتۈرگەن …توپچىلار بىلەن  بولغان مۇناسىۋەتىمۇ ياخشى  مەشقاۋۇللۇق تەجىربىسىگىغۇ گەپ توغرا كەلمەيدۇ ، ئاساسلىقىنى مادرىدنى ئازتولا چۈشىنىدۇ دەپ ئويلايمەن…        لېف  بۇندىن بۇرۇن كەسپى كۇلۇپنى تۇتۇپ باققانمۇ يوق مەن ئۇنى ئۇقمايدىكەنمەن .   ئەمما لېف بولسا بىر قابىلىيەتلىك تېرىنىر ، مادىرىد رەئىسىمۇ بۇنى ئېتراپ قىلىدۇ .  بۇ  2016-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسىدىن كىيىن گېرمانىيە كوماندىسىنى داۋاملىق تۇتمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتكەن …  كىلەر يىلى يازدا بۇ بىكار بولىدۇ ، مادرىد  شۇ چاغدا  بۇنىڭغا قول سېلىشى مۇمكىن …     
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

يەر
ۋاقتى: تۈنۈگۈن 01:18 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
مەنچە لىف بەك ماس كېلىدىغان  دەك…
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

5#
ۋاقتى: تۈنۈگۈن 01:26 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئۇچتىكىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-11-27 01:27  

مېنىڭچە ئەنچىلوتنىڭ ھازىرغىچە دەم ئېلىشنى باھانە قىپ بىرە كوماندىنىڭ پېشنى تۇتمىغنىدىن ئۇنىڭ مادرىدنىڭ ئۆزىنىڭ قەدرىگە يېتىپ  قايتا پۇرسەت بېرىشنى كۈتۈپ تۇرغانلقىنى چۈشەندۈرىدۇ مەنچە ، ئەنچىلوتىمۇ كەتكىسى يوق ئامالسىز كەتكەن ، توپچىلارمۇ ئۇنى ياختۇراتتى ، مەنچە زىدانىڭ كەمتەرلىك قىلشى ، ئەنچلىئوتنىڭ قايتىدىن تاما قىپ ئولتۇرشىدىن مۇشۇ ئىككىسنىڭ بىرسى تۇتۇپ قالىدىغاندەك
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

6#
ۋاقتى: تۈنۈگۈن 01:27 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
گوئاردىئولا بوپقاسا تاز كاللىسىغا قەشقىرىمدە تۇرۇپ تۈكرىمە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

7#
ۋاقتى: تۈنۈگۈن 01:34 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
مەشھەر يوللىغان ۋاقتى  2015-11-27 01:27
گوئاردىئولا بوپقاسا تاز كاللىسىغا قەشقىرىمدە تۇرۇپ تۈ ...

سىز شۇنداق قىلىپ بولغىچە بارسېلونا مەستانىلىرى قىننى چاچدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

8#
ۋاقتى: تۈنۈگۈن 01:34 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
مەشھەر يوللىغان ۋاقتى  2015-11-27 01:27
گوئاردىئولا بوپقاسا تاز كاللىسىغا قەشقىرىمدە تۇرۇپ تۈ ...

ۋوي ئۆزلىرمۇ قەشقەدىنمۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

9#
ۋاقتى: تۈنۈگۈن 01:44 | ئايرىم كۆرۈش
ھەممىسى بولىدىكەن ،    بىر چاغدا ئەنچىلودىنى   پوپۇتاڭ ، سېمىز گوش دەپ  تىللىغان سەۋەبى  ئادەم ئالماشتۇرۇشتا بەك جاھىل ،  ما بىنتىزنى كۆرۈپ  ، يەنىلا  ئەنچىلوتىنىڭ كىلىشىنى  ئۈمىد  قىلدىم .
ئاندرويىدتا يېزىلغانئاندرويىدتا يېزىلغان
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

10#
ۋاقتى: تۈنۈگۈن 01:48 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
گۇ تىرىنىر مادىرىتقا ماس كەلمەيدۇ،بىرىنجىدىن ئۇ سىغىز چاينىمايدۇ،ئىككىنجىدىن ئۇ كۆزەينەك تاقىمايدۇ…ھو ھا ھا ھا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

11#
ۋاقتى: تۈنۈگۈن 02:18 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
نىمىشقا بوئاسنى ئويلاشمايدۇ، ھازىرچە بەك مۇۋاپىقتى،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

12#
ۋاقتى: تۈنۈگۈن 02:33 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
2012-يىلى ئىتالىيەنى تۇتقان بىر تېرنىر بار ئىدى، ئىسمى تىلىمنىڭ ئۇچىدىلا ... شۇمۇ باش بارماقتەك تېرنىر . مادىرىدقا چۈشىدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|دوختۇرخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-11-28 17:58

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش