elan ornielan orni
كۆرۈش: 1072|ئىنكاس: 32

ياۋرۇپا لوڭقىسىغا قاتنىشىدىغان مۇنەۋۋەر سەپ شەكلى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-11-24 14:16:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى

كېلەر يىلى فىرانسىيەدە ئۆتكۈزىلىدىغان ياۋرۇپا لوڭقىسىغا قاتنىشىدىغان 24 كوماندا بارلىققا كېلىپ بولغاندىن كېيىن، ياۋرۇپا لوڭقىسىغا تېخىمۇ ئاز ۋاقىت قالغانلىقىنى كۆرۈۋالغىنى بولىدۇ. ئاخبارات ۋاستىلىرى بۇ نۆۋەتلىك ياۋرۇپا لوڭقىسىغا قاتنىشىدىغان چولپانلاردىن ئەڭ مۇنەۋۋەر سەپ شەكلىنى تاللاپ چىققان بولۇپ، بىزمۇ بۇ سەپ شەكلىنى كۆرۈپ باقايلى.
mmexport1448342763807.jpg

نويېر، گېرمانىيەلىك بۇ قاپچىقى ھازىرقى ئەڭ قالتىس قاپچىقىنىڭ بىرسى بولۇپ، ئۆتكەن يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدا گېرمانىيە كوماندىسى بىلەن دۇنيا لوڭقىسى چېمپىيونلىقىغا ئېرىشكەن، شۇڭا نويېر بۇ سەپ شەكلىگە تاللانغان.
mmexport1448342771057.jpg

ئاندېرۋېلد: بىلگىيەلىك بۇ مۇداپىيەچى توتتىنھام كوماندىسىنىڭ ئوتتۇرا مۇداپىيەچىسى ھازىرقى پۇتبول دۇنياسىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ئوتتۇرا مۇداپىيەچىلەرنىڭ بىرسى، بۇ مۇداپىيەچى دۆلەت كوماندىسىدا ئوڭ مۇداپىيە ئورنىنى ئوينايدۇ، شۇنداقلا ئوڭ مۇداپىيەنىڭ ھۆددىسىدىنمۇ چىقالايدۇ، شۇڭا بۇ توپچىمۇ بۇ سەپ شەكلىگە تاللانغان.
mmexport1448342775199.jpg

كومپانى: بىلگىيەلىك بۇ مۇداپىيەچىنىڭ سۈرئىتى تىز، مۇداپىيەچىسى قاتتىق، ئۇنىڭدىن سىرت بوشلۇقتىكى توپلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىمۇ يۇقىرى، شۇڭا كومپانىمۇ بۇ سەپ شەكلىگە تاللانغان.
mmexport1448342779817.jpg

چېللىنى: ئىتالىيەلىك بۇ توپچى بىلەن ئوخشاش ئورۇندا ئوينايدىغان مۇنەۋۋەر توپچىلاردىن پىك بىلەن بوئاتېڭمۇ بار، بىراق بۇ توپچىنىڭ مۇداپىيەدىكى ئىپادىسى تۇراقلىق بولغاچقا، ئىتالىيەلىك بۇ توپچىمۇ بۇ سەپ شەكلىگە تاللانغان.
mmexport1448342783121.jpg

ئالبا: ئىسپانىيەلىك بۇ توپچىنىڭ سۈرئىتى تىز بولۇپلا قالماستىن مۇداپىيەگە ئاكتىپ قاتنىشىدۇ، شۇنداقلا تىز سۈرئەتتە ئورنىغا قايتىپ مۇداپىيەگە قاتنىشىدۇ، شۇڭا ئۇمۇ بۇ سەپ شەكلىگە تاللانغان.
mmexport1448342786620.jpg

پوگبا: فىرانسىيەلىك بۇ توپچى دۇنيادىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ئوتتۇرا مەيدان توپچىلىرىنىڭ بىرى، بۇ توپچى ھۇجۇم ھەم مۇداپىيەگە ئاكتىپ قاتنىشىدۇ، شۇڭا بۇ توپچىمۇ بۇ سەپ شەكلىگە تاللانغان.
mmexport1448342790250.jpg

بۇسكىس: ئىسپانىيەلىك بۇ توپچى ئىلگىرى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ تەنقىد قىلىشىغا ئۇچىرىغان بولسىمۇ، يىقىندىن بۇيانقى ئىپادىسى نۇرغۇن ئادەملەرنى قايىل قىلغان، بۇنىڭدىن سىرت ئۇنىڭ ئورۇن ئېلىشىمۇ ياخشى، شۇڭا بۇسكىسمۇ بۇ سەپ شەكلىگە تاللانغان.
mmexport1448342794138.jpg

بېل: ۋېلىشلىق بۇ توپچى تۇغما پۇتبول ئىقتىدارىغا ئىگە، ئەگەر ئۇنى يۈگۈرۈشكە سالسا ھارماي بىر كۈن يۈگۈرىيەلەيدۇ، شۇنداقلا ۋېلىش كوماندىسىنىڭ قەھرىمانى، شۇڭا بېلمۇ بۇ سەپ شەكلىگە تاللانغان.
mmexport1448342797817.jpg

توماس موللېر: گېرمانىيەلىك بۇ توپچىنىڭ دۆلەت كوماندىسىدىكى توپ كىرگۈزۈش ئۈنىمىدىن ئۇنىڭ قانچىلىك قالتىس ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىنى بولىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا مۇسابىقىدە ئاسانلىقچە توپتىن ۋاز كەچمەيدۇ، شۇنداقلا ئورۇن ئېلىشى ناھايىتى ياخشى. موللېرنىڭ ھازىرقى ئىپادىسى ئۇنىڭ بۇ سەپ شەكلىگە كىرىشىگە تولۇق ماس كېلىدۇ.
mmexport1448342801899.jpg

لەيۋەندوۋىسكى: پولشالىق بۇ توپچى ھەر تەرەپتىن تولۇق يېتىلگەن، ئۇنىڭدىن باشقا دۆلەت كوماندىسى ۋە بايرىندىكى توپ كىرگۈزۈش ئۈنىمىمۇ ناھايىتى يۇقىرى، شۇڭا ئۇمۇ بۇ سەپ شەكلىگە تاللانغان.
mmexport1448342805731.jpg

كىرىستىيانو رونالدو: پورتۇگالىيەلىك بۇ چولپاننىڭ ئىپادىسىگە گەپ كەتمەيدۇ. رونالدونىڭ نەچچە يىلدىن بىرى ئىپادىسى تۇراقلىق بولۇپ كېلىۋاتىدۇ، شۇنداقلا دۆلەت كوماندىسىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق توپچىسى، شۇڭا رونالدومۇ بۇ سەپ شەكلىگە تاللانغان.
mmexport1448342809176.jpg
mmexport1448342797817.jpg
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-11-24 14:35:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قالتىس سەپ شەكىلىكە زاپاسلىرغا كىمنى تىزغاندۇ
ئاندرويىدتا يېزىلغانئاندرويىدتا يېزىلغان
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-11-24 14:43:12 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنىم ئالبانى ئاكتىپ مۇداپىيىگە قاتنىشىدۇ، يەنە تىزلا ئورنىغا قايتىدۇ دەپ يېزىپ قويۇپسەن، تەھرىرلەپ قوي، ئاكتىپ ھۇجۇمغا قاتنىشىدىغان بالا بۇ .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-11-24 14:44:32 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەپ شەكلىدە سويوققۇ ، ئ‍وتتۇرا مەيداندا جامىس بۇپ كەتكەن بولسىزە ھا ھا ھا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-11-24 14:48:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جامىس يوللىغان ۋاقتى  2015-11-24 14:44
سەپ شەكلىدە سويوققۇ ، ئ‍وتتۇرا مەيداندا جامىس بۇپ كەتك ...

جامىس قانداق بۇلۇپ بۇ سەپ شەكلىگە كىرەلىسۇن،.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-11-24 14:50:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جامىس يوللىغان ۋاقتى  2015-11-24 14:44
سەپ شەكلىدە سويوققۇ ، ئ‍وتتۇرا مەيداندا جامىس بۇپ كەتك ...

جامىس  يا  ياۋروپا  لوڭقىسىقا  قاتناشمىسا  ئۇ جەنۇبىي ئامرىكىلىق  تۇسا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-11-24 14:51:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ ئ‍اردىۋىلىردىغا ئ‍ارسىنال ئ‍ەينى چاغدا بىر كۈچەپ باقمىدى
ئاندرويىدتا يېزىلغانئاندرويىدتا يېزىلغان
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-11-24 14:52:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پوقبانى بارسىلونا سېتىۋالسا ياخشى بۇلاتتى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-11-24 15:04:00 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بېلنىڭ   كىرگىنىگە   ھەيرانمەن  ……    تاللاش  مۇسابىقىلىرىدە  توپ  كىرگۈزگەن   بىلەن  ،  كۈچلۈك   كوماندىلارغا   دۇچ  كەلگەندە    يوقاپ  كىتەمدىكى  دەيمەن  ……    ئىۋۇ   لېۋانتوۋىسكىمۇ   شۇ  ……
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-11-24 15:06:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-11-24 15:06:14 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ سەپ شەكلى بىلەن بىر كولۇپ قۇرغىلى بولسا، …ئ‍ىسىت دەپلا قالغىدەككە ئ‍ەمەسمۇ…
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-11-24 15:13:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلنى ناھايتى قىززىق سۈپەتلەپسىلە ھۇ ھا ھا ھا ھا ھا ھا ھا ھا ھا ھا
ئاندرويىدتا يېزىلغانئاندرويىدتا يېزىلغان
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|دوختۇرخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2016-6-1 15:13

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش