نىمكەش پۇتبول ئاياغلىرىelan orni
كۆرۈش: 3856|ئىنكاس: 235
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئىسپانىيە بىرلەشمىسى 13-ئايلانما خەۋەر

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
خانلىق مادرىد 0-4 بارسېلونا

11 - ئاينىڭ 22 - كۈنى 01:15 ئۆتكەندە ، 2015\16 - پەسىللىك ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ 12 - ئايلانمىسى ئوينالدى ، بۇ ئايلانمىدىكى ھەممە كۆز تىكىۋاتقان بىر مەيدان مۇھىم مۇسابىقە ، يەنى خانلىق مادرىد بىلەن بارسېلونا ئوتتۇرىسىدىكى ئىسپانىيە دۆلەت دېربىسى خانلىق مادرىدنىڭ بېرنابۇ پۇتبول مەيدانىدا ئوينالدى ، بۇ ئىككى كوماندىنىڭ تارىختىكى 263 - قېتىملىق دېربىسى ھىسابلىنىدۇ . نەتىجىدە خانلىق مادرىد ساھىبخان مەيداندا 0-4 نەتىجە بىلەن ئېچىنىشلىق ئۇتتۇرۇپ قويدى . ئالدىنقى مەيداندا بارسېلونا تەرەپتىن سۇيارېز بىلەن نېيمار بىردىن توپ كىرگۈزدى ، كېيىنكى مەيداندا ئىنېستا بىلەن سۇيارېز بىردىن توپ كىرگۈزۈپ نەتىجىنى 4-0 قىلدى . بارسېلونا نۆۋەتتە بىرلەشمە رەت - تەرتىپىدە 1 - ئورۇندا تۇرماقتا .

ئالدىنقى ئايلانمىدا خانلىق مادرىد سېۋىلىيەگە ئۇتتۇرۇپ قويۇپ بۇ پەسىللىك بىرلەشمە باشلىنىپ ئۇتتۇرماسلىقتەك ياخشى نەتىجىسىگە خاتىمە بىرىلگەن ، مادرىد نۆۋەتتە 7 مەيدان ئۇتۇپ 3 مەيدان تەڭلىشىپ 1 مەيدان ئۇتتۇرۇپ 24 نومۇر بىلەن بىرلەشمىسىنىڭ ئىككىنجىلىك ئورنىدا تۇرماقتا ، بارسېلونا بولسا ئالدىنقى ئايلانمىدا 3 توپ ئۈستۈنلۈك بىلەن ۋىللارېئالنى ئۇتقان ، نۆۋەتتە ئۇلار 9 مەيدان ئۇتۇپ 2 مەيدان ئۇتتۇرۇپ 27 نومۇر بىلەن بىرلەشمىنىڭ بىرىنجىلىك ئورنىدا تۇرماقتا .

ئىككى كوماندا تارىختا 230 قېتىم رەسمىي مۇسابىقىدە تۇتۇشقان ، خانلىق مادرىد 92 مەيدان ئۇتۇپ 48 مەيدان تەڭلىشىپ 90 مەيدان ئۇتتۇرغان ، ئىككى كوماندىنىڭ تارىخى نەتىجىسىدە چوڭ پەرق يوق ، ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدە ئىككى كوماندا 170 مەيدان مۇسابىقە ئوينىغان ، خانلىق مادرىد 71 مەيدان ئۇتۇپ 32 مەيدان تەڭلىشىپ 67 مەيدان ئۇتتۇرغان ، مادرىد ئازراق ئۈستۈنلۈكتە تۇرغان . ئالدىنقى پەسىللىك ئىككى مەيدان دۆلەت دېربىسىدە خانلىق مادرىد ساھىبخان مەيداندا 3-1 غەلبە قىلغان ، بارسېلونامۇ 2 - قېتىملىق دۆلەت دېربىسىدە ساھىبخان مەيداندا 2-1 غەلبە قىلغان .

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
دېۋان
ۋاقتى: 6 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   پۇتبول تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-11-22 03:56  

بۈگۈنكى مۇسابىقە توغۇرلۇق نېمە دېسەك بولا ؟ ماڭا مۇسابىقىنى نورمال كۆرۈشكە ئىمكان بولمىدى . مۇسابىقە توغۇرلۇق مۇلاھىزىنى يەنىلا مۇسابىقە كۆرگەنلەر قىلسۇن . ئىلگىركى تېمىلاردىمۇ مادىرىدنىڭ ھۇجۇم ۋە مۇداپىيەسىنىڭ پاسسىپلىقى توغۇرلۇق سۆزلەپ ئۆتكەن ئىدىم ، پارىژ بىلەن بولغان مۇسابىقىدە بۇ يوچۇقلار ئازراق ئاشكارلانغان بولسا بۈگۈنكى مۇسابىقىدە ئۇددۇللا تېلۋىزورغا ئېلانى بېرىۋىتىلدى

بارسېلونا مەستانىللىرىنى تەبىرىكلەيمەن . بارسېلونالىقلارنىڭ زادى غورورى بىرخىل كۈچلۈك ئىكەن . ئەڭ ئاجىز ۋاقىتلىرىدىمۇ مادىرىدقا بوزەك بولمىغان . بۇرۇندىن تارتىپ دەپ كېلىۋاتقان گېپىم ، ھەرقېتىملىق دېربىدا باشقىچە بارسېلونانى كۆرىمىز . ئۇلار دېربىدا باشقىچە كۈچلۈنۈپ كېتىدۇ ...

بېنتىزغا قاراپ مادىرىدتىكى چولپانلارنىڭ كەلگۈسىدە يوغان قارا ئۆڭكۈر بارلىقىغا ئىشەندىم ، بېنتىز كەلگەندىن بېرى مادىرىدتا كىم ئېچىلىپ كەتتى ؟ پەقەت ۋاراتار ! ۋارتارنى ئېچىلدۈرۋەتكەن مەشقاۋۇلنى تۇنجى كۆرىشىم . مادىرىدتىكى ھەممە چولپانلار ئۆزىنىڭ كەسپىي ھاياتىدىكى ئەڭ ناچار پەسىلىنى ، ئۆزىنىڭ ئەڭ ناچار سان-سىفىرىنى كۈتىۋالماقتا . يەنە بىر تەرەپتە بولسا مادىرىد تەكلىپ قىلمىغان كلوپ ، ئىنگىلاند بىرلەشمىسىنى مونۇپۇل قىلىۋالغان مانچىستىر شەھىرىنى مېھمان مەيداندىلا 4 توپ ئۇرۇپ غەلبىسىنى تەبىرىكلىمەكتە .

دېربىلارمۇ راست گەپنى قىلغاندا بۇرۇنقىدەك تېتىماس بولۇپ قالدى ، مورىنىئو دەۋىرىدىكى قانلىق دېربىلار كەلمەسكە كەتكەن ئوخشايدۇ !

ماڭا تاۋكادا ئۇتتۇرغان بۇرادەرلەرنىڭ پۇلى يەتسە ئۇرۇپ بېرىشىنى ، باشقىلارغىمۇ ئېغىر ئۇتتۇرۇپ پۇلى يەتمىگەن بولسا ، ئالدىرىماي كېيىنچە بەرسىمۇ مەيلى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ قوياي  ....

ئاخىرىدا باشقا مۇنبەرداشلارنىڭ مۇنبەردىكى ئەزالارنى مۇنازىرە قىلماي ، مۇسابىقىنى مۇنازىرە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن . مۇسابىقە دېگەن تۈگمەيدۇ ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ئورۇندۇق
 ئىگىسى| ۋاقتى: 6 كۈن بۇرۇن | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بارچۇق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-11-22 03:29  

بارلىق بارسىلونا مەستانىللىرنى مۇبارەكلەيمەن
ئىنىستا ئالقىشقا يارىغىدەك ئوينىدى ئىككىنجى چاۋاك ئاۋازى بېرنابۇلىقلار ھەقىقەتەن ھۆرمەتلەشكە ئەرزىيدىغان مۆتىۋەرلەر

بۇ مۇسابىقىدىن بۇرۇن مورىنئونىڭ ئۇتتۇرشىنى تىلەپ ئولتاسام ئۇتۇۋالدى ھى ھى

راموس راموس راموس ئاندىن جامىس مارسىلو چاۋاك .....................

بىنتىز ئارقا بەل ئىشلەتمەي ھۇجۇمى ياۋرۇپادا بىرىنجى بۇلىۋاتقان بارسىلوناغا تاقابىل تۇرماقچىكەن ئەسلى توۋا قىلدىم
ئەڭ ناچار ئوينىغانلىرى ۋارانى دانىلو مودرىچ كىروس بىل بولدى ئىنرىك بىنزىما بىلەن رونالدونى مۇداپىيە قىلىپلا مادرىدنىڭ ھۇجۇمىنى 0قىلىۋەتتى يارايسەن موما چىراي  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

يەر
ۋاقتى: 6 كۈن بۇرۇن | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   zoklan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-11-23 14:44  

      بارسىلونا مەستانىللىرىگە مۇبارەك بولسۇن .
ئاخشام مادرىد پۈتۈن سەپ بويىچە ناچار ئىپادىسىنى كۆرسەتتى . مۇداپىيەدە دانىلو بەكلا بوزەك بولۇپ كەتتى . ۋاراننىڭمۇ پاسلىرى جايىدا ئەمەس . تۇنجى توپتا كاپىتاننىڭ مەسئۇليىتى بەكلا ئېغىر ، ئورۇن يوقىتىشلىرى بەك كۆپ بولۇپ كەتتى . مارسىلو يامان ئەمەس ، شۇڭا مۇداپىيەدە مارسلىو ۋە كىيىن چىققان كارۋاھالنىڭ ئىپادىسى ئادەمنى خېلى رازى قىلىدۇ ، باشقىللىرىنىڭ ئىپادىسى ناچار .
ئوتتۇرا مەيداندا كىروسنىڭ سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىقى ، بولۇپمۇ قارشى تەرەپ تىز سۈرئەتتە ھۇجۇم قىلغاندا مۇداپىيەگە قايتىش سۈرئىتى بەكلا ئاستىلىقى چاندى . مودىرىچنىڭ ئىپادىسىمۇ ئادەمنى رازى قىلالمايدۇ . ئىپادىسى ياخشى بولغىنى جامىس ۋە ئىسكو بولدى دەپ قارايمەن .
ئوتتۇرا مەيداننىڭ ئىپادىسى ياخشى بولماي ، پاس يەتكۈزۈلمىگەن ھۇجۇم سېپىنى تىلغا ئېلىشنىڭ تازا ئەھمىيىتى يوق ، ئۇلار يا مۇداپىيەدە ئاكتىپ بولمىدى ، يا ئوتتۇر مەيدانغا يېنىپ ئوتۇرا مەيدانچىلارغا ماسلىشىپ ھۇجۇم قوزغاش ئىستىكىدە بولمىدى . بىل ئىپادىسى بەكلا ناچار . بېنزىمانىڭ كەيپىياتى بەكلا تۆۋەن ، مۇسابىقىدە قارايدىغان بولساق بېنزىمانى ئېغىر كۆڭۈلسىزلىك بېسىۋالغانلىقىنى ، كەيپىياتىنىڭ ناچار ئىكەنلىكىنى بىلىش تەس ئەمەس . رونالدو ھەرھالدا كىيىنكى مەيداندا قاپقىغا بىر نەچچە خەتەر پەيدا قىلدى ، ئەمما بىراۋو قالتىس تۇرۇپ قويدى .
شۇڭا بۇ مەيداندا مادرىد مەشقاۋۇلنىڭ سەۋەنلىكىدىنلا ئەمەس ، كوماندا ئەزالىرىنىڭ ئىپادىسىنىڭ ناچارلىقىدىن چوڭ پەرقتە ئۇتتۇردى . مەسئۇلىيەتنىڭ 60پىرسەنتى مەشقاۋۇلدا ،40پىرسەنتى توپچىلاردا دەپ قارايمەن . يەنە بىتىز مادرىدقا تىرنىر بولۇشقا قەتئى ماس كەلمەيدىكەن . مادرىدنى ئادەم تونىغىلى بولمىغىدەك ئۆزگەرتىۋېتىپتۇ .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

5#
ۋاقتى: 6 كۈن بۇرۇن | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   زېرەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-11-22 03:47  

بىراۋوغا ھۆرمەت...

بېنتىزنىڭ نەچچە ئاي تىرىشىشىنىڭ نەتىجىسىدە مادرىد ھۇجۇم قىلالمايدىغان كوماندا بولۇپ چىقىپتۇ.

قايسى بىر تېمىغا يازغىنىمدەك، ئىسكو دېربىدا جاننى تىكىدىغان توپچىلارنىڭ بىرسى ئىدى، ئەپسۇس زاپاس بولۇپ چىقىپمۇ قېنى قىززىقلىق قىلىپ قويدى، لېكىن ئۇنىڭ ئالدىدا ياخشى ئوينىغان.

نەچچە ۋاقىتتى بېرى ئاساسلىق بولىۋاتقان كاسىمىرو قېنى؟ زاپاس، دېربىدا ئىنىستادىن قېلىشماي ئوينايدىغان ئىسكو قېنى؟ زاپاس، دانىلودىن ئەنسىرگەنتىم، نېيمار ئەركىن ئويناپ يۈردى، يەنە كارۋاخالنى ساتىمەن دەمدىغاندۇ رەئىسىمىز.

قالغىنىنى ئەتە تولۇقلاپ قوياي.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

6#
ۋاقتى: 6 كۈن بۇرۇن | ئايرىم كۆرۈش
مادىرىدنىڭ ماسلىشىشچانلىقى پەقەت ياخشى بولمىدى ... بۇرۇنقى شاش مادىرىدنى بۇ مەيدان پەقەتلا كۆرمىدىم . بارسىلونا مىھمان مەيداندا شۇنداق ئەركىن مۇسابىقە ئوينىدى . بىنتىس بىر ئوبدان ئويناۋاتقان جامىس قاتارلىق توپچىلارنى نىمىشقا ئالماشتۇرىدۇ ئەمدى ؟ بىنتىس ئەسلى ئوتتۇر تىپتىكى كوماندىلارغا ماس كەلگۈدەك تىرنىر ئىكەنتۇق . بىنتىس يەنە بىر پەسىل مادىرىددا تۇرسا رونالدو ۋە جامىس قاتارلىق توپچىلار كوماندىدىن ئايرىلغىدەك ... مۇبارەك بولسۇن بارسىلونا !
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

7#
ۋاقتى: 6 كۈن بۇرۇن | ئايرىم كۆرۈش
ئەمدى نىمە گەپلە چىقا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

8#
ۋاقتى: 6 كۈن بۇرۇن | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   كۆسەنى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-11-22 00:50  

مۇبارەك بولسۇن بارسېلونا مەستانلىرى سىلەر غەلبە خوشاللىقىدىن بەھىرمان بۇلۇشقا مۇناسىپ سەقىقى غالىپلارغا ئايلاندىڭلار
ئەسلى يەنە 2|3 نى يىيىشىنى ئۈمۈت قىلىپ ئولتاغانتىم ئەپسۇس ، بۇنىڭغىمۇ بۇپتۇ فىلورىنتونىڭ ۋىجدانى بولسا يېقىن كەلگۈسىدە بىنتىزنىڭ قۇڭىغا تەپكەنلىك خەۋىرىنى ئاڭلاپمۇ قالامىز
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

9#
ۋاقتى: 6 كۈن بۇرۇن | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tanhategin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-11-22 03:31  

ئېنرىك تەلۋىكەن مانا!تىپىك ھۇجۇمچى 4 بوپ كەتتىغۇ ئاخردا مەيداندا ،ماسچىرانو يارلانمىغان بولسا كىمنى چىقىرا بولغۇيتتى؟!ئەمما كۆڭلۈمدىكىدەك ئالماشتۇرۇش بولدى!توپ كەتكۈزمەي يەڭدى بۇمۇ سەت قالتىس بولدى،بىلاۋونىڭ ئىپادىسى  قالتىس!10نۇمۇرغا لايىق بولدى!
بېنتىس ئالماشتۇردىغان ئادەم مارسلو ئەمەستى،مۇسابىقە كۆرۈۋاتقان كىچىك بالىمۇ بىلۋالغۇدەك ئىشتى،نېيمار تەرەپتىكى ئاداشنىڭ ئىسمى نۇمۇ؟؟؟دانىلو ھە،ئاشۇنى ئالماشتۇردىغان ئىشتى...قالغىننى ئەتە يازاييا!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

10#
ۋاقتى: 6 كۈن بۇرۇن | ئايرىم كۆرۈش
بارسىلونا مەستانىلىرىگە مۇبارەك بولسۇن.........
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

11#
ۋاقتى: 6 كۈن بۇرۇن | ئايرىم كۆرۈش
تەھرىرلىندۇ ...............
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

12#
ۋاقتى: 6 كۈن بۇرۇن | ئايرىم كۆرۈش
بارسانىڭ ماسلىشىشچانلىقى شۇنداق ياخشى بولدى .. زادى چوڭ مۇسابىقە ئويناپ كۆنۈپ قالغاندە ئىنىستا . ئىپادىسى شۇنداق ياخشى بولدى ..
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|دوختۇرخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-11-28 17:57

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش