ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 107 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بوۋاي تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-11-26 18:57
1943-يىلى ئىسپانىيە شاھلىق لوڭقىسى تۆت كۈچلۈك مۇسابىقىسى ئىككىنچى ئايلانمىسىدا، مادرىد ساھىبخان مەيدان 11-1 نەتىجىدە بارسېلونانى مەغلۇپ قىلدى. ئەمما بۇ مەيدان مۇسابىقە توغرىسىدا نۇرغۇنلىغان سۆز-چۆچەكلەر پەيدا بولغان.
1. ئەينى ۋاقىتتا دۆلەت مۇھاپىزەت قىسىمى مۇسابىقە ئوتتۇرىدىكى ئارام ئېلىش ۋاقتىدا بارسېلونا توپچىلىرىغا تەھدىد سالدى، سەۋەبى بولسا ئۇلار كاتالونىيە تىلىدا سۆزلىدى، ئەكىسچە بۇ ئىسپانىيە ئىچكى ئۇرۇشىدىن كېيىن چەكلەنگەن.
2. يەنە بىر نۇسخىسى بولسا ھۆكۈمەت خادىملىرى مۇسابىقە ئوتتۇرىدىكى ئارام ئېلىش ۋاقتىدا بارسېلونانىڭ كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىگە بۆسۈپ كىرىپ بارسېلونا توپچىلىرىنى ئۇرۇپ، ئۇلارنىڭ مۇسابىقىدىكى ئىپادىسىنىڭ ناچار بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
3. يەنە بىر نۇسخىسى بولسا ئەينى ۋاقىتتىكى ھۆكۈمەت رېپىرغا مادرىدنىڭ مۇسابىقىدە غەلبە قىلىشىغا ياردەم بېرىشكە «نەسھەت قىلغان».
ئەكىسچە ئەمىلىيەت بۇ يالغانچىلىقلارنىڭ ھەممىسى ناھايىتى ئاسانلا ئىسپاتلىغىلى بولىدىغان ئىش تەرىپىدىن ئاغدۇرىۋېتىلگەن.
1. دۆلەت مۇھاپىزەت قىسىمىنىڭ كاتولىنىيە تىلىدا سۆزلىگەنلىكى ئۈچۈن بارسېلونا توپچىلىرىغا تەھدىد سېلىشى مۇمكىن ئەمەس، چۈنكى بۇ بۇيرۇق 1942-يىلى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان، ئەكىسچە مۇسابىقە 1943-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن.
2. ئاتالمىش بارسېلونا توپچىلىرىنىڭ ئارام ئېلىش ۋاقتىدا تاياق يىيىشى ئۇلارنىڭ مەغلۇپ بولۇشىغا سەۋەب بولالمايدۇ، چۈنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقە ئاياقلاشقاندا مادرىد 8-0 نەتىجىدە ئۈستۈنلىككە ئېرىشكەن.
3. ئەينى ۋاقىتتىكى رېپىرنىڭ بىردىنبىر ئاگاھلاندۇرىشى بولسا ئىككى تەرەپنىڭ چوقۇم «Fair Play» «ئادىل مۇسابىقىلىشىش» كە ئاگاھلاندۇرۇش.
ئەكىسچە ئاتالمىش فرانكو ھۆكۈمىتىنىڭ مادرىدقا ياردەم قىلغانلىقى توغرىسىدىكى تارقالغان سۆزلەرمۇ ئىشەنچىلىك ئەمەس:
فرانكو ھۆكۈمىتى 1939-يىلى ئىچكى ئۇرۇشتا غەلبە قىلىپ ھوقۇقنى ئىگەللىدى، ئەمما مادرىد 1939-يىلىدىن 1947-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئىسپانىيە شاھلىق لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە غەلبە قىلىپ باقمىغان، 1939-يىلىدىن 1954-يىلىغىچە بىرلەشمىدە چېمپىيونلۇققا ئېرىشىپ باقمىغان؛ ئوخشاش مەزگىلدە بارسېلونا ۋە بىلباۋ رىقابەت-فرانسېسكو ھۆكۈمىتىگە ئەڭ قارشى تۇرىدىغان ئىككى رايوننىڭ كوماندىسى ئەڭ كۆپ چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن: بىلباۋ رىقابەت بىر قېتىم بىرلەشمە چېمپىيونلۇقى، تۆت قېتىم شاھلىق لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن، بارسېلونا بەش قېتىم بىرلەشمە چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن، تۆت قېتىم شاھلىق لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان شاھلىق لوڭقىسى تۆت كۈچلۈك مۇسابىقىسىگە قايتىپ كەلسەك، ھېچكىم نېمە ئۈچۈن فرانكونىڭ 11-1 نەتىجىدە بارسېلونانى مەغلۇپ قىلغۇزۇپ، ئەمما ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە 0-1 نەتىجىدە بىلباۋ رىقابەتكە ئۇتتۇرۇپ قويغانلىقىنى چۈشەنمەسلىكى مۇمكىن، ھېچقانداق لوگىكا يوق، شۇنداقمۇ؟
ئەڭ ئاخىرىدا، ئىسپانىيەدە ئەڭ ئىتراپ قىلىشقا ئېرىشكەن تەنتەربىيە تارىخى مۇتەخەسىسى بېرناردو سالازار ( ئۇ مادرىدنىڭ ئوخشاش شەھەردىكى رەقىبى مادرىد رىقابەتنىڭ قوللىغۇچىسى) ئۆزىنىڭ داڭلىق ئەسىرىدە ئىككى نەپەر ئاشۇ مۇسابىقىگە قاتناشقان بارسېلونا توپچىسىنىڭ ئۆزىگە ھېچقانداق بېسىمغا ئۇچرىمىغان ئەھۋالغا ئۆزلىرىنىڭ مادرىدقا ئۇتتۇرغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى ئىسپات قىلغان، بۇ ئىككى توپچى ئايرىم-ئايرىم تولۇق مەيدان مۇسابىقە ئوينىغان خوسې ئېسكولا (José Escolá) ۋە كېيىن تەنتەربىيە چۈشەندۈرگۈچىسى بولغان دومىنىگو بالمانيا (Domingo Balmanya).
ئاشۇ مەيدان ئويدۇرۇپ چىقىلغان سۆز-چۆچەكلەر ئورىۋالغان مۇسابىقىدە، بىردىنبىر ئەمەلىي ئىش بولسا كۆرۈش سۇپىسىدا مادرىد مەستانىلىرىنىڭ ئىسقىرتىش ئاۋازى ۋە مادرىدنىڭ قالتىس نومۇر ئېلىش ئىقتىدارى، نەتىجە دەل بىر مەيدان مادرىد مەستانىلىرىنى پەخىرلەندۈرىدىغان مۇسابىقىنىڭ بارلىققا كېلىپ، ئوخشاشلا بىر قىسىم كىشلەرنىڭ سۆز-چۆچەك ئويدۇرۇپ ئۆزلىرىنىڭ نومۇسسىزلىقىنى يېپىشىنى قوزغاتتى.
ئەمىلىيەت بولسا:
فرانكو ھۆكۈمىتى مادرىنىڭ ئىجازىتى يوق ئەھۋال ئاستىدا مادرىد ئېرىشكەن نەتىجىنى ئۆزىنىڭ سىياسىي مەيدانىنىڭ دەرىجە ئاشۇرۇلغان قورالى سۈپىتىدە پايدىلانغان.
قىزىقارلىق بولغىنى بېرنابۇ ئەپەندىمنىڭ ۋەزىپىگە تەيىنلىنىشى ھۆكۈمەتنىڭ بارسېلونانى قوغدىشىغا پايدىلىق بولغان، ئاشۇ قېتىملىق تارىخ سەھپىسىگە كىرگۈزۈلگەن مادرىدنىڭ 11-1 نەتىجىدە بارسېلونانى مەغلۇپ قىلغان مۇسابىقىسى كېيىنكى بىر قانچە قېتىملىق زوراۋانلىق پائالىيىتىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، ئەينى ۋاقىتتىكى ھۆكۈمەت شۇ سەۋەبتىن نامۇۋاپىق ھالدا ئىككى تەرەپ رەئىسىنىڭ ئىستىپا بېرىشنى تەلەپ قىلغان، 1943-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى، سانتىياگو بېرنابۇ ئەپەندىم مادرىدنىڭ مۇۋاققەت رەئىسلىكىگە سايلانغان، شۇندىن كېيىن ئۇ كۇلۇب ئۈچۈن 1978-يىلى 6-ئاينىڭ 2-كۈنى قازا قىلغۇچە خىزمەت قىلغان.
1931-1936-يىلىغىچە بولغان مەزگىلدىكى ئىككىنچى جۇمھۇرىيەت مەزگىلىدىكى خانلىق مادرىد (ئەينى ۋاقىتتىكى ھۆكۈمەت خانلىق دىگەن ئىسىمنى ئىشلىتىشنى چەكلىگەن، مادرىد پۇتبول كۇلۇبىغا ئۆزگەرتىلگەن) بولسا ئىسپانىيەدىكى ئەڭ مۇۋاپىقىيەت قازانغان كۇلۇب ئىدى، فرانكو ئىسپانىيەدە ئىچكى ئۇرۇش قوزغىغان ۋاقىتتا مادرىد ناھايىتى چوڭ تەسىرگە ئۇچراپ، شانلىق نەتىجىسىمۇ تۇيۇقسىز ئاياقلاشقان.
ئىچكى ئۇرۇش ئاياقلاشقاندىن كېيىنكى كۇلۇبنى قايتا قۇرۇش خىزمىتى ئىنتايىن جاپالىق بولغان، ئەينى ۋاقىتتا كۇلۇب ئىچكى ئۇرۇش مەزگىلىدە يىغىۋېلىش لاگىرى قىلىنغان ۋە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان چامارتىن مەيدانىنى قايتا قۇرۇشقا 300 مىڭ پېزېتاغا ئېھتىياجلىق بولغان، بۇندىن سىرت يەنە تاماشىبىنلارنى قايتىدىن مەيدانغا كېلىپ مۇسابىقە كۆرۈشكە جەلىپ قىلىشقا ئېھتىياجلىق بولغان، ئوخشاشلا يەنە يېڭى توپچى كىرگۈزۈشكە ئېھتىياجلىق بولغان، چۈنكى ئۇرۇشتىن كېيىن كوماندىدا پەقەت بەش نەپەر توپچىلا قالغان. بۇ قايتا قۇرۇش ۋەزىپىسى ئەينى ۋاقىتتىكى مادرىدقا نىسبەتەن ئېيىتقاندا ئورۇندىغىلى بولمايدىغان ۋەزىپە، چۈنكى بارلىق كۇلۇبنىڭ بايلىقى ئىچكى ئۇرۇشتا قۇرۇقدالغان، بۇ مادرىدنىڭ 20-ئەسىرنىڭ دەسلىپىدە ئېرىشكەن بىر قانچە قېتىملىق چېمپىيونلۇق لوڭقىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئوخشاشلا ھۆكۈمەتمۇ مادرىدنى قوللاپ ھېچقانداق ياردەم بەرمىگەن.
شۇنىڭ بىلەن قارمۇ-قارشى بولغىنى مادرىدنىڭ ئوخشاش شەھەردىكى رەقىبى مادرىد رىقابەت ئىسپانىيە قوشۇنى تەرىپىدىن ئىدارە قىلىنغان (مادرىد رىقابەت ھەتتا بىر مەزگىل (Aviación) ئاۋىئاتسىيە رىقابەت دەپ ئاتالغان، چۈنكى ئارمىيە ئۆزى قۇرغان (Aviación) ئاۋىئاتسىيە ئىسمىدىكى كۇلۇبنى مادرىد رىقابەت بىلەن بىرلەشتۈرگەن)، ناھايىتى روشەنكى مادرىد رىقابەتمۇ شۇ سەۋەبتىن ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن.
شۇ سەۋەبتىن بېرنابۇ ئەپەندىم مادرىدنى قولغا ئالغان ۋاقىتتا كۇلۇب مەيلى مەبلەغ، رىقابەت جەھەتتە بولسۇن ياكى جەمىيەتنىڭ قوللىشىدا بولسۇن ھېچنىمىگە ئېرىشەلمىگەن، ئەمما بېرنابۇ ئەپەندىم ۋە ئۇنىڭ يىتەكچىلىكىدىكى قىزغىن مادرىدلىقلارنىڭ جاپالىق خىزمەت قىلىشى ئاستىدا كۇلۇب ئاخىرىدا گۈللىنىشكە قايتىپ كەلگەن.
|
|