ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 1050 |
تۆھپىسى: سەر |
|
ھەي باللار مادرىد نېمىشقا يىڭىلدى دىسەڭلار بىرلا ئىغىز سۆز. بارسلونانىڭ ھوجۇمى، توپ ئويناش ئۇسلۇبى مورىنيودىن ئۆرنەك ئالغاچقىلا يىڭىلىپ قالدى، دىمەككى مادىرىد مورىنيونىڭ قولىدا يىڭىلىپ قالدى، شۇڭا بۇنى بېنتىزدىن كۆرۈشكە بولمايدۇ، چۈنكى بىېنتىز ئەزەلدىن مورىنيونى يىڭىپ باققىنى يوق، ئۇنىڭ ئۈستىگە بېنتىز ئەزەلدىن مورىنيودىن ئاشقاننىڭ ئىگىسى، ئاكىسىدىن قالغان كۆڭلەكنى كەيگەن كىچىك بالىنى كونا كۆينەك كىيۋاپسەن دەپ ئەيىپلەشنىڭ ئورنى يوققۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بېنتىز ئۇ كۆڭلەكنى كىر قىلماي، قاسماق قىلماي ئوبدان كىيگەن، شۇ بىر يامان يىرى يامىشۋالغان شېخى كۆترەلمەي سۇنۇپ كىتىپ يىقىلىپ چۈشتى، بېنتىزدىن ئاغىرنماڭلا، شاخ ئاجىز تۇرسا يامىشۋالغاندىكىن ئۇنىڭغا ئىچ ئاغىرتىڭلار.
ئەمدى مادىرىد يىڭلگەندىكىن يىڭلگەچ تۇرسۇن، مەيلى ھىچقىسى يوق، بىزنىڭ مىلانمۇ ئۇتتۇرۇپ قويدى، ئاشۇ بىر ۋاقىتقىچە يۈرەك سۇ، بىر توپ كەتكۈزۈپ قويۇپ ئۇتتۇرۇپ قويدى، مەيلى ئەمەسمۇ، مادىرىد ئۇتتاردى مىلان ئۇتتارسا نېمە بوپتۇ، لىكىن مەن ئەنچىلودىنىمۇ سىغىنمىدىم، كاپىرونىمۇ سىغىنمىدىم، ئالەيگىرىنىمۇ ساتقىن دەپ تىللىمىدىم، مىخايلىۋوچتىن ئازراق ئاغىرندىم، لىكىن تېللاپ يوققا چىقىرۋەتمىدىم. چۈنكى تىللىساممۇ، ئاغىرنىساممۇ ما مىلاننىڭ ھازىرقى ئەھۋالى بىلەن ئەنچىلودى، كاپىرو كەسىمۇ ئامال يوق، نېمشقا؟ مادىرد ئۇتتۇرسا بولىدىكەن، مىلان ئۇتتۇرسا نېمە بولىدىكەن، بىېنتىز دىگەن تاكتىكا ئۇستىسى، مورىنيو بولسا پۇتبۇل مەيدانىدىكى داڭلىق تاكتىكا ئىجاد قىلغۇچىسى، لىكىن مىخايلوۋىچ ھىچنەرسە ئەمەس، ئۇ پەقەت ئىنتىرنىڭ، مىنىڭ ئەڭ خوشام يوق كوماندامنىڭ ئادىمى، لىكىن ئىتراپ قىلىش كىرەك، ئۇ بىر ئىختىيارى توپ ماھىرى، ئەپسۇس، ئۇ مەيدانغا كىرىپ ئىخىتيارى توپ تىپەلمەيدۇ. ئۇ پەقەت بىزنىڭ ئاددەتتىكى چولپانلىق دەرۋازىسىدىن كىرەلمىگەن توپچىلىرىمىزغا تاكتىكا تۈزۈپ بىرىدۇ، شۇڭا ئۇتتۇرۇپ قويۇپتى ھە بوپتۇ دەپ قويدۇم، مىلاندا چولپان يوق، ئۇتتۇرۇپ قويسا نېمە بوپتۇ، چولپانلىرى شۇندا كۆپ مادىردمۇ ئۇتتاردى، داڭلىق شەخىس مورىنيو بار، چولپانلىرى بۇلۇت كەبىي چىلىسمۇ ئۇتتاردى(بۇ قىتىم ئۇتتى راس) شۇنداق بولغاندىكى مىلان ئۇتتۇرسا نېمە بوپتا.
شۇ مىلان نېمىشقا ئۇتتۇردۇ، ئۇتتۇرىۋىردۇ؟ مادىردەك بىر قىتىملا ئۇتتۇرۇپ ئۇنىڭدىن كىيىن ئۇتسا بولمامدۇ؟ شۇ ئويلاپ باقسام مىلان ئۇتالمايدىكەن، چۈنكى مىلاندا رونالدو يوق، راسقۇ، مىلاندا راسلا رونالدو يوق، يەنە ئويلاپ باقسام ئىسكو بىلەن جامىسمۇ يوقكەن. ناۋاسمۇ يوقكەن، لىكىن بىر ئوبدان يىرى بىزنىڭ 16 ياشلىق، كىچىك بولسىمۇ بىر ۋاتارىمىز بار. بىزنىڭ نېمىمىز بار دىسەك مەيدانغا چۈشكىدەك 11 ئادىمىمىز بار، لىكىن 11 چولپىنىمىز يوق. بۇ 11 ئادەمنىڭ ئۈچى دەريانىڭ ئا قىشىدا ، يەنە قالغان 7 سى بولسا ما قىشىدا، مەسىلە شۇ يەردىكى ئا يەتتنىڭ ئىچىدىكى ھىچكىم كۆۋرۈك ياساشنى ياكى كىمە ياساشنى بىلمەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ بىچارىلەر نېمە ئىش قىلىدۇ دىسە توقۇمچى قىز بىلەن پادىچى يىگىتتەك بىر-بىرىگە تەلمۈرۈپ يۈرگىنى يۈرگەن، لىكىن مادىردا قىيىقچىلار بار، كۆۋرۈك ياساش ئۇستىلىرى بار، لىكىن ئۇلارمۇ ئوخشاشلا بىر-بىرىنى كۆرەلمەيۋاتىدۇ،شۇنداق بولغاندىكىن بىز كۆرەلمىسەك نېمە بوپتۇ. بىزنىڭغۇ بىلمەيدۇ، ئەيىپكە بۇيرىمدۇق،
مىلاندا مونتىليوۋ بار، كاپىتان، لكىن رولى يوق، مىلان تارىخىدىكى ئەڭ مەغلۇبىيەتچى كاپىتان. لىكىن مادىردا كاپتىان قىلىمىز دەپ نامايىشتا ئىسمى چىقمىغانلارنىڭمۇ رولى بولمىۋىدى، مەن بىزنىڭ كاپىتاندىن ئاغىرنىشىڭ ئورنى يوقلىقىنى ھىس قىلدىم، چۈنكى ھىچكىم بىزنىڭ كاپىتاننىڭ ئىسمىنى بەيدۇدىن ياكى باشقا ئىزدەش تورلىرىدىن ئىزدەپ باقمايدۇ. بىزنىڭ كاپىتانلىرىمىز مودىللارنى مابەت تۇتالمايدۇ. مۇئاشىمۇ ئوينىغىنىغا چۇشلۇق، لىكىن مىنى قالسۇن دىسەڭ ئۇنى ھەيدە، بۇنى كەتكۈزۋەت دەپ باقمىدى. ئىشقىلىپ بىر چوڭ سۈپەت، شۇڭا بىز مىلانلىقلار كاپتانمىز توپ ئۇرۇپ قالسىمۇ ھاياجانلانمايمىز، يىقىلىپ چۈشسە، ۋاي ئىسىت دەيمىزيۇ. لىكىن «ئا پىسپاسقا سىرىق كارتا بەرمەي، نېمشقا نۇقتا توپ بەرمەيدۇ» دىگەن خىياللارنى قىلمايمىز. چۈنكى بىز ئۇتالايدىغان ئىشىمىز بولسا نۇقتا توپ بولمىسمۇ ئۇتالايدىغىنىمىزغا ئىشىنىمىز.
ئەنچىلودى مىلاندىن كەتتى، سىغىندۇق، راسىت ھازىرمۇ سىغىنۋاتىمىز، لىكىن ئەنچىلودى تۈپەيلىدىن بىز توپچىلىرىمىزنى پوققا، ئەخلەتكە ئوخشىتىپ قويمىدۇق. بىر چاغلىدا ئازار ئەخلەت، كوستا ھايۋان بوپ كەتتى. ئەنچىلودى مورىنيونىڭ قولىغا سۇ بىرەلمەيدىغان ، ھەتتاكى ئويناش ئۇسلۇبىنى مورىنيودىن ئۆرنەك ئالغان، مورىنيونىڭ سايىسىدا لوڭقا ئالغان بولۇپ قالدى، بىز جىم تۇردۇق، چۈنكى ئەنچىلودى قارشلىق قىلمىسا بىز نېمە دەيمىز؟ ئەنچىلودى پەقەت نەتىجىسى بىلەن جاۋاپ قايتۇردى، لىكىن ئەنچىلودىنىڭ غەلبىسىنى پەقەت بىر مەيدانلا مۇسابىقە كۆمۈپ تاشلىدى، ئىستانبۇلدا ئەڭ مۇھىم مۇسابىقىدە كىتىپ قىلۋىدى، بىز توپچىلارنى تېللىمىدۇق، تىرىنىردىن رەنجىمىدۇق، بىز جىملا تۇردۇق، چۈنكى بىز غەلبە بىزگە تەئەللۇق بولسىلا چوقۇم كىلدىغىننى بىلەتتۇق.
مىلان نېمىشقا يىڭىلىدۇ؟ مادىردمۇ يىڭلدى، مىلان يىڭلسە نېمە بولماقچى؟
مىلان نىمشقا يىڭىلىدۇ؟ قىزىقچىمۇ يا؟ چىلسى جنىدا ئاۋۇ بىر يەرلەردە يۈرسە مىلان يىڭلسە نېمە بولماقچق؟
مىلان نېمىشقا يىڭىلىدۇ؟ مىلاندا رونالدو يوق، خامىس، ئىسكو، راموس، ناۋاس، كاۋاخار، مودىرىچ، كىروس يوق، يڭىلسە نېمە بوپتۇ؟
مىلان نېمشقا يىڭىلىدۇ؟ مورىنيو با چىلسى يىڭلگەن يەردە مىلان يىڭلسە نېمە بولماقچى؟
مىلان زادى نېمىشقا يىڭىلىدۇ دەيمە؟ مىلاندا سىز بىلدىغان توپچىدىن تۆتنى ساناپ بىقىڭە؟ سىز ھىچكمنى تونىمايسىز، سىز ھەممىسى چولپان دەپ ئاتىغان توپچىلار بار كوماندا يىڭلسە بولدىكەن، مىلان يىڭلسە نېمشقا بولمايدىكەن؟
قۇرۇق گەپ قىلما مىلەن نېمشقا يىڭىلىدۇ دەيمەن؟ توۋا دىدىم، مادىر يىڭلسە بولدىكەن، مىلان يىڭلسە نېمشقا بولمايدۇ؟
ۋاي بولدى سورىماي، مىلان قاچان يىڭىدۇ؟ مىلان ئۆزىنىڭ ئاجىز نۇقتىلىرنى بايقاپ، ئوتتۇرا مەيدانغا توپ كونتىرول قىلىشى ياخشى بولغان، مەيدان كۆزىتەلەيدىغان، مەيداننى پۇتىغا توپ چۈشكەندىن كىيىن ئەمەس، توپ چۈشۈشتىن بۇرۇن كۆزىتىدىغان ئالدى بەل توپچىسىدىن بىرنى ئەكەلسە مىلاننىڭ يىڭىش ئىھتىماللىقى كۈچىيىدۇ.
سەن دىمەكچى: مىلان رونالدونى ئەكەلسە يىڭەلەيدۇ شۇندامۇ؟ توپ ئۇقامسىز؟ رونالدو مىلانغا كەتسە مادىرد قانداق يىڭىدۇ؟
ئەمىسە چىلسىدىكى مورىنيونى ئەكەلسە يىڭەلەمدۇ؟ توۋا دىگىنە، مورىنيو مىلانغا كەلسە مادىردقا كىم بارىدۇ؟
ئەمىسە مىلانغا كىم كەلسە يىڭىدۇ؟ تورغا چىقالامسىز؟ چىقالايمەن. ئۇنداق بولسا بەيدۇ تورىدىن ئالدى بەل دىگەن ئۇقۇم بىلەن تەشكىللىگۈچى ئارقا بىلەن دىگەن ئۇقۇمنى بىلىپ كىلىڭە.
مەن ئاشۇنى ئۇقسام مىلان يىڭەلەمدا؟ سىز ئۇنى ئۇقسىڭىز مىلان يىڭەمدۇ يا يەڭمەمدۇ ئۇقمايمەن، لىكىن مۇنبەردە مۇنازىرىدە يىڭىلىپ قالمايسىز.
بوپتۇ، ئاخىردا يەنە بىر قىتىم سوراي، مىلان نېمىشقا ئۇتتۇرىۋىرىدۇ؟ مەنمۇ يەنە بىرجاۋاپ بىرەي: مادىرد بىلەن مورىنيۇ ئۇتتارسا بولدىكەن چىلىسى ئۇتتۇرسا بولمامدىكە؟
ئىزاھات:بارسلونانىڭ ھوجۇمى، توپ ئويناش ئۇسلۇبى مورىنيودىن ئۆرنەك ئالغاچقىلا يىڭىلىپ قالدى، دىمەككى مادىرىد مورىنيونىڭ قولىدا يىڭىلىپ قالدى، بۇنىڭ تەپسىلىي ئەھۋالىنى ئۇقماقچى بولسىڭىز مۇنبىرىمىزدىكى مادىرد لۈكچىكى «خۇشخۇي» ئەپەندىمدىن سورسىڭىز چۈشەندۈرۈپ قويىدۇ، |
باھالاش
-
باھا خاتىرىسى
|