elan ornielan orni
كۆرۈش: 3633|ئىنكاس: 54

قەشقەر بىرلەشمىسى 5-ئايلانما مۇسابىقە خەۋىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-11-23 23:44:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بوۋاي تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-11-24 22:46  

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنوم رايونلۇق مەدەنىيەت ئېدارىسى ، شىجاڭ پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى تەستىقلىغان ،  قەشقەر پۇقرالار دوختۇرخانىسى بىلەن قەشقەر جەسۇر ياش - ئۆسمۈرلەر پۇتبول تەربىيلەش بازىسى باش بولۇپ ئۇيۇشتۇرغان ، قەشقەر بىرلەشمىسى يەنى ‹‹ پوقرالار دوختۇرخانىسى جەسۇر لوڭقىسى ›› نى تالىشىش بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ 5-ئايلانمىسى ، 2015-يىلى 11-ئاينىڭ 21-كۈنى ۋە 11-ئاينىڭ 22-كۈنلىرى ، قەشقەر جەسۇر پۇتبول مەيدانىدا ئوينالدى  .
ئالدى بىلەن بۇ قېتىملىق بىرلەشمە مۇسابىقىنى ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتىن قوللىغان ئورۇن شەخىسلەرگە ، ھەپتە ئارلىقىدىكى قىممەتلىك ئارام ۋاقتىنى سەرىپ قىلىپ مۇسابىقە ئۈچۈن ئادىل ھەققەنى پۈشتەك چېلىپ كېلىۋاتقان رېپىرلار گۇرپىسىدىكى بارلىق خادىملارغا چىن دىلىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز . شۇنداقلا ئەزىزانە قەشقەر دېيارىدىكى بارلىق پۇتبول سۆيەر كىشىلەرنىڭ يېراق دېمەي مۇسابىقە كۆرۈش ۋە مەدەت بېرىش ئۈچۈن كېلىپ بەرگىنىگە چوڭقۇر تەشەككۈر ئېيتىمىز .


QQ图片20151123232500.jpg

QQ图片20151123232525.jpg

ئالدى بىلەن بۇ قېتىلمىق مۇسابىقىدىكى ئالاھىدە بىر كوماندا ئەزالىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي . بۇ قېتملىق مۇسابىقدە ئەلنۇرى كوماندىسىدا يېشى 50 تىن ئاشقان بىر قانچە ماھىر بولۇپ ، گەرچە  بۇ ماھىرلارنىڭ يېشى 50 تىن ئاشقان بولسىمۇ ، ئەمما يۈرۈكىدىكى پۇتبول ئوتى بۇلارنى يەنە بىر قېتىم چىملىققا سۆرەپ ئەكىردى . يۇقارقى سۈرەتتىكى كىشى ، ئەينى يىللاردىكى شىنجاڭنىڭ تۈۋرىكى دەپ ئاتالغان ، شىنجاڭ پۇتبولچىلىقى ئۈچۈن مېھنەتسىز تەر تۆكىۋاتقان قەشقەر ئۇنۋېرستىتىنىڭ تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى  ئەكبەر يۈسۈپ مۇئەللىم بولىدۇ . بۇ كېشى بۇ قېتىم ئەلنۇرى كوماندىسىنىڭ يېتەكچى تېرنىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان بولۇپ ، سۈرەتتە كوماندا ئەزالىرىغا يېتەكچىلىك قىلماقتا .
بۇ كوماندىدىكى يەنە بىر ماھىر جۈرئەت مۇئەللىم ئەينى يىللاردىكى شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ باش ۋارتاسى بولۇپ ، بۇ يىل 53 ياشقا كىرگەن ، بۇ كېشى ھازىرمۇ ۋارتادا ياشلارغا ئۈلگە بولغىدەك سەۋىيەدە چەبدەس ھالەتتە بولۇپ ، ۋارتا ئالدىدىكى چاققانلىق ۋە ئېنكاسلىرىنى كۆرگەن ئادەم بۇ كېشىنى ھەرگىزمۇ 53 ياشلىق ۋارتار دەپ ھېساپلىمايدۇ . جۈرەت مۇئەللىمنىڭ ھېلىھەم شاشلىقىدىن قالمىغانلىقىنى كۆرگەن قەشقەر خەلىقى پەقەت چاۋاكلىرى ئارقىلىقلا بۇ كېشىگە مەدەت ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر تىلىدى .
ئەلنۇرى كوماندىسىنىڭ 5- نومۇرلۇق ئەزاسى ئەمەتجان مۇئەللىم ، ئەينى يېلىدىكى شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ داڭلىق ئوتتۇرا مەيدان ماھېرى بولۇپ ، بۇ كېشىنىڭ ئوتتۇرا مەيداندىكى توپ كونتىرول قىلىشىمۇ ناھايىتى ئۆلچەملىك بولۇپ كەلمەكتە .
ئەلنۇرى كوماندىسىنىڭ 16- نومۇرلۇق ماھىرى ئالدىنقى يېلىدىكى قەشقەر شەھەرلىك مائارىپ ئېدارىسىنىڭ سابىق ئېدارە باشلىقى ئىلھام نىياز  مۇئەللىممۇ ، بۇ قېتىملىق مۇسابىقە قاتنىشىپ ، پۈتۈن ھۇجۇدى بىلەن توپ تېپىپ ، ياشلارغا ئۈلگە بولۇپ كەلمەكتە ، بۇ پېشقەدەملەرنىڭ داۋاملىق مۇشۇنداق ياشلارغا ئۈلگە بولغىدەك ئىش ھەركەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ  ، قەشقەر بىرلەشمىسىنىڭ جەلىپ قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇشقا يېقىندىن ياردەمدە بولىشىنى ، ۋە ئۆرىنىڭ ئۇزۇن بولىشىنى ئارزۇ قىلىمز ...


شەنبە كۈندىكى مۇسابىقىلەر :

نۇرلۇق دوختۇرخانىسى   7- 3 داغدام كوماندىسى .
سەبەھ كوماندىسى 1-2 قەشقەر ھۇررا كوماندىسى .
شەجەر كوماندىسى 3-5 风雨كوماندىسى .
( 203) - قىسىم كوماندىسى 2-8 تالماس كوماندىسى .
زەپەر كوماندىسى 2-4 داۋايى غىزا كوماندىسى .
كونا شەھەر ئەنتەي كوماندىسى 4-2 ئېبىن سىنا كوماندىسى .


يەكشەنبە كۈندىكى مۇسابىقىلەر :

ئەزىز تەن كوماندىسى 10- 3 جەسۇر ئېمپورىتلىرى (خانجاي ) كوماندىسى .
ھەسەن - ھۈسەن كوماندىسى 8-1 خېڭشىڭ تەكشۈرۈش كوماندىسى .
تەيئەيتەي كوللاگىنلىق پېپتىد كوماندىسى 5-2  (220) - قىسىم كوماندىسى .
2-دوختۇرخانا كوماندىسى 3-7 تالماس كوماندىسى
ئۈمىد كوماندىسى 3-4 ئەنسار كوماندىسى .
MHD داۋالاش گۇروھى كوماندىسى 7-0 ئەلنۇرى كوماندىسى .



بۇ قېتىملىق مۇسابىقىدىكى رېپىرلار گۇرپىسى .

001.jpg

QQ图片20151123233103.jpg

QQ图片20151123233048.jpg

QQ图片20151123233029.jpg


مۇسابىقىنىڭ نادىر رەسىملىرى :

QQ图片20151123232602.jpg
003.jpg
QQ图片20151123233015.jpg
QQ图片20151123232958.jpg
QQ图片20151123232946.jpg
QQ图片20151123232926.jpg
QQ图片20151123232909.jpg
QQ图片20151123232838.jpg
QQ图片20151123232818.jpg
QQ图片20151123232755.jpg
QQ图片20151123232740.jpg
QQ图片20151123232725.png
QQ图片20151123232704.jpg
QQ图片20151123232647.jpg
QQ图片20151123232633.jpg
QQ图片20151123232619.jpg


پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-11-23 23:47:43 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
老男孩 دېگەن يولداشلارنىڭ كوماندىسىما؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-11-23 23:51:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خانجاينىڭ پەقەت ئۇتقانلىق خەۋىرىنى ئاڭلاپ باقمىدىميە بۇلاردا چىكىنىش ئېغىرمۇ؟ياكى باشقا كوماندىلار بەك كۈچلۈكمۇ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-11-23 23:55:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋوي بوۋاي  بۈگۈن مۇنبەرگە كىرگىلى2يىل بولغان تۇغۇلغان كۈنلىرىكەن جۇمۇ   قاتتىق مېھمان قىلسىلا بولغىدەك

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +1000 يىغىش سەۋەبى
بوۋاي + 1000 راسكەن

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-11-23 23:58:25 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خانخاي كوماندىسىدا ئچكى بۆلنۈش ئىغىر
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-11-23 23:58:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خانجاي ساڭا نىمە بولدى؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-11-24 00:05:30 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-11-24 00:07:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قادىخان يوللىغان ۋاقتى  2015-11-24 00:05
خانجايغا مەن ھۇررا توۋلاپ بەسەم ياخشى ئ‍وينايتى

ھاۋايدىن قاچان كەللە ھى ھى ئاۋۇ مىداللىرى بىلەن ياۋرۇلىرى شۇنداق يارىشىپتۇ قەدى بايۋەتچە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-11-24 00:09:09 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خانجاي كوماندىسىدىكى كۆپ قىسىم باللار ئالماشقان گەپ بار
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-11-24 00:11:53 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-11-24 00:13:56 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى كۆڭلىمىزنى خاتا چۈشنىۋلماڭلار
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-11-24 00:19:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خانجاي كوماندىسىدىكى باللارنىڭ كۆپ قىسىمى مادرىت مەستانلىرى دەپ ئاڭلىغان قارىغاندا دىربىدىكى نەتىجە تەسىر كۆرسۈتۈپ قالدىمۇ نىمە ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|دوختۇرخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2016-5-31 23:22

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش